ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 13:05:40

ئۈرۈمچىدە قار ياغدى



8-ئۆكتەبىر كېچىدىن باشلاپ، نۇرغۇن تورداشلار ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ۋە مىكرو بىلوگلاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قار ياغقانلىق خەۋەرلىرىنى بېرىشكە باشلىدى. 9-ئۆكتەبىر يېرىم كېچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ بۇ يىل كۈزدىكى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى.   ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا بۈگۈن (10-ئۆكتەبىر) سەھەر سائەت بىر (شىنجاڭ ۋاقتى) دىن باشلاپ قار يېغىشقا باشلاپ، چۈشتىن بۇرۇن توختىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن كۈندۈز ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6 بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى ھاۋا ئۆزگىرىشى سېبىرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن بولۇپ ، بۈگۈن كېچىگىچە داۋاملىشىدىكەن، ئەتە كۈندۈزى ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ ، شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃11، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃1-بولىدىكەن ، 12-ئۆكتەبىر ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇر℃13، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃0 قا ئۆرلەيدىكەن.





مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 15:45:42

ئالدىنقى كۈنلەردە غۇلجىنىڭ ئايرىم جايلىرىدىمۇ شۇنداق بولدى...قارىغاندا قىش بولۇدىغانغا ئاز قالغاندەك قىلىدۇ:lol

Musab يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:13:50

بىرلا قارامايدا ياغمىدى ،ئەمما ھاۋا سوغۇق بوپ كەتتى ،پاختىلىق ئىشتان -چاپاننى كىيىشنى باشلىۋەتتۇق

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:20:11

يازدا ياغلىق تاشلىدىم ، قىشتا قارلىق تاشلىدىم ؛ بۇ كۆڭۈلنىڭ خۇشلىقىدىن قارلىق ئويۇننى باشلىدىم .
تاپسىڭىز تۆگە سويۇڭ، تاپالمىسىڭىز چۆجە-خوراز؛ تاپسىڭىز گۈل كەلتۈرۈڭ، تاپالمىسىڭىز بىر باش پىياز.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:20:52

سىرتتا ياغار لەپ - لەپ قار، قاردىن كېيىن نەۋباھار؛ بۇ كۆڭۈل شۇنداق كۆڭۈل  گۈل-چېچەكنى تۇتقان يار .

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:24:29

قارتوپ كەبى دومىلاپ ، بارا – بارا يوغىناپ ھەممە ئايلىنار دۇنياغا ؛ دۇنيا ئۇ يۇمىلاق قارتوپ، ئنسان ئالتە بۇرجەك كرىسال*

* [ قار توپ دومىلىغانسىرى يوغىنايدۇ، قار كرىستالى ئالتە بۇرجەكلىك بولۇپ دۇنيادا شەكلى بىر-بىرىگە ئوپئوخشاش بولغان قار كرستالى مەۋجۇت ئەمەس ]

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:28:59

بىر كۈندىلا سوغۇق چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى قەھرىتان قىشقا كىرىپ كەتتۇقتە مانا.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 17:25:47

خوتەنمۇ ئەدەسسىز بەك سوغۇن تۈنۈگۈن ...
لىكىن بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدەك سوغۇق ئەمەس :lol:lol:lol

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:03:06

خوتەندە بۈگۈن بۇ يىلقى ئەڭ سوغۇق كۈننى كۈتىۋالدىم.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:06:57

قەشقەردە سوغۇق بولدى . ئەتىگەندە ئىشقا بارغاندا پەلەي كەيمىسەك بولمۇغۇدەك :)

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 07:06:22

خوتەندە سوغۇق بولغان بىلەن دىگۈدەك ئەمەس، ھەممە ئادەم تېخىچە كۈزلۈك كىيىملىرى بىلەن، كۆپ ئۆيلەردە مەشكە ، پارغا ئوت ياقمىدى، دەرەخلەرمۇ ياپ- يېشىل. بۇ بىر ئۆتكۈنچى سوغۇق، يەنە بىر ئىسسىۋېتىپ ئاندىن كەچكۈز كىرىدۇ.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 11:19:27

خوتەننىڭمۇ ھاۋارايى سەل سوۋۇپ قالدى...
قار ياغامدىكىن دىسەم ياغمايدىغۇ ھېچ....  
ئاۋۇ بوغدايلارنى تېرىپ بولۇپ ئاندىن ياغسا بولار ئىدى قارلار...

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 15:00:54

سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىشنىمۇ ھارام قىلدى. ھېلى قار يېغىپ ھېلى يامغۇر يىغىپ.سىبىرىيەگۈلنىڭ سوغىقى بولمىسا بىز تەرەپتە مۇنبەت ئېتىزلار بولماسمىش.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:35:11

قار ياغسا قارلىق تاشلايدىغان ئىش قالمىغىلى تۇدىمۇ نىمە؟
ھېچ قىزىمىدى، بۇ قىش بەك سوغاق بولاپ كەتمىسە بولاتتى.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:23:21

بۇ يىل قىش بالدۇر كەلگۈدك
بەت: [1]
: ئۈرۈمچىدە قار ياغدى