xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 20:33:25

قېينى ئانا بولدىڭىز

بۇ ماقالىنى ئۆزبىكچە مۇنبەردىن تېپىپ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ بۇ مۇنبەرگە يوللىماق بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن،خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقىغايسىلەر ،پەقەت چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر.
ماقالە تىلى ئۆزبىك لاتىن يېزىقى بولغاچقا ، تەرجىمىسى بىلەن بىرگە ئەسلى ماقالىنى يوللىدۇم.

تەرجىمىسى :
سىز قېينى ئانا بولدىڭىز
مانا ئىككى ياشقا نىكاھ ئوقىلدى، توي ھەم ئاخىرلاشتى. مانا سىز نەچچە يىللىق ئارزۇيىڭىزگە ئېرىشتىڭىز. ئاللاھ تائالا ئائىلىڭىزگە مۇبارەك بىر كېلىننى بەردى. ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەندە يۈركىگىزگە  «بىر مۇناسىپ كېلىن ئېلىش»، «كېلىن ئەمەس، قىز ئىلىش» ھەققىدىكى يېقىملىق ئىستەكلەر، شىرىن خىياللار روياپقا چىقتى. يىللاپ يېمەي يىققانلىرىڭىزنى ئەل ئالدىغا دەستۇرخان قىلىپ يايدىڭىز. يىللاپ كىيمەي ئاسرىغانلىرىڭىزنى - قولىڭىزغا چۈشكەن بىر پارچە ماتامۇ، بىرەر قۇلاق ھالقىسى - بارىنى «ئىگىسى»گە تاپشۇرۇپ خاتىرجەم بولدىڭىز. بۈگۈن سىز - قېينى ئاناسىز.
مەھەللەمۇ-مەھەللە كېزىپ كېلىن ئىزدىگىنىڭىزدە، قېرىنداش-ئۇرۇق تۇققانلار ئايلىنىپ «بۇ يىل كېلىن ئالماقچىمەن»، دەپ قىزى بارنىڭ يۇرىكىگە شىرىن چاقىرىق سالغىنىڭىزدە، كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان گەپدان قىزلارنىڭ ئارقىدىن مەيۈس تەلمۈرۈپ يەر كۆككە ئىشەنمەيدىغان ئوغىلىڭىزغا مۇناسىپ جۈپ ئىزدىگىنىڭىزدە، نىھايەت ماس كېلىننى تېپىپ توي تەييارلىقىنى كۆرۋاتقىنىڭىزدە ھەم پەقەت بۈگۈنكى قېينى ئانىلىق بەختىنى، تەمەسىنى ئويلاپ يۈگۈرگەنسىز. ئەمدى سىز – قېينى ئاناسىز.
نىيەتلىرىڭىزنىڭ، خىياللىرىڭىزنىڭ چەك-چىگىراسى . كېلىنىڭىز ئەدەپ-ئەخلاقتا، شەرمى ھايادا، مۇھەببەت ۋە ساداقەتتە، ئىپپەت ۋە نازاكەتتە يىگانە بولىدۇ. ئوغلىڭىز بىلەن نىھايەتتە دوستانە، شىرىن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئېرىنىڭ سايەسىگە كۆرپە سالىدۇ، ئىشارىتىگە ھۇشيار، خىزمىتىگە تەييار تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن گەپ تەگەشمەيدۇ، ھەر ئىشقا ئارلاشمايدۇ.
قېينى ئانا-قېينى ئاتا ھۆرمىتىنى ئورنىغا قويىدۇ: ئېغىزىدىن سالام، قولىدىن تاماق چۈشمەيدۇ. يانا چاي كۆتىرىپ يۈگۈرىدۇ، يانا تاھارىتىڭىزگە سۇ. بىر ئېغىز سۆزىڭىزگە مەھتەل، بىرگىنە تاماق قىرىشىنگىزگە تەييار. بىر تەرەپتە ئوغۇل-قىزلىرىڭىز ھەم كېلىننىڭ «خىزمىتى»دىن ئۆمۈتۋار بولۇپ تۇرىشىدۇ. يېڭى كېلىنىڭىز بىراۋنىڭ شىمىنى دەزماللاپ، بىرسىنىڭ ئايغىنى مايلاپ بېرىشى، قېينى سىڭلىسىنىڭ چېچىنى ھەم تۇرمەكلەپ قويىشى كېرەك. خۇلاسە، بارچە ئائىلىلەردە بولغىنى كەبى توي ئالدىدىكى شىرىن خىياللار، ھەۋايى خىياللار سىزگە ھەم بېگانە ئەمەس. كېلىن مىسالەن ئوغلىڭىزگە بىر جۈپتى ھالال ئەمەس، گوياكى بىر خىزمەتكار، بىر «قۇل» ئېلىپ بەردىڭىز.
ئەمما ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ئارقىمۇ-ئارقا ئارزۇلىرىڭىز چىقىپ قالدى. نې-نې ئۆمۈتلەر بىلەن، مەبلەخ يېغىپ كاتتا تويلار بىلەن ئېلىنغان كېلىنىڭىز «ئالتۇن»ئەمەس، «مىس» چىقىپ قالدى. نەزىرىڭىزدە ھەممىنىڭ كېلىنى خىزمەتنى، ھۇرمەتنى، ھىممەتنى تولۇق ئورۇنلاپتۇ-يۇ، سىزنىڭكى ھېچ نەرسىگە ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇ ھورۇن، ئىش ياقماس ئەمەس، قولىنى سوغۇق سۇغا سېلىشقا ئېرىنىدىغانلاردىن ئەمەس.
ئۇنداق بولسا گەپ نىمىدە؟ يېقىندا ئائېلىڭىزگە كېلىن بولۇپ چۈشكەن قىز ئۈچۈن ئېرىنىڭ خىزمەتلەرى، ئۇنىڭغا كۆرسەتمىلىرى قاتتىق تۇيۇلىدۇ. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئېرىنىڭ كەم-كۈستىنى توغۇرلاپ، ئىشقا بۇيرىشىغا ئىنتىلىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ تەرەپتە سىزنىڭ خىزمەتلىرىڭىز چالا قالىدۇ. نېرىقى تەرەپتە ئېرىڭىز «دەستۇرخاننى يىغمامسىز؟» دەپ ۋاقىراشقا چۈشىدۇ. ئۇ كىشىنى تىنجىتاي، دەپ چاپسا، بۇ ياقتا قېينى ئېنىسى، قېينى سىڭىللار قاپاق تۈرتىشنى، غۇدۇڭشىشنى باشلاپ يۈرشىدۇ. ھېچ كىم «شۇ كېلىن بېچارىنىڭ بىرلا جېنى بار، ئېھتىمال شۇنچە ئادەمنىڭ خىزمىتىگە ئۈلگىرەلمەيۋاتقاندۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائېلىمىزگە يېڭى مېھمان، بىزدىكى تەرتىپ-مۇئامىلىلەرنى، ئائېلە ئەزالىرىنىڭ مىجەز-خۇلىقىنى تېخى چۈشۈنۈپ بولالمىغاندۇ؟» دېمەيدۇ. ھەر بىر ھەركىتىدىن، ھەر بىر قىلىقىدىن چاتاق تېپىپ، «ئوتتۇرسا - ئوپاق، تۇرسا - سوپاق» قىلىۋېرىدۇ. ئاقىۋەتتە بولسا بىر كۇنى كېلىننىڭ چېدىغۇچىلىكى قالماي، ئىش قاتتىق جىدەلگە ئايلىنىدۇ. ئەمدى شۇ يەردە دىققىتىڭىزنى بۇ ھەقتىكى ئىسلامىي تەرتىپلەرگە قاراتماقچىمىز. دىنىمىز تەلىۋىگە ئاساسەن، كېلىنىڭىز ئوغىلىڭىزغا نىكاھلاپ بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا زىممىسىگە پەقەت ئوغىلىڭىز ئالدىدىكى بۇرچلىرىلا يۈكلەنگەن. ئەنە شۇ بۇرۇچلار ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمىز. شۇنداق ئىكەن، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئېنى-سىڭىللىرىگە خىزمەت قىلىشى ئېرگە بولغان ھۆرمىتى، مۇھەببىتى تۈپەيلىدۇر، خالاس. ئاللاھ تاالانىڭ قۇرئانى كەرىمدىكى «پەرۋەردىگارىڭىىز يالغۇز ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشلىرىڭىزنى ھەمدە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشلىرىڭىزنى بۇيرىيدۇ»، دېگەن كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، ئۇ ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت قىلىدۇ، خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچ، ئۇنى قۇل ئورنىدا كۆرۈپ ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممە يۈكىنى ئۈستىگە ئارتىپ قويۇش، بارچە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىستەك-خاھىشلىرىنى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ياش ئايالغا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىرقى پەيتگە كېلىپ ئىسلامىي قائىدىلەر، تەرتىپلەر ئۇنۇتۇلغان ئائىلىلەردە كېلىنگە پەس نەزەر بىلەن قاراش، بولار-بولماسقا خورلاش، «خىزمەتكار» سۈپىتىدە ئۇنىڭغا ئۆي ئىشلىرىنىڭ بارچە ئېغىر-يەڭگىل خىزمەتلەرىنى قوش-قوللاپ تاپشۇرۇپ قويۇش ھاللىرىنىڭ كۆپەيگىنى ھەم شۇنىڭدىن. بۇ ئىشتا ئېنىقى سىز – قېينى ئانىلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە باش-قاش بولىۋاتقىنىڭىز ئېچىنىشلىق.
ئەسلى تېما:
SIZ QAYNONA BO’LDINGIZ...

Mana ikki yoshga nikoh o‘qildi, to‘y ham o‘tdi. Mana siz necha yillik orzuingizga erishdingiz. Alloh taolo xonadoningizga muborak bir kelinni tuhfa etdi. O’g‘il farzand ko‘rgandayoq yuragingiz qatlariga bitilgan «bir munosib kelin olish», «kelin emas, qiz olish» haqidagi yoqimli istaklar, shirin ilinjlar ro‘yobga chiqdi. Yillab yemay yiqqanlaringizni el oldiga dasturxon qilib yozdingiz. Yillab kiymay asraganlaringizni - qo‘lingizga tushgan bir parcha matomi, birorta zirakmi - barini «egasi»ga topshirib xotirjam bo‘ldingiz. Bugun siz - qaynonasiz.
Mahallama-mahalla kezib kelin axtarganingizda, qarindosh-urug‘lar davrasida «Bu yil kelin olmoqchiman», deb qizi borning yuragiga shirin g‘uluv solganingizda, ko‘chadan o‘tib borayotgan qaqajon qizlarning ortidan ma’yus termulib yer-u ko‘kka ishonmaydigan o‘g‘lingizga munosib juft izlaganingizda, nihoyat mos kelinni topib to‘y tadorigini ko‘rayotganingizda ham faqat bugungi qaynonalik baxtini, nash’asini o‘ylab yelib-yugurgansiz. Endi siz - qaynonasiz.
Niyatlaringizning, xayollaringizning chek-chegarasi yo‘q. Keliningiz odob-axloqda, sharmu hayoda, muhabbat va sadoqatda, iffat va nazokatda yagona bo‘ladi. O’g‘lingiz bilan nihoyatda ahil-totuv, shirin turmush kechiradi. Erining soyasiga ko‘rpacha soladi, imosiga hushyor, xizmatiga tayyor turadi. U bilan gap talashmaydi, har ishga ilashmaydi.
Qaynona-qaynotaning hurmatini joyiga qo‘yadi: labidan salom, qo‘lidan taom tushmaydi. Hali choy ko‘tarib yuguradi, hali tahoratingizga suv. Bir og‘iz so‘zingizga mahtal, birgina tomoq qirishingizga shay. Bir yoqda o‘g‘il-qizlaringiz ham kelinning «xizmati»dan umidvor bo‘lib turishibdi. Yangi keliningiz birovining shimini dazmollab, birisining tuflisini moylab berishi, qaynsinglisining sochini ham turmaklab qo‘yishi kerak. Xullas, barcha xonadonlarda bo‘lgani kabi to‘y oldidagi shirin ilinjlar, havoyi xayollar sizga ham begona emas. Kelin timsolida o‘g‘lingizga bir jufti halol emas, go‘yoki bir xizmatkor, bir «qul» qabul qildingiz.
Ammo oradan ko‘p o‘tmay, qat-qat orzularingiz sarob chiqib qoldi. Ne-ne umidlar bilan, mablag‘ sarflab katta to‘ylar bilan olingan keliningiz «oltin» emas, «mis» chiqib qoldi. Nazdingizda hammaning kelini xizmatni, hurmatni, himmatni do‘ndirib qo‘yyapti-yu, sizniki hech narsaga ulgurolmaydi. U tanbal, ishyoqmas ham emas, qo‘lini sovuq suvga urishga erinadiganlardan ham emas.
Unda gap nimada? Kechagina xonadoningizga kelin bo‘lib tushgan qiz uchun erining yumushlari, uning ko‘rsatmalari ustunroq tuyuladi. U shuning uchun avval erining kam-ko‘stini to‘g‘rilab, ishga jo‘natvolishga intiladi. Oqibatda bu yoqda sizning yumushlaringiz chala qoladi. Narigi tomonda eringiz «Dasturxonni yig‘ib olmaysizmi?» deb baqirishga tushadi. U kishini tinchitay, deb chopsa, bu yoqda qaynini, qaynsingillar to‘ng‘illashni, g‘ing‘illashni boshlab yuborishadi. Hech kim «Shu kelin bechoraning bittagina joni bor, ehtimol shuncha odamning xizmatiga ulgurmayotgandir, buning ustiga xonadonimizga yangi mehmon, bizdagi tartib-muomalotlarni, oila a’zolarining fe’l-atvorini hali tushunib ololmagandir?» demaydi. Har bir harakatidan, har bir qilig‘idan nuqs topib, «o‘tirsa - o‘poq, tursa - so‘poq» qilaveradi. Oqibat esa bir kuni kelinning bardoshi tugab, ish katta mojaroga aylanadi. Endi shu yerda diqqatingizni bu haqdagi islomiy tartiblarga qaratmoqchimiz. Dinimiz talabiga ko‘ra, keliningiz o‘g‘lingizga nikohlab berilgan va uning zimmasiga faqat o‘g‘lingiz oldidagi burchlargina yuklangan. Ana shu burchlar haqida quyiroqda batafsil to‘xtalib o‘tamiz. Shunday ekan, kelinning erning ota-onasi, ini-singillariga xizmat qilishi erga bo‘lgan hurmati, muhabbati tufaylidir, xolos. Alloh taoloning Qur’oni karimdagi «Parvardigoringiz yolg‘iz Uning o‘ziga ibodat qilishlaringizni hamda ota-onaga yaxshilik qilishlaringizni amr etdi», degan ko‘rsatmasiga binoan, u erining ota-onasiga xizmat qiladi, yumushlarini bajaradi. Shunday bo‘lgach, uni qul o‘rnida ko‘rib ro‘zg‘orning hamma yukini yelkasiga ortib qo‘yish, barcha oila a’zolarining istak-xohishlarini bajartirishga urinish yosh juvonga zulmdan boshqa narsa emas. Hozirgi paytga kelib islomiy qoidalar, tartiblar unut bo‘layozgan xonadonlarda kelinga past nazar bilan qarash, bo‘lar-bo‘lmasga xo‘rlash, «xizmatkor» sifatida unga ro‘zg‘orning barcha og‘ir-engil yumushlarini qo‘sh-qo‘llab topshirib qo‘yish hollarining ko‘paygani ham shundan. Bu ishda ayniqsa siz - qaynonalarning bemehrlarcha bosh-qosh bo‘layotganingiz achinarlidir.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 23:02:06

قېينىئانا بىلەن كېلىننىڭ زىدىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ جاھىل زىدىيەتتۇر

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 07:47:37

بىر يۇمۇر باركەنتۇق ،قىيىن ئانىنىڭ كىلىنگە ئۆچ بۇلۇش سەۋەبىدىكى ....

urhun3 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 08:00:55

ئۇيغۇرچە بىلەن ئۆزبەكچى ئوتتىرىسىدا تەرجىمە دەپ گەپ يوق.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 13:14:20

urhun3 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 08:00 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە بىلەن ئۆزبەكچى ئوتتىرىسىدا تەرجىمە دەپ گەپ ي ...

تەرجىمە قىلدىم ،دەپ تەرجىمە سۆزىنى ئىشلىتىپتىمەن، بىر شېۋىدىن يەنە بىر شېۋىگە ئۆرۈدۈم دىسەم توغرا بولامۇ ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 13:22:32

ئۆزلەشتۈردۈم دەپ باقامسىز يا!؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 13:30:24

ئۆزلەشتۈردى دەيدۇغۇ

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 14:30:27

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-10 13:22 static/image/common/back.gif
ئۆزلەشتۈردۈم دەپ باقامسىز يا!؟

كاللامغا شۇ سۆز كەلمەپتۇ. ئۆزلەشتۈردۈم دىسەم بولغىدەك.
بەت: [1]
: قېينى ئانا بولدىڭىز