ئامازۇن تور سودا سۇپىسىدىن ياردەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-10 11:55ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار ! مەن ماشنام ئۈچۈن بىر ساقچى تىلكامىراسىدىن ئالدىن سىگنال بىرىش ، gps يول باشلاش سېستىمىسى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى بولغان ئېكران ئورنىتاي دىگەن . توردىن تاللاش ئارقىلىق 瑞世泰S700VC导航 نى لايىق كۇردۇم ، ھەممىدە تاۋباۋ ، جىڭدۇڭ ۋە ئامازۇن قاتارلىق تور سودا سۇپڭسنى سېلىشتۇرۇپ كۇردۇم . بۇ ئارقىلىق شۇنداق نەتىنجىگە ئىرىشتىمكى ئوخشاش ئىقتىدار ۋە ئوخشاش سەپلىمە سەپلەنگەن ، ئوخشاش تىپتىكى 瑞世泰S700VC导航 ماركىلىق مەسھۇلات تاۋباۋدا 1400 يۇەن ئەتراپىدا ، جىڭدۇڭدا 1500 يۇە ن ئەتراپىدا ، ئامازۇندا 1200 ئەتراپىدا ئىكەن . مەن ئىلگىرى تاۋباۋ ۋە جىڭدۇڭ تورىدىن نەرسە سېتۋالغان بولساممۇ ، لىكىن ئامازۇندىن ئەزەلدەن نەرسە سېتۋېلىپ باقمىغان . نىمە ئۇچۇن بۇلاردا باھا پەرقى شۇنچە يۇقۇرى بۇلدۇ ؟ ئامازۇنغا كىرىپ قاراپ باقسام دۇكاندار بىلەن سۇزلىشىش ئورنىنى تاپالمىدىم . كوپچىلىكتىن سورايدىغىنىم مۇشۇ ئامازۇندىن مال سېتۋالسا قانداق سېتۋالدۇ ؟ ماللىرى ئىشەنچىلىكمۇ ؟ ئەگەر مال قايتۇرۇش زۇرۇر بولسا قانداق قايتۇردۇ ؟ دۇكاندار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىمىز ؟ شۇڭا ئامازۇندىن نەرسە سېتۋېلىش تەجىربىسى دوستلارنىڭ تەلىم بىرىشىنى سوراپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بولسا دوستلارنىڭ كەڭ كۇشادە پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى سورايمەن . مەن ئامازۇندىن دائىم كىتاپ سىتۋالىمەن،سۈپىتى ياخشى چىقىدۇ،نىمىلادىگەن بىلەن خەلقىرالىق شىركەتتە ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئامازون دېگەن 亚马逊 دېگىنى شۇمۇ يا جۇڭگودىكىسى ئامازون ئۆزى مال تەمىنلەمدىكەن ياكى باشقا شىركەتلەرمۇ ؟ باشقىلارغا ئىجارە بەرگەن دۇككانلارمۇ بار،خۇددى جىڭ دوڭ دەك. ئۆزىنىڭ ماللىرى بولسا نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بولىدۇ ۋە پوچتا ھەققىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ( بەك ئاستا بولسىمۇ).مەن سېتىۋالغان تۇرمۇش،مەدەنىيەت بويۇملىرى ۋە كىتاپلارنىڭ سۈپىتى ياخشى چىققان.
ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ ياخشىسى يۇرتىڭىزدىن ئېلىڭ،قىممەت بولسىمۇ كۆرۈپ، سىناپ ئېلىپ، مەسىلە چىقسا ئىزدەشكە قولاي بولىدۇ. ئامازون ئۆزىنىڭ ماللىرى ئۈرۈمچىنىڭ بىر-ئىككى رايونىدىن باشقا يەرگە بارمايدۇ. بۇلار ئەڭ ئىشەنچلىك.
باشقا ئامازوم بىلەن ھەمكارلاشقان دۇكانلار كېراسىنى تۆلىسە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە مال سالىدۇ. بۇ ماللارنىڭ سۈپىتى نىسبەتەن تۈۋەنرەك دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما سۈپىتىگە ئمازون كاپالەتلىك قىلىدۇ. دىمەك جىڭدۇڭ، تىيەنماۋلاردىن ياخشى چىقسا چىقىدۇكى، ھەرگىز ناچار چىقىپ قالمايدۇ. 3-4يىللىق توردىن مال سېتىۋېلىش تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ئامازون ئەڭ ئىشەنچلىك
يەنە www.suning.com ، www.yhd.com لاردىكى باھارلارنىمۇ پايدىلنىش قىلىپ بېقىڭ
ئامازوننىڭ ئۆزى ساتقان بولسا قورقماي ئېلىڭ ، سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىمۇ ياخشى ،
لىكىن ئۈچىنجى تەرەپ ئاچقان دۇكاننىڭ بولسا ھەرگىز ئالماڭ ،ئۇنىڭدىن بازارغا چىقىپ ئالغىنىڭىز ياخشى .
ئامازوننىڭ ھازىر شىنجاڭدا مال تەقسىملەش مەركىزى يوق ،شۇڭلاشقا يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئاستا ، تىخى ئاساسەن پوچتىنى ئاساس قىلىدىغۇ دەيمەن ،شۇڭلاشقا خىلى ساقلاپ قالىسىز . yollugh يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 15:57 static/image/common/back.gif
ئامازون ئۆزى مال تەمىنلەمدىكەن ياكى باشقا شىركەتلەرمۇ ...
ئامازون ئۆزى مال تەمىنلەيدىغان ياكى باشقا شىركەتلەر تەمىنلەيدىغانلىقىنى قانداق ئايرىيمىز ؟ يول كۆرسەتسىڭىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا august تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 09:03
nawkeran يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 07:34 static/image/common/back.gif
ئامازون ئۆزى مال تەمىنلەيدىغان ياكى باشقا شىركەتلەر ...
مەن ئامازوندىن دائىم كىتاب سېتىۋالغاچقا، باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتقا دائىر ئۇچۇر بار يەردە 销售配送: 由亚马逊直接销售和发货 دېگەن سۆزلەر بولسا، ئامازون بىۋاسىتە تەمىنلەيدۇ. مانچە 卖家 تەمىنلەيدۇ، دەپ يېزىلغان بولسا، شۇنىڭ ئىچىدىمۇ ئازامون بولسا، ئۇنى تاللاشقا بولىدۇ. سۇنىڭ تورىدا رەسىملەر كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ، سوگو ، گوگۇلنىڭ تور كۆرگۈلىرىدە ئوخشاشلا رەسىم كۆرۈنمەيدۇ ، بەت يۈزىمۇ قالايمىقان،
بۇنى قانداق ئوڭشايمىز
ئامازوندىن مال سىتىۋىلىش تەجرىبىلىرىنى بىلىدىغانلار سۆزلەپ باقمامسىلەر؟ ئىزدىنىشتا قاچاندىن باشلاپ ئىنكاس تەستىقلايدىغان بولۇپ قالدى؟{:99:}:o
ئاخشام يازغان ئىنكاسىم ئەتىگەن قارىسام يوق، ھازىر تېخى تەستىقتىن ئۆتتى دەپ ئۇچۇر كەلدى nawkeran يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 07:34 static/image/common/back.gif
ئامازون ئۆزى مال تەمىنلەيدىغان ياكى باشقا شىركەتلەر ...
ئاۋغۇسىت بۇرادەرمۇ يىزىپ قويۇپتۇ ،مالنىڭ باھاسى ئاستىدا 销售配送: 由亚马逊直接销售和发货。
دىگەن گەپ بار بولسا ، ئامازون ئۆزى تەمىنلەيدۇ .بۇنداقل ماللارنى قورقماي ئالسڭىز بولىدۇ ، شىنجاڭدىن باشقا جايلاردا سىتىشتىن كىيىنكى قايتۇرۇش ،ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىنتايىن ياخشى دەپ ئاڭلىدىم ، ئىشىك ئالدىغىڭىزغا كىلىپ ئەكىتىپ ئالماشتۇرۇپ بىرىدۇ .
شىنجاڭدا مال تەقسىملەش مەركىزى بولمىغاچقا ئىچكىرىدەك قولايلىق بولماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن قىلغىلى بولىدۇ .
ئاشۇ يەردە باشقا شىركەتلەرنىڭ ئىسمى بولسا ئىھتىيات قىلىپ ئېلىڭ . jahanzat يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 22:25 static/image/common/back.gif
ئامازون ئۆزىنىڭ ماللىرى ئۈرۈمچىنىڭ بىر-ئىككى رايونىدى ...
سىز 1304985870 بۇ چ چ نى قۇشۇڭە خاپا بولماي ، مەسلىھەت بارتى سورايدىغان، رەھمەت
بەت:
[1]