ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 13:04:25

كورىيە ساقچىلىرى جۇڭگو بېلىقچىلىق پاراخوت باشلىقىنى ئېتىۋەتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-11 16:14  

كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى جۇڭگو بېلىقچىلىق پاراخوت باشلىقىنى ئېتىۋەتتى

شۇ يەرۋاقتى 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا، كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى جىئولئابۇك ئارىلىنىڭ غەربىدىن 144 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە جۇڭگونىڭ 50987 -نومۇرلۇق، 80 توننىلىق بېلىقچىلىق پاراخوتىنى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا چېتىشلىق دەپ قاراپ تەكشۈرگەن. ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا بۇ بېلىقچىلىق پاراخوتىنىڭ پاراخوت باشلىقى (45ياش)سۇڭXX كەسكىن قارشى تۇرغان، شۇڭا كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇپ، سۇڭ XXنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


سۇڭXX غا ئوق تەگكەندىن كېيىن قورسىقى مۇجۇپ ئاغرىش، نەپسى قىيىنلىشىش ئالامىتى كۆرۈلگەن. دېڭىز ساقچىسى جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق سۇڭXX نى دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى كورىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان، ئەمما سۇڭ XX دوختۇرخانىغا بېرىشتىن ئىلگىرى قازا قىلغان.





دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، دېڭىز ساقچىلىرى شۇ كۈنى ئىككى چوڭ تىپتىكى پاراخوت ھازىرلاپ قانۇنسىز بېلىق تۇتقان جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتىغا زەربە بەرمەكچى بولغان. دېڭىز ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئىككى بېلىقچىلىق پاراخوتىنى توختاتقان ھەمدە جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتى خادىملىرى ۋە دېڭىز ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.




بۇ جەرياندا، دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ بىر خادىمى K5 تىپلىق قول تاپانچىسى ئىشلىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۈچ پاي قۇرۇق ئوق، سەككىز پاي راسىت ئوق ئاتقان.


دوختۇرخانا تەرەپ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرگەندە، سۇڭ XXغا قارىتا ئېلىپ بارغان CT تەسۋىرى نەتىجىسىدىن قارىغاندا، سۇڭXX نىڭ قورساق سول قىسىمىغا ئوق تەككەن. ئوق بەدەن ئىچىدە قېلىپ قالغان بولۇپ، دىئامىتىرى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى 1.8 مىللىمېتىر چىققان، ئۆلگۈچىنىڭ قورساق قىسىمى پۈتۈنلەي قانغا تولغان.








- نۇر تورىدىن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:08:20

ئىسمايىلاخۇن ئېلاننىمۇ قوشۇپ كۆچۈرۈپ كېلىپسىلەدە:)

Musab يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:11:16

دەۋلىتمىز ھىلىمۇ نۇرغۇنلىغان ناھەقچىلىكلەرگە سەۋىر قىلىۋاتىدۇ .

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:32:24

كۈچلۈك ئېتراز بىلدۈرىمەن :shutup:{:136:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 16:44:59

شۇشۇ
ناھەقچىلىقلارغا سەۋىر قىلىۋەرمەي ئاتوم بومبىسىدىن بىرنى تاشلىسا بولاتتى دەۋلىتىمىز

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 17:04:16

ئۇلار كورىيە دىڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن بولسا چىگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن بولىدىغۇ ، بۇ جۇڭگۇ قانۇنىغىمۇ خىلاپ ، كورىيە ساقچىلىرى ئوق چىقارغانغا قارىغاندا بىلىقچىلاردىمۇ قۇرال بولىشى مومكىن ،
ئۈچ پاي قۇرۇق ئوق، سەككىز پاي راسىت ئوق نى تىللىغان مۇش تەڭلىگەن ، پىچاق كۆتۈرگەنلەرگە ئىشلەتمەس

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 17:34:18

oylan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 16:08 static/image/common/back.gif
ئىسمايىلاخۇن ئېلاننىمۇ قوشۇپ كۆچۈرۈپ كېلىپسىلەدە

;P
سەت بوپتۇ، باشقۇرغۇچىلاردىن بىرەرسىڭلار ئېلاننى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 17:54:41

قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى كۆلدىن بىلىق تۇتسا قانداق بولىدۇ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:09:43

چىگىراغا ئۇنداق بەك يىقىن بارماي تۇتسا بولمامدۇ؟  بۇ كىمە شەخسىينىڭمۇ ياكى ھۆكۈمەت ئىگىدارلىقىدىمۇ؟  نىمىشقا قانۇنسىز بىلىق تۇتقان بولىدۇ؟

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:25:20

ما كورىيانلاردا پەقەت سەمىمىيەت يوقكەن، شۇنچە كۈتسەم، نەبىر كەچۈرۈم سوراي بە بىر تۆلەم بېرەي دېمەيدا بۇلار …………… ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:26:03

بىلىقچىىق كىمىلىرىنىڭ تىنىچ ئوكيان تەۋەلىكىدە،  پات-پات چەتئەل دۆلەتلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قىلىشىدا...........:lol

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 20:58:27

ئەرگىمۇ بىر نوۋەت يەرگىمۇ بىر نوۋەت دەپتىكەن ، دەپتەرگە يېزىپ قۇيۇش كىرەك !:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 21:10:54

بىلىقنىڭ چىگرىسى يوق، ئەمما دېڭىزنىڭ تەۋەلىكى بار.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 21:19:32

دۆلىتىمىزنىڭ بېلىقلىرى نىمە قېچىپ چىگراغا بېرىۋالغان بولغىيتتى....{:92:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 22:47:21

خىيۇنداي، كىيا ماشىنىسى بارلار دەرھال بەلگىنى قومۇراپ ئورنىغا قىزىل بايراق، شەرق شامىلى، سەددىچىن سېپىلى، شەرق قىزاردى، شەرق ئوغلانى... لارنىڭ قايسىسىنى تاپالىساڭلار شۇنى يەملەپ قوياڭلا... بىكادىن زىيان چىقمىسۇن...بۇندىن كېيىن تېلىۋىزور ئوڭچە قالىدىغان بولدى ئەخەخلە:lol

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 23:55:25

كورىيە تولا ئېتىپ كەتتىغۇ، ئالدىنقى يىللاردىمۇ ئاز-تولا ئاتقاندەك خەۋەرلەر ئىسىمدە{:101:}

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 07:27:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 07:30  

كۈلۈۋەرمەڭ كۈلكىنى،
ھىسابى بار بىر كۈنى.
توشقان تۇتقان تۈلكىنى،
بۆرە يەيدۇ بىر كۈنى.  
بەت: [1] 2
: كورىيە ساقچىلىرى جۇڭگو بېلىقچىلىق پاراخوت باشلىقىنى ئېتىۋەتتى