Linux تا قۇرۇلغا PHP مۇھىتىنىڭ Forbidden خاتالىقىنى تۈزىتىش
مەن ئىشلەتكەن مەشخۇلات سىستېمىسى : CentOS release 6.3مەشخۇلات سىستېمىسىنى كۆرۈش بۇيرۇقى: head -n 1 /etc/issue
لىنۇكس مۇلازىمىتىرىغا PHP مۇھىتى ھازىرلاش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپ، PHP نى Apache غا يۈكلەپ مۇلازىمەتنى قۇرىۋالدىم، باش بەت نورمال ئېچىلغاندىن باشقا بارلىق تارماق بەت ۋە چۈشۈرىدىغان ماتېرىياللارغا كەلگەندە
Forbidden
You don't have permission to access
خاتالىق چىقىپ ھىچ ئامال بولمىدى، توردىن ئاختۇرۇش جەريانىدا httpd.conf ھۆججىتىنى تەھرىرلەش ئۇسۇللىرى بەك جىق تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ ھىچقايسىسى كارغا كەلمەي، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ تاپقان بولدۇم.
تۆەندىكى بۇيرۇقنى بەرگەندىن كېيىن مەسىلە ھەل بولدى:chcon -R -t httpd_sys_content_t /var/www/htmlيۇقارقى كودتىكى /var/www/html بولسا تور بېكەتنىڭ باش مۇندەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئامال ھەممە مۇھىتقا ماس كېلىشى ناتايىن، httpd.conf ھۆججىتىنى تەھرىرلەش ئامالى بەك كۆپ تونۇشتۇرۇلغىنىغا قارىغاندا، بەزى مۇھىتلاردا httpd.conf ھۆججىتىنى تەھرىرلىدەك مەسىلە ھەل بولىشى مۇمكىن. ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققانلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتساڭلار بولىدۇ. چۈشەنمىدىم:lol ئوبدان بوپتۇ:lol مۇشۇ لىنىكۇس سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن مەن بىر يازمىدا لىنۇكىس مۇلازىمىتىرى ئۈچۈن سېنت ئوئەس نى ئىشلىتىپ باقتىم ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر سانى بۇيىچە بولغاندا يەنىلا ئۇبۇنتۇغا كۈچكەن ياخشىمىكىن دىگىنىنى كۆرگەن، ئۈزۈمنى ئىلىپ ئېيتسام ھازىرغىچە مۇلازىمىتىر ئىشلىتىپ باقمىدىم بەلكىم ئۇنداق ئىھتىياج تۇغۇلمىغاندۇ، ئەمما ئۇبۇنتۇ ئۈستەل يۈزى سىستېمىسىنى خېلى يامان ئەمەس ئىشلىتەلەيمەن، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشقا يازما يېزىپ باقاي دەپمۇ ئويلىغان ئەمما ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلارنىڭ قىزغىنلىقى قانچىلىك بىلمىدىم. @begmurad
مەن RedHat بىلەن centOS نىلا ئىشلىتىپ باقتىم، ئادەتتى كۆرۈنمە يۈز كۆزنىكىدە مەشغۇلات قىلمايمەن، مۇلازىمىتىرنى يىراقتىن باشقۇرىدىغان بولغاچقا، بۇيرۇق كۆزنىكى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن.
بەت:
[1]