lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 22:04:52

«قۇتاغۇبىلىك» كىتابخانىسى ئېچىلدى


     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىتابخۇمار دوستلار! ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ۋە كىتابخۇمار ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ كىتابقا قىزىقىپ، كىتاب يىغىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىپ كەپتىمەن. ئۆزۈم قىزىققان دائىرىدىكى كىتابلارنى يىغىپ ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەپتىمەن. ئالىي مەكتەپتىكى چاغلاردا ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن تۇرمۇش پۇلىدىن قىسىۋىلىپ ھەر ئايدا بىر-ئىككى پارچە كىتاب ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئادەتنى تاشلىۋەتمىدىم.مۇشۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە مەلۇم مىقتاردا كىتاب يىغىلىپ، كۆلىمى بەك چوڭ بولمىسىمۇ بىر ئائىلە كۈتۈپخانىسى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.ھازىر بۇ كىچىك كۈتۈپخانا ئائىلە ئەزالىرىمىز ئەڭ كۆپ كىرىدىغان بىر جايغا ئايلاندى.  شۇڭا، دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ھەر ئايدا مەلۇم مىقتاردا مەبلەغ ئاجىرىتىپ كىتاب ئېلىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلساق. قايسىدۇر بىر ماتىرىيالدىن "كىتابسىز ئۆي، بىر دانىمۇ قۇشى يوق ئورمانلىققا ئوخشايدۇ" دېگەن گەپنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۆيلىرىمىز كىتابسىز قالمىسۇن.
   ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھەر ئايدا دېگۈدەك كىتاب ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمگە يارىغۇدەك كىتاب چىقمىغان ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدە بار بولسىمۇ، ياقتۇردىغان كىتابلارنى يەنە ئېلىپ ساقلاپ قويۇپتىكەن. بىر كۈنى كىتابلىرىمنى رەتلەپ قارىسام، 200 پارچىغا يېقىن كىتاب ئارتۇق چىقىپتۇ. شۇڭا، تۇيۇقسىز بۇ كىتابلىرىمنى بىر تەرەپ قىلىپ ، ئۆزۈمدە كەم كىتابلارنى تولۇقلاش ئويىغا كېلىپ قالدىم. كىتاب تىزىملىكىنى رەتلەپ بىر قانچە كىتاپخانا ئاچقان بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشتۈم، ھەممىنى توپلا سېتىۋەتمەكچى ئىدىم. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ كىتابلارغا قويغان باھاسى بەكلا تۆۋەن بولغاچقا،بۇنداقلا سېتىۋەتكۈم كەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كونا كىتابلارنى ئۆزۈممۇ خېلى قىممەت باھادا سېتىۋالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئۆزۈملا توردا بولسىمۇ بىر دۇكان ئېچىپ قوياي دېگەن قارارغا كېلىپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ تور كىتابخانىسى كۇڭ فۇزى تورىدا بىر دۇكان ئېچىپ قويدۇم. كىتابخانامنىڭ نامىنى "قۇتاغۇبىلىك" دەپ قويدۇم. بۇ تور بەتكە ھەر بىر كىتابنىڭ مۇقاۋىسى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، مۇندەرىجىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى رەسىمگە تارتىپ بىرمۇ-بىر كىرگۈزۈپ چىقتىم. كىتابخۇمار دوستلارنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن. بۇ تور كىتابخانىسىنىڭ ئادىرىسى :
باش بەت : http://shop.kongfz.com/166793/
يېڭى يوللانغان كىتابلار بېتى: http://shop.kongfz.com/166793/new/
بۇ ئادىرسلارغا كىرىپ كىتاب تاللىساڭلار بولىدۇ. ئەگەر توردىن سېتىۋالماقچى بولساڭلار،كىتابنى زاكاس قىلىپ بولغاندىن كېيىن  پۇلنى مۇشۇ تور بېكەتنىڭ ئۆزىدە تۆلىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ناۋادا تور بانكىسى ئوچۇق ئەمەس دوستلار بولسا، پۇلنى كارتىغا بىۋاستە ئۇرۇپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ. كىتابنى زاكاس قىلىش ئۈچۈن، مۇنبەرگە ئوخشاش تىزىملىتىپ كىرىشىڭلار كېرەك.
كىتابنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. كىتابلارنى يەتكۈزۈشتە تىز يوللانما ياكى ئادەتتكى يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈش شەكلىنى كىتاب سېتىۋالغۇچى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. يەتكۈزۈش ھەققى شۇنىڭغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر كۆپرەك كىتاب سېتىۋالغۇچىلار بولسا، يەتكۈزۈش ھەققىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن.
qq:1428817175

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 09:55:34

بۇمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۇ يەردە دۇكان ئېچىشنىڭ ھېكايىسىنىمۇ كەم قويمىغايسىز.
ماۋۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.



EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 10:30:48

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 09:55 static/image/common/back.gif
بۇمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۇ يەردە دۇكان ئېچىشنىڭ ھېكايىسى ...

كوممۇننا كۆگەن قىرىلانى نىمانداق ماۋزەي دۇڭ  دەيدىكى دىسەم بۇرۇنلادا شۇنداق دەيدىكەندە ئەسلى

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 10:43:44

ئاۋۇ ئۈستىدىكى مۇختاريات بۇيرۇقينىڭ تۇيلۇق تېيكىستينى كۈيرۈپ باقساق بوپتىكەن:):):):):)

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:03:55

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 10:43 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئۈستىدىكى مۇختاريات بۇيرۇقينىڭ تۇيلۇق تېيكىستين ...

كىتابنى ئالسىڭىز تولۇق كۆرەلەيسىز.;;P  

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:19:21

ھۇمايۇننى مەن ئالاي،تور كىتابخانىسىدىن ئالالمايمەن،مۇشۇ يەردىلا ئالاي :lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:19:55

قانۇنچە دىگەن كىتابنىمۇ ئالدىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:20:33

يۈسۈپ ئەھمەدنىمۇ ئالدىم.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:23:01

مۇشۇ ئۈچ كىتابنى تەقلەپ قۇيۇڭە.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:24:41

ھايانكەشلىكمۇ يولىدا بولسۇن ، بەزى كىتابلارنىڭ باھاسىنى بەك يۇقىرى قويىۋاپسىز

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 11:55:15

جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى

ۋاقتىنچە تۆلىگۈچكە پۇل قاچىلاشقا ئۈلگۈرەلمىگۈدەكمەن...{:112:}

«ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» دېگەننى ئالاي دەپ قارىسام، 200 كوي دەپ تۇمامدا؟ كاللامدىن تۈتۈن چىكەتتى...

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 12:01:32

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-09 11:55:15 static/image/common/back.gif
جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى

ۋاقتىنچە تۆلىگۈچكە پۇل ق
مەن ئۆتكەن يىلى ئەسلى باھاسىدا ئالغان ..يىقىندا كىتابخانىغا كىرىپ سورىسام 80كوي دىدى..200كوي بەك قىممەت بولاپ كىتىپتۇ.قەشقەدىكى باللا ئالساڭلا بولىدۇ ..ھىيىتكاھنىڭ يىنىدىكى كىتابخانىدا باكەن

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 12:09:13

قانۇنچە نەچچە دوللار ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 14:47:47

مىنىڭ كىتاپلىرىممۇ خېلى پۇل ئوخشايدۇ ، بابۇرنامە 150.00 ، قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 180.00 يۈەن ، سەل قىممەتمۇ قانداق ....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 15:23:48

بەزى كىتابلار قىممەتلىكى قىممەت، بەزىلىرى ئەرزانكەن.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 15:44:12

مەنمۇ ‹ھۇمايۇن› دىن بىرنى ئالاي.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 15:51:11

بابۇرنامىنى يېڭى نەشىر قىلىپ تارقاتتىغۇ، كىتابخانىدا تۇرسا يەنە شۇنچە قىممەت پۇلنىڭ گېپىنى قىلىسىلەرغۇ ھەي

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 16:00:24

« ھېكىلبېررى فېننىڭ سەرگۈزەشتللىرى  »  نى مەن ئالاي . كارتىڭىزغا پۇل سېلىپ بېرەي ...
بەت: [1] 2 3 4 5
: «قۇتاغۇبىلىك» كىتابخانىسى ئېچىلدى