turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:09:34

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردىن ئەسلەتمە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan1001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 16:10  

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردىن ئەسلەتمە ۋە ئەسكەرتمە

ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر

19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە زور رول ئوينىغان مەدەنىيەت ئەربابى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن خوجا ئەۋلاتلىرىدىن بىرى، ئەينى دەۋىردە قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا شائىر ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1982-يىللىق 1-سانىدا «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ دەۋرىدە قەشقەر رايونىدىكى مەدەنىي ھايات ۋە ئەدەبىيات»ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ قەشقەر ئەدەبىياتى، شىنجاڭ تەزكىرىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ،شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى،تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلى،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى ،قۇمۇل ئەدەبىياتى «تۇرپان» قاتارلىق ژۇرناللار ۋە«19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» «ئىلىم ۋە ئالىم»،«ئەسىرلەر ئابىدىسى»،«شىنجاڭ يىقىنقى زامان  تارىخىدىكى مەشھور شەخىسلەر»قاتارلىق كىتابلاردا ئۆمەرتىيىپ ،ئابدىرىھىم سابىت ، شەرىپىدىن ئۆمەر ، ئەشرەپ ئابدۇللا قۇتزات ، مامۇت غازى، راجىھ ئابدۇرىشىت ئىبراھىم ،نۇرۇللا مۆمىن يۇلغۇن، ئابلا ئەھمىدى، ئەھمەد ھەمدۇللا، ئۆمەر ئوسمان شىپائى، شىرىپ نىياز خۇشتار، ئابدۇرىشىت ئەھمەد، ئەركىن مۇھەممەت قاتارلىق قەلەم ساھىبلىرى زوھوردىن ھاكىمبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ ئوبىكتىپ باھالارنى بەردى .بۇ ماقالىلەر ئىچىدە ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىن ،ئابىدىرىھىم سابىت ،ئابلا ئەھمىدى ۋە راجىھ ئابدۇرىشىت ئىبراھىمنىڭ ماقالىسى باشقىلار قەلەمگە ئالمىغان يىڭى بايقاشلار بىلەن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەرگە يىل ئاچقان ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغان ،ئەپسوسلىنارلىقى زوھوردىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا يىزىلغان ماقالىلەرنىڭ تۈپ مەزمونى ئۇخشاش بولسىمۇ ئۇنىڭ شائىرلىقى ،ئاتىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ،قانداق شارائىتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار مۈجمەل. يول ئاچقۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە ئۆزىمىز ئىرىشكەن ماتىرىياللار ئاساسىدا بۇ مۈجمەل نوقتىلارنى يورۇتۇش ۋە زوھۇردىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا تەتقىقاتلاردىن  ئەسلەتمە ۋە ئەسكەرتمە بېرىش ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە قەلەم سەپرىگە ئاتلاندۇق .
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ شائىرمۇ ؟
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتكەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى  ئۇنى شائىر بۇلۇپ «دىۋانى زوھۇرى» ناملىق توپلامنىڭ ئاپتورى دەپ قاراپ كەلگەن. قۇمۇلدىكى قەلەم ساھىبى ئەھمەد ھەمدۇللا ئەپەندى «شائىر زوھۇرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسدە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ«دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى بولماستىن بەلكى«زوھۇرى»تەخەللۇسلۇق مىرزا زوھوردىن دىگەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى⑴. كېيىن يازغۇچى ئابلا ئەھمىدى ئەپەندىمۇ «زوھۇردىن ھاكىمبەگ توغرىسدا ئۆزگىچە بايان» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن زوھوردىن ھاكىمبەگنىڭ «دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى⑵. دىمەك زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ «دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى ئەمەسلىكىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى .
«دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتورى مىرزا زوھۇرىدىن شېئرلىرىدا ئۆز يۇرتىنى شۇنچىلىك سېغىنغانلىقىنى، يۇرتىغا قايتالمىغانلىقىنى يازىدۇ. شېئرلىرىدا «ئايلىدا،قىچقىر،تۇۋاق،مۇنداغ،ياڭى،قولداش-قوللاش» قاتارلىق يەرلىك شېۋىلەر ئۇچرايدۇ ،بۇ تىل ھادىسلىرىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدە يەرلىك شېۋە بولۇش ئالاھىدىلكى بىلەن ساقلىنۋاتقانلىقى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ ،بۇ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە تىگىشلىك مەسىلە .

ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئەھمەد ھەمدۇللا ئەپەندى «شائىر زوھۇرى توغرىسىدا »ماقالىسدە شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ قۇمۇل كۆلبېشى مەدرىسىدىكى تاختايغا يېزىلغان شېئرنىڭ بىرقانچە بىيىتىنى كۆچۈرۋالغانلىقىنى بۇ شېئرنى شائىر«زوھۇرى» يازغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ⑶.بۇ ئارقىلىق شائىر «زوھۇرى» بىلەن «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ» نى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس ئىزدەيدۇ. قومۇل كۆلبېشى مەدرىسى تاختىيغا يېزىلغان، شائىر بوغدا ئابدۇللا كۆچۈرۋالغان مىسرالار«دىۋانى زوھۇرى»نىڭ ئاپتۇرى  مىرزا زوھۇردىن ۋە ياكى قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان زوھۇردىن ھاكىمبەگ بولماستىن پىچان لۈكچۈندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر زوھۇربەگ مەسئودىنىڭ قەلىمىگە تەۋە⑷.ئىسىملىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ ئۈچ كىشىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەردە شائىر زوھوربەگ مەسئودىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىمىز:
«زېرەك» تەخەللۇسلۇق شائىر زوھۇربەگ مەسئودى 1892-يىلى  پىچان لۈكچۈن چىنار باغدا توغۇلغان، لۈكچۈن بەگلىك مەدرىسىدە ئۇقۇپ كىلاسسكلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشقان،كېيىن لۈكچۈندە باشلانغۇچ مەكتەپلەردەئوقۇتقۇچى،دىغارداساقچىخاناباشلىقى بۇلۇپ ئىشلىگەن. شائىرنىڭ قول يازمىلىرى دەۋرىمىزگە يىتىپ كېلەلمىگەن، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى لۈكچۈن 1-ئۇتتۇرا مەكتەپتىن ئارامغا چىققان پىشقەدەم ئۇستاز تۇرسۇن ناجىت توپلىغان⑸. كېيىن شائىر بوغدا ئابدۇللاغا ئەۋەتىپ بەرگەن بوغدا ئابدۇللا بۇ شىئرلارنى «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇغان. پاكىتقا پىسەنىت قىلماي « زۇرھۇردىن ھاكىمبەگنى ‹دىۋانى زوھۇرى›نىڭ ئاپتۇرى»  دەپ  مەتبۇئات يۈزىدە قايتا – قايتا ئېلان قىلىش زوھوردىن ھاكىمبەگنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ. ھەم شۇنداقلا «زوھۇردىن ھاكىمبەگنى شىئرىيەتتىن خەۋرى يوق ،شائىر ئەمەس» دەپ قاراشمۇ تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك ،چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇلىدۇ. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ «شەكەرىستان» ناملىق داستانىنى يازغانلىقى مەلوم⑹ بولغاندىن باشقا يازمىلىرى ھازىرغىچە تېپىلمىدى. لېكىن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ تالانتلىق شائىرلىرىدىن ئىكەنلىكى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. خۇددى خوراسان پادىشاھى، لىرىك شائىر ھۆسەيىن بايقارا ئۆزدەۋرىدە  ئەلشىر نەۋائى قاتارلىق شائىرلارنى ،سەئىدىيە خانلىقى سۇلتانى شائىر، مۇغەننىي ئابدۇرىشىتخان شائىر قىدىرخان يەركەندى،شائىر ئاماننىساخانلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىغانغا ئۇخشاش شىئرىيەتكە كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان، شائىر زوھۇرىدىن ھاكىمبەگمۇ مۇھەممەت سادىق كاشىغەرى، ئابدىرىھىم نىزارى ،نورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائى،تۇردۇش ئاخۇن غىرىبى، ئىمىر ھۆسەيىن سەبۇرى قاتارلىق  داڭلىق شائىر ،ئۆلىما ئالىملارنى ئۆز ئەتراپىغا يىغقان ۋە ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ئۇلارغا ئىجادىيەت مۇھىتى يارىتىپ 19-ئەسىر ئويغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىڭى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ئىچىلىشىدا زور رول ئوينىغان . مانا بۇ ھەقىقەت.
زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسى كىم ؟
ئەخمەت ھۆسيىن ئەپەندى«پىچان يىقىنقى زامان مائارىپى»ناملىق ماقالىسىدە «زوھۇردىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ ئەۋرىسى،ئۇنىڭ ئاتىسى يەركەندە ئىشىكاغا بولغان مۇھەممەتمەھمۇت ،ئۇنىڭ ئاتىسى نۇرمۇھەممەد ئۇنىڭ ئاتىسى ئىمىن خوجا ئىدى»⑺دەپ نەقىل كەلتۈرىدۇ .ئابلا ئەھمىدى ئەپەندى«زوھۇردىن ھاكىمبەگ تۇغرىسىدا ئۆزگىچە بايان »نامىلىق  ماقالىسىدە «تارىخچى ۋاڭ شىياڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخ ئارخىپلىرىنى مەنبە قىلىپ يازغان ‹1826-يىلى (داگۇاڭنىڭ 6-يىلى)7-ئاينىڭ 25-كۈنى جاھانگىر خۇجا كاشىغەر مۇسۇلمانلار قەلئەسىگە ھوجۇم قىلدى.ھاكىمبەگ مۇھەممەتسەئىد بىلەن قايتىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان كاشىغەرھاكىمبىگى يۇنۇس جۈنۋاڭ سوقۇشتا ئۆلدى ،يۇنۇسنىڭ ئوغلى زوھۇرىدىن ئەسىرگە ئىلىندى› دىگەن بايانغا ئاساسلىنىپ ‹زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ 6-ئوغلى ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ نەۋرىسى ،يۇنۇس ۋاڭنىڭ ئوغلى»⑻دىگەن يەكۈننى ئوتتۇرغا قويغان.
.يەنە بىر قاراش« زوھۇردىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغلى» بۇلۇپ  بۇ خىل قاراش تەكرار-تەكرار قەلەمگە ئىلىنىپ كەلگەن.
‘«قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى»ناملىق كىتاپتىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت ئىھتىمال مەجروھلىقىدىن بولسا كېرەك پۈتۈن ئۈمرىنى ئۈن-تۈنسىز ئۆتكۈزگەن ،1761-يىللىرى ئۆلگەن⑼.نۇرمۇھەممەت خوجا ئالەمدىن ئۆتكەندە ،زوھۇردىن ئەڭ كىچىڭ بولغاندىمۇ 6-5 ياشقا كىرگەن ،1819-يىلى تاغىسى مۇھەممەت سەئىد بىلەن قەشقەرگە بارغاندا 65ياشقا توشقان ،1831-يىلى قەشقەرگە ھاكىمبەگ بولغاندا 75ياشتىن ھالقىغان بولىدۇ .بۇ ئەھۋالنى ئەينى دەۋىردىكى تارىخى شارائىت ھەم ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقارقىلارنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق بولۇپ يىشى  بىلەن ھايات پائالىيتى ئوتتۇرسىدا ماس كەلمەسلىك مەۋجوت. زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ يېشىنى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتىدىن تەخمىن ھىساپلاشمۇ مەنتىقىگە ئويغۇن،ئۇنداقتا «زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسى ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خۇجا» دىگەن ھۆكۈمدە خاتالىق بارمۇ ؟.
پاكىت ھامان مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەمدى بىز زوھۇردىن ھاكىمبەگ ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان، شۇ دەۋىردىكى ئىش ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىسى،شائىر نورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائىينىڭ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سالايلى :   

يەنە تەقدىر ئىلە  ئەمىرى زامان ،
ھاكىمۇل ۋاقتى ساھىبى دەۋران ،
فىكرەتى شەمئىي مىھرىدەك ماھىر،
شاھ زوھۇردىن ئىبنى مىر تاھىر⑽.
يەشمىسى :تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دەۋىرنىڭ سەركىسى مىرتاھىر ئوغلى شاھ زوھۇردىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتىدا  قۇياشقا ئوخشاش ئىللىق نۇرىنى تارقاتتى .
شائىر نورۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائى «شاھ زوھۇردىن ئىبنى مىر تاھىر»دېگەن ئۇچۇرى ئارقىلىق زوھوردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ مىر تاھىر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى .
ئۇنداقتا مىر تاھىر كىم ؟
شىنجاڭ ئونۋىرستېتى تارىخ فاكولتېتى تەتقىقاتچىلىرىدىن سۇبىيخەي ۋە خۇاڭ جىيەنخۇا ئەپەندىلەر چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخى ماتىرىياللىرى ۋە خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يىزىپ چىققان «قۇمۇل تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى»ناملىق كىتابىدا «نۇرمۇھەممەت ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى بۇلۇپ ئىھتىمال مەجروھلىقىدىن بولسا كىرەك ،پۈتۈن ئۈمرىنى ئۈن-تىنسىز ئۆتكۈزگەن .ئۇنىڭدىن مۇھەممەت (تۇلۇق ئىسمى مۇھەممەتمەھمۇت-ئاپتور)ۋە تاھىر ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل قالغان» ⑾ دەپ يازغان. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قوللىنىش تەكرارلىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ ئوخشاش ئىسىملىك  كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇڭا زىيائى تىلغا ئالغان «مىرتاھىر»بىلەن«قۇمۇل تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى»ناملىق كىتاپتا نامى زىكرى قىلىنغان «تاھىر»نى بىر ئادەمنىڭ ئىسمى دىيىشكە ئاساس بارمۇ ؟
«مىرتاھىر»دىگەن ئىسىمنىڭ ئەسلى يىلتىزى «تاھىر»،‹مىر›بولسا «بەگ،خۇجا» مەنىسىنى بىلدۈردىغان «ئەمىر» سۆزىنىڭ تىلىمىزدىكى قىسقارتىلىشى بۇلۇپ «مىرتاھىر»ئىسىمىدا زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسىنىڭ بەگ ئەۋلادلىرىدىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ،شۇنداقلا شائىر زىيائي ھۆرمەت يۈزسىدىن «مىرتاھىر»دەپ ئاتىغان، بۇ خىل ئاتاش ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە شۇنداقلا زىيائىي، نىزارى ۋە باشقا كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شئىرلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ .

ئەمدى بىز ئەينى دەۋىردە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئوردىسىدا باش كاتىپ بولغان شائىر ئابدىرىھىم نىزارىنىڭ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا يازغان مۇنۇ مىسرالىرىنى كۆرەيلى :
بەنەگان يىتىبان پەلەكتىن قەزا ،
كىچىكلىكىدە قىلدى ئاتادىن جۇدا⑿ .
يەشمىسى :مەزگىلسىز قازا يىتىپ كىچىك چىغىدا ئاتىسىدىن ئايرىلدى .
زوھۇرىدىن كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى قازالاپ ،ئاتىسىدىن ئايرىلغان ،زوھۇرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ناسىر ئاتىسى ئورنىدا ئۆزلىرىگە ئاتا بۇلالايدىغان تاغىسى مۇھەممەتمەھمۇدنىڭ ھىمايسىدە ئۈسۈپ يىتىلگەن ،ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلەر «مۇھەممەت مەھمۇتنى زوھۇرىدىن ۋە ناسىرنىڭ ئۆز ئاتىسى »دەپ بىلگەن. «زوھۇرىدىننىڭ ئاتىسى يەكەندە ئىشىكاغا بولغان مۇھەممەتمەھمۇت»دىگەن كۆز قاراش دەل بۇنىڭ ئىپادىسى .
نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغۇللىرى مۇھەممەتمەھمۇت بىلەن تاھىر ۋە تاھىرنىڭ ئوغۇللىرى زوھۇردىن بىلەن ناسىر ئىككى ئەۋلات كىشىلەرنىڭ «ئاتىسىدىن كىچىك قىلىپ ،تاغىسى ھىمايىسدە ئۈسۈپ يىتىلىش»تەك ئوخشاش تارىخى كەچۈرمشلەرگە ئىگە بولغانلىقى، زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ  باققان ئاتىسى مۇھەممەتمەھمۇت بىلەن بۇۋىسى نۇرمۇھەممەتنىڭ ئىسىملىرىنىڭ مەلوم جەھەتلەردىن  ئوخشاشلىقى سەۋەپلىك مۇھەممەتمەھمۇت بىلەن نۇر مۇھەممەت ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىر كىشى يەنى نۇر مۇھەممەت دەپ بىلشتەك خاتا تۇنۇش شەكىللەنگەن . خاتا ئىغىزاكى بايانلارنى ئاساس قىلغان چۈشەنچىلەر «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغلى»دىگەن كۆز قاراش ئۈچۈن مەنبە بولغان .
خۇلاسە  شۇكى : زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئاتىسى ئىمىن خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت خوجىنىڭ ئوغلى تاھىردۇر .
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ بۇلۇشتىن ئىلگىركى ئەھۋالى
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ باققان ئاتىسى مۇھەممەت مەھمۇت يەكەندە ئىشىكاغا بولغاچقا  زوھۇرىدىن يەركەندە تاغىسى ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ « زوھۇرىدىننى قەشقەردە توغۇلغان» دېگەن قاراشلىرى دەل مۇشۇ سەۋەپتىندۇر. لېكىن زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئۈمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا يۇرتى لۈكچۈنگە قايتىش ئۇنىڭ ئۆزى توغۇلغان ماكان، ئاتا-ئانىسى ياتقان جاي يەنىلا لۈكچۈن ئىكەنلىكىنى مۇنازىرىسىز ئىسپاتلايدۇ .
بەزىلەر ھاكىمبەگ بولۇشتىن ئىلگىرى مۇھەممەتسەئىد ۋاڭ ھاكىمبەگ ئوردىسىدا يۈگۈر-يىتىم ئىشلارغا ياردەملەشكەن ⒀دەپ قارىسا يەنە بەزىلەر مەلوم ئەمەل مەنسەپ تۇتقان دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ .
«داۋگۇاڭنىڭ 4-يىلى (1824-يىلى) قەشقەر ھاكىمبىگى مۇھەممەتسەئىد چىن كۈڭلى بىلەن   بىلەن داۋگۇاڭ خانغا كۈك رەڭلىك قاشتىىشى ئات ھەيكەل سوۋغات قىلماقچى بولغان،ئەمما مۇھەممەتسەئىدنىڭ تاۋاپ قىلىش نۆۋىتى كەلمىگەنلىكتىن سوۋغىتى شۇ يىلى بىيجىڭغا تاۋاپ قىلشقا بارغان جىيەنى زوھۇرىدىندىن ئەۋەتكەن».⒁مۇھەممەتسەئىد بولسا ئىمىن خوجىنىڭ نەۋرىسى ،زوھۇرىدىن بولسا ئىمىن خوجنىڭ ئەۋرىسى بۇلۇپ بۇ ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دەل تاغا-جىيەن مۇناسىۋىتى بۇلۇپ ،سوغاتىنى ئالغاچ بارغان كىشى دەل مۇھەممەتسەئىد ھاكىمبەگنىڭ يىقىنى بولغان جىيەنى دەل زوھۇرىدىن ھاكىمبەگدۇر.خاننى تاۋاپ قىلش پۇرسىتىگە نائىل بولغانلىقى،1831-يىللىرى ئىلىدىن قەشقەرگە ھاكىمبەگلىككە  تەيىنلىنىشى ئۇنىڭ بۇرۇن ھاكىمبەگ ئوردىسىدا يۈگۈر-يىتىم ئىشلارنى قىلغان ئەمەس مەلوم ئەمەل مەنسەپتە بولغانلىقى ۋە قەشقەر ۋەزىيتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
لۈكچۈنگە قايتىپ كېلىشى،  تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ۋاپاتى
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتى تۇغرىسىدا ئۇخشىمىغان كۆزقاراشلار بار .بۇ تۇغۇرلۇق تۇختالغاندا، تۈۋەندىكى تارىخى ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1854-يىلى 10-ئايدا قەشقەر خانئىرىق يىزىسىدىكى شامۆمىن ئۆزىنى يۈسۈپ خوجىنىڭ ئەۋلادى دەپ يالغان ئىيتىپ ئاممىنى توپلاپ ئىچىتقۇھەربىي رابات قاتارلىق جايلاردىكى ئۆي ئىمارەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئەسكەر ۋە خەلقلەرنى ئۆلتۈردى ،قەشقەردىكى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ مۇھەممەت ۋە يەركەندىكى ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ ئاقراي ئەسكەر ئەۋەتىپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى ئۇجۇقتۇردى⒂. زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن خەلق ئۇنى مەدھىيلەپ ،مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسىمىنى ئۇنىڭ ھۆرمەت نامى قىلىپ «مۇھەممەت قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ »دەپ ئاتىغان .شۇڭا دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ۋەخپىسى» ،«ئاپاق خۇجا مازىرى ۋەخپىسى» قاتارلىق ۋەسىقلەردە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ،«مۇھەممەت قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ»⒃ دىگەن ئىسمى ۋە ھۆرمەت نامى تەڭ  زىكرى قىلنغان .  يۇقارقى تارىخى ئۇچۇردا قەيىت قىلىنغان قەشقەرنىڭ ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ھاكىمبىگى «مۇھەممەت»دىگەن ناممۇ زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ«مۇھەممەت قۇتلۇق تاجى ھاكىمبەگ»دىگەن ھۆرمەت نامىنىڭ قىسقارتىلىشى بۇلۇپ بۇ پاكىت زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ 1852-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلىگىرى  ۋاپات بولغان بولماستىن 1854-يىلى 10-ئايدا قەشقەردە داۋاملىق ھاكىمبەگلىك ۋەزىپىدە ئىكەنلىكى ئىنىق ئىسپاتلايدۇ.

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا راجىھ ئابدىرىشىت ئىبراھىم ئەپەندى مەخسوس ماقالە ئىلان قىلىپ 1861-يىل10-ئايغىچە زوھۇردىن ھاكىمبەگنىڭ قەشقەردە ھاكىمبەگلىك ئورنىدائىكەنلىكىنى، 1863-يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى⒄ ئىسپاتلاپ چىققان ،لىكىن ئۇنىڭ قانداق تارىخى شارائىتتا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا توختالمىغان،زوھۇرىدىن قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان ئاخىرقى مەزگىللەردە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلارغا بىرىلدىغان تەمىناتلارنى بىرەلمىگەن ،شۇنداقلا مالىيە قىيىنچىلىقدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا ئەمەل-مەنسەپ سىتىش ئىشلىرىنى يولغا قويغان ⒅.زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن «كۇچالىق بىر باي قەشقەر ھاكىمبەگلىكىنى سىتۋىلىپ»⒆زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ئورنىغا ھاكىمبەگ بولغان .شۇ مەزگىلدە،1853-يىلى لۈكچۈندىن يەكەنگە بىرىپ ھاكىمبەگلىك قىلۋاتقان «ئەفرىدۇن ھاكىمبەگمۇ بىر گۇناھ بىلەن يەكەندىكى ھاكىمبەگلىك ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ خوتەنلىك رۇستەم بەگ ئىككى مىڭ يامبۇغا ئەفرىدۇننىڭ  يەركەن ھاكىمبەگلىك  ئورنىنى  سىتۋالغان»⒇، شۇنىڭ بىلەن يەكەن ۋە قەشقەردە ھاكىمبەگ بولغان ئۇرۇق تۇغقان بۇ  ھاكىمبەگلەر يۇرتى لۈكچۈنگە قايتىپ كەلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 85يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .ئەپرىدۇن ۋاڭ بولسا لۈكچۈندە داۋاملىق ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرۋاتقان چىغىدا قەشقەردە توپىلاڭ كۆتۈرلۈپ قالايمىقانچىلىق بولغاچقا 1863-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە ھاكىمبەگلىككە ئەۋەتىلگەن ،بۇ ھەرگىزمۇ «زوھۇرىدىننىڭ ئوغلى بولمىغاچقا ئەپرىدۇننىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشى»(21) ئەمەس بەلكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جىددى ۋەزىيەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھىسابلىنىدۇ

ئۇيغۇرلار ئارسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئەجداتلىرىنىڭ قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمىسىمۇ ،قانچە ياشتا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىدۇ .مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ 85يىشىدا ۋاپات بولغان»لىقى ئشەنچىلىك،شۇنىسى ئېنىقكى«85ياش»ھىجىرىيەكالىندارى بۇيىچە ھېساپلانغان بۇلۇپ، مىلادىيە كالىندارى بۇيىچە «83ياش»بۇلىدۇ. «1863-يىلى83يىشىدا ۋاپات بولغان»لىقى بۇيىچەھىساپلىغاندا ئۇنىڭ  1780-يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلغانلىقى ئىنىق.
ئەۋلادلىرى
پىچاندىكى پىشقەدەم مائارىپچى تىيىپ پۇلات ئەپەندى ھايات چىغىدا توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا ئوغلى ئۆمەر تىيىپ «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ بەش قىزى بارلىقىنى تىلغا ئالغان (22) يازغۇچى ئابلا ئەھمىدى «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا ئۆزگىچە بايان» ناملىق ماقالىسىدە «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ قەشقەر ئوپالدىكى ئەڭ كاتتا باي چوڭبەگنىڭ ئارزولۇق قىزى مەرەم خېنىمنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالغانلىقىنى،شائىر ئابدىرىھىم نىزارىنىڭ ئۇستازى مۇللاغۇجەش خەلپىتىم بىلەن قۇدىلىشىپ ئۇنىڭ قىزى ئانار خېنىمنى ئوغلى خۇدا بەردى ھېكىمبەگكە ئېلىپ بەرگەنلىكىنى »(23) قەيت قىلغان.
قەشقەر يىڭى ئۆستەڭدە زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ئوغۇل تەرەپ ئەۋلادلىرى بۇلۇپ شۇ ئەۋلادلىرىدىن ھازىر ھايات بولغان ئىمىر غوجا دىگەن كىشى ئوغلىغا «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ» دەپ ئىسىم قويغان (24).

زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ھەقىقەتەن تارىخ ۋە تارىخ ياراتقۇچى  خەلق تۇغرا باھالىغان قابىل ھۆكۈمدار ،شۇنداقلا ئۆز دەۋرىنىڭ  تالانىتلىق شائىرى  بۇلۇپ 1780-يىلى پىچاننىڭ لۈكچۈندە ،تۇرپان ۋاڭلىقىنىڭ تۇنجى ئەۋلات ۋاڭى ئىمىن خۇجىنىڭ چوڭ ئۇغلى نۇرمۇھەممەت خۇجىنىڭ ئۇغلى تاھىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسى تاھىر قازالاپ كىتىپ ،ئاتىسى ئورنىدا ئاتا بۇلالايدىغان تاغىسى مۇھەممەتمەھمۇت ھىمايىسىدە ئۈسۈپ يىتىلگەن.1819-يىلى نەۋرە تاغىسى مۇھەممەتسەئىد قەشقەرگە ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەندە  ئۇنىڭ  بىلەن بىللە قەشقەرگە بىرىپ ، ھاكىمبەگ ئوردىسىدا مەلۇم ئەمەل تۇتقان ۋە داۋگۇاڭ خاننىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسسەر بولغان.1831-يىلى قەشقەر ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىنىپ تاكى 1862-يىلىغىچە ھاكىمبەگ بولغان ،ياشىنىپ قالغانلىقى ،سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىپ ،يۇرتى پىچان لۈكچۈنگە قايتىپ كىلىپ ، 1863-يىلى 85يىشىدا ۋاپات بولغان .  
زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا يۇقىرقىدەك ئەسلەتمەۋەئەسكەرتمە بېرىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيتى بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلنغان ،مۈجمەل ۋە ياكى خاتا بولغان كۆزقاراشلارغا قارىتا تۇلۇقراق ئاساسلار ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ ئېنىق ،توغرا بولغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى ۋاقىپلاندۇرۇش بىزنىڭ قەلەم سەپىرىمىزنىڭ كۆزلىگەن مەنزىلى ۋە مەقسىتىدۇر .


ئىزاھلار :
⑴⑶ئەھمەد ھەمدۇللا «شائىر زوھۇرىدىن توغرىسىدا» ماقالە «قۇمۇل ئەدىبىياتى ژۇرنىلى» 2005- يىلى 1- سان .
⑻⑵(23)ئابلائەھمىدى :«زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدا ئۆزگىچە بايان»،ماقالە ،«بۇلاق» ژۇرنىلى 2005-يىل 2006.5.6-يىل 1- سان
⑷بوغدائابدۇللا :«زوھۇربەگ شىئرلىرىدىن» ،«بۇلاق» مەجمۇئەسى 2009-يىللق 3-سانىدىكى بايانلارغا قارالسۇن.
⑸بۇ ماتىرىيالنى تۇرسۇن ناجىت ئەپەندى ،نەسۇرۇللا ھاجى قاتارلىقلار تەمىنلىگەن .
⑹«بۇلاق»مەجمۇئەسى 1982-يىل 1-سان 341-بەت
⑺ئەخمەت ھۆسيىن :«پىچاننىڭ يىقىنقى زامان مائارىپى» ماقالە ،پىچان تارىخ ماتىرىياللىرى 1-قىسىم 17- بەت .
⑼⑾⒁سۇ بىيخەي ،خۇاڭ جيەنخۇا :«قۇمۇل تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001-يىل ئويغۇرچە نەشىرى ،290-،291-،280- بەتلەر .
⑽شەرىپىدىن ئۆمەر :«19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى »شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1- توم 817-بەت .
⑿ئابدىرىھىم نىزارى :«نىزارى داستانلىرى» مىللەتلەر نەشىرياتى 1985-يىل نەشىرى 46- بەت .
⒀⒃⒄راجىھ ئابدۇرىشىت ئىبراھىم :«زوھۇرىدىن ھاكىمبەگنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا» ماقالە، «بۇلاق» ژۇرنىلى 2005-يىل 4-ساندىكى بايانلارغا قارالسۇن .
⒂⒅«شىنجاڭ يەرلىك تارىخى»، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك ،شىنجاڭ ئونۋىرسىتى نەشىرىياتى 2001-يىل 7- نەشىرى، ئويغۇرچە، 350-،351-، 357-، 358-بەتلەر .
⒆⒇مۇللا موسا سايرامى :«تارىخى ھەمىدە » مىللەتلەرنەشىرىياتى 2007-يىل 1-نەشىرى 161- بەتتىكى بايانلارغا قارالسۇن .
(21) ئەركىن مۇھەممەت: «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى تۇغرىسىدا   »ماقالە،«تۇرپان»ژۇرنىلى2010-يىل 4-سان .

(22) ئۆمەر تىيىپ: «زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسدا » ماقالە ،«شىنجاڭ تەزكىرىسى » ژۇرنىلى 1991-يىل 4-سان .
(24) ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بەيساقلىق، شىنجاڭ پىداگوكىگا ئونۋىرسىتىتى ئۇيغۇر تىلى- ئەدەبىيات فاكولتېتى 2004- يىللىق4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نۇربىيە تۇرسۇن تەمىنلىگەن ماتىرىيال .


        
«تۇرپان»ژۇرنىلى2011-يىللىق  4-ساندىن ئېلىنغان.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 10:06:53

بەلكىم بۇ كىشى ئۆز سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆز نامىدا ئېلان قىلغۇزۇش ئارقىلىق ساقلاپ قالغان بولىشى مۇمكىن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 13:38:12

قەشقەر شەھىرىنى كىڭەيتكەن ئىدى
بەت: [1]
: زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردىن ئەسلەتمە