OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 12:06:08

ئۇغۇز:تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو قەشقەر يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى كونا شەھەر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو قەشقەر يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە قەشقەر «جياڭنەن»يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلار بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى قەشقەر «جياڭنەن»يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلار بازىرى چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان،كونا شەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر ۋېلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى،كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا يارىدەم بېرىش خىزمەت ئەتىرتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «كارخانا يۈرۈشتۈرۈش،ھۆكۈمەت مۇلازىمەت قىلىش،يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىچە تىجارەت سوبىيېكتى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتنىشىش،دېھقانلار ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش»ئەندىزىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەرىكىسى ھىساپلىنىدۇ.كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئومومى كۆلىمى 26مىڭ 500كىۋادرات مىتىر،432يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ،قەشقەرگە نىشانلىق يارىدەم بېرىۋاتقان تۆت ئۆلكە(شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق 700دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.كۆرگەزمىگە قويۇلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن قۇرۇق مېۋە،يېڭى مېۋە،قوغۇن-تاۋۇز،ئاشلىق، سۈييېغى، چاي،گۆش،پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قۇشۇمچە مەھسۇلاتلار،يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى،مىللى قول ھۆنەرۋەنچىلىك،ساياھەت بويۇملىرى، ئېسىل تائام قاتارلىقلار بار.
ئىگىلىنىشچە، قەشقەر يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ،يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق قەشقەر ۋېلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش،سېتىش بازىرى ئاپتونوم رايون ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك بازىرى بىلەن جىپىسلاشتۇرۇلۇپ،يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش،ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ،شىنجاڭنىڭ مىۋىلىرىنى شەرىققە توشۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
1-سۈرەتتە:كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسمىدىن بىر كۆرۈنۈش
2-سۈرەتتە:يېزائىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمە ئورنىدىن بىر كۆرۈنۈش
3-سۈرەتتە:نەزەرباغ بازىرىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدىن بىر كۆرۈنۈش
4-سۈرەتتە:يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار نومۇر ئورۇنلىماقتا
5-سۈرەتتە:ئىلچى شىركىتىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۆزلىرىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى.
6-سۈرەتتە:ئاۋات يېزىسىنىڭ ئانىرى كۆرگەزمىگە كەلگەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتىۋەتتى.
7-سۈرەتتە:يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ يۇلغۇن،توغراق،سۆگەت تېلىدىن ياسالغان غايەت چوڭ ئاپتۇۋاسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
8-سۈرەتتە:بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ داڭلىق كالا كاللا پاقالچىقى يەنىمۇ داڭق قازاندى.
8-سۈرەتتە:قەشقەرنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 16:24:58

بالدۇراق بىلگەن بولسامچۇ كاشكى. بېرىپ كىلەركەنمەن.   

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 17:02:06

قالتىس بوپتۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 17:03:24

ئا كاللا پاقالچاقلارنى سامساق پىيازمىكىن دەپتىمەن ...

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 18:39:22

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 16:24 static/image/common/back.gif
بالدۇراق بىلگەن بولسامچۇ كاشكى. بېرىپ كىلەركەنمەن.

دۇكاننى تاقاپ تەرەكتۇر ھەيدەي دېگەنما؟:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 20:39:40

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 18:39 static/image/common/back.gif
دۇكاننى تاقاپ تەرەكتۇر ھەيدەي دېگەنما؟

  قوتاز گۆشىنى كۆرگەزمە قىلاي دىگەن:lol
بەت: [1]
: ئۇغۇز:تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى