Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:21:03

ھېيت ئۈچۈن قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشىم.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك!
ئالدىنقى كۈنى ‹‹قۇربان ھېيتلىق تەشەببۇسنامە›› دېگەن تېمىنى كۆرگەن ئىدىم. ‹‹ھېيتقا تەييارلىق›› بەزى بىر ئويلىغانلىرىمنى ۋە ھارپا كۈنى ئۆز ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ خىلى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلغان بىر ئىشنى كۆپچىلىك تورداشلار بىلەن قىسقىچە ئورتاقلاشقۇم كىلىپ بۇ تېمىنى باشلاپ قالدى. ۋاقىت سەل قىس بولۇپ قالدى، يازما تاققا-تۇققۇ چىقىپ قالسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.
خوش، گەپكە كەلسەك، ھەر خىل مەدەنىيەت، دىندىكى كىشىلەرنىڭ ھېيت-بايراملىرىنىڭ مۇئەييەن بىر خاسلىقى، بەلگە-سۈپەتلىرى بولىدىكەن. بۇ بىزنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ موھىم خاسلىقى بولسا ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار، گۆش ئىلىپ يېيىشكە قۇربىتى يەتمەيدىغان يوقسۇزلارغا مىھرىبانلىق كۆرسۈتۈش، يېقىن-يورۇقلار ئۆز ئارا ھېيت پەتىسى ئوقۇشۇپ دىلكەشلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەندەك ئىكەن. كىچىگىمىزدە ھارپا كۈنلىرى ئۆي-ئىچى، ھويلا-ئاراملار، ئىشىك ئالدى، كوچا كويلار پاكىز تازلىنىپ، سۇلار چېچىلىپ ھەممىلا يەردە ھېيت كەيپىياتىنى كۆرگىلى بولاتتى. بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن تۆت يىل بۇيانىدا مەن قورۇ ئىچىدە ھېيت ئۈچۈن بىرەر چوڭراق تازىلىق بولغىننى، كارىدورلارنىڭ يۇيۇپ تازىلانغانلىقىنى، ئىشىك ئالدىغا بىرەر تەشتەك گۈل قويۇلغانلىقىنى كۆرەلمىدىم. ھېيتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆرىدىغىنىمىز پەقەت قۇربانلىق ئۈچۈن سويۇلغان قويلارنىڭ قان، بەز، قىرنىدىن چىققان غالدىر-غاشلارنىڭ ئېقىندىلىرىنىڭ نەچچە كۈنلەپ، ھەتتا ھەپتىلەپ تازىلانماسلىقى، چېۋىنلەر گىژىلداپ ، كىشى كۆرسە سەسكىنىدىغان بىر خىل موھىت بولدى. مەن ئولتۇرغان قورۇدا ئادەتتە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى، پۇلدار تىجارەتچى، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز، تاجىك ، خۇيزۇ دېگەندەك ھەر قاتلامدىكى، ھەر مىللەتتىن كىشىلەر بار.
مەندىن كىيىن كۆچۈپ كەلگەن قوشنام خەنزۇ. ھەر چاغاندا بۇنىڭ ئىشىگىدىكى مەسنەۋىلەر يېڭىلىنىپ ئۇ يېلدىن - بۇ يىلغا چاپلىنىپ تۇرىدۇ. مەن ئويلىدىمكى خەنزۇ قوشنام ئۆزىنىڭ ھېيتىدا مەسنەۋىنى ئالماشتۇرۇپ ھېيت قىلىۋاتقانلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويىدىكەن، لىكىن بىزدە بۇنداق بىر ئالاھىدىلىك يوقمىدۇ ئەجەبا دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ھارپا كۈنى خاتۇن بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن بىر كارىدۇرنى 5-قەۋەتتىن، بىرىنجى قەۋەت، ھەتتا يەر ئاستى ئۆيلەرگىچە يۇيۇپ تازىلاپ، تامدىكى، رىشاتكىدىكى، پەلەمپەينىڭ يانلىرىغا چاپلانغان تەمرەتكە ئىلانلارنى، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىكى ئۆمۈچۈك تورلىرى، تاماكا قالدۇقلىرى، مەينەت تۈكۈرۈكلەر دېگەندەكلەرنى زىرىكمەي تازىلىدۇق. كارىدورنىڭ سىرتىغا قارايدىغان دېرىزە ئەينەكلىرىنى سۈرتۈپ ، دېرىزىگە تۆت تەشتەك گۈل، ئىشىگىمنىڭ ئىككى تەرىپىگە ياراشتۇرۇپ ئىككى تەشتەك گۈل قويدۇم. گۈل قويغان ئۈستى تەرەپ تامغا ‹‹ بالىلارنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن كارىدوردا تاماكا چەكمەڭ، رەھمەت›› دېگەن كەلىمەنى قوش تىلدا بېسىپ چاپلاپ قويدۇم.
ھېيتلاپ مىھمان كىلىپ قالدى. يوللىغاچ تۇراي.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:27:41

ئەھمىيەتلىك ئىش قىپلا راسلا. بولسا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆز ھېيتىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرسەك ياخشى ئىدى.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:36:49

ئوبدان قىپلا ھېكىم .
مۇشۇ قەشقەرنىڭ ھېيتلاش ئادىتىنى سۆلەپ باقامسىز؟باشقا قېرىنداشلارمۇ يېزىپ قويساڭلار؟
دېمەكچى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ پەتىلەش ئادەتلىرى ئوخشىمايدىكەن،بىزنىڭ بۇ يەردە 4-كۈنى ھېيت
سۇسلاپ قالىدۇ،سىلەر تەرەپلەردىچۇ؟

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 14:07:44

قارىغاندا ھىچقانداق ھەق تۆلىمەيدىغان شاۋچۇدا ئولتۇراملا نىمە؟ بىزدە ئېيىغا مانچە ئون كوي ئالىدۇ. تازىلىقتىن خاتىرجەم

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 15:45:57

بىزمۇ تۆلەيمىز 30 نەچچە كوي تازىلىق، ئامانلىق پۇلىسى دەپ. ئۇلار قورۇ ئىچىنى تازىلايمىشلە...لىكىن زادىلا كۆڭۈلشىمىدى، ئاھالىلەرمۇ كۆنۈپ قالدى بولغاي

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 15:58:36

خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ ئىشى، ھېيتنى دەپ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلسلا بولىىدىغان ئىش. چاغاندا پوچاڭزا قالدۇقلىرى يىغىلىپ قالمايدىغاندۇ-ھە.

مۇنبەر باش بېتىدىكى 'قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك' دىگەن ھۆسىنخەتنى چىم يازدى{:112:}،بەك چىرايلىق يېزىپتۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 16:32:07

بىزمۇ تۆلەيمىز 30 نەچچە كوي تازىلىق، ئامانلىق پۇلىسى دەپ. ئۇلار قورۇ ئىچىنى تازىلايمىشلە...لىكىن زادىلا كۆڭۈلشىمىدى، ئاھالىلەرمۇ كۆنۈپ قالدى بولغاي

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 18:18:16

شوخ پەدىگە چىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن بولسا ئۆز ھېيتىمىزنى باشقىلارغا بىلدۈرگىلى ناغرا - سۇنايمۇ تازا بەلەن بولىتى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 18:36:42

تازا ساۋاپلىق ئىشتىن بىرنى قىلىپلا !!!!

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 19:08:37

باش بەتتىكى خەتنى خويمۇ چىرايلىق يېزىپتىيا! !!

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 19:50:19

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 21:21:41

newyork يوللىغان ۋاقتى2014-10-8 10:36 static/image/common/back.gif
ئوبدان قىپلا ھېكىم .
مۇشۇ قەشقەرنىڭ ھېيتلاش ئادىتىنى س ...

مەن ئۆزەمنىڭ يۇرتىنىڭكىنى دەپ بىرەي :
بىزنىڭ يۇرتتا پەتىلەشكە چاقىرىلغاندىن كىيىن ئاندىن بارىدۇ ! مەسىلەن ئۈرۈمچى ، قەشقەر ۋە نۇرغۇن يەرلەردە جامائەت مەسچىتتىن يېنىپلا ئۆيمۇ-ئۆي مېڭىپ پەتىلەيدىكەن ، مەن بىلىدىغان ئەڭ چوڭ پەرق شۇ بولسا كىرەك!

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 21:23:47

نىمىشقا ئىنكاسىم كۆرۈنمەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟:o

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 22:11:40

بىگىرمۇ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىۋىتىپتۇ مانا. مۇشۇ بىر ئىشىكتىن كىرىپ چىقىدىغان بوسۇغىدا تۇرۇپ تاماق يەيدىغانلارنىڭ تازىلىققا دىققەت قىلمايدىغان ئىشىدىن خويمۇ زىرىكتىم. ئۇلاردا نە ساپا، نە مەدەنىيەت، نە مۇھىت قارىشى دېگەنلەرنى قەتئى ئۇچرىتالمىدىم دېسە... ھەكىم، ئۇدۇل خوشنىلىرى بىرەر قېتىم بولسىمۇ بىرە يىرىم گىرام خىجىل بولغاندەكمۇ؟ بىزغۇ ئۇ ئىشلارنى بىراۋنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلمايدىكەنمىز. لېكىن ئاجايىپ ئىنسانلاركەن... مۇشۇ كەمگىچە خىجىل قىلالمىدىم....

bardam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 10:02:44

مىنىڭ قوشنام خەنزۇمۇئەخلەتنى تولا يىغىپ قويدى خىجىل بولسۇن دەپ بىرەر قېتىم تاشلىۋەتتىم يەنە شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى ،ئاندىن بەكرەك يىغىلغان بىر كۈنى ئىشىكىنى چىكىپ بۇ ئەخلەت سىنىڭمۇ دىسەم ياق دەيدۇ يەنە تېخى سىنىڭ ئوخشايدۇ دەپتىمەن دەيدۇ،بۇ مىنىڭ ئەمەس سىنىڭ بولمىسا ئاستىنقى قەۋەتتىن ئېچىقمايدۇ ئۈستىنكى قەۋەتتىن ئەپ چۈپ قويۇشئىھتىماللىقى بار مەن چىقىپ سۈرۈشتە قىلىپ ئەدىپىنى بىرەيمۇ ياكى ئىككىلىمىز ئەخلەت قوندۇرمايلى ئاندىن يەنە پەيدا بوپ قالسا شۇ ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئەدىپىنى بىرەيمۇ دىسەم كۈزىتىپ باقىلى مەنمۇ ئەخلەت توختاتمايمەن دىدى شۇنىڭزى ئەخلەت يىغىلىپ قالماس بولدى:lol

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 12:44:00

ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز قېرىندىشىم.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 13:43:48

ناۋادا begirپورتمالنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەرسە، ئۇنىڭ قىلغىنى ھەقىقى، ئەمىلى ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ. begir غەيرەت قىلىڭ...{:112:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 14:21:49

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 15:22:07

bardam يوللىغان ۋاقتى2014-10-9 10:02 static/image/common/back.gif
مىنىڭ قوشنام خەنزۇمۇئەخلەتنى تولا يىغىپ قويدى خىجىل...

   كۆپىنچە كىشىلىرىمىز خوشنىلاردىن ياخشىلىق كۆرسە ياخشىلىق قىلىدۇ،ئۇنداق بولمىسا ياخشىلىق قىلمايلا قالماستىن،بەلكى سىز كۆرگەندەك ئەھۋاللارغا يولۇققاندا «تازا بىر ئەدىپىنى بېرىپ» قويۇشتىن ساقلىنالماي قالىدۇ. ھەر نىمە بولسا سىز بۇنى چىرايلىقچە ھەل قىلىۋېتىپسىز. جانىجان پەيغەمبىرىمىز(ئۇنىڭغا اللە نىڭ سالامى بولسۇن) ئۆز خوشنىلىرى بىلەن ئاجايىپ ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىرگە بىزلەرگە خوشنا ھەققىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى،خوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەجرى ناماز-روزىلاردىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئۈگەتكەن، ھەتتا خوشنىدارچىلىق ھەققى ئېتىقاد چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. تارىختا خوشنىدارچىلىقنىڭ ئاجايىپ ئېسىل نەمۇنىلىرىنى يارىتىپ،شۇ قىلغان خالىس ياخشىلىقلىرى سەۋەپلىك نۇرغۇن ئازغۇن ئەمما تەسىرى چوڭ شەخسلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان ئېسىل كىشىلەر ئۆتكەن. ئەگەر ھەممىمىز خوشنىلىرىمىزغا ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە ياخشىلىق قىلىدىغانلا بولساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى مىسىلسىز يۈكسىلىپلا قالماستىن،بەلكى غەيرى ئېتىقاد ساھىبلىرىنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئىسلامنىڭ خۇنۇك ئوبرازىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولاتتى، ۋە شۇنداقلا دىنلار مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك نىزالىرىنى يوقاتقىلى بولاتتى. ئەسلىدىنمۇ يەر شارىدىكى ھەممىمىز بىر ئاتا بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ،ئەپسۇس، نۇرغۇن كىشىلەر پىكرىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئىرىقچىلىق مىللەتچىلىك يۇرتۋازلىق پاتقاقلىرىدا تىپىرلاپ يۈرۈپتۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 15:38:35

مۇنداق بىر ئىش يادىمدىن كەچتى. مەن تۇرۇشلۇق يەردىمۇ ياشانغان بىر تەتەي بولىدىغان، ئۆتكەن يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە،ئۇدا بىرنەچچە كۈن كۆكەرتىش ئىشلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەپ قالدىم. بىر كۈنى ئەمگەك قىلىۋاتسام، بېشىمغا كېلىپ: «سەن ھايات لىي فىڭكەنسەن» دەيدۇ... مەن دېدىم :« ھەي، ئۇ لېي فىڭ دېگىنىڭنى قوي، مەنلا ئەمەس، بىز ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان جايىمىزنى كۆكەرتىپ، تازىلاپ چىرايلىق قىلىپ ئولتۇرىدىغان خەلق. بۇنىڭغا بىر كىمنىڭ كېلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشى كەتمەيدۇ...»دېسەم، ھە دەپ ئاغزىنى ئېچىپ قالغانتى. كېيىن تونۇۋاپتىكەن. نەدە كۆرسە «شىياۋخوزى نىخاۋ» دەپ ھالى قالمايدۇ...
بەت: [1] 2
: ھېيت ئۈچۈن قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشىم.