jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 18:31:59

جەسەت: تاشلار يېرىلماقتا....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jeSat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-7 18:34  

ئارغامچا ھەققىدا


چىرايلىق لەۋلىرىڭ جېنىمغا ئاپەت،
ساڭا قاراپ بولىمەن قاشاڭ!


مەن بۈگۈن ئۆيۈمدە يالغۇز ئولتۇردۇم،
زېرىكىش چېچەكلەپ ئۈنگەن ھەممە ياق.
سىرتتا قار يېغىۋاتىدۇ...
مەن سۆيگۈدىن يىراقمەن بىراق.


ئاخشام سېنى توۋلىغاچ ياتتىم،
سەھەر قوپسام كۆز-ياش كەلكۈنى.
ئەسلىمەمدە: قارغىش تەككۈر قەدەملىرىڭ يىراقلىماقتا..
ۋەدەرىخ! سەن بەرىبىر يوقالمايدىغىنى..!


ئەگەر ئۆلسەم تۇپراق زېمىندىن كۆتۈرۈلەر،
جەسىتىم چۆلدىكى ھاڭگا ئېشەكتەك.
ئۆلمىسەم، بوينۇمدا بىر تال ئارغامچا،
....تا-قىيامەتكىچە....!!


تاشلار يېرىلماقتا...


تەشتەكسىز گۈللەرنىڭ زەبانى بۇغۇق،
تاشلار يېرىلماقتا....
‹سېنى سۆيەتتىم، سېنى سۆيەتتىم› دېدىم ئاسمانغا قاراپ،
بىر پاي ئوقتا قان بولدى دۇنيا...


يار كۆكسىن يېرىپ چىقتىم ئەشۇ دەرتلىك ئاۋازلار ئارا،
چېچىلدىم تېرىقتەك قىيا ئېچلغان ئۇنىڭ دېرىزىسى.
ھېچنېمە دىمىدىم ئۈمچەيگەن ئېغىزلار بىر نېمە دىمەكچى بولغاندەك،
بار نەپەس بىرلە چوڭقۇر-چوڭقۇر يارا ئالار يۈرىكىمنىڭ پارىسى..


مەسىتخۇشلۇق ئۈنلىگەن قاتار جىگدىلەر،
زېرىكىش بىر قىزنڭ گۈزەل ئوبرازى.
ئاي تولماقتا گۈزەل ئاھ، گۈزەل!
مەن مەڭگۈ سۆيگۈنىڭ سادىق چاكارى..


يىلان


بىرناخشا ئېيتىمەن بۈگۈن كەچ چۇقۇم،
ئەڭ يىراق قىتئەدىن ھىدلاپ تېنىڭنى.
مەسىتخۇشلۇق ئۈنلىگەن جىگدىلەر قاتار،
قۇچاقلاپ قالغۇم يوق يالغۇزلىغىمنى.

مەن سېنى ‹جانان› دەپ ئاتىدىم،
تەرلىگەن تۇرقۇڭنى سۆيۈپ يۇشۇرۇن.
بىرتامچە يېشىمدۇر كۆزۈڭدىكى ئوت،
شۇ ئوتتا كۆيگەنمەن مىڭ يىللار بۇرۇن!

قاپقارا يىلانمەن سەندە ئۇلغايغان،
چېچىڭدا دار ياساپ خۇشال ئايلانغان.
ئاھ،نىچۈن بۇ قەدەر سۆيىمەن سېنى!؟
مىڭ دۇنيا ئازاپسەن، ئاز قالدىم ئاران!





ياۋايىمەن، بۈيۈك سەرگەردان


مەن سېنى بىر ئۆمۈر سۆيۈشۈم مۇمكىن
ئەڭ  شاللاق سۆزلەرگە تولغان ئەي سەنەم.
كۆزۈڭنىڭ ئېقىنى چۇقۇلاپ يىدىم،
مىڭ دۇنيا ئازاپسەن مىڭ دۇنيالىق غەم!

پارچىقىڭ ئوت قويار دوزاخنىڭ ئوتى،
چانالغان تەنلىرىم گۈلدەك قىزارغان.
ئۆزۈمنى يىتىلەپ چىقتىم كوچىغا،
ياۋايىمەن، بۈيۈك سەرگەردان!

ئاخشامقى مۇزىكا ئېسىڭدە بارمۇ؟
قاپارغان، تاتارغان مەندە ھاياجان.
بىر كىشى توختىماي ئېسەدەر تاشتەك،
مەن سېنى ئۇنتۇيمەن ئاھ، ئەمدى قاچان!؟

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 13:51:08

windows10  نىڭ يېشىل نۇسخىسى قاچان چىقار ؟

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 14:43:33

راست، windows10  نىڭ يېشىل نۇسخىسى قاچان چىقار ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 15:28:33

تاۋۇت لازىم بوپ قالدى ، گۇۋەنسەي بولسىمۇ بۇلدۇ {:136:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 16:17:15

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىۋاتقانلار دىققەت قىلاسىلە

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 15:24:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NIRWANA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-9 16:55  

مەن ھېچكىمگە گۈل بېرىپ باقمىغان،
بىر قېتىم ئۈلۋالماقچى بولغانلىقىم ئېسىمدە.
تەلۋىلىك ئەسەبىيلىك كۈيلەنگەن شېئېرلارنى ياخشى كۆرىمەن،
ئىچىمدىدۇر دۇنيا مىنىڭ ئىچىمدە.

تۇيۇقسىز بىرسىنى  ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم،
ئۇ كۈنى بارلىق ئاياللارنى قىرىپ تاشلىدى.
مەكتەپتە شېئېر يازالايدىغان ئاغىينەم بار،
ئۆسۈپ كەتكەن ئۇنىڭ تىرنىقى.

ئۇ قاپقارا چاچلىرى بار بالا ئىدى،
ئەپيۇن ۋە روھلاندۇرۇش دورىسى چېچىلىپ تۇراتتى.
چاچلىرى چۇۋۇلغان بىر ئايال توختىماي قولىنى شىلتىيتتى،
يامغۇر ياغاتتى.
ئۇ،ئۇ،
ئەمدى ھەرگىز مەن ھەققىدە سۆزلەيتتى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 19:12:17

ئەسەبىيلىك ، قالتىس تۇيغۇ ..!!!{:112:}  رەھمەت جەسەت، مەن يېقىننىڭياقى جەسەتنىڭ شېئىرلىرىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قىلىۋاتىمەن، خۇددى پەرھات خالىقنىڭ بوغۇق ئاۋازىنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك بىر ئەسەبىي تۇيغۇدا...
بەت: [1]
: جەسەت: تاشلار يېرىلماقتا....