UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 18:15:20

فوند،پاي چېكى ،تور ئالتۇن سودىسى توغىرسىدا

دوسلار  فوند،پاي چېكى ،تور ئالتۇن سودىسى   قىلسا  ھاراممۇ ياكى ھالالمۇ؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 07:56:13

فۇند بىلەن پاي چىكىگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىشىپ سودا قىلىش دېگەن گەپ، سىز مەبلەغ سالغان شىركەت پۇل تاپسا سىزمۇ پۇل تاپىسىز، زىيان تارىتسا زىيان تارتىسىز، شۇڭا ھالال ھارامنى ئايرىشتا قانداق شىركەتنىڭ پايچىكىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزغا قارايدىغان گەپ.

ئاۋۇ تور ئالتۇن سودىسى دېگېنىڭىز نەخ ئالتۇن، تىللا، زىبۇ-زىننەت بويۇمى، قەغەز ئالتۇن، كاپالەتلىك ئالتۇن-كۆمۈش سودىسى، قاتارلىق بىر تالاي تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇ سودىدىكى ھالال ھارام مەسىلىسىدە ئىلگىرى باشقا تور بىكەتلەردە كۆپ تالاش- تارتىش بولۇپ ئاخىېرىغا چىقمىغان. بۇنىڭغا دېنىي بىلىمى يۇقۇرىلار بىر نىمە دېسە بولىدۇ. ھازىر كاپالەتلىك ئالتۇن-كۆمۈش سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنداق سودىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىغا كىسىپ بىرنىمە دەيدىغان ۋاخ كەلدىغۇ دەيمەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 09:04:36

شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى قايسى بىر دۆلەتتە  ئىسلام ئىقتىساتشۇناسلىقىدا ئوقۇغان ، ھەم شۇ مەكتەپكە مۇدىر بولغان قۇمۇللۇق ئۇيغۇر بالا بار ئىكەن ،قايسى توردا كۆرگىنىمنى ئىسىمگە ئالالمىدىم

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 09:45:59

مانا بۇ يىگىت ئىكەنئىسلام پۇل مۇئامىلە ئىلمىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ياش
مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنى ئىزدىنىشقا تەكلىپ قىلساق بولاتتى

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 11:07:46

تۈنۆگۈن قەغەز كۈمۈشتىن 6 كىلو ئېلىپ قويدۇم، 3.4 يۈەندىن. قاچان ئۆرلەركىن

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 11:17:55

توپىغا سامان ئارلاشمىسا لاي بولماس، ھالالغا ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس :lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 14:17:38

كىلوسىنى ئۈچ كوي قىخپۇڭدىنما؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 14:25:06

مۇشۇ ئايلىققا قاراشلىقلارغا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي بىرنى ئىككى قىلىدىغان خەتىرى ئازراق قانداق مەبلەغ تۈرلىرى باردۇ؟ پايچېكىمۇ؟ فوندمۇ؟ يىغىپ_ ساقلاشمۇ؟ ۋە ياكى سىڭگەن ناننى يېيېشمۇ؟...

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 15:17:07

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 14:25 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئايلىققا قاراشلىقلارغا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي  ...

فوند بوپ قالىدۇ، 货币基金 نىڭ پايدىسى قەرەللىك ئامانەتنىڭكىدىن يۇقۇرراق. تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالاي دىسە باشقا خىل فوند تۈرلىرىنى تاللىسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە خەتىرىمۇ يوق ئەمەس، ئەمما پايچېكىدەك ئۇنداق يۇقرى ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى ياخشى فوند نى تاللاش.

3.4 سومدىن كۈمۈش يامان ئەمەس، مەن بىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن نوقتا 3.2 ئەتراپىغا كېلىپ باققان. ئۆسۈپ قېلىش ئېھتىمالى يەنىلا چوڭ. ئۇرۇش ئىشلىرى بولۇپ قالسا خالىسا 4 سومغا چىقىپ كېتىدۇ.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:50:36

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 14:17 static/image/common/back.gif
كىلوسىنى ئۈچ كوي قىخپۇڭدىنما؟

كىلوسى ئۈچ كوي قىرىڭپۇڭدىن بولسا، كۈمۈشنىڭ تۆمۈر بىلەن نېمە پەرىقى قالدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 19:59:16

Emperor يوللىغان ۋاقتى  2014-10-11 19:50 static/image/common/back.gif
كىلوسى ئۈچ كوي قىرىڭپۇڭدىن بولسا، كۈمۈشنىڭ تۆمۈر بىل ...

گىرامىنى دەۋاتىدۇ

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 15:13:13

قۇشۇمچە بىرەر ئىش قىلمىساق مائاش ئۆسۈشتىن ئۈمىت يوق ئوخشايدۇ.  قايسى كۈنى بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە  شىجىنپىڭ يېڭى ئاچقان بىر يىغىندا« دۆلەت مەمۇرى دىگەن خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىم . كىرىمى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كىرىمى بىلەن پەرقلىق بوۇلپ كەتسە بولمايدۇ. شۇڭا تورلاردا مائاش تەمىناتى تۆۋەن دەپ قاخشىغانلار بىكار ئاۋەرە بولىدۇ. مائاش تۆۋەن دەپ ئىشلەشكە چىدىمىغانلار چىقىپ كېتىپ باشقا ئىش قىلسۇن مەرھەمەت » دەپتۇدەك. يەنە مائاشى پەۋقۇلاددە يۇقۇرى بولاپ كەتكەنلىنى تەڭشەپ قويغۇدەك.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 16:47:16

شى دا دا ئۇنداق دىگەن بىلەن تورلاردا مەمۇرلارنىڭ مۇئاشى بەكلا تۆۋەن دىگەن سادالار ئاز ئەمەس، بېيجىڭدا بىر مەمۇرىنىڭ مۇئاشى 3-4 مىڭ بولسا قانداق ياشايدۇ، ئۈرۈمچىدىمۇ بۇنچىلىك مۇئاش بىلەن ياشاش تەس بولىۋاتسا. بېرىپ كۈتكۈچى بولغان تەقدىردىمۇ مۇئاشى ئۇنىڭدىن كۆپ يۇقرى بولىدۇ، شۇڭا ھازىر چوڭ شەھەرلەردە مەمۇرلارنىڭ كىرىمى ئوتتۇرچە كىرىمدىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ئەمما چەت-ياقا يېزىلاردا ئۇلارنىڭكىدىن يۇقرى.
بەت: [1]
: فوند،پاي چېكى ،تور ئالتۇن سودىسى توغىرسىدا