jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 18:27:59

جەسەت: شۆلگەي


شۆلگەي


مەن كەلدىم يىراقتىن لەۋلىرىمدە قان،
ئاڭلىدىم،گۈللەرنىڭ ئاۋازى سۇندى قاراسلاپ.
نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق كۈنلەر بۇ...
مىڭ كېچە تېنىڭنى چىقتىم غاجىلاپ.


ئاي تولغان ئاخشىمى ناخشا توۋلىدىم،
سەن ماڭغان يوللاردا شۆلگەي ئېقىتىپ.
بىر گۈزەك غېرىپلىق يىمەكتە مېنى..
قۇشلارنىڭ ئۈنىدە يىغلىدىم جىمجىت..

پەرىشان تېنىقلار تاشار ئۆزىگە،
بۇ كۈنلەرمۇشۇنداق ئۇنتۇلار بەلكىم.
ئۆلگۈدەك يۈرەك بار، سۆيگۈدەك جانان،
ئەي مېنىڭ دەھشەتلىك سەبىي چاغلىرىم.



توپا

يەنەمەجنۇن قىلدى مېنى بۇ يوللار،
قالدىم يەنە يالغۇز دەرتلىك ئاھ،ئۇرۇپ.
چىچەك پەسلى ئۇزاپ كەتتى تۈمەن يىل،
پۈتكەن ئاۋاز مەڭگۈككە  يوقۇلۇپ.

ئەسلەپ قالدىم ئاشۇ چەكسىز قاراڭغۇلۇقنى،
قۇتراتقۇلۇق مەندە چەكسىز بىپايان.
كۈۋەجەيدۇ ئاھ،تېنىمىدە رەزىللىك،
سۆيگۈ  دېگەن ئەرزانلا ماگىزىندا سېتىلغان.


ئېچىغان،سېسىغان مەندە تەلۋە ھاياجان،
باھاردىكى بۇ توپا رەڭ ھاياتتا.
سەن مېنىڭكى ئۇنتۇلغۇسىز مۇزىكام،
مەن چېلىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئەڭ ساددا!



dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 11:38:28

ئەسەبىي !!! {:112:}

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 16:46:11

‹‹شۆلگەي››نى ئوقۇپ تېنىم شۈركىنىپ كەتتى.....
بەت: [1]
: جەسەت: شۆلگەي