بۇ يىل يازدا جۇڭگونى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن شىنجاڭلىقلار
بۇ يازدا بىر قىسىم شىنجاڭلىقلار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، نەفس ئۇسسۇلى، يېقىملىق ئاۋازى بىلەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يارقىن نام كارتىسى بولۇپ قالدى.
دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق نۇرئەلى ئابلىز
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇيغۇر يىگىت نۇرئەلى ئابلىز يېڭى شەرق مائارىپ-پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى ئىنگلىز تىلى دەرسى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. ھازىرغىچە دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىسى تۈمەندىن ئاشتى، تور دەرسىنىڭ ئومۇمىي چېكىلىشى 49 مىليون قېتىمدىن يۇقىرى بولدى. نۇرئەلىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئاساسى پۇختا بولۇپ، توفېل ئېغىزچە ئىمتىھانىدىن تولۇق نومۇر ئالغان ھەمدە ھەرخىل ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش ۋە رىياسەتچىلىك مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.
ساھىبجامال ئانا گۈلمىرە «جۇڭگودىكى ياخشى ئۇسسۇل» چېمپيونى بولدى
5-ئىيۇل كەچتە، «جۇڭگودىكى ياخشى ئۇسسۇل»نىڭ تۇنجى پەسلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، جىن شىڭ گۇرۇپپىسىدىكى جاڭ يامېي ۋە گۈلمىرە ئۆزلىرىنىڭ نەفس ئۇسسۇل ماھارىتى بىلەن بىرىنچى ئايلانمىدا گۇرۇپپىدىن چىقىپ، ئىككى ئايلانمىدىكى ئۇسسۇل تەختىنى تالىشىش مۇسابىقسىگە كىردى. ئاخىرىدا گۈلمىرە 1گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن جاڭ يامېينى مەغلۇب قىلىپ «يىللىق ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئۇسسۇلچى» تاجىنى كىيدى.
فەرھاد خالىق «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»غا قاتنىشىپ «ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويدى»
1-ئاۋغۇست كەچتە، جېجياڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلغان «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» سەھنىسىدە، ياش ناخشىچى فەرھاد خالىق ئۆزىنىڭ بوغۇق ئاۋازى بىلەن سانسىزلىغان «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» مەستانىلىرىنى قايىل قىلدى. فەرھادنىڭ بار ئىشقى بىلەن ئېيتقان ناخشىسى كۆپچىلىك قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇنىڭ ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ئاۋازى نايىڭ، ۋاڭ فېڭ، ياڭ كۈن قاتارلىق ئۈچ باھالىغۇچىنى تەڭلا ئۆرۈلۈپ قاراتتى. بەزىلەر فەرھادنىڭ مىكرو بلوگىدىكى ئويۇن قويغان سىن ۋە سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن «ۋاڭ فېڭ فەرھادقا ئۇستاز بولماي، فەرھاد ۋاڭ فېڭغا ئۇستاز بولسا بولغۇدەك» دېيىشتى.
«جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»دىكى تۇرغۇنجان
«جۇڭگو ياخشى ئاۋازى»نىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە، 29 ياشلىق ماھىر تۇرغۇنجان «مەخمەل گۈل» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى ھەمدە ئاخىرىدا نايىڭ گۇرۇپپىسىنى تاللىدى.
سۈرەت
نۇرلۇق كۆزلىرى، بودەك قامىتى، ئوماق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆپچىلىكنى قايىل قىلغان ئۇسسۇلچى سۈرەت 2-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇلغان «جۇڭگودىكى ياخشى ئۇسسۇل»نىڭ بىرىنچى سانىدا كۆپچىلىكنىڭ نەزەر نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
تەپ ئۇسسۇلى شاھزادىسى يۈسۈپجان قېيۇم
«جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلى»غا قاتناشقان تەپ ئۇسسۇلى ماھىرى كۆپچىلىكنىڭ نەزەر مەركىزىگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇ دەل بىز كىچىكىمىزدە دائىم كۆرىدىغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىدىغان بالا چولپان، بۈگۈنكى كۈندىكى داڭلىق ئۇسسۇلچى يۈسۈپجان قېيۇم. ئۇ جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد تەپ ئۇسسۇلى شاھى بولۇپ، تەپ ئۇسسۇلى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەردىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭ نادىر ئۇسسۇلى كۆپچىلىك قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇردى.
مەنبە: خەلىق تورى بۇ تېمىنى بىر يەرلەردىدۇ كۆرگەندەك قىلغانتىم ....
ئاۋۇ تالانت ئىگىلرىگە كۆز تەگمىسۇن ... يۇرتىمىزدىن چىققان پەخىرلىك قىز-ئوغلانلىرىمىزغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر!
ئاللاھىم ئۇلارنى يامان كۆزلەردىن ساقلىغاي . ھەممىسى سەنئەتكارلاركەن، قارىغاندا جۇڭگونى ناخشا-ئۇسۇلچىلاردىن باشقىلار زىلزىلىگە كەلتۈرەلمىگۈدەك. نەچچە چاۋاك چېلىپ ئورنىدىن قۇپۇپ كەتكەندىن كىيىنلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ، قىېپقالغان بىردىنبىر تەسىراتى: ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر، شۇنداق تۇغۇلۇپ شۇنداق ئۆلۈپ كىتىدۇ. فىلامىنگوچى چۈپقاپتۇ :lol ھەممە ساھەدىن چىقسۇن! شاھى، دەرىجىدىن تاشقىرى دىگەندە گەپلەر مەسخىرىدەك بىلىنىدىكە خەق قانچىلىك جاپادا مۇشۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىر چىشلەم چىشلىۋالمىسا يىگىنى چىرايىغا چىقمايدىغانلار باركەن. ئۇۋال بوپتۇ، بىچارىلەرنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتەمۇ ئەمدى. ھەممە ئادەم ئۆز كەسپىدە تېرىشسۇن، ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى. ---
ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى ناخشا- ئۇسۇل جەھەتتە «ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر » دېگەن نامغا مۇۋاپىق كەلسىمۇ ، ھازىرقى زامان ناخشا-ئۇسۇل ساھەسىدە ئاللىقاچان خەنزۇ ، ئۆزبەك ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەينىدە قالدى دەپ قارايمەن
---
كەينىدە قالسىمۇ قالسۇن، چاكىنلىشىپ كەتمىسۇن،ھەممە ئارتىسلارنىڭ ھازىرقى زامانغا ماسلىشىشى شەرت ئەمەس. خەلق ناخشا-ئۇسۇللىرى يەتكەن يۈكسەكلىككە يەتمەك ئاسان ئەمەس،ئالاقىدار تەتقىقاتلار ئاز، سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى يوق دىيەرلىك ، ھەممىسى ئورۇنداش بىلەن ئاۋارە بولسا كىرەك. زامانغا ماسلاشتۇق دەپ ئۇسۇللار گىمناستىكاسىمان، ناخشىلار غىتمەكلىشىپ كېتىشسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھىساپلىنىدۇ.
ھەرقانداق ساھەدە كۆزگە كۆرۈنمەك ئاسان ئەمەس. ئۇلار نىمىشقا كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتتى دىمەستىن، مەن نىمىشقا ئۆزەم قىلىۋاتقان كەسپىتە كۆزگە كۆرىنەلمىدىم- دىگۈلۈك.
Hollywood نىڭ رولىغا سەل قارىمىغۇلۇق، جۇڭگۇ پۇقرالىرى سىياسىئونلاردەك رەھىمسىزلەرچە تەپەككۈر قىلىشقا كۆنۈپ كېتىشكەن بولسىمۇ، ۋىجدانلىق كىشىلەر يەنىلا بار.
ھەقنى سۆزلىمەكچى بولغانلار تىلىڭلارنى تارتىڭلار! بومىسا .................... ھم...
جوڭگۇنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن دەپ قويۇڭلا
ئىزدىنىشنى ئاچمىسام بۇ خەۋەردىنمۇ قۇرۇق قالاركەنمەن ،،،مەن زاماننىڭ كەينىدە بەك قالدىممۇ نىمە ،،
ئاۋۇ ناخشىچىلارنىڭ بىرنى تونىغان بولسام نىمە دەي {:92:}،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھە راس ،،،قۇربان ھىيىتلىق سەنئەت كىچىلكىنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسى بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار{:87:}
بەزى ئىشلارغا بىز مەڭگۈ ئامال قىلالمايمىز ...
ماۋزۇنى ‹‹ئۆزىنى تونۇتقان شىنجاڭلىقلار›› دەپ ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدىكەنغۇ،تالاش تارتىش قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى؟ پەرھات توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى زىلزىلە پەيدا قىلدى دىگەن گەپ ئېشىپ كەتكەن ياكى توقۇۋالغان گەپ سۆز ئەمەس. جۇڭگۇ ئەڭ ياخشى ئاۋازى دىگەن پروگراممىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ۋاڭيى دىگەندەك خەۋەر تورلىرىدا باش بەتتىىن ئورۇن ئېلىپ مۇنازىرە قوزغاپتىكەن. كىم بولغىدى دەپ كۆرۈپ باقسام تونۇش چىقىپ قالدى. گېرمانىيەدىكى فىستىۋالدا ئېيتقان ناخشىسىنى بۇرۇن ئاڭلىغان. ھەقىقەتەن ئۆزگىچىلىكى بار سەنئەتكار. شۇنىڭ بىلەن ساز ئاۋاز دىگەن پروگراممىنى ئاندىن ئىزدىنىشتىكى ئۆزھال يازغان تېمىنى كۆردۈم. ھېچ بولمىغاندا يېرىم ئاي جوڭگۇ تور مېدىيالىرىدا باش بەتتىن ئورۇن ئالدى دىسەكمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بۇ تېمىدىكى باشقا سەنئەتكارلارنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
دىلنازۇك يازغان ئىنكاسلارنى ياقتۇردۇم. پىنھاندەك كەسكىن بولۇپ كېتىپسىز بۈگۈن. قوللايمەن. پىچاق گاللىشىپ قالسا بىلەپ بېرىمەن.
ھەر كىم ئۆز ساھەسىدە نام چىقارسۇن قوللىغىلىققۇ. سەنئەتكارلارمۇ ماتىماتىكا خېمىيە فىزىكىدا بىزگە نوبىل مۇكاپاتى ئېلىپ بەرسە ئاندىن رازى بولامدۇق؟
تېمىدا نامى بار بارلىق سەنئەتكارلارغا رەھمەت. ئىنكاس يازاي دېسەم پىكرىم قامالغانلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغاندەك...بوپتۇلا يازىۋېرەي،يا بايدىن چىقارمەن يا سايرامدىن...
زىلزىلىگە كەلتۈرۈش؟جۇڭگونى زىلزىلىگە كەلتۈرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمچە.مېنىڭ ئېسىمدە قالغان بۇيىل جۇڭگونى زىلزىلىگە سالغان ئىشلارنى ئەسلەپ باقاي:
李天一ماۋۇنىڭ زىلزىلىسى راۋرۇس بولغان جۇما
يەنە ھېلقى 招远ماكدونالدتا بىر ئايالنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن بىر ئائىلىلىك 6كىشىنىڭ ۋاڭيى تورىدىكى چۈشكەن ئىنكاسى بىر مىلىيوندىن ئېشىپ،باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرەلمەي ئاخىرى مەيلىگە قويىۋەتكەن
郭美美نىڭ قىزىل كىرىستنى سازايى قىلىپ ئاخىرى تۈرمىگە چۈشكىنىمۇ راۋرۇس زىلزىلىگە كەلتۈردى
يەنە شىياڭگاڭدىكى ئوتتۇرا ئايلانمىنى ئىگەللەشمۇ سۇ بەك چوڭقۇر
جۇيۇڭكاڭنىڭ خەۋىرىمۇ راۋرۇس زىلزىلە
تاماششا خەۋەرلىرىنىڭ ئىچىدە بىر قاتار چولپانلارنىڭ پاھىشە ئويناپ،زەھەر چېكىپ تۇتۇلغىنىمۇ زىلزىلە
دەرىجىسىگە توشۇپ قالىدۇ
王峰نىڭ باش ماۋزۇ تالىشىشىمۇ تاماششا خەۋەرلىرى بويىچە زىلزىلىدىن تۆۋەنرەك قىززىق پاراڭ بولۇپ قالدى
ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بۇ تېمىدىكى زىلزىلە بەك مەجبۇررى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىممايۋاتامسىلەر؟ئۆتكەن يىلقى ياخشى ئاۋاز چېمپىيونى كىمنىڭ ئېسىدە؟تاماششا خەۋەرلىرى پەقەت پۇقرالارنىڭ تاماقتىن كېيىن بىكارچىلىقتا قىلىشىدىغان غەيۋەت ئارلاش پاراڭلىرى خالاس،بۇ پاراڭلار زىلزىلە دەرىجىسىگە نەچچە چاقىرىم ئارلىق بار تېخى.سەنئەتكارلىرىمىز ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانسا خوشاللانساق بولىدۇ،لېكىن ئۇنى مىللەت،رايون دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ پەخىرلىنىپ يۈرسەك مۇۋاپىق ئەمەس.
ئەگەر مۇشۇ يىل زادى جۇڭگونى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن شىنجاڭلىقلار دېيىشكە توغرا كەلسە،ئەتىيازدا كۈنمىڭ ۋوگىزالىدا جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان ئاشۇ بىر توپ كىشىلەر راۋرۇس زىلزىلە قوزغىدى،ئۇنىڭ ئىچكىردىكىلەرنىڭ يۈرىكىدە قالدۇرغان ۋەھىمىسى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تەسىرى ھېلىھەم يوقالغىنى يوق.
بەت:
[1]
2