ئاغرىقلارغا داۋا تاپقان ئابابەكرى ئابدۇلبارى
خوتەن گېزىتى مۇخبىرى ئادىلە ئابدۇللا خەۋىرى. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ غايىسى، ئارزۇ-ئارمانلىرى بولىدۇ، خوتەن شەھىرىدىن ئابابەكرى ئابدۇلبارىمۇ بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كىسەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئاغرىقىغا شىپا تېپىشنى ئۆز غايىسى قىلغان. «مەن پۇل، مال-دۇنياغا ھىرىسمەن ئەمەس، تۇرمۇشتا ئاددىي سادا ئۆتىمەن، ئىسراپچىلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئەڭ زور خوشاللىقىم بىمارلىرىم ساقايغاندىكى تەبەسسۇمىنى كۆرۈش، بىمارلىرىم ماڭا رەخمەت ئوقۇغاندا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ، مانا بۇ ماڭا زور بەخىت ئاتا قىلىدۇ.» دېدى، ئابابەكرى ئابدۇلبارى . ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئارزۇس بىمارلىرىنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈش ئىدى.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك پىشۋاسى مەرھۇم تۇردى ھاجىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادى بولغان ئابابەكرى ئابدۇلبارى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە قىزىقاتتى، ئۇ دائىم بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە ئائىت تەلىمىنى ئاڭلايتتى، تۇمۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرۈشتىكى ھىكمەتلىرىنى ئۆگىنەتتى، ئۇ بوۋىسىغا ئەگەشكەن بەش يىل ئىچىدە ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە ئائىت نۇرغۇن بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى ئىگىلىدى. بوۋىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ دادىسىغا ئەگىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئون نەچچە ياش ۋاقتىدىلا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى توغرىسىدا دادىسى بىلەن مۇنازىرلىشەلەيدىغان، داۋالاش ئۇسسۇلىنى مۇستەققىل تەتقىق قىلالايدىغان، تۇمۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە كىرىشكەن ئابابەكرى ئابدۇلبارى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلسا بىر تەرەپتىن، قەدىمكى رېستىپلار ئۈستىدە ئىزدەندى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى نەزىرىيەسى، دورىگەرلىك ۋە كىلىنكىلىق داۋالاش ئۇسسۇلى توغرىسىدا بىر قاتار تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، يەرلىك كېسەللىكلەرنىلا داۋالاپلا قالماي، جىددىي ۋە ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللىكلىرىنى داۋالاش تېخنىكىسى جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجە قازاندى.
ئابابەكرى ئابدۇلبارى ئۆسمە، ئاققان راكى، دىئابېت، ئاشقازان، يۈرەك كىسەللىكىلىرىنى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئۇستا بولغاچقا، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ يېراق يىقىندىن كەلگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئۇ بىمارلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان ھەم كۆيۈمچان ئىدى، مەيلى قايسى مىللەت، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسۇن، باي بولسۇن نامرات بولسۇن ئۇ ھەممەيلەنگە ئوخشاش قاراپ كىسىلىنى داۋالايتتى، تۇرمۇشتا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بىمارلارنى ھەقسىز داۋالايتتى.
بۇيىل 6-ئايدا يەكەن ناھىيەسىدىن ئاققان راكىغا گىرىپتار بولغان قۇربان تەۋەككۇل ئابابەكرى ئابدۇلبارى نىڭ نامىنى ئاڭلاپ كىسىلىگە شىپا ئىزدەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىلىدۇ. ئۇ 2013-يىلى 12-ئايدا جاڭسۇ سۇچەن شەھىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىدا ساقسىز بولۇپ قېلىپ شۇ جايدىكى خەلق دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكىنىدە ئاققان راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئىدى، ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندىمۇ دىئاگنوز ئوخشاش چىققان، يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋالانغان بولسىمۇ ياخشى بولالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قېيىنچىلىق بولغانلىقتىن داۋاملىق داۋالىتىشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمىگەن ئىدى. ئۇ دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن خوتەن شەھىرىگە ئابابەكرى ئابدۇلبارى نىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلدى. ئۈچ ئاي داۋالىنىش نەتىجىسىدە بۇ ياشنىڭ كىسىلى ياخشىلاندى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇ قەشقەر شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگنوز ئىسپاتىنى كۆتۈرۈپ ئابابەكرى ئابدۇلبارى نى ئىزدەپ كەلدى، ئەڭ خوش خەۋەر شۇكى، بۇ دىئاگنوز ئىسپاتىدىكى «نورمالسىزلىق بايقالمىدى» دىگەن تۆت خەت ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى. قۇربان تەۋەككۇلنىڭ خوشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى، ئۇ ئابابەكرى ئابدۇلبارى نىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلغان بۇ شەپقەتچىسىگە رەخمەت ئوقۇماقچى بولدىيۇ لېكىن ھاياجان ئىلكىدە ئېغىزى سۆزگە كەلمەي، كۆڭلىدىكى يۈرەك سۆزلىرى كۆز يېشىغا قوشۇلۇپ تۆكۈلدى.
لوپ ناھىيە دول يېزىسىدىن دېھقان مەمىتىمىن ئىبراھىم بېلىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىپ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇ باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بويىچە ئابابەكرى ئابدۇلبارى نىڭ قېشىدىن 680 يۈەنگە دورا سېتىۋىلىپ، ئىككى كۇرۇس دورا يەپلا كېسىلى ساقىيىپ ئۆزى ماڭالايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتكەندە دوختۇرلار بېلىمغا سۆڭەك ئۆسۈپ قالغانلىقىنى، ئوپىراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، مەن ئابابەكرى ئابدۇلبارى نىڭ قېشىغا كەلگەندە ماڭالماي باشقىلار مېنى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن ، مانا بۈگۈن رەخمەت ئېيتقىلى ئۆزۈم مېڭىپ كەلدىم.»
مەن ئابابەكرى ئابدۇلبارى نى زىيارەت قىلغىلى بارغىنىمدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قانداق كىسەل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئابابەكرى ئابدۇلبارى نىڭ قانداق ساقايتقانلىقىنى بەس-بەستە سۆزلىشىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا ئابابەكرى ئابدۇلبارى گە كەلگەن تېلىفون مېنىڭ دېققىتىمنى تارتتى. تېلىفوننى ئۇرغۇچى شىمالىي شىنجاڭدىكى بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولغان خەنزۇ ئايال بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كىسىلىنىڭ شىپا تاپقانلىقىغا رەخمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تېلىفون قىلغان ئىدى.
گەرچە نۇرغۇن مۇرەككەپ كىسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقان، يېراق يېقىندا ياخشى نامى ئاتالغان بولسىمۇ لېكىن ئابابەكرى ئابدۇلبارى قىلچىمۇ مەغرۇرلىنىپ قالمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى:« يېقىنقى يىللاردىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قوللىشى ۋە غەمخورلىقىدا ئۇيغۇر تىبابەت ئىشلىرى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، مەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، ئۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمەن. »
ئابابەكرى ئابدۇلبارى كۈندىزى كىسەل كۆرسە، كىچىلىرى ماتىريال كۆرۈپ ئۈزلىكسىز ئىزدىنەتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەيتتى. ئۇ ئۆز پەرزەنتىلىرىگىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشى ئوقۇپ، بىلىم ئېلىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئۇنىڭ پەرزەنتى پەخىردىن ئابابەكرىمۇ دورىگەرلىك جەھەتتە خېلىلا يىتىشىپ قالدى. ئابابەكرى ئابدۇلبارى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا، ئىنسانىيەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىسەللەرنىڭ شىپا تېپىپ، خوشاللىق تەبەسسۇمىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ تۇردى ھاجىم دادامنىڭمۇ نەچچە يىللىق كاناي ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتىۋەتكەن ئىكەن،ھازىرمۇ بۇ كېسەلنى غەرپ تىبابىتى ساقايتالمايدۇ شېركەتلەر مۇشۇنداق كىشىلەرنى يىغىپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ بىر ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەرسە بولاتتى،شېركەتلەرمۇ،ئۇيغۇر تىبابىتىمۇ بۇ ئارقىلىق تەرەققى قىلالايدۇ.بۇ بىر چىقىش يوللىرىنىڭ بىرى ئابابەكرى ئابدۇلبارى ئۇستازنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ARAPAT يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 13:53 static/image/common/back.gif
شېركەتلەر مۇشۇنداق كىشىلەرنى يىغىپ مەبلەغ بىلەن تەمىن ...
ئۇلار بۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەسقۇ دەيمەن. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ، تىۋىپلىرىمىزنىڭ رولى ئەلۋەتتە ياخشى بولىۋاتىدۇ... لېكىن تىۋىپلارنىڭ قايسىدۇر باشلىقنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشى بىلەن نوپۇز تىكلىمەكچى بولۇشى، غەرىپ تىبابىتى ساقايتالمىغان كېسەلنى ساقايتقان دەپ ئۆزىنى كۆتۈرىشى ئىجابىي پوزىتسىيە ئەمەس. ئۇيغۇر تىبابىتىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى، زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەرنى ئىجاد قىلالىشى، غەرب تىبابىتى بىلەن بىرىكەلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئالاقىلشىش نۇمۇرى ياكى شىپاخانىسىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بىرەمسىز . مەن ئانامنىڭ يۈرەك تىقىلمىسىنى بىر كۆرسىتەي دىگەن . ئۇلار شاگىرت قۇبۇل قىلامدۇ؟
قانداق قىلسا تىبابەتنى ياخىشى ئۆگەنگىلى بۇلىدۇ؟ aptap1 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 15:03 static/image/common/back.gif
ئالاقىلشىش نۇمۇرى ياكى شىپاخانىسىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بى ...
خوتن شەھەر لوپ بىكەتنىڭ ئالدىغا بارسىڭىزبولىدۇ، تىلىپۇن نۇمۇرىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇ بىكەتنى ئالدىغا بارسڭىزلا تاپالايسىز. بەزى ئىشلاردىن كېيىن، ئۇيغۇر تېبابىتىگە خىلى ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان بولدۇم. ئالاقىلىشىش نومۇرى : 13565534306 ئابابەكرى ھاجىم
ئادىرسى خۇتەن شەھەر يىڭى لوپ بىكەت تەيبى يولى 491 نۇمۇر
توردشلار سەمىگە ئابابەكرى راخمان ئەمەس، ئابابەكرى ئابدۇلبارى ھاجىم كسەل كۈرۈش ۋاقتى شنجاڭ ۋاقتى 7دىن سائەت 2گىچە دۆلەت بايرىمىدا نۇرمال كسەل كۈرىدۇ ،ئەتتگەن ناشتا قىلماي كسەلىنڭ دىئاگنۇز ئىنىق چقىدۇ
ئۇندىدار نۇمۇرى
1606030142
ھەزىم ،نەپەس ،ئاق راكى ،ئۆسمە ،يۇرەك -قان تۇمۇر ، ئەرلەر ئاياللار كسەللكىرى ياخشى داۋالايدۇ.
بۇ دىئاگنوز ئىسپاتىدىكى «نورمالسىزلىق بايقالمىدى» دىگەن تۆت خەت
«نورمالسىزلىق ئىسپاتلانمىدى» دېگەن تۆت خەتمۇ؟
تەرجىمىنى سەل ئويلىشىپ قىپ بويلى باللا، سەل مەسئۇلىيەتچان بولايلى، ساۋاب بولا. لىكىن مۇشۇنداق بىر ئىجتىھادلىق تەتقىقاتچىمىزنىڭ بارلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم، تېما ئىگىسىگە يەنىلا رەھمەت...:lol تىمىنى تەستقلغان مەرگەن رەخمەت قولغا دەرت كەلمسۇن andir يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 16:54 static/image/common/back.gif
ئالاقىلىشىش نومۇرى : 13565534306 ئابابەكرى ھاجىم
ئادىرسى خۇ ...
دۆلەت بايرىمىدا نورمال كىسەل كۈرىدىكەن ، باشقا بايراملاردىچۇ ؟ شەخسىي دوختورخانا ئاچامدۇ ياكى خوتەن مىللى ئامبۇلاتۇرىيدە ئىشلەمدۇ؟ بېرىپلا كۆرۈنسە بولدىغۇ،قالدى تەپسىلاتلار ئۈستىدە ئېنىق بوپتۇ رەھمەت سىزگە ! ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي. ئابابەكرى ھاجىم. كەم سۆز، كەمتەر ئىسىل كىشى رەھمەت سىزگە !
بەت:
[1]
2