jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 19:54:10

پەرھات تۇرسۇن:قىز ئېلىپ قېچىش

پەرھات تۇرسۇن


قىز ئېلىپ قېچىش



مىكروب پەيدا قىلار سۆيگۈ تېنىمدە،
سەن مۇھتاجسەن بىر قېتىملىق نىشانسىز سەپەرگە.
ئەڭ مۇكەممەل سەپەردۇر نىشانسىز سەپەر،
سەن ھالقىپ كەتمەكچى بارچە كۈتۈشتىن،
سەن بۇزۇپ تاشلىماقچى بارچە ئىزاھنى،
سەن قېچىپ قۇتۇلماقچى بارچە ئۈمۈتتىن.



ئارقا كۆرۈنۈشسىز ئەسلىمەڭدە قالغىنى پەقەت،
نېرۋىسى يىگىلەپ كەتكەن بىر كۆزنىڭ نۇرى.
ۋە كاككۇكنىڭ دەرتلىك ئاۋازى قوزغاتقان،
كۆپىيىش چۈشىنىڭ تېنىڭدىكى زەھىرى.

يول بويى سەن چۇقۇم  قالىسەن ئۇچراپ،
بۇلۇتلارنىڭ شەكىللرى بەرگەن ۋەھىگە.
تاغلارنىڭ ئاۋازى بەرگەن بىشارەتلەرگە،
يول بويى سەن چۇقۇم قالىسەن ئۇچراپ،
كېچىنى كېسىپ ئۆتكەن شۇ قۇملىقتىكى،
شامالنىڭ ئىلاھىي سالاپىتىگە.


تاماشا قىلىسەن ئوت قويغۇچىنىڭ،
گۈلخان ياققاندىكى تەلۋىلەرچە زوراۋانلىقىنى،
ۋە قىپ-يالىڭاچ ئوتنىڭ ھاياسىز پومىداقلىشىنى.
قورقىسەن سۇنىڭكى چوڭقۇرلىقىدىن،
قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ تېنىڭدە قاراڭغۇلۇق،
بىلمەيسىز كەپ قالدۇق زادى قەيەرگە؟
بىراق سەن دېدىڭكى: يەتتۇق مەنزىلگە،
مەن دېدىم: قېچىشنىڭ مەقسىتى ھەرگىز،
قۇتۇلۇش ئەمەس بەلكى تېخىمۇ ئامالسىز قېلىش.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 11:30:00

نىكاھنى باتىل قىلمايمۇ ئىپ قاچقىلى بولىدۇ. مەسىلەن خوتۇننى بوزەك قىلىپ، ئانىسىنىڭكىگە يامانلىتىۋېتىپ، ئاندىن ۋاقىتنى سەل ئۆتكۈزۈپ، خوتۇن «ما ئوغرى كىپ ئىپ كەتسە بولىتى» دەپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز بېرىپلا، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئىپ قاچسا بولىدۇ.{:92:}

مانداق شېئىرنى نوچى شېئىر دەيمىز. ھەممە نېمىسى يېڭى، غەلىتە، سىرلىق. «يول بويى سەن چوقۇم قالىسەن ئۇچراپ»، «قورقىسەن سۇنىڭكى چوڭقۇرلۇقىدىن» دېگەن يەرلىرى بەك گۈزەل. بۇرۇن «بۈگۈن سېنىڭكى تۇغۇلغان كۈنۈڭ» دەپ يازاتتى. ھەيران قالاتتىم باشقا تىللاردا مۇشۇ يېرىنى مۇشۇنداق گۈزەل چىقارغىلى بولامدىغاندۇ دەپ.

Erajan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 12:34:11

شېئىر گاھىدا ئۆزىچىلا يېزىلىپ كېتىدۇ..{:87:}

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 12:57:55

زادى ھەيرانمەن مۇشۇ قىز ئېلىپ قېچىشقا    توۋا   

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:21:49

قىز ئەپ قېچىپ يۈرەمدۇ ؟ قۇتۇلالماي قالغاندا ،
قىزلار تولا بولغاچقا تىن ئالالماي قالغاندا .
ئەپقاچقۇدەك ئەخلاقلىق ،ئىسىل قىزلار تۇغۇلماي ،
چۇڭىۋاتقان بۇ قىزلار بىزنى غەمگە سالغاندا .
نۇزۇگۈمدەك ،رىزىۋاندەك ،مايسىخاندەك قىزلار يوق ،
14ياشلىق ماڭقىلار ، قىز چىقماس ئەر ئالغاندا .
ئەپقېچىشقا قىز كىرەك ، يىگىتكىمۇ يۈز كىرەك ،
خەقلەر كۈلەر قۇڭىدا ، ئۇلارنى ئەپ قاچقاندا.
ۋىجدان .ئىمان - دىيانەت ،خۇددى ئەنقا تۇخۇمى ،
قىزلىق - ئىپپەت يۇقالغان ، باشلانغۇچتىن ئاشقاندا .
ئەپقاچامدۇق ،سىكىلەك ،ياكى چوكان -جۇۋاننى ،
قىزلىق پەردە سالغۇزۇپ ،پاھىشخانىدىن ئاشقاندا .
نەدە قالدى يىگىتلىك ، كۈنلىمىسەك قىزلارنى ،
تاشلاپ ياغلىق - رومالنى ، كىندىكىنى ئاچقاندا .
دەۋيۈز دىسەك بىراۋنى ،پىچاق ئالار قۇلىغا ،
رازى بۇلار قىزلىرى "تىجارەت"كە ماڭغاندا .
شۇڭا بىزمۇ ئەقىلنى ئىشلىتەيلى يىگىتلەر ،
بوش قويماڭلى پۇرسەتنى "چىڭرىنجىې" كەچ بولغاندا.
ئەپقاچساقمۇ قاچايلى ، بىرەر كىچە - بىرەر كۈن،
راسا كۈڭۈل ئاچايلى ،ئەخمەق بۇلۇپ قاچقاندا .
قىز ئەچقېچىپ ساراڭمۇ ، قاچقۇن بۇلۇپ يۈرەمدۇق ،
بىر قىز بىزنىڭ بىر كىچە ، ئەللىك كوينى تاپقاندا .
**********************************
**********************************
قىز ئەپقاچماي يىگىتلەر ، قىزچاقلاردىن قاچايلى .
پايدا بەرمەس پۇشايمان ، كۈزىمىزنى ئاچقاندا .

لاتا شېئىرى

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 07:13:50

ماۋۇ ئىككى شېئىر  بەك ئېسىلكەن.  ئۇسلوبى باشقا باشقا بولسىمۇ  ئىپادىلەش كۈچۈ قالتىس.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 12:25:38

نەدىن ئالغاندۇ بۇ شېئىرنى؟ ئىملاسىدا خاتالىق بەك جىق ئىكەن.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 12:35:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AAA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 14:26  

تۇماقنىڭ ئىنكاسىنى شىئېرغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇم ،تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز :lol:lol:lol

نىكاھنى باتىل قىلمايمۇ
ئىپ قاچقىلى بولىدۇخۇتۇننى.
مەسىلەن خوتۇننى بوزەك قىلىپ،
ئانىسىنىڭكىگە يامانلىتىۋېتىپ،
ئاندىن ۋاقىتنى سەل ئۆتكۈزۈپ،
خۇتۇن «ما ئوغرى كىپ ئىپ كەتسە بولىتى» دەپ تۇرغاندا،
تۇيۇقسىز بېرىپلا،
ھېچكىمگە تۇيدۇرماي
ئىپ قاچسا بۇلىدۇ

nurqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 12:40:17

ئەگەر ئىپقىچىلغىنى بىزنىڭ قىزلىرىمىز بولسا مۇنبەردە يەنە گەپ ئوينۇتۇپ يۈرەرمىزمۇ .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 12:46:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 13:34  

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 12:35 static/image/common/back.gif
تۇماقنىڭ ئىنكاسىنى شىئېرغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇم

...

ئايلاندۇردۇم شېئىرغا ئىنكاسىنى تۇماقنىڭ،
چاقچاق قىلىپ، شاد كۈلۈپ ياشايدىغان ئۇماقنىڭ.

ئىنكاسىڭىزنى سىز ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان، مۇقەددەس، ساماۋىي دەپ ئويلىغان ۋەزىن ۋە قاپىيەگە چۈشۈرۈپ قويدۇم.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 23:59:25

شېئىردىكى ھەر بىر جۇملنىڭ ۋەزنىنى چىچىپ پارچىلىساق يەنە نۇرغۇن شېئىر پۈتكىدەك . لىكىن مىنىڭ تۇتقان يولۇم پەرھاتكام بىلەن باشقا بولغانلىغى ئۈچۈن پەرھاتكامنى قوللايمەنۇ ئۈزۈمنىڭ يولىدا كىتىۋىرىمەن .

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 09:35:25

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 12:46 static/image/common/back.gif
ئايلاندۇردۇم شېئىرغا ئىنكاسىنى تۇماقنىڭ،
چاقچاق قىل ...

نىمە گەپ قىلسىڭىز گەپ يورغىلىتىپ دىننى مەسخىرە قىلۋالمىسىڭىز بىر يىرىڭىز بىر نىمە بوپ قالامدۇ؟

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 13:34:16

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 09:35 static/image/common/back.gif
نىمە گەپ قىلسىڭىز گەپ يورغىلىتىپ دىننى مەسخىرە قىلۋا ...

بۇ يەردە نەدە دىننىڭ گېپى بار ئەي ساراڭ؟
ساراڭلىقنىڭمۇ يولى بولىدۇ. سەن ھېچقانداق يولنى كېرەك قىلمىغان ساراڭ ئىكەنسەن!

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:03:13

almali يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 13:34 static/image/common/back.gif
بۇ يەردە نەدە دىننىڭ گېپى بار ئەي ساراڭ؟
ساراڭلىقنىڭم ...

«ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان، مۇقەددەس، ساماۋىي دەپ ئويلىغان ۋەزىن ۋە قاپىيە» دەپ دارتىملىغىنى كالامۇللا بولماي نىمە؟

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:28:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 15:44  

.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:55:51

bayram يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 15:30 static/image/common/back.gif
،

ئەيىپلەشلىرىڭىز  چىكىت، پەشكە ئالمىشىپ قاپتىغۇ؟ موللا مۇشۇكنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلسىڭىز بىلىسىز؟  باشقا تىمىلاردىكى ئىنكاسىدىمۇ مەسخىرە پۇرقى ئاز ئەمەس.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:57:43

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 15:03 static/image/common/back.gif
«ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان، مۇقەددەس، ساماۋىي د ...

راست دەيسىز قېرىندىشىم، بۇ كالاموللا بولماي زادى نىمە؟

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:59:14

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 15:55 static/image/common/back.gif
ئەيىپلەشلىرىڭىز  چىكىت، پەشكە ئالمىشىپ قاپتىغۇ؟ مولل ...

توپتوغرا، موللا مۇشۇكنىڭ چىكىت پەشلىرىدىنمۇ مەسخىرە پۇراپ تۇرىدۇ.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 16:03:30

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 15:59 static/image/common/back.gif
توپتوغرا، موللا مۇشۇكنىڭ چىكىت پەشلىرىدىنمۇ مەسخىرە  ...

مەن بۇ ئىنكاسنى بايرامغا قارتىپ يازغان، موللا مۇشۇككە ئەمەس. سىز بۇ ئىككەيلەننى بىر دىمەيدىغانسىز؟

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 16:04:50

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 16:03 static/image/common/back.gif
مەن بۇ ئىنكاسنى بايرامغا قارتىپ يازغان، موللا مۇشۇكك ...

بەلكىم بىر بولىشى مۇمكىن جۇمۇ، ياخىشىراق ئىزدىنىپ باقايلى! ھازىر كىمنىڭ ئىزدىنىشتا بىر قانچە كىچىك ئىسمى يوق دەيسىز!؟
بەت: [1] 2
: پەرھات تۇرسۇن:قىز ئېلىپ قېچىش