dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:07:36

ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك

ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك

يۈ ۋېن

جاپپار رۇسۇل تەرجىمىسى

ئادەم بەدىنىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى قانچىلىك؟

ئامېرىكىنىڭ ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماك داننى 1920-يىلىدىن بۇيانقى تۈرلۈك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىلىرىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش قانۇنىيەتكە بوي سۇنغاندا نەتىجىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىپ بارىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاياللارنىڭ يۈز مېتىرغا يۈگۈرەش نەتىجىسى 1977-يىلى مۇقۇملىشىشقا قاراپ ماڭغان، ئەرلەرنى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرەش نەتىجىسى بولسا يەنىلا يۇقىرىلاپ بارغان، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن-يۈز مېتىرلىق 9.48 سېكۇنتلۇق رېكورت، پەقەت يامايكىلىق ئۇچار ئادەم بورت ساقلاپ كەلگەن دۇنيا رېكورتىدىن 0.1 سېكۇنت ئاز بولغان. ئىنسانىيەتنىڭ سۈرەت چەكلىمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل تەنھەرىكەتچىنىڭ كۈچى ۋە ئېغىرلىق نىسبىتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن، يەنە مەلۇم نۇقتىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مۇسكۇل ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان قول-پۇتنىڭ ئەۋزەللىكى ئېشىپ كەتكەن ئېنېرگىيەنىڭ سەرپىياتى بىلەن يېيىشىپ كېتىدىكەن.

ئادەم زادى قانچىلىك بىر نەرسىنى ئەستە ساقلىيالايدۇ؟

1986-يىلى، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ سۈرەت ۋە ئۇچۇر كۆرگەن ۋاقتىدا قانچىلىك ئۇچۇر سەزگۈسى ۋە ئاغزاكى ئۇچۇرنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قانچىلىك تېز سۈرئەتتە ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغان. مۆلچەر ھېسابلاش ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆمرىدە تەخمىنەن 125 مىگابايتلىق ئۇچۇرنى ساقلايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. توغرا تەرتىپ بويىچە بىر قاتار ئۇزۇن ساننى خاتالاشماي توغرا ئەستە ساقلاش ئۇچۇر ياكى سۈرەتنى ئەستە ساقلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ تەس ئىكەن. نۆۋەتتىكى دۇنياۋى ئەستە ساقلاش چېمپىيونى، جۇڭگولۇق لۈ چاۋ 2005-يىلى 67 مىڭ 890 خانا چەمبەر كونستانتىنى يادلىغان. لۈ چاۋ 40 مىڭ خانىلىق چەمبەر كونستانتىنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن تەخمىنەن مىڭ سائەت سەرپ قىلغان.

ئادەم بەدىنى قانچىلىك تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

ئادەمنىڭ يادرولۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37. ئەگەر ھەم زەي، ھەم شامال چىقىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ℃20 لۇق مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ھەددىدىن تۆۋەن مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەقەت يادرولۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃2 تىن چۈشۈپ كەتسىلا ھەددىدىن تۆۋەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى پەيدا قىلىدۇ-ئادەم ئالدى بىلەن سېزىمىنى يوقىتىشقا باشلايدۇ، ئاندىن يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىشىدۇ، تەخمىنەن ℃24 قا چۈشكەندە يۈرەك سوقۇشتىن توختايدۇ. بىر ئادەم مۇزدەك ئېقىندا 80 مىنۇت قاپسىلىپ قالغاندىن كېيىن قۇتقۇزۋېلىنغان، بۇ بىر مىسالدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان مۇزدەك سۇ ئادەم بەدىنىنى سوۋۇتۇپ، نەپەس توختاش، يۈرەك سوقۇشى توختاش، چوڭ مېڭە ئاساسىي جەھەتتىن ئوكسېگىنغا موھتاج بولماسلىقتەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ قويغان، بۇنداق بولغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى بولىدىكەن.

ئادەم يېمەي-ئىچمەي قانچە ئۇزاق ياشىيالايدۇ؟

نەزەرىيە جەھەتتىن، ئادەم بەدىنىدىكى ماي، ئاقسىل ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى خوراپ تۈگىگەندە، ئادەم بەدىنى ئېنېرگىيە خوراپ تۈگەش سەۋەبلىك خىزمەتتىن توختايدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئۆلىشى ئېنېرگىيىنىڭ پۈتۈنلەي خوراپ تۈگىشىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئەگەر بەدەندە يېتەرلىك بولغان سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن B زاپاس ساقلانغان ماينىڭ ماددا ئالمىشىشىغا ياردەم بەرسە، سېمىز ئادەملەر تېخىمۇ ئۇزاق ياشىيالىشى مۇمكىن.

ئەڭ ئۇزاق تاماق يېمەسلىك رېكورتىنى ساقلاپ كەلگۈچى-ئېرلاندىيەلىك ئاشلىق ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچى دانج دۇرت بولۇپ، ئاشلىق ئېلان قىلىپ 73 كۈندىن كېيىن ئۆلگەن. ۋىتامىن ۋە سۇ تولۇقلىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەر بىر نەرسە يېمەي بىر يىل ياشىيالايدىكەن.

ئادەم ئۇخلىماي قانچە ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

1963-يىلى 17 ياشلىق ئامېرىكىلىق لەندى كاتنا ياراتقان 264 سائەت ئۇخلىماسلىقتەك رېكورت ھازىرغىچە ئىلىم-پەن ئىسپاتلىغان ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇخلىماسلىق ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، لەندى كاتنادا كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، خاتىرىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈش ۋە دىققەت نەزىرىنى يىغالماسلىق، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىش، گەپ-سۆزى مۈجمەل بولۇش ھەمدە خىيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۆلۈشكە سەۋەب بولۇش خاراكتېرلىك ئائىلىۋى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېرسىيەت كېسىلى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇخلىمايدىغان ۋاقتىنىڭ ئەڭ زور چەككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ ئاخىرىدا بىمارنى ئۇخلاش ئىقتىدارىدىن ئەھرۇم قىلىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە جېنىنى ئالىدىكەن.

مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:43:22

قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆمرىدە تەخمىنەن 125 مىگابايتلىق ئۇچۇرنى ساقلايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان

ماۋۇ گەپ تەرجىمىدىكى خاتالىقمۇ ياكى ھىسابلىغان ئاداش خاتالاشتىمۇ؟
ئادەمنىڭ مېڭىسىگە نىسبەتەن 125 مېگابايىت ئۇچۇر دېگەن دېڭىزدىن بىر تامچە خالاس.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 17:40:55

ئىستانفورد-  斯坦福大学- Stanford University

RobotFan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:56:50

ستانفوردمۇ ياكى ئ‍ستانفوردمۇ؟
نىمىشقا بىكادىن بىكا ئ‍ى ھەرىپىنى قوشۇۋالىسىلەر؟

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:13:48

«ئاشلىق» بىلەن «ئاچلىق» ئىككى سۆز.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:15:43

تاماق يېمەسلىك رېكورتىنى


«ئاچلىق رىكورتىنى» بولىشى كېرەك.

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:20:24

قالتىس ئادەملەر ئاز ئەمەس، ئەمما سىز ئۇدا 40 كۈن كۆزىنى يۇممىغان ھەم ئۇخلىمىغان قالتىس ئادەمنى كۆرگەنمۇ؟
بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن (Tyler Shields) تايلېر ئامېرىكا لوس-ئانجىلىستىكى بىر فوتوگراف. ئەمما ئۇ 2010-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ، بىر تۈرلۈك ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان « بەدەن چىدامچانلىقى» غا جەڭ ئېلان قىلىپ، 40 كۈن ئۇخلىماسلىقتەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دۇنيا رىكورتى ياراتقان. بىراق، جىنىس دۇنيا رىكورتى باش شىتابى بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئاشقۇن خەتەرلىك رىكورت بۇزۇشقا جەڭ ئېلان قىلىشنى قايتا ئېتراپ قىلىشنى رەت قىلغان. شۇڭا تايلېر ئۆزىنىڭ رىكورت بۇزۇش جەڭ ئېلان قىلىش رىقابىتىنىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، 10 نەپەر دوستىنى ئۆزىگە گۇۋاھچىلىققا تەكلىپ قىلغان. ئۇنىڭ دوستلىرى بىر قانچە سېمىنىغا بۆلۈنۈپ، ھەر كۈنلىكى 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ تايلېرنى كۆزەتكەن، ئۇ ھەركۈنى بەرداشلىق بېرىپ فوتوگرافلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

مەنبە نۇرتورى

okyan2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 22:03:38

مەنبەسى:
http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-6197

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 10:22:44

40 كۈن ئۇخلىماسلىق رىۋايەت گەپ
مەن ئىشەنمىدىم باللا

Holmes يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 11:00:18

ستانفوردمۇ ياكى ئ‍ستانفوردمۇ؟
........................................

ئ‍ەسلى توغرىسى ستانفورد، لىكىن ئ‍ى ھەرىپىنى قوشۇۋالىدىكەنغۇ تاڭ!
ستاتستىكېنى ئ‍ستاتستىكا، سترولۇقنى     ئ‍ستورولۇق  دېگەندەك.

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 13:00:45

مەن ئۇخلىمىسام تۆت كۈندىلا ئۆلۈپ كېتىمەن...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:55:30

ۋۇييۇ دىن باشقىسىمۇ باركەن ھە كونۇپكا تاختىسىدا:victory:
بەت: [1]
: ئادەم بەدىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىكى بەش چوڭ چەك