SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 21:07:10

[تەرجىمە فىلىم] توكىمۇنېⅡ (قۇبلاي VS تېننو)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-9 21:41  

خوجيو توكىمۇنې
         




ئەسلىي نامى:- ほうじょう ときむね   
ئۇيغۇرچە نامى:- خوجيو توكىمۇنې
ئىشلەنگەن ۋاقتى:- 2000-يىلى
قويۇلغان ۋاقتى:- 2001-يىلى
دەۋلەتى:- ياپونىيە
تىلى:- ياپونچە، موڭغۇلچە، كورىيانچە، خەنسۇچە
خېتى:- ئۇيغۇرچە
فىلىم تۈرى:- تېلېۋىزىيە تىياتېرى (مۇجەسسەم نۇسخىسى)
بۆلۈمى:- 2-بۆلۈم
سۈرەتكە ئېلىنغان رايونلار:- ياپونىيە، موڭغۇلىيە، جۇڭگو، شەرقىي ئاسىيا
ئەسلىي ئاپتورى:- تاكاخاشى كاتسۇخىكو
سېنارىست:- ئىنوئۇئېى يۇمىكو
كومپوزىتور:- كۇرىياما كازۇكى
رېژىسسورلار:- يوشىمۇرا يوشىيۇكى، يوشىكاۋا كۇنىئو، ۋاتانېبې يوشىئو، شىروتانى ئاتسۇشى، مانابې، يوشىدا خىروكى، كاتسۇتا ناتسۇكو، ماتسۇئۇرا زېننوسۇكې
باش روللاردا: خوجيو توكىمۇنې - ئىزۇمى موتويا
قۇبلاي قاغان - باسان جاب
خوجيو توكىسۇكې - ۋاتانابې ئاتسۇرو
ئەھمەد فەناكەتىي - ئابلىمىت ئىسمائىل
خوجيو توكيورى - ۋاتانابې كېن
چابۇي خاتۇن:- شيۇرېنخۇائېر
چىڭكىم:- ئايانغا
ماركو . پولو:- دارىئو بونىسسىي
چيو رىيوخىتسۇ (جاۋ لياڭبى) :- شيۇ زۇڭدى
شيا كوكۇمېي (شيې گومىڭ) :- كىتائوئو جىنيا

     مەزكۇر فىلىم تاكاخاشى كاتسۇخىكونىڭ «توكىمۇنې» ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، تائىگا تىياتېرسازلىقىنىڭ قېرىقىنچى قېتىملىق تېلېۋىزىيە تىياتېرى بولۇپ، فىلىمدە باش پېرسوناژ خوجيو توكىمۇنېنىڭ ئۆز خاندانىنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلار، قان-قېرىنداشلار ئارا زىددىيىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، قەيسەرانە، تەۋەككۇلچىلىق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ۋە شۇ دەۋردىكى ياپونىيەنىڭ ئىچكىي ئەھۋالى ھەم سىياسىي-لەشكەرىي نىزالار ۋەزىيىتى، ھەمدە يەنە چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى بىلەنكى كۆرەشنى ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇپ، ئاقىبەتتە تالايلىغان قۇربانلىقلار ئارقىلىق ئۆز دەۋلىتىنىڭ ئار-نومۇسىنى قوغداپ، مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالغانلىق جەرىيانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە مەشھۇر ئارتېسلاردىن، جۇڭگونىڭ «چىڭگىزخان» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتېرىدا تۆمۈرچىن ۋە يەسۈگەي باتۇرنىڭ، ھەمدە مەزكۇر فىلىمدىكى«قۇبلاي» نىڭ رولىنى ئالغان موڭغۇل ئارتېس «باسان جاب» دىن سىرت، يەنە ئەسلىي «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دىكى سانغۇن «لۈيبۇ» نىڭ مۇشاۋېرى «چېڭگۇڭ» نىڭ رولىنى ئالغان «شيۇ زۇڭدى» مۇ رولغا چىقىدۇ. تۆۋەندىكىسى مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتېرىنىڭ NHK تەرىپىدىن ئىككى بۆلۈمگە مۇجەسسەملەنگەن نۇسخىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى.


بىۋاسىتە كۆرۈڭ (باشلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ، بىر مىنۇتتىن كېيىن قويۇلۇشقا باشلايدۇ):
http://v.youku.com/v_show/id_XNzk5ODkxOTA0.html

ئاۋۋالقى بۆلۈمىنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ:http://bbs.izdinix.com/thread-60011-1-1.html

فىلىمغا دائىر سۈرەتلەر:






















تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-13 17:11):
شۈنلېيدىكى ھەمبەھر ئادرېسى: http://kuai.xunlei.com/d/bMPzBwKDMgDqeDZU071

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 02:20:46

روم ‹تاجرى › ديكان زماندا ھم <قيليب دور> ديماكان ليگ سببى كوب كيشى نينك ترجمە قيلغانى بولسە كيراک. تاجر كلمەسيدين سوداگر تولا تانيشليغ ايردى مينديك بى سواد عوامغە
نھيات ايشلارينكيز اونك بولغاى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 07:50:07

ئالدىرىماي كۈرۈپ بىر نىمە دەيلى !!1

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 08:58:20

1-بۆلۈمىگە ئوخشاش چاقماق بوشلۇقىغا ھەمبەرھىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن...{:112:}

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:32:00

ئاۋۇ چىڭگىزخان ما بىزنىڭ بۈيۈك دۆلىتىمىز ئشلىگەن چىڭگىزخانغا ئەجەپ ئوخشايدىكىنا :lol:lol:lol
ئىككىسى بىر كىشىمۇدۇيا {:90:}{:90:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:35:58

شىددەتلىك جەڭ قىلىۋەتكەن ئىدى.
ماركو.پولو
مەۋجۇد كى
-----------------------
.............

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 15:14:20

Huqush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 14:32 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ چىڭگىزخان ما بىزنىڭ بۈيۈك دۆلىتىمىز ئشلىگەن چىڭگ ...

ئۆزى شۇ. شىنجاڭلىق موڭغۇل ئارتېس ئىكەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 16:27:04

چۈشۈرۈش ئادرېسىچۇ؟

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 17:13:34

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 16:27 static/image/common/back.gif
چۈشۈرۈش ئادرېسىچۇ؟

تېما مەزمۇنىنىڭ ئەڭ تېگىگە شۈنلېيدىكى ھەمبەھر ئادرېسى تولۇقلاندى. ئىناۋەتلىك مۆھلېتى توشماستا پايدىلىنىۋېلىڭلار.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 17:59:12

رەھمەت.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 18:09:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 18:14  

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 17:59 static/image/common/back.gif
رەھمەت.

ئەرزىمەيدۇ. ئاۋۋالقى بۆلۈمى قايتا تەھرىرلىنىپ، خەت شەكلى ۋە كىرىشتۈرۈلۈشى كېيىنكى بۆلۈمىنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلىنىپ، ھەمدە كۆپ سانلىق تورداشلارنىڭ تور سۈرىتى ئاستا بولۇش شارائىتى ئاساس قىلىنىپ، ر م ۋ ب فورماتقا ئەپچىل پىرېسلىنىپ، ھەمبەھر ئادرېسى ئاۋۋالقى بۆلۈمىنىڭ تېمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ تېگىگە قېتىپ قويۇلدى. ھەمبەھر مۆھلىتى ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتمەستە پايدىلىنىۋېلىڭلار.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 20:25:40

SYAWUSH يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 17:13 static/image/common/back.gif
تېما مەزمۇنىنىڭ ئەڭ تېگىگە شۈنلېيدىكى ھەمبەھر ئادرېس ...

ماڭا بۇ كىنونىڭ شۈنلېي دىكى سۈزۈك ئادېرسىنى ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز خاپا بولماي.
مەندە ئالدىنقى قىسىمى بار ئىدى. سۈزۈك نۇسخسىسى لازىم ئىدى. ئاۋارە قىلدىم.

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 22:06:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Turker تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 22:07  

بىرىنچى قىسمىنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز. چۈشۈرىۋالغانلار بەھىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن خاپا بولماي

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 10:28:34

چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلىۋىتىڭە مەنبەدىن يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ .
بەت: [1]
: [تەرجىمە فىلىم] توكىمۇنېⅡ (قۇبلاي VS تېننو)