adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 20:54:25

ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 17:39  

                                                       ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە
        بۈگۈنكى كۈندە ھاياتلىق ئىلىمى جۈمىلدىن  تۆرەلمە ئىلىمى غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھازىرغا  قەدەر ئېچىلماي كەلگەن بىر سىربۇلۇپ كەلمەكتە.بۇ يازمىدىكى مەزمۇنلارھەرگىزمۇ بۇسىرنىڭ پۈتۈنلەي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ماۋزۇدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندەك پەقەت يۈزەكى چۈشەنچىلەر خالاس.  
      ئىنسان  ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدا خروموسومنىڭ بۇلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تەن ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسى ئادەتتە X خروموسوملۇق (يەنى46دانەXخروموسوم ) بۇلىدۇ.ئەمما كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدە ئەھۋال باشقىچىرەك بۇلۇپ  ئاياللارنىڭ  كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ يادروسىدا 46 دانە X خروموسوم  بۇلۇپ بۇ تەن ھۈجەيرىلىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، فونكىسىيىسى ئوخشىمايدۇ ، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدە 23دانەX خروموسوم ،23دانەY خروموسوم بۇلۇپ بۇنىڭدىمۇ جەمئىي46 دانە خروموسوم بۇلىدۇ .
نورمال ئەركىشىنىڭ ھەربىر مىللىلىتىرئسپىرمىسىدا ئادەتتە 60 مىليۇندىن كۆپرەك ئىسپىرما ھۈجەيرىسى بۇلىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى— ئىسپىرما ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلىرى سان كېمەيتىپ  بۈلۈنۈش ئارقىلىق ،  X خروموسۇملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى  ۋە Y خروموسوملۇق ئىسپىرما  ھۈجەيرىلىرى  دەپ ئككى خىل ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا بەزى ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىدە 23تال X خروموسوم بولسا ، بەزىلىرىدە 23تال Y خروموسوم بۇلىدۇ. (ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسىى—  ئىپتىدائىي تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە پەقەت ۋە پەقەت X خروموسوملا بولغانلىقىتىن ، بۇ تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى بۈلۈنۈپ بىرلا خىل23دانە X  خروموسوم بولغان تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ) .  ئەمما  ئەرلەرنىڭ X خروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى بىلەن Yخروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى تەكشى تەقسىملەنمىگەن بۇلىدۇ، يەنى  بىر قېتىملىق ئىسپىرمىدا ،بەزىدە Xخروموسوملۇق ئىسپىرما كۆپرەك ، بەزىدە Y خروموسوملۇق ئىسپىرما كۆپرەك بۇلىدۇ ، چۈنكى ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى ئاللىقاچان ئۆلگەن بۇلىدۇ . پەقەت ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىقدارى(سانى) ۋە  ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى  نورماللا بۇلىدىكەن، ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكىش پۇرسىتى ناھايتى چوڭ دېگەن گەپ .
       مىليۇنلىغان  ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچىدە ، پەقەت بىرتال ‹‹تەلەيلىك›› ئىسپىرما (بۇ بەلكىم X خروموسوملۇق بۇلۇشىمۇ    ياكى Yخروموسوملۇق بۇلۇشىمۇ مۇمكىن)  ھۈجەيرىسىلا ،تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە كىرىپ ،تۇخۇمنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدىكى 23دانە X خروموسوم بىلەن بىرىكىپ ، ، 46XY لىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى (ئوغۇل ھامىلە ) نى ھاسىل قىلىدۇ ؛ ياكى بولمىسا 46XXلىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم( قىز ھامىلە ) نى ھاسىل قىلىدۇ . ھامىلىنڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ئىختىيارىي بۇلىدۇ ، تەبىئىي بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ تاللاش ھۇقۇقى بولمايدۇ .  بەزىدە يېمەك ئىچمەك ئارقىلىق تە ڭشىگىلىمۇ بۇلىدۇ ، ئەمما كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ . بەزى كىشىلەر ( ھامىلىنىڭ قىز ئوغۇللۇقىغا نارازى بولغۇچىلار) Bتىپلىق ئولتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سېستىمىسى(B超)دىن پايدىلىنىپ  ھامىلىنىڭ قىز ئوغۇللۇقىنى ئېنىقلاپ ، ھامىلىگە قارىتا تاللاش ئېلىپ بېرىپ ، سۈنئىي ئۇسۇلدا چشۈرۋەتمەكتە ، بۇ بىر قانۇنسىز، شۇنداقلا ناھايتى ئېغىر بولغان ئەخلاقسىز  قىلمىشتۇر .
     ئاياللارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى  ئەر تەرەپنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى  ھايات  ئىسپىرمىنڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپلا قا لماي يەنە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، يىمەك ئىچمەك ، ئۇزۇقلۇنۇش شارائىتى ، سۇ تۇپراق ۋە مۇھىت ئامىللىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ئاياللارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك .
      1. ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ئەرنىڭ  ئىسپىرما ھۈجەيرلىرىدىكى تىرىك ئىپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ۋە مۇشۇ تىرىك ھۈجەيرىلەر ئىچىدىكى  تىرىك  Yۋە Xخروموسوملۇق ئىسپىرما  ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ،ئەگەر بىر ئەرنىڭ ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىدىكى  تىرىك Y خروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىنىڭ سانىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى كۆپ بولسا ھامىلە ئوغۇل بۇلىدۇ دېگەن گەپ،بولمىسا ئەكسىچە . تىرىك Xخروموسوملۇق ۋە Yخروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاز كۆپلىكى ، ئەر كىشىنىڭ تەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ ، بەلكى ئۇ ئەر كىشىنىڭ يىمەك ئىچمىكى ، ئۇزۇقلۇنۇش ئەھۋالى ، ياشىغان رايۇن  ۋە  مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئادەتتە يېزىلاردا ياشىغان ئەرلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوغۇل ئېھتىماللىقى يۇقىرراق بۇلۇپ ، ئاساسلىقى يىمەك ئىچمىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ، ئۇزۇقلۇنۇش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى ئەرلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ قىز بۇلۇش ئېھتىمالى يۇقىرراق ، ئۇزۇقلۇنۇش ئەھۋالىي ئانچە ياخشى بولمىغان ئەرلەرنىڭ ئوغۇل پەرزەتلىك بۇلۇش ئېھتىمالى بۇقىرراق ( بۇخىل ئەھۋال ھەرگىزمۇتلەق ئەمەس، يېزىلارغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن قىز پەرزەنتىلىك ئەرلەرنى ئۇچرىتىمىز) .
       2. ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ئايال كىشىنىڭ تېنىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمونىنىڭ سۈپىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ،يەنى چىرايلىق، ئۇز ئاياللارنىڭ قىز بالىغا ھامىلدار بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى ، بۇنىڭدىكى سەۋەب  ، ئايال كىشى قانچىكى  چىرايلىق بولسا ،تېنىدىكى ئاياللىق ھورمونى ۋە ھامىدارلىق ھورمونىنىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ ۋە بۇ ھورمونلارنىڭ سۈپىتىنىڭ سۇنچە ياخشىلىقىدىن بۇلۇپ ،بۇنداق ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت X خروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزىگە شۇنچە ئاسان سۈمۈرىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىز بالىغا ھامىلدار بۇلىدۇ . كۆرۈنۈشتە ئانچە چىرايلىق بولمىغان ئاياللارنىڭ تېندە ئاياللىق ھورمونى ۋە ھامىلدارلىق ھورمونىنىڭ سۈپىتى سەل تۆۋەن، ئاتىلىق (ئەرلىك) ھورمونىنىڭ سۈپىتى سەل يۇقىرراق بۇلۇپ (ئەگەر ئاياللا بۇلىدىكەن ،تېنىدىكى ئاياللىق ھورمونىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى ھامان  ئاتىلىق ھورمونىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ، بۇيەردىكى يۇقىرى-تۆۋەن سۆزى يۇقىرىدا دېيىلگەن چىرايلىق ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان) ،بۇخىل ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى  مۇھىتنىڭ Yخروموسوملۇق ئىسپىرمىنى ئۆزىگە شۇنچە ئاسان سۈمۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالىغا ھامىدار بۇلىدۇ( ئوغۇل پەرزەنتلىك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلا بەك چىرايلىق ئاياللارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ئاۋەرە بولماي ، سەترەك ئاياللار بىلەن توي قىلاسىلە (:lol :lol  چاقچاق ھە) . بۇ ھەرگىزمۇ مۇتلەق مۇشۇنداق بۇلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، پەقەتلا نىبەتەن ئېيتىلغان. ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن  چىرايلىق ئاياللارنىڭمۇ ئۇماققىنە ئوغۇلچاقلىرىنىڭ ، قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىغان ئاياللارنىڭ قىز بالىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇچىرىتىمىز.    ( ئەسكەرتىش : بۇيەردىكى چىرايلىق سۆزى ئايال كىشىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىگىلا قارىتىلغان )
      3 .  ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى مەلۇم رايۇلارنىڭ سۇ مەنبەسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ،بىراق بۇخىل ئەھۋال رايۇن خارەكتىرلىك بۇلۇپ، ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ . ئىلگىرى بىر گېزىتتا ، مەلۇم بىر كەنىتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنغان . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ كەنىتتىكى سۇ ۋە تۇپراقىنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇم خىل مېتال ئېلىمىنتى ۋە بىر قىسىم مىكرو مىقداردىكى ئېلىمىنتلار نىڭ  مۇشۇ كەنىت ئەرلىرىنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى Yخروموسوملۇق ئىسپىرمىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم بولغان .شۇنىڭ بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ تۇغقان بالىسىنىڭ كۆپىنچىسى قىز بولغان ، شۇنداق قىلىپ بۇكەنىتتە ئوغۇل بالا ناھايتى ئەتىۋارلىق بۇلۇپ كەتكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ ئەتىۋارلىق ئوغۇللارنىڭ نۇرغۇنلىرى كېرەككە كەلمىگەن .
        يۇقىرىدا بايان قىلغاننىڭ ھەممىسنى مۇتلەق تۇغرا دېگىلى بۇلمايدۇ. بۇ پەقەت يۈزەكى تەھلىل خالاس . ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ، تەبئىي ۋە ئىختىيارىي بەلگىلىنىدۇ . ياراتقۇچىنىڭ ئىزنى بىلەن بۇلىدۇ .

         

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-11 08:06):
ئاپتۇرى : شرقىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتى ئادىل ئىبراھىم

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-11 08:07):
بۇ تېما پەقەت ئىزدىنىش مۇنبىرىگە مەنسۇپ ،ھەرقانداق تور بىكەتلەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 20:58:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 12:37  

تۇنجى تېمام ئىدى.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 20:58:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 12:36  

ئىملا يىم

naqis يوللانغان ۋاقتى 2014-10-11 22:00:19

ياخشى تېما ئىكەن، لېكىنزە ئۆز ۋاقتىدا بىلگەجان بىلەن مەۋلانە قېرىندىشىمىزنىڭ تېمىسىغا ياندىشىپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. يوللىغىلى بولىدىغان نەرسىنى يۇيغىلىمۇ بولىدۇ.ئۆز ھويلىڭىزدا تېمىلىرىم دېگەن يەرگە كىرىپ ، تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ. بېشىدىلا ئىملا خاتاسى بىلەن باشلىنىپ قاپتۇ، ئايال كىشىنىڭ ياكى ئايالنىڭ دىسەكلا بولىدىغۇ. كېمىنى تولۇقلاپ،  ئىملانى راۋۇرۇس توغرىلاپ، قايتا يوللىسىڭىز، تەھلىللىرىڭىزنى ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدىرىماي مۇنازىرە قىلساق بولغۇدەك.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 19:21:04

ئەينى ۋاقىتتا ۋاقتىم چىقماي قالغانتىم

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 19:22:02

شۇڭا ھازىر بولسىمۇ يوللىدىم

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:19:11

‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرېندېشىم بۇ يازمىڭىزدا ئازىراق خاتالىق بارمۇ نېمە ؟
‏. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر .(46تال خىروموسومنىڭ ھەممىسى Xياكى Y بۇلىدىغان ئىش يوق )ئىسپېرما ۋەتۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن  بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 16:43:26

Qumaltag يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 21:19 static/image/common/back.gif
‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرېندېشىم بۇ يازمىڭىزدا ئازىراق  ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام . دەرۋەقە ئازراق خاتا بۇلۇپ قاپتۇ ،تۈزۈتۈش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 17:46:52

تىما ئسمى تۈزىتىلدى.

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:57:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qumaltag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 20:01  

‏مەن ئاخشام يازمىڭىزنىڭ بېشىنى ئۇقۇپ ئازىراق تۈزىتىش بېرىپ قويغان .ھازىر تەپسىلى ئوقۇسام سىز بۇ يازمىدا باشتىن-ئاخىر ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدە 23 تال Y خىروموسوم ،تۇخۇم ھۈجەيرىسدە 23تالX خىروموسوم بار دەپ ئاپسىز ،بۇ بىر پۈتۈن يازمىنىڭ خاتا بۇلۇپ كىتىشىگە سەۋەپ بۇلىدۇ .
‏مۇشۇ مۇنبەردە بېلگەجاننىڭ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يازمىسى بار (دىن ۋە پەندە بالىنڭ قىز ئوغۇللىقى توغرىسدا)،شۇ يازمىنى ئوقۇپ بىر سېلىشتۇرۇپ بېقىپ تۈزىتىپ قۇيىشىڭىزنى  ئۈمىد قىلىمەن .بىلىدىغانلار شۇ تېمىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولساڭلار .

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:23:15

    ئىنسان  ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدا خروموسومنىڭ بۇلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تەن ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسى ئادەتتە X خروموسوملۇق (يەنى46دانەXخروموسوم ) بۇلىدۇ.ئەمما كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدە ئەھۋال باشقىچىرەك بۇلۇپ  ئاياللارنىڭ  كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ يادروسىدا 46 دانە X خروموسوم  بۇلۇپ بۇ تەن ھۈجەيرىلىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، فونكىسىيىسى ئوخشىمايدۇ ، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدە 23دانەX خروموسوم ،23دانەY خروموسوم بۇلۇپ بۇنىڭدىمۇ جەمئىي46 دانە خروموسوم بۇلىدۇ .

_________
مۇشۇ گەپلەر توغرىما ؟؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:28:28

كۆپىيىش دەۋرىدا يەنى  ئاياللار دەسلەپتى تۇخۇم ھۈجەيرسى ھاسىل قىلغاندا خورۇمسۇم سانى 23 تال بولىدۇ يەنى ھەەممىسى X  خىرومسۇم، ئەرلەر دەسلەپكى ئىسپىرما ھۈجەيسى ھاسىل قىلغاندا 23 تال خىرومسۇم بولىدۇ 22 تال X  بىر تالY ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇپ تۇخۇم ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى خىرۇمسۇم سانى ئۆز  قوشۇلۇپ 23 جۈپ بولۇپ تەن ھۈجەيرىسىنىڭ سانى بىلەن تەڭ بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەرنىڭ تىنىدا ھەرگىزمۇ 23 دانە Y خرومسۇم بولمايدۇ .
سان كىمەيتىپ بۆلىنىشتە مۇشۇ توغرىسىدا گەپلەر بارغۇ ؟
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئالدىنقى 22 جۈپ خورۇمسۇم ئوخشاش پەقەت ۋە پەقەت 23-نومۇرلۇق بىر جۈپ خىرومسۇم ئوخشىمايدۇ يەنى ئاياللارىڭ X X  ئەرلەرنىڭ X Y

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:32:35

46XY لىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى (ئوغۇل ھامىلە ) نى ھاسىل قىلىدۇ ؛ ياكى بولمىسا 46XXلىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم( قىز ھامىلە ) نى ھاسىل قىلىدۇ
مۇنداق ئىش يوقتۇ ؟
ئادەم بەدىنىدە 23 جۈپ خىرومسۇم بار تۇرسا ،46XY بولسا 48 بوپ غەلىتە بىر نىم بوپ قالمامدۇ ؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:35:24


بىلگەجاننىڭ تىمىسىنى مانا :

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=58076&highlight=%D8%A6%D9%88%D8%BA%DB%87%D9%84%2B%D9%82%D9%89%D8%B2
جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زىگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز. جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جىنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جىنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. ئەمما قايسى خىللىق خىروموسومغا ئىگە ئىسپىرمنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق.
مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يېتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جىنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جىنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جىنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جىنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا.
خۇلاسىلىغاندا، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشى "تاساددىپىي" ھالدا بەلگىلىنىدۇ.  دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 09:08:46

RE: ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-15 09:11  

              مەن قايتا تەھرىرلىۋىتەي

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 09:25:05

RE: ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە

                      ئايالنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە
        بۈگۈنكى كۈندە ھاياتلىق ئىلىمى جۈمىلدىن  تۆرەلمە ئىلىمى غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھازىرغا  قەدەر ئېچىلماي كەلگەن بىر سىربۇلۇپ كەلمەكتە.بۇ يازمىدىكى مەزمۇنلارھەرگىزمۇ بۇسىرنىڭ پۈتۈنلەي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ماۋزۇدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغاندەك پەقەت يۈزەكى چۈشەنچىلەر خالاس.  
      ئىنسان  ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدا خروموسومنىڭ بۇلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تەن ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسى ئادەتتە X خروموسوملۇق (يەنى46 دانەXخروموسوم ) بۇلىدۇ.ئەمما كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدە ئەھۋال باشقىچىرەك بۇلۇپ  ئاياللارنىڭ  كۆپىيىش  (تۇخۇم ئىپتىدائىي )ھۈجەيرىلىرىنىڭ يادروسىدا 46 دانە X خروموسوم (بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى جىنسى خروموسوم ) بۇلۇپ بۇ تەن ھۈجەيرىلىرىدىكى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ، فونكىسىيىسى ئوخشىمايدۇ ، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش (ئىسپىرما ئىپتىدائىي ) ھۈجەيرىلىرىدە 44دانە Xخروموسوم ۋە ئىككى دانە جىنسى (Xۋە Y) خروموسوم بۇلۇپ بۇنىڭدىمۇ جەمئىي46 دانە خروموسوم بۇلىدۇ .
نورمال ئەركىشىنىڭ ھەربىر مىللىلىتىرئسپىرمىسىدا ئادەتتە 60 مىليۇندىن كۆپرەك ئىسپىرما ھۈجەيرىسى بۇلىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى— ئىسپىرما ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلىرى سان كېمەيتىپ  بۈلۈنۈش ئارقىلىق ،  X خروموسۇملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى  ۋە Y خروموسوملۇق ئىسپىرما  ھۈجەيرىلىرى  دەپ ئككى خىل ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا بەزى ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىدە23تال X خروموسوم بولسا ، بەزىلىرىدە22X+1Y خروموسوم بۇلىدۇ. (ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسىى—  ئىپتىدائىي تۇخۇم ھۈجەيرىسىدە پەقەت ۋە پەقەت X خروموسوملا بولغانلىقىتىن ، بۇ تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى بۈلۈنۈپ بىرلا خىل23دانە X  خروموسوم بولغان تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ) .  ئەمما  ئەرلەرنىڭ X خروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى بىلەن Yخروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى تەكشى تەقسىملەنمىگەن بۇلىدۇ، يەنى  بىر قېتىملىق ئىسپىرمىدا ،بەزىدە Xخروموسوملۇق ئىسپىرما كۆپرەك ، بەزىدە Y خروموسوملۇق ئىسپىرما كۆپرەك بۇلىدۇ ، چۈنكى بەزى ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى ئاللىقاچان ئۆلگەن بۇلىدۇ . پەقەت ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىقدارى(سانى) ۋە  ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى  نورماللا بۇلىدىكەن، ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكىش پۇرسىتى ناھايتى چوڭ دېگەن گەپ .
       مىليۇنلىغان  ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچىدە ، پەقەت بىرتال ‹‹تەلەيلىك›› ئىسپىرما (بۇ بەلكىم X خروموسوملۇق بۇلۇشىمۇ    ياكى Yخروموسوملۇق بۇلۇشىمۇ مۇمكىن)  ھۈجەيرىسىلا ،تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە كىرىپ ،تۇخۇمنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدىكى 23دانە X خروموسوم بىلەن بىرىكىپ ، ،XY لىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى (ئوغۇل ھامىلە ) نى ھاسىل قىلىدۇ ؛ ياكى بولمىسا XXلىق ئۇرۇقلانغان تۇخۇم( قىز ھامىلە ) نى ھاسىل قىلىدۇ . ھامىلىنڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ئىختىيارىي بۇلىدۇ ، تەبىئىي بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ تاللاش ھۇقۇقى بولمايدۇ .  بەزىدە يېمەك ئىچمەك ئارقىلىق تە ڭشىگىلىمۇ بۇلىدۇ ، ئەمما كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ . بەزى كىشىلەر ( ھامىلىنىڭ قىز ئوغۇللۇقىغا نارازى بولغۇچىلار) Bتىپلىق ئولتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سېستىمىسى(B超)دىن پايدىلىنىپ  ھامىلىنىڭ قىز ئوغۇللۇقىنى ئېنىقلاپ ، ھامىلىگە قارىتا تاللاش ئېلىپ بېرىپ ، سۈنئىي ئۇسۇلدا چشۈرۋەتمەكتە ، بۇ بىر قانۇنسىز، شۇنداقلا ناھايتى ئېغىر بولغان ئەخلاقسىز  قىلمىشتۇر .
     ئاياللارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى  ئەر تەرەپنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى  ھايات  ئىسپىرمىنڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپلا قا لماي يەنە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، يىمەك ئىچمەك ، ئۇزۇقلۇنۇش شارائىتى ، سۇ تۇپراق ۋە مۇھىت ئامىللىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ئاياللارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك .
      1. ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ئەرنىڭ  ئىسپىرما ھۈجەيرلىرىدىكى تىرىك ئىپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ۋە مۇشۇ تىرىك ھۈجەيرىلەر ئىچىدىكى  تىرىك  Yۋە Xخروموسوملۇق ئىسپىرما  ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ،ئەگەر بىر ئەرنىڭ ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىدىكى  تىرىك Y خروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىنىڭ سانىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى كۆپ بولسا ھامىلە ئوغۇل بۇلىدۇ دېگەن گەپ،بولمىسا ئەكسىچە . تىرىك Xخروموسوملۇق ۋە Yخروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاز كۆپلىكى ، ئەر كىشىنىڭ تەن ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلۇپ ، بەلكى ئۇ ئەر كىشىنىڭ يىمەك ئىچمىكى ، ئۇزۇقلۇنۇش ئەھۋالى ، ياشىغان رايۇن  ۋە  مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئادەتتە يېزىلاردا ياشىغان ئەرلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوغۇل ئېھتىماللىقى يۇقىرراق بۇلۇپ ، ئاساسلىقى يىمەك ئىچمىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ، ئۇزۇقلۇنۇش ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى ئەرلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ قىز بۇلۇش ئېھتىمالى يۇقىرراق ، ئۇزۇقلۇنۇش ئەھۋالىي ئانچە ياخشى بولمىغان ئەرلەرنىڭ ئوغۇل پەرزەتلىك بۇلۇش ئېھتىمالى بۇقىرراق ( بۇخىل ئەھۋال ھەرگىزمۇتلەق ئەمەس، يېزىلارغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن قىز پەرزەنتىلىك ئەرلەرنى ئۇچرىتىمىز) .
       2. ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ئايال كىشىنىڭ تېنىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمونىنىڭ سۈپىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ،يەنى چىرايلىق، ئۇز ئاياللارنىڭ قىز بالىغا ھامىلدار بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى ، بۇنىڭدىكى سەۋەب  ، ئايال كىشى قانچىكى  چىرايلىق بولسا ،تېنىدىكى ئاياللىق ھورمونى ۋە ھامىدارلىق ھورمونىنىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ ۋە بۇ ھورمونلارنىڭ سۈپىتىنىڭ سۇنچە ياخشىلىقىدىن بۇلۇپ ،بۇنداق ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت X خروموسوملۇق ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنى ئۆزىگە شۇنچە ئاسان سۈمۈرىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىز بالىغا ھامىلدار بۇلىدۇ . كۆرۈنۈشتە ئانچە چىرايلىق بولمىغان ئاياللارنىڭ تېندە ئاياللىق ھورمونى ۋە ھامىلدارلىق ھورمونىنىڭ سۈپىتى سەل تۆۋەن، ئاتىلىق (ئەرلىك) ھورمونىنىڭ سۈپىتى سەل يۇقىرراق بۇلۇپ (ئەگەر ئاياللا بۇلىدىكەن ،تېنىدىكى ئاياللىق ھورمونىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى ھامان  ئاتىلىق ھورمونىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ، بۇيەردىكى يۇقىرى-تۆۋەن سۆزى يۇقىرىدا دېيىلگەن چىرايلىق ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتىلغان) ،بۇخىل ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى  مۇھىتنىڭ Yخروموسوملۇق ئىسپىرمىنى ئۆزىگە شۇنچە ئاسان سۈمۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالىغا ھامىدار بۇلىدۇ( ئوغۇل پەرزەنتلىك بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلا بەك چىرايلىق ئاياللارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ئاۋەرە بولماي ، سەترەك ئاياللار بىلەن توي قىلاسىلە (   چاقچاق ھە) . بۇ ھەرگىزمۇ مۇتلەق مۇشۇنداق بۇلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ، پەقەتلا نىبەتەن ئېيتىلغان. ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن  چىرايلىق ئاياللارنىڭمۇ ئۇماققىنە ئوغۇلچاقلىرىنىڭ ، قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىغان ئاياللارنىڭ قىز بالىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇچىرىتىمىز.    ( ئەسكەرتىش : بۇيەردىكى چىرايلىق سۆزى ئايال كىشىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىگىلا قارىتىلغان )
      3 .  ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى مەلۇم رايۇلارنىڭ سۇ مەنبەسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ،بىراق بۇخىل ئەھۋال رايۇن خارەكتىرلىك بۇلۇپ، ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ . ئىلگىرى بىر گېزىتتا ، مەلۇم بىر كەنىتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنغان . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ كەنىتتىكى سۇ ۋە تۇپراقىنىڭ تەركىبىدىكى مەلۇم خىل مېتال ئېلىمىنتى ۋە بىر قىسىم مىكرو مىقداردىكى ئېلىمىنتلار نىڭ  مۇشۇ كەنىت ئەرلىرىنىڭ ئىسپىرمىسىدىكى Yخروموسوملۇق ئىسپىرمىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم بولغان .شۇنىڭ بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ تۇغقان بالىسىنىڭ كۆپىنچىسى قىز بولغان ، شۇنداق قىلىپ بۇكەنىتتە ئوغۇل بالا ناھايتى ئەتىۋارلىق بۇلۇپ كەتكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ ئەتىۋارلىق ئوغۇللارنىڭ نۇرغۇنلىرى كاغا كەلمىگەن .
        يۇقىرىدا بايان قىلغاننىڭ ھەممىسنى مۇتلەق تۇغرا دېگىلى بۇلمايدۇ. بۇ پەقەت يۈزەكى تەھلىل خالاس . ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بۇلۇشى ، تەبئىي ۋە ئىختىيارىي بەلگىلىنىدۇ . ياراتقۇچىنىڭ ئىزنى بىلەن بۇلىدۇ .

        ئااپتۇرى : شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرىستىتى: ئادىل ئىبراھىم
         بۇ تېما پەقەت ئىزدىنىش مۇنبىرىگە مەنسۇپ ،ھەرقانداق تور بىكەتلەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ
بەت: [1]
: ئايال كىشىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە