ئائىلىدە سامسا پىشۇرۇش ئۇسۇلى
سامسا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىككە ئىگە ئەنئەنىۋى تائامى بولۇپ، چۈرۈك ۋە ئىنتايىن تەملىك كېلىدۇ. سامسا ئادەتتە تونۇرغا يىقىلىدۇ. بىراق نۇرغۇن ئائىلىلەردە تونۇردا سامسا پىشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، مەن تۆۋەندە دوخوپكىدا سامسا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
كېرەكلىك ماتېرىياللار: ئۇن ئوتتۇرا پىيالىدە بىر پىيالە، گۆش تەخمىنەن 200 گىرام (گۆش چوقۇم مايلىق گۆش بولۇشى كېرەك)، پىياز تەخمىنەن 100 گىرام ئەتراپىدا. زىرە، بىر دانە تۇخۇم، تۇز، ئاق كاۋاۋىچىن
خېمىر: خېمىرنى ئوتتۇرا ھالدىن سەل چىڭراق يۇغۇرۇپ، سۇلياۋغا ئوراپ يېرىم سائەتتەك تىندۇرىمىز.
خېمىر تىنغىچە بولغان ئارىلىقتا گۆشنى قىيما قىلىمىز، گۆشنى قاقتىن سەللا كىچىكرەك قىلىپ توغرىۋالغاندىن كىيىن، زىرە، تۇز، ئازراق پۇراقلىق ماي ۋە ئادەتتىكى ماي، سۇ قۇيۇپ بەش مىنۇتتەك تۇرغۇزۇپ تەملەندۈرىمىز، (سۇ تەركىبى گۆشنىڭ يۇمران بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم) ئاندىن پىيازنى تۇغراپ، زىرە، ئاق كاۋاۋىچىن، تۇز، ماي قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈۋالغاندىن كىيىن گۆشكە ئارىلاشتۇرىمىز.
تۈگۈش باسقۇچى: خېمىرنى بولاق مانتا زۇۋۇلىدەك چوڭ قىلىپ ئۈزۈۋالىمىز، خېمىرنى بەنشە جىلتىسىدەك قىلىنلىقتا ھەممە ئەتراپىنى تەكشى قىلىپ ئاچىمىز ۋە چېقىپ تەييارلانغان تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى جىلتىنىڭ ئەتراپىغا سۇۋايمىز، قىيمىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك تۈگۈۋالىمىز.
لېسقا تۈگۈپ تەييارلانغان سامسىنى تىزىپ، 200 گىرادوسلۇق ئوتتا 15 مىنۇت تۇرغۇزساقلا مېزىلىك سامسا تەييار بولىدۇ. بىزنىڭ يېڭىېئرىقنىڭ بازىرى ئىتتىك سامسىلىرى چۈرۈك بولمايدۇ ، سەل سۇزۇلۇشچان كىلىدۇ ، چۈرۈك پىشۇرىدىغانغا ۋاقىت يەتمەيدۇ ، ناھىيە بازىرىدا بىر دۇكان بار ، ناھايىتى چۈرۈك سامسا پىشۇرىدىغان .... :funk::lol خەتكۈچ
ما خاتۇنغا كۆرسىتىپ قۇياي بۇنى {:90:}{:92:} سامسا شىنجاڭنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ تامىقى. شىنجاڭدا سامسىنى ئاساسەن ئۇيغۇر قىلىدۇ. گەپنىڭ بېشىنى توغرىلاپ قۇيارسىز تەپسىلى رەسىمى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن.
رەھمەت رەسىمدىكىسى نىماندا ئوخشىمىغان سامسا:lol پۇراقلىق ماي دىگەن نىمۇ؟ 香油ما؟ ئەگەر 香油 بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ھەقىقەتەن شىنجاڭنىڭ تامىقى دىسە رەنجىمىسەكمۇ بولغۇدەك{:92:}
ئۇيغۇرنىڭ سامسىسىغا تۈز، زىرە، ئاقمۇچ-قارامۇچلار سىلىنسىلا كۇپايە.
خېمىرنى چۈرۈك قېلىمىز دىسەك ئۇنغا يىتەرلىك ماي قۇيىۋەتسەك بولىدۇ، ھەدىدىن زىيادە نىپىز بولۇپ قالسا، قىيما بىلەن جىلتىنىڭ نىسبىتى تەڭشەلمەي قالىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدىكىسى تونۇردىن چىققان سامسىمۇ _ يە ؟ begir يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 11:41 static/image/common/back.gif
**** يازغۇچى چەكلەنگەن ياكى ئۆچۈرۈلگەن، مەزمۇن ئاپتومات ...
ماۋۇ مەھبۇس قايسى كامىردىن قېچىپ چىقتى ، قېنى باقاۋۇللار. ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىڭلار بۇنى قاچۇرۇپ قويغان باقاۋۇلنىڭ :lol پۇراقلىق ماي دېگىنى كۈنجۈت مېيى شۇمۇ؟ بەنشە
لېس
ماۋۇ سۆزلىنى چۈشەنمىدىم adil621 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-10 21:54 static/image/common/back.gif
پۇراقلىق ماي دېگىنى كۈنجۈت مېيى شۇمۇ؟
مىنىڭچە شۇ. مەنبەسى نە بۇنىڭ ،بىرە يولداشما ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-10-11 09:55 static/image/common/back.gif
بەنشە
لېس
ماۋۇ سۆزلىنى چۈشەنمىدىم
بەنشە دىگىنى بەنشىرچىلىك دىگىنى ئوخشايدۇ. ئەمما لىس دىگىنى دوخوپكىنىڭ تاۋىقى. ئادەتتە ئىككى تال بولىدىغۇ؟ ئىۋۇ نەچچە گىرادوس دىگىنىنى بەكرەك كۆرۋالاي، يالغان ئايەم كۈنى ئۆيدە زىرىكىپ قاق بەلىش پىشۇرۋاتقان. كېيىن باشلىقىمىز ئەۋەتكەن بىر خىزمەتدىشىمىز قايتىش بولۇپتۇ دىگەن قىسقا ئۇچۇر كېلىپ قالدى. بشۇنىڭ بىلەن بەلىشنى دوخوپكىغا سېلىپ قويۇپ ھېلىقى ئۆلۈم پەتىسىگە كىرىپ چىقتىم. كىرىپ قارىسام بەلىش پەلىش بولۇپ كېتىپتۇ. مەن 250گىرادوسقا توغرىلاپ قويۇپتىكەن. ئادەتتە تاتلىق ياڭيۇ پىشىدىغان گىرادوس ئوخشايدۇ بۇ.
بەت:
[1]