dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 12:21:37

مۇۋەپپەقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ(ئىككى ھېكايە)

بىرىنچى ھېكايەت:

تاشقى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن نەزەر سالساق، دۇنيادا كىشىنى قورقۇتىۋەتكۈدەك سەتلەر ئاز بولغىنىدەك، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك گۈزەللەرمۇ جىق ئەمەس، بەلكى چىرايى نورمال ئادەملەر ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
مۇۋاپىقىيەت نۇقتىسىدىن قاراپ باقساقچۇ، مۇۋاپىقىيەت بىرخىل ناھايىتىمۇ تۆۋەن نىسبەتلىك ئىش بولغىنىدەك نەس بېسىپلا يۇرۇيدىغانلارمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلەر يەنىلا بەكمۇ ئۇتۇق قازىنىپ كەتمەي، بەكمۇ نەس بېسىپ كەتمەي نورمال ھالەتتە ياشايدۇ.
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايلىق كىرىمى 5مىليوندىن ئاشقان بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىغا ئايلانسىڭىزچۇ، ئۇنداقتا سىز ئايلىق كىرىمى 50مىڭ سوملۇق كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىنى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى دەپ تونۇيدىغانلىقىمنى بايقايسىز. مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى ۋە مەغلۇبىيەتنى دېگەن ئۇقۇملار پەقەت سىزنىڭ تونۇشىڭىز خالاس. دەل شۇنداق بولغاچقا مۇۋاپىقىيەت دېگەن مەڭگۈ ئىنتايىن كىچىك نىسبەتتىكى بىرخىل تەقدىر. شۇڭا داڭلىق كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھېكايىلىرىگە ئۇنچىۋالا مەپتۇن بولۇپ كەتمەڭ، ئەمما ئىلھام ئىلىشقا تېگىشلىك- نەرسە بەلكىم ئۇلاردىكى مەلۇم خىل روھ بولۇشى مۇمكىن. بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي.

ئۇنداق بولسا بۈگۈن ئالدى بىلەن گىگانت كىنو چولپىنى ستايلون( Stallone) نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى:

مۇۋاپىقىيەت زادى تارىخمۇ ياكى رىۋايەتمۇ؟

سىتايلۇن بىر قوپاللىققا تولغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى قىمارۋاز بولۇپ قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويدىمۇ بولدى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىدىن ئاچچىقىنى چىقىراتتى، ئاپىسى ھاراقخۇمار بولۇپ ئۆلگۈدەك ئىچىۋالغاندىن كېيىن دەردىنى يەنىلا ئۇنىڭدىن چىقىراتتى، بىچارە ئۆسمۈر سىتايلون دائىم باش-كۆزى يېرىلغان، چىرايى كۆكەرگەن ھالدا يۈرەتتى.
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېين، سىتايلون ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ كوچا چىڭداشقا باشلىدى، ھەتتا شۇتەرىقىدە كوچا لۇكچىكى بولۇپ كەتكىلىمۇ تاس قالدى. 20 ياشقا تولغان ئەشۇ يىلى بىر ئىش ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلىدى. «ھەرگىز بۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەسلىكىم كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا خۇددى ئاتا-ئانامغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ قالمامدىم، كىشلەرمىنى داشقال دېمەسمۇ! مەن جەزمەن مۇۋاپىقىيەت قازانمىسام بولمايدۇ! » سىتايلون ئۆزىگە شۇنداق دىدى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ھەققىدەلايىھە تۈزۈشكە باشلىدى.
سىياسى ساھەنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى نۆل ئىدى، چوڭراق شىركەتتە ئىشلەش ئۈچۈن ئوقۇش تارىخى ۋە تەجرىبىسى بولۇش كېرەك ئىدى، تىجارەت قىلىش ؟!…بىركۆك نامرات قانداقمۇ تىجارەت بىلەن باش كۆتۈرسۇن….؟
سىتايلون دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ھېچبىر چىقىش يولىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدى، لېكىن كېيىن ئۆزىچىلا ئارتىس بولغۇسى كېلىپ قالدى، ئەلۋەتتە بۇ مەبلەغ تەلەپ قىلمايتتى، نام-ئاتاق بولمىسىمۇ بولاتتى. گەرچە ئارتىس بولۇشمۇ مۇئەييەن شارائىت ۋە تۇغماتالانت تەلەپ قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ستايلۇن بۇ يولنى تاللىۋالدى…
شۇنىڭ بىلەن سىتايلۇن ھوللىيۋۇدقا كېلىپ، چولپانلارنى، رىجىسسورلارنى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى، ئەيتاۋۇر ئۆزىنىڭ ئارتىس بولۇشىغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن بولغان بارلىق كىشلەرنى چامىنىڭ يېتىشىچە ئىزدىدى، ئۇ ھەرقېتىمدا : «ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭلار، مەن جەزمەن ئۇتۇق قازىنىمەن!»  دېدى. بىراق ئۇنىڭ ئېرىشكىنى ھەرقېتىمدا ئوخشاشلا سوغۇق مۇئامىلە، مەسخىرىلىك قاراش ۋە رەت قىلىش بولدى.
دۇنيادا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، مەن جەزمەن مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن سىتايلۇن شۇنداق دەيتىدە مۇددىئاسىدىن ۋاز كېچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇپ كېتەتتى.
شۇنداق بىرخىل يوسۇندا توپ-توغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ 1000 قېتىمدىن كۆپرەك رەت قىلىشقا دۇچار بولدى، يېنىدىكى پۇللىرىمۇ تۈگىدى، ئۇ ھوللىيۋۇدتىكى بىر قارا ئىشچىغا ئايلاندى، پارچە-پۇرات ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىدى…

«مەن سىنىڭ رولنى قانداق ئېلىشىڭنى پەرەز قىلالمايمەن، ئەمما سىنىڭ روھىڭ مىنى تەسىرلەندۈردى، مەن ساڭا بىرقېتىملىق پۇرسەت بىرەي، ئەمما مەن سىنىڭ سىنارىيەڭنى تېلېۋزىيە تېياتىرىغا ئۆزگەرتىمەن، شۇنداقلا ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئىشلەيمىز، سەن باش رولنى ئالىسەن، نەتىجىسىگە قاراپ بېقىپ قالغىنىغا بىرنېمە دەيمىز. ناۋادا ياخشى بولماي قالسا سەن ئەڭ ياخشىسى بۇ نىيىتىڭدىن ۋاز كەچ!»

ئۇ توپتوغرا 1300 قېتىم رەت قىلىنغاندىن كېيىنكى مەلۇم بىركۈنى، ئۆزىنى ئىلگىرى 20 قېتىم رەت قىلىۋەتكەن بىر رىجىسسوردىن قىممەتلىك بىر قېتىملىق پۇرسەتكە ئېرىشتى.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك تەييارلىقتىن كېيىن ئۇ ئاخىرى كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىگە ئېرىشتى، سىتايلۇن زەررىچىلىك بوشاڭلىق قىلسا بولمايتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن بۇئىشقا ئاتلاندى. قالتىس نەتىجە مەيدانغا كەلدى، ئۇسىنارىيىسىنى يېزىپ ئۆزى باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئالقىشلانغان فىلىم بولۇپ قالدى. سىتايلۇن ئۇتۇق قازاندى.





ھاھاھ… ئەمەلىيەتتە سىز wikipedia ياكى باشقا كىنو توربېكەتلىرىدىن ئۇنىڭغا ئائىت ماتېرىيال ئاقتۇرسىڭىز بۇلارنىڭ بىررىۋايەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقى ھېكايە ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.

سىتايلۇننىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى فرانك.ستايلۇن (FrankStallone)بولۇپ، ئىتالىيىلىك كۆچمەن ئىدى، ئۇ چاچ ياساش-ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاپىسى جىسي. ستايلۇن بولسا روس-فرانسوز ئارغۇنى بولۇپ ۋاشڭتۇندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بەكمۇ قالتىس بولۇپ، ئۇ بىر ئاسترولوگ بولغاندىن تاشقىرى ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسى ۋە ئاياللارچىلىشش تەنھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئىدى.

ستايلون ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن كوچا چىڭداپ يۈرمىگەن، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا بىرچاتاقچى يېگىت ئىدى، كېيىن ئالدى بىلەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپىدە بىرقانچە كۈن ئوقۇپ بولدى قىلغان لېكىن كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن ۋاقت ئىسراپ قىلغانمۇ ئەمەس.
ئەلۋەتتە ئۇ يەنە ئۆز كىلەچىكىنى لايىھىلەۋاتقان چىغىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئۇنۋانى ۋە تەجرىبىسى يوقلۇقىدىن، پۇلىنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆزىگە ھېچقانداق بىر چىقىش يولى يوقلۇقىدىن، ئارتىس بولۇش يولىنى تاللىۋالغانمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىياتىر كەسپىدە ئۈچ يىل تىياتىر ئۆگەنگەندىن كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ تىياتىر سىنارىيىسى يېزىشنى قارار قىلغان ھەم بىر ۋاقىتتا رول ئېلىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ ھەقىقى كەسپى ھاياتىنىڭ باشلانغان ۋاقتىمۇ ئەمەلىيەتتە ھېلىقى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئامېرىكا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا چىققان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كېيىن ئەمەس، بەلكى 1976-يىلىدىكى «Rocky»دىن باشلانغان، بۇ كىنونىڭ سېنارىيىسىنى ئۇ ئۆزى يېزىپ چىققان ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، سىتايلون ھەققىدىكى رىۋايە ھەقىقى تۈردە ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ چاكىنىلاشتۇرۇلمىغان، ناۋادا شۇنداق قىلىمىز دېسەك ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ھەققىدىكى رىۋايەت مۇنداق قىلىپتا يېزىلاتتى:
«مۇنداق بىر كىشى بار، ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ پاجىئەلىك ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بولغان،…… ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرىمۇ شۇنچىلىك….» دەپ باشلىنىپ، «ئاخىرى بىر كۈنى، ئۇ xxxxx بولدى» دېيىلەتتى ئاخىرىدا تېخى مۇئەللىپ :« بۇ ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازاندى، ئۇ دەل ئامېرىكا كىنو چولپىنى -سىتايلون !!» دەپ تەنتەنە قىلاتتى.
ئادەتتە بۇخىلدىكى ھېكايىلەر راستىنلا شۇنداق يېزىلىدۇ، داڭلىقلار ئۆزى ئوقۇپ قالغان تەقدىردىمۇ دەسلەپتە كۆڭلىدە:« بۇ كاساپەت ھەقىقەتەن قالتىسكەن ھە!» دەپ قالىدۇ، تاكى ئەڭ ئاخىرقى قۇرغا كۆز يۈگۈرتكەندىلا ئاندىن ، توۋلاپ كېتىدۇ :« تەڭرىم ، بۇ ئەسلى مەن ئىكەنمەنغۇ؟!!»

سىتايلون ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئارتىس بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ بۇ كەسپنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدۇ. ستايلون ھېچقاچان ھېچكىملەرگە : «ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭلار، مەن جەزمەن ئۇتۇق قازىنىمەن !» دەپ توۋلىغانمۇ ئەمەس، ئۇنىڭدا سېنارىيە يازغۇدەك ۋە رول ئالغۇدەك ئىقتىدار بارئىدى، ئۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇن كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق پسىخىكىلىق ھالىتىدىكى بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئۆزگەرتكەن ئەلۋەتتە ھەممىسىنى ئەمەس.

مۇۋاپىقىيەت زادى رىۋايەتمۇ ياكى تارىخمۇ؟ سىز قايسى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئىش-ئىزىنى ئۈلگە قىلماقچى؟ ئۇلارنىڭ قانچىسى ھەقىقىدۇر؟


ئىككىنچى ھېكايەت:

كېنتاكي (Kentucky)ئاتىسى ھارلەند .ساندرس 65 يېشىدا ئاندىن ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا باشلىغان، ئۇنىڭ ئىگىلىك يارىتىش جەريانى بىزگە مۇنداق بىر بىشارەت بېرىدۇ:
مۇۋاپىقىيەتنىڭ سىرى بولسا، ئادەم ئۆزى ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن، شۇ قارارى ئۈچۈن ئاتلىنىشى، نىشانغا يەتمەي تۇرۇپ بولدى قىلماسلىقى كېرەك. ھارلەند.ساندرس بۇۋاينىڭ دۇنياغا مەشھۇر كېنتاكي توخو كاۋابلىرى زەنجىرسىمان(Kentucky Fried Chicken) سېتىقچىلىقىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بېلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ قانداق بىر يوسوندا مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مىليادىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، خارۋاد ئۇنىۋىرسىتىېتىدا ئوقۇغانلىقى، بولۇپمۇ ئەۋزەل شارائىتى تۈپەيلىدىن ناھايىتى ياش تۇرۇپلا مەزكۇر ساھەگە مەبلەغ سالغانلىقى ئۇچۇن ؟ سىزنىڭچە بۇلارنىڭ قايسى ئاساسلىق ئامىل بولغانلىقى مۇمكىن؟

«NO» يۇقىرىقى ئىھتىماللىقلارنىڭ بارچىسى توغرا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ساندرس يېشى 65 كە تولغاندا ئاندىن مەزكۇر ساھەگە قەدەم تاشلىغان، ئۇنداقتا قانداق بىر ئامىل ئۇنى ئۆمۈرىنىڭ بۇ پەللىسدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇپ قالدى؟

چۈنكى ئۇ بىر ياپ-يالغۇز ئادەم ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھاياتىدىكى تۇنجى پارچە ئىجدىمائىي ياردەم سوممىسى چىكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ياردەم سوممىسى ئارانلا 105 دوللار ئىدى، ئۇ بىرتەرەپتىن ئىنتايىن روھى چۈشكۈنلۈككە چۆككەن بولسا، يەنە بىرتەرەپتىن جەمئىيەتكە ھېچقانداق نەپرەتلەنمىگەن، ئۆزىنى تىنىچلاندۇرغاندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىدىن : مەن زادى كىشلەر ئۈچۈن ئازىراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بىرەلمەمدىم دەپ سورىغان.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق، قانداق قىلىش ھەققىدە بىر قارارغا كىلىدۇ. ئۇ رستۇرانمۇ -رىستۇرانمۇ ئىىشك چىكىپ، خوجايىنلارغا مەندە بىرتۈرلۈك توخۇ كاۋىپى مەخپى رېتسىپى بار، ناۋادا ئىشلەتسڭىز، ئىشىنىمەنكى تىجارىتىڭىز يۈكسىلىپ كەتكۈسى، مەن كېلىشىم ئارقىلىق سودا ئوبۇرىتىدىن ئۈلۈشكە ئېرىشسەم بولىدۇ.. دەيدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا ئۇ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ مازاق -كۈلكىسىگە قالغان . ئۇلار : «ئالجىپتۇ، بۇ قىرى ئەبلەخ… ئەگەر شۇنداق كارامەت مەخپى رېتسىپىڭ بولسا، نېمىشقا بۇنچە كۈلكىلىك ئاق كاستيۇم كېيىۋالدىڭ؟»  دىيىشكەن ئىدى.

بۇ مازاقلاردىن كېيىن ساندرس پولكوۋنىك ئارقىغا چىكىندىمۇ؟ قىلچە ئۇنداق ئىش يوق، چۈنكى ئۇنىڭدا جاھاندىكى ئەڭ قالتىس مۇۋاپىقىيەت رىتىسپى بارئىدى، ئۇنى ئىقتىدار قانۇنىيىتى (PersonalPower )دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئۇنىڭ مەنىسى ھارماي-تالماي ھەرىكەتلىنىش : سەن ھەرقاچان قانداق بىر ئىشنى قىلغان ۋاقتىڭدا، شۇ جەرياندا ياخشى ئۆگەن، كېيىنكى قەدەمدە ئىشلەتكۈدەك تېخىمۇ ياخشىراق چارىلەرنى تاپ.
ساندرس ئەپەندى، بۇ قانۇنىيەتنى ھەقىقىتەنمۇ ئۆز ئەمەلىيىتىدە يۈرگۈزدى، ھەربىر رىستۇراندىن كۆڭلى غەش قايتقاندىن كېين، سۆز ئۇسلۇبىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆزگەرتىپ چىقتى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقاندىن كېيىن ئىككىنچى بىر نىشانغا ئاتلاندى.
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بىركۈنى ، ئۇنىڭ تەكلىپى قۇبۇل قىلىندى، سىز شۇ كۈنگە قەدەر ئۇنىڭ نەچچە قېتىم رەت قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلالامسىز؟ توپ-توغرا 1009 قېتىم !
شۇنداق، ئۇ توپ-توغرا 1009 قېتىملىق رەت قىلىنىشتىن كېيىن، ئاخىرى «ماقۇل» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدى.
……..
1009 قېتىملىق رەت قىلىنىش، توپتۇغرا ئىككى يىل ۋاقىت، زادى نەچچە ئادەم مۇشۇنداق بىر كەلگۈلۈكلەر ئاستىدا يەنىلا داۋام قىلالايدۇ؟ بۇخىلدىكى كىشلەر ھەقىقەتەن بەك ئاز، بەك ئاز، بۇخىلدىكى كىشلەردىن ھەقىقى نام قازانغىنى بولسا بەلكىم مۇشۇ ساندرس ئەپەندى. بىز ئويلاپ باقساق، بىر ئادەمنىڭ 20 قېتىملىق رەت قىلىشنى قۇبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن قېيىن، نەچچە يۈز ،نەچچە مىڭ قېتىملىقنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ تەس. ئەلۋەتتە بۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى بىر ئەنگۈشتەر.
ئەگەر قىزىقسىڭىز، تارىختا ئۆتكەن ئەشۇ مۇۋاپىقىيەت ئىگىلىرى، داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاقتۇرۇپ كۆرۈڭ، شۇنى بايقايسىزكى ئۇلاردا شۇنداق بىر ئورتاقلىق مەۋجۇت: رەت قىلىشقا ئۇچرىسىمۇ، ئاسانلىقچە چېكىنمەيدۇ، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرماي، نىشانىغا يەتمەي تۇرۇپ بولدى قىلمايدۇ.





لېكىن، پىقىر گەرچە بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگۈچى بولساممۇ، ئەمما دەل ئۆزۇم كۆڭلۈمدە قايىل ئەمەس، بولۇپمۇ گۇمانلىق يىرى شۇكى 1009 قېتىملىق رەت قىلىش ، كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ سان قانداق ھېسابلاپ چىقىلغان. بىز ھەممىمىز بىلىمىز

تونۇشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتى پۈتۈن ھۇجۇد بىلەن قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىش، رەت قىلىنىش قېتىم سانىنى ساناپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت يوق، ياكى ھاجىتىمۇ يوق. ئەگەر بۇ مۇۋاپىقىيەت ھېكايسى راست بولسا، شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولدۇكى بۇ ساندرس دېگەن كۆڭلى قارا ئەبلەخ، قويۇن يانچۇقىغا بىرتېزىملىك دەپتىرى سېلىۋالغان، ھەرقىتىم دەككىسىنى يەپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئادەمنىڭ ئىسمىنى جىجاپ ماڭغان!

راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىرلىكتە كېنتاكىينىڭ ئورگان بېكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارنى ئاقتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. ئۇنىڭدا ساندرس ئەپەندىنىڭ ھاياتى مۇنداق خاتىرىلەنگەن:

1890 -يىلى ساندرس دۇنياغا كەلگەن.
1929-يىلى توخوكاۋىپى دۇكىنى تىجارەت باشلىغان، ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئالتە يۈرۈشلا تاماق شىرەسى بارئىدى.
1930-يىلى تامام باھالىغۇچىسى Duncan ساندرسنىڭ توخوكاۋىپى دۇكىنى ھەققىدىكى بايانلارنى « تەملىك تائاملار سەپىرى» ناملىق كىتاپقا كىرگۈزگەندىن كېيىن، خىرىدارلار كۈنسىرى كۆپەيگەن.
1935-يىلى ئۇ يېمەكلىك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن ھۆكىمەت تەرىىپىدىن شەرەپلىك پولكوۋنىك ئاتىغا ئېرىشكەن.
1937-يىلى ساندرس كېنتاكىي ئوبلاستىدا زەنجىرسىمان رېستۇران مۇلازىمىتىنى سىناق قىلىپ مەغلۇب بولغان.
1939-يىلى شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا بىر يۈرۈش موتىل ئاپتۇموبىل سارىيى ۋە رستۇران ئېچىپ مەغلۇب بولغان.
1939-يىلى ساندرس يۇقىرى بېىسملىق قازاندا توخو پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان.
1939-1945 -يىللىرى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ، يېقىلغۇ باھاسى ئۆرلەپ، ساياھەتچىلىك كاساتلاشقان، ساندرس ئامال يوق موتىلىنى تاقىۋەتكەن.
1949-يىلى يەنە بىرقىتىم سام پولكوۋنىك شەرىپىگە نائىل بولغان. ساندرس پولكوۋنىك نامىنى قوللىنشىقا باشلىغان ۋە ئاق رەڭلىك پىلاش، ئاق كۆينەك، قارارەڭلىك لېنتا گالېستۇك، قارا رەڭلىك ئاياغ بىلەن جابدۇنۇپ، ئۆچكە ساقال قويۇپ يۈرۈشنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىماسىغا ئايلاندۇرغان. شۇ يىلى ئۇ بىر ياللانما خادىمى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان.

1953-يىلى ئۇنىڭ مېھمانخانىسى ۋە رىستۇرانىنىڭ قىممىتى 165000 دوللار بولغان.

1950-يىلىنىڭ دەسلىپىدە ساندرس پولكوۋنىك بىرقىسىم رىستۇرانلارغا توخۇكاۋىپى تەييارلاش رېتسپىنى تەمىنلەپ، %5 پايدا ئېلىش كېلىشىمى بىلەن نۆۋەتتىكى زەنجىرسىمان سېتىىقچىلىقىغا ئاساس سېلىشقا باشلىغان.

1956-يىلىنىڭ بېشىدا ھۆكىمەت يول قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىش باھانىسىدە ساندرسنىڭ رىستۇرانىنى تۆۋەن باھادا بىرتەرەپ قىلغان، ئۇ مال-مۆلكىنى سېتىپ 75مىڭ دوللار قەرزىنى تۆلىگەن. ئاساسەن ۋەيران بولغاچقا 105 دوللارلىق كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن.

1960-يىلى كېنتاكىينىڭ شۆبە دۇكىنى 400گە يەتكەن.

1963-يىلى كېنتاكىي شىركىتىنىڭ يىللىق كىرىمى 300مىڭ دوللار بولغان.

1964-يىلى 74 ياشلىق ساندرس ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسنى 2مىليۇنغا 29 ياشلىق ئادۋۇكات يوھان.براۋن ۋە 60 ياشلىق مەبلەغ سودېگىرى جەك مەسىي ئىككەيلەنگە سېتىپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا شېركەت ئۇنىڭغا بىرقىسىم پاي ھوقۇقىنى بەرمەكچى بولغاندا ئۇ رەت قېلىۋەتكەن. كېيىن شىركەت ئۇنىڭ تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەريىلى 75 مىڭ دوللار چىقىرىپ كېنتاكي ئۈچۈن ئوبراز ئېلانى قىلىپ بېكىتكەن.

1971-يىلى بىراۋن ۋە مەسىي گۇرۇھى 275مىليۇن دوللارغا بۇ ساھەنى Heublein شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن.

1976-يىلى كېنتاكىينىڭ يىللىق پايدىسى 200مىليۇن دوللاردىن ئىشپ كەتكەن.

1980-يىلى ھارلەند. ساندرس 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھىم، شۇنداق قىلىپ كېنتاكىينىڭ ئورگان بېتىدىكى ئۇچۇرلارنى راست دەپ قارىساق، ئۇنداقتا مۇۋاپىقىيەتشۇناسلار يازغان ئۇنىڭغا ئائىت شەجەرىلەر بىلەن روشەن سىلۇشتۇرمىلار مەيدانغا كېلىدۇ:

1. باشتىن -ئاخىر رىۋايەتلەردىكى 1009 قېتىملىق مەغلۇبىيەت ھەققىدە خاتىرە يوق.

2. ساندرس قانداقتۇر قېيىنچىلىق كۈنلەردە توساتتىن كىشلەرگە تۆھپە قوشۇشنى ئويلىشىپ قالغان ئەمەس، ئالدى بىلەن قېيىنچىلىق ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى باشلانغاندىن كېينكى بىر قىستۇرما جەريان، ئاندىن ھەرقانداق بىر نورمال ئادەم قېيىنچىلىق ئىچىدە تۇرۇپ باشقا غايىۋى ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى شۇ قىيىنچىلىقتىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.

3. ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقتى 66 ياش ۋاقتىدۇر، 65 يىشىدا ئەمەس.

4. ئۇنىڭدا ھېلىقى تەڭداشسىز مۇۋاپىقىيەت رېتسىپى بار ئەمەسمىدى، شۇنىڭغا تايىنىپ ئۆزى تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت قازانسا بولاتتىغۇ؟ نېمىشقا شېركەتنى سېتىۋىتىدۇ؟

بۇ گەپنى قىلساق، بەلكىم سەن نېمىنى بىلەتتىڭ، سەن قانچىلىك كىرىم قىلىۋاتىسە؟ باشقىلارغا ھەسەت قىلىۋاتقانسەن تايىنلىق دېيىشى مۇمكىن. لېكىن بىزمۇ ئۇلار غا سەن نېمىنى بىلەتتىڭ دىيەلەيمىز. بىز بۇيەردە ساندرستىكى مەخپى رىتسىپ PersonalPower نىڭ ھەقىقى سىرىنى ئىچىپ بىرىمىز. ئەمەلىيەتتە PersonalPowerنى MoneyPower دەپ ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق:

مۇۋاپىقىيەتشۇناسلارنىڭ رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانساق، كېنتاكىي پولكوۋنىكنىڭ 1009 قېتىملىق مەغلۇبىيىتى، 20 يىلدا پىشىپ يېتىلگەن توخوپىشۇرۇش رىسالىسى، ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش سىرى. ئۇنداقتا 29 ياشلىق بىراۋننىڭ 7يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 137.5 ھەسسە پايدا ئېلىشىچۇ؟

مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئاتالمىش سىرىنى ساندرس پولكوۋنىكتەك 1009 قېتىملىق رەت قىلىشقا مۇتەئەسسىپلەردىن ئەمەس،  بەلكى بىراۋننىككىدەك ياپ-ياش ۋاقتىدىلا نەگە مەبلەغ سىلىشنى بىلگەن ،  ھەم ۋاقتىدا قولدىن چىقىرىپ پايدىنى ھەسسىلەپ ئالالىغانلاردىن ئېلىش تېخىمۇ ئاقىلانىلىق بولۇشى مۇمكىن.

بىر ھېكايىدىن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى يەكۈنگە ئىرىشەلەيمىز،  مۇۋاپىقىيەت قازانماقچى بولغان سىز ،  بۇ ئىككەيلەننىڭ قايسىنى ئۈلگە قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟

مۇۋاپىقىيەتشۇناسلار نېمە ئۈچۈن كېنتاكىينىڭ بۇ ھېكايسىنى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ؟

1. بۇيەردە 1009 قېتىملىق مەغلۇبىيەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، ساندرس يەنىلا قالتىس ئادەم،  5 يىلدا 400 دۇكان ئىچىشنىڭ ئۆزىلا بىزنى قايىل قىلىدۇ.  ئۇنىڭ ھېكايىسىدىكى بۇ قۇرۇلما راست،  بىراق 1009قېتىملىق رەت قىلىنىش تەقدىرى مۇۋاپىقىيەتشۇناسلارنىڭ توقۇلمىسى خالاس.  بۇ ئۇلار ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

2. مۇۋاپىقىيەتشۇناس ئۇستازلار نېمىشقا توقۇلما ھېكايىلەر ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بارىدۇ؟  چۈنكى سىزنىڭ ھەرقېتىمدا قەتئىي نىيەت بىلەن تىجارەت قىلىشڭىز، تامغا ئۇسىۋالسىڭىزمۇ جاھىللىق بىلەن تىركىشىشىڭىز، ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق.

3. نېمىشقا مېڭە يۇيۇشنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ؟ چۈنكى ئوقۇرمەن تەسىرلىنىش نۇقتىسىغا كەلگەندە ، ئەتەي كىرگۈزۈپ قويۇلغان كېنتاكىي دىن ئىبارەت گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان دۇنياۋى ماركا ۋە ئۇلارنىڭ سودا ئوبروتى ،  مىڭىڭىزگە بۇ ھەقتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قۇبۇل قىلدۇرىدۇ.

ئالدىنقى قېتىمدىكى سىتايلۇن ھەققىدىكى راست -يالغان ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق سوئال بارئىدى، يەنە تەكرارلايمىز:

مۇۋاپىقىيەت زادى رىۋايەتمۇ ياكى تارىخمۇ؟ سىز قايسى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئىش-ئىزىنى ئۈلگە قىلماقچى؟ ئۇلارنىڭ قانچىسى ھەقىقىدۇر؟
قوشۇپ سورايدىغىنىمىز : قەتئىي بولغاندىلا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى، بەدەل تۆلىگەندىلا تىگىشلىك جاۋابقا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟

بىر شوئارنى نەچچە ئون مىڭ ئادەم بىرلىكتە توۋلاپ قويغانغا بۇ توغرا بولۇپ كەتمەيدۇ، چوشقا زۇكىمى نەچچە ئونمىڭ ئادەمگە يۇققانلىقى ئۈچۈنلا بۇ ئادەتتىكى كېسەل بولۇپ قالمايدۇ. ئەتىراپىمىزدا قەتئىي نىيەتكە ئىگە بولۇپمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان،  شۇنچە بەدەل تۆلەپمۇ ھېچقانداق جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ.

«原来我还可以这样活:拆掉思维里的墙  » ناملىق كىتابدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 16:59:09

نىمىلەرنى دەۋاتىدىغاندۇ دەپتىمەن ھەي ....
ئادەمگە پۇرسەت كەلمەك بەك تەس ....

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 21:29:11

مەن مۇ مۇۋاپىقىيەت  قازانماقچى  نىشانىم ئىنىق  دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ( دۇنيادىكى 500 كۈچلۈكنىڭ بىرى ) بولغان بىر شىركەت قۇرۇپ چىقماقچى . لىكىن نىمە قىلىپ نىمە كەسىپ يولىنى تۇتۇ قايسى ساھەنى ئاسسى تۆۋرۈك قىلىپ مۇشۇ شىركەتنى قۇرۇپ چىقىمەن بىلمەيمەن .  ھازىر تۇرمۇش ئۈچۈن  نەچچەمىڭ يۈەن  مائاشقا ئىشلەۋەتىمەن  ھەي...............

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 22:02:37

ئەسلى مۇنداق ئىكەندە ...
مۇنتىزىم مائارىپنى تاشلاپ مىڭىسىنى كاللا يۇيغۇچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىدىغان ياشلار ئالدانماي قالمايدۇ.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 11:30:59

ئوھ... ئىككى ئوغلومنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتسام، ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تىپىپ ماڭالىغۇدەك بولسا مەنمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىغا ئايلانغان بولاتتىم :lol

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 11:38:20

مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنى يازىدىغانلار شۇ كىتابلىرىنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ، ئۆزلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلانماقچىدۇ- ئېھتىمال، دەپ ئويلايتتىم. ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداقراق ئىشمۇ نېمە؟

Erajan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 13:10:45

ئوبدان خۇتۇندىن بىرنى ئالالىسا مۇھاپىقىيەت دىگەن شۇمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئەتېراپىمدىكى بويتاقلارغا قاراپ..:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 13:36:19

ياخشى تېما
بەت: [1]
: مۇۋەپپەقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ(ئىككى ھېكايە)