paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 18:10:10

پەرھات تۇسۇن---يوقىلىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 15:02  

پەرھات تۇرسۇن:«يوقىلىش» (داستان)



كەربالا دەشتىدە ئاقسۇن مەۋج ئۇرۇپ قانىم مېنىڭ

                                                                    -مەشرەپ

بۇ داستاندا مەشھۇر شائىر بابا رەھىم مەشرەپنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى روھىي ھالىتى تەسۋىرلەنگەن.



بىرىنچى باپ: قان ئاشىقى



جىمجىت ئولتۇرىدۇ زىمىن ئۈستىدە،

قېچىشنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدە ئۇ؛

رەزىل بىر چۆچەككە ئوخشار قىسمىتى،

تىرىشار ئۇلارنى ئۇنتۇشقا مەڭگۈ.

ئۆزىنىڭ قىسمىتى ۋە ھاياتىنى

بىر گۈزەل چۆچەك قىپ چىقاي دېگەن ئۇ،

قىپ قىزىل قېنىدا ئېچىلدۇرۇپ گۈل

بارچە ئەل ئىنسانغا تۇتاي دېگەن ئۇ.

مەپتۇن ئۆز قېنىغا شۇندىن بېرى ئۇ،

ماختىنىپ كۆرسەتمەك بولاتتى دائىم.

ئاخىرى كەلگەندە دارنىڭ ئالدىغا

شادلىقى جىسمىدا بولغاندەك قايىم

مۇبارەك قىپ قىزىل قانىڭغا① دەپ ئۇ

چەرخ ئۇرۇپ ئۆزىگە ئەيلىدى خىتاب،

تىنىقى تېزلەشتى ئاچكۆزلۈك بىلەن

قېنىنى كۆرۈشكە كەتتى ئالدىراپ.

تۇپراققا يېيىلغان قىپ قىزىل قاننىڭ

كۆرمەكچى ئىدى مەۋج ئۇرۇشلىرىنى،

كۆرمەكچى ئىدى ئۇ بارچە ئىنساننىڭ

مەڭگۈلۈك ھەيرەتتە قېلىشلىرىنى.

بىھېساب كوچىدا مەشھۇر ئادەملەر،

شۇملۇقنىڭ مەڭگۈلۈك بېشارىتى ئۇ.

قىيىندۇر خەقلەرنى ھەيران قالدۇرۇش،

ھەتتاكى قانغىمۇ قاراپ قويمايدۇ.

بىلمەيمەن كاللىسى كېسىلگەن چاغدا،

شارقىراپ تۇپراققا يېيىلغاندا قان،

ئاخىرقى تامچىسى ئېقىپ بولغىچە

بارمىدۇ كۆزىدە كۆرۈشكە ئىمكان؟

بىلمەيمەن قان بىلەن كۆز نۇرلىرىنىڭ

قايسىسى تېنىدىن يوقالدى ئاۋال،

قانداق بىر تەرىزدە سەزگۈلىرىنى

بىر بىرلەپ ئىگىلەپ قاپلىدى زاۋال؟

داڭلىق قان تۆكۈشنى، داڭلىق ئۆلۈمنى

ئۇ ئۆزى تاماشا قىلالىدىمۇ؟

غۇۋا سەزگۈلىرىگە قاننىڭ جۇلاسى

ئاخىر رەت بىر شادلىق بېرەلىدىمۇ؟

كوچىدا بەكمۇ كۆپ مەشھۇر ئادەملەر،

تىنىمسىز ئاۋازلار باسقان جاھاننى.

مەدھىيە، قاغىشلار، شەھۋەت سۆزلىرى،

چىرقىراش، يىغلاشلار ھەمدە كۈلكىلەر،

گاس قىلىپ تاشلايدۇ ھەر بىر كىشىنى.

كوچىدا بەكمۇ كۆپ مەشھۇر ئادەملەر،

ئالدىراش ئاقماقتا كىشىلەر توپى،

قىپ قىزىل قان ئىچرە ياتىدۇ بىر تەن،

شۇ تاپتا بۇ ھالنى كۆرمەس ھېچكىشى.

كىشىلەر ئالدىراش ئۆتەر يېنىدىن،

ھېچكىشى ئۇنىڭغا سالمايدۇ نەزەر.

ۋۇجۇدى پىت بىلەن لىق تولغان قېرى

ئەما بىر بوۋايغا ئوخشار بۇ شەھەر.

سانسىزلاپ ئاياقلار ئاراشلىرىدا

سوغ شامال قوچۇلۇپ قىلىدۇ نىدا.

خىلمۇ خىل رەڭلەرنىڭ قاينىمى ئەتراپ،

بۇنىڭغا قوشۇلۇپ خىلمۇ خىل سادا

مېڭەمنى بىر بىرلەپ قىلماقتا ۋەيران.

گويا جان تالاشقان تەندىكى جاندەك

قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەيدۇ ئىنسان.

بېشى يەنچىلىۋاتقان ئىلانغا ئوخشاش

ھەرياققا ئۇرىدۇ ئۆزىنى شامال.

قىستايدۇ ئادەمنى چۇقان سۈرەنلەر

قاچايلى…

قاچايلى…

يوق باشقا ئامال.

دەھشەتلىك چۇقىنى ماشىنىلارنىڭ

ئايلىنىپ بارماقتا قاتتىق ماددىغا،

كوچىلار ئايلىنار قاتتىق قىستىلىپ

ئۇيۇشۇپ گويا بىر ئاۋاز تېغىغا.

ئىسقىرتىپ تاشلىدى سەزمەي ئۆزىمۇ

دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ بىر بالا،

يىرىڭغا ئايلىنىپ ئۇ چىقارغان ئۈن

سىڭىشتى بىر قىزنىڭ بالىياتقۇسىغا.

كوچىدا بەكمۇ كۆپ مەشھۇر ئادەملەر،

ئەجەللىك ۋابانىڭ مىكرۇبلىرىدەك.

ھازىرقى دەۋردە داڭ چىقارماق تەس،

ھەتتا قان بىلەنمۇ قەدىمدىكىدەك.

ئەڭ گۈزەل نەرسە دەپ بىلگەن قېنىنى

ئۆزىنىڭ قېنىغا ئاشىق ئۇ تەلۋە.

بىراق بىز ياشىغان ئۇشبۇ دەۋردە

ئەخلەتلەر لىق تولدى قاننىڭ ئىچىگە.

يىرگىنەر ئادەملەر قاننى كۆرگەندە،

يىرگىنەر ھەتتاكى ئۆز قېنىدىنمۇ.

كىم بىلەر كوچىدا ياتقان ئۇ جەسەت

كىملەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ ياتقاندۇ؟

سۇ…

سۇ…

سۇ…!

ئاخىر رەت قىلغاندا نىدا،

خىيالىي تۇيغۇلار بولغاندا پەيدا،

قوياش ۋە توپاننىڭ ئەسلى ئوبرازى

ئۇنىڭكى جىسمىدا بولغاندا قايىم

قۇلىقىغا شىۋىرلاپ ئاڭلانغان سادا

ئاخىرقى رەت ئۇنى تىترەتتى بەلكىم؛

خىيالىي تۇيغۇدا كۆرۈنگەن ئاشۇ

سۇلارنىڭ ئۆرلىگەن پەللىلىرىدە

مىكروبلار ئېرىشىپ يېڭى گەۋدىگە

كۆپىيىپ قالدۇرار ئەۋلاد ئۇ يەردە.

دەھشەتلىك ئاۋازلار چالغىتار سۇنى،

بەرداشلىق بېرەلمەي ئىڭرار ئاياللار؛

تېنىدە قوزغالغان تېنىمسىز تىترەك

ئۆلۈم ۋە چۈشكۈنلۈك ئۇندا جۇش ئۇرار.

دەھشەتلىك چۇقىنى ماشىنىلارنىڭ

ھەرقانداق سەزگۈنى قىلماقتا ۋەيران.

ئاۋازلار بوشلۇققا پاتماي چىڭقىلىپ

كۆرۈنەر ھەتتاكى تۆۋەنلەپ ئاسمان.

ياسىلىپ بارماقتا بىھېساب تاملار،

بولدى قوي بۇنچە كۆپ خىيال قىلىشنى!

نېمىشقا سىرقىراپ تۇرىدۇ پۇتلار،

كېزىمەن بىھېساب تاملار ئىچىنى.

تاملار ۋە ئاۋازلار بوغماقتا مېنى،

خىيالنى ئىگىلەپ بارار ئاستىلاپ.

خىيالنىڭ دولقۇنى لەپىلدەپ ئېقىپ

بارماقتا تۈگىمەس تامنى ياقىلاپ.

بۇ ئاچكۆز تاملاردىن يانماس سادالار،

ئۇ يالماپ يۇتماقتا ھەممىنى بۇندا.

قېتىشىپ بارماقتا بارچە جاندارلار

پەقەتلا شۇ چەكسىز چۇقانلار ئارا.

ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ چۇقان سۈرەنلەر،

ئۇۋۇلۇپ ئۆز ئارا سىڭىشىپ كەتكەن.

بوشلۇققا پاتالماي چىڭ چىڭ قىستىلىپ

ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ قېتىشىپ كەتكەن.

پەقەتلا شۇ قېرى شائىرنىڭ قولى

مىدىرلاپ يۈرمەكتە سۇس، بەكمۇ ئاستا.

ئۇ قاندىن قورقىدۇ، ئاۋازدىنمۇ ھەم

كېرىكى مەدھىيە پەقەت ئۇنىڭغا.

ئوخشىماس ئۇ ھېلىقى قان ئاشىقىغا،

(كوچىدا چەرخ ئۇرۇپ نالە قىلغۇچى.

ھەزرىتى ئادەمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ،

رەسۇلغا مىراجدا ھەمرا بولغۇچى.

ئىبراھىم ئوت ئارا ئۆرتەنگەن چاغدا

ئاتەشنى گوياكى گۈلزار بىلگۈچى②)

قاچىدۇ ئۇ بۇندا بارچە ئاۋازدىن،

قاچىدۇ ئەقىل ۋە غەيرى ئەقىلدىن،

قاچىدۇ باھاردىن ھەمدە ئايازدىن.

كېلەر تۈن يېرىمدا سىرلىق تېلېفۇن،

ئۈن تىنسىز ئۇ كۈتكەن تالاي تالاي رەت.

خالايدۇ تارىختا بىر رول ئېلىشنى،

ۋە لېكىن ئادەملەر بەرمەيدۇ پۇرسەت.

يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش تەھدىتلىرىمۇ

شۇ قەدەر مەززىسىز، سوغاق شۇ قەدەر.

ھېچكىشى قىزىقماس بۇنداق خەۋەرگە،

كوچىدا بەكمۇ كۆپ مەشھۇر شەخسلەر.

ئۆزىدىن شۇ قەدەر خۇدىكسىراشلار

ئاساندۇر ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن.

شائىرغا ئەنە شۇ جىمىكى ئامەت،

قاراسلاپ بىر سادا كەلسە سۆڭەكتىن.

تەمتىرەپ يۈرۈيدۇ شائىرنىڭ قولى

سۆزلەردىن قۇرۇلغان ئورمان ئىچىدە.

ئاڭلىنار ئۇ يەردىن ئىبلىسنىڭ ئۈنى

ھۆرلۈك دەپ ئاتالغان چەكسىز كېچىدە.

قىينىلار خىيالىي ئوبرازلاردىن ئۇ

بىلەلمەي ئۇلارنىڭ بىشارىتىنى.

قورقىدۇ ئۇ دائىم خىيال سۈرۈشتىن،

خالىماي قايتىدىن ئەسكە ئېلىشنى.

كوچىدا ئادەملەر رېتى بۇزۇلغان،

ئاھ ئۇلار كېسەلدۇر، كېسەلدۇر مەڭگۈ…

سانسىزلاپ گەۋدىلەر ئاراشلىرىدا

ئادەمنى قىينايدۇ ھەرقانداق تۇيغۇ.

سۇ…سۇ…سۇ…دەپ ئاستا ئىڭرىدى بەلكىم،

نەزەرمۇ سالمىدى ھېچكىم قېنىغا،

چۇقانلار لاۋۇلداپ كۆيەر كوچىدا،

ئوت ئاچچىق يېيىلىپ بارار ئەتراپقا.

كۈتىدۇ ئۇ شۇندا تۇپان سۈيىنى

قورقۇنچ ۋە تاتلىق ھاياجان بىلەن،

ئېسىگە ئالىدۇ سۆيگۈ كۈيىنى،

ئازابلىق لەززەتكە چۆمۈلىدۇ تەن.



ئىككىنچى باپ: يامغۇر جىلۋىسى


ئوتتەك پارقىراپ كەل،

سۇدەك شارقىراپ كەل.

ئۇيغۇر شامانىستلىرىنىڭ ئەپسۇنلىرىدىن

ئەي نوھ، بۇ دۇنيانى قانداق ھېس قىلدىڭىز؟

بۇ دۇنيا خۇددى ئىككى ئىشىكلىك ئۆي ئىكەن،

بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتىمەن

رابغۇزى قىسسەسۇل ئەنبىيا

ئىككىمىز ئۇچراشقان شۇ يامغۇرلۇق تۈن

مەن ساڭا ھېچنەرسە ئېيتىيالمىدىم،

بۇ سۆزلەر سىر بولۇپ قالىدۇ مەڭگۈ

مەۋجۇت دەپ ئۇلارنى ئويلىماس ھېچكىم.

يۈرەكتۇر مەڭگۈلۈك تاپشۇرۇلماس خەت،

قىينايدۇ ئۇنىڭكى سىر بوپ قېلىشى،

گەرچە سەرپ ئەتسەڭمۇ پۈتۈن ئۆمرۈڭنى

ھەتتاكى قاتۇرۇپ سەن قەبرە تېشى

توختىماي سۆزلىسەڭ، توختىماي يازساڭ

يەنىلا ئۇنتۇلۇپ كېتەر ھەممىسى.

بۇ يامغۇر ھەممىنى تاشلايدۇ يۇيۇپ،

يۇيۇلۇپ تاشلىنار يۈرەك ئاغرىقى.

ئۇنۇتقۇسىز بۇ چەكسىز يامغۇرلۇق ئاسمان

قەلبىمدەك بىپايان، خۇنۈك ۋە ئېغىر.

ئاھ بەلكىم قايتىدىن كۆرەلمەيمىز بىز

ئاشۇنداق يامغۇرلۇق كۈننى قايتا بىر.

ئادەملەر ئۆزىنى ئالماقتا چەتكە

ئالدىراپ تېنىشىپ يامغۇر قوينىدىن.

مەنچۇ؟ مەن يامغۇرغا بولغانچە ئەسرار

كېتەلمەي تۇرارمەن شۇ تاپتا بۇندىن.

ئۆزىنىڭ تېنىنى كۆزىتەر شائىر،

مەستلىكى تېنىگە تارقالغان چاغدا.

ھاراقنىڭ دولقۇنى چىقىپ ئەۋجىگە،

ۋالىسنىڭ كۈيىدە ئېزىققان چاغدا.

ئولتۇرۇش بارغانچە كەتمەكتە قىزىپ،

بەرداشسىز ئايرىلدى بۇندىن ئاخىرى.

قىزىغان يۈرەكنى تىنجىتالماستىن،

تېخىمۇ مەست قىلدى كۈزنىڭ يامغۇرى.

بەك يېقىن، بەك يېقىن ئۇنىڭ مەستلىكى،

بىر ئاھاڭ بوپ سىڭگەن ھاراق ۋە سۆيۈش…

ئارىغا ئۇرۇلۇپ نۇرغۇن چېكىتلەر،

باشلىنار كەلگۈسى ۋە يىراق ئۆتمۈش.

تىڭشايدۇ ئىنسانلار يۈرىكىنى ئۇ

تۇرغانچە سۇ بىلەن ئوت ئاراسىدا.

ئوتنىڭكى يۈزىدە كۆرۈپ خۇدانى③ ،

ئىزدەيدۇ ئۆزىنى سۇنىڭ ئاستىدا.

ئوت بىلەن سۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ھالدا

بىرلەشكەن گەۋدىسى قىپ قىزىل قاندۇر.

بار ئۇندا ئوتتىكى قىزىق ھارارەت،

شارقىراپ ئېقىشى خۇددى قىياندۇر.

تېنىدىن ئېتىلىپ چىققان چاغدا قان

كۆيگەندەك تۇيۇلار پۈتكۈل كائىنات

قان گويا دېڭىزدەك كۆتۈرەر غەليان

سەزدىكى كۆيۈپ كۈل بولماقتا ئاسمان.

سۇنىڭكى غايەت زور دولقۇنى ئۆزرە

سەزدى ئۇ ئۆزىنى لەيلەپ چۆككەندەك.

سۇ ئۇنى بىر بىرلەپ تۇنجۇقتۇرماقتا

جاناننىڭ ئاخىرقى ئىڭراشلىرىدەك.

ئېچىرقاپ تۇرغان بىر بوشلۇق يۈرىكى،

قالدۇرما بوپ بوش دەپ قىلىدۇ نالە.

ئۇ ئاڭلاپ قانلارنىڭ شارقىرىشىنى

ئەيمىنىپ قارايدۇ ئاغرىق كۆكسىگە.

يۈرەكتىن قۇتۇلۇپ نەغمە قىلسا قان

ئېچىرقاپ ھۇۋلايدۇ تەلۋە يۈرىكى،

چۈنكى ئۇ خالىماس قۇرۇق كېتىشنى،

ئاراملىق ۋە شادلىق قىينايدۇ ئۇنى④.

چۈنكى ئۇ دۇنياغا تۆرەلگەندىلا،

جاھانغا بىر ساھىب ئادا بوپ كەلگەن⑤ .

ئالەمنىڭ غېمىنى ئۆزىگە يۈكلەپ،

ئەلەمگە خۇمار ۋە ئاشنا بوپ كەلگەن.

سۇلماقتا دەرۋىشنىڭ خازان چىرايى،

گوياكى…گوياكى…ئۇنتۇلۇش كەبى.

ئاڭلايدۇ ئاۋازسىز چاقىرار ئۇنى

كۆر مېنى، كۆرگىن، دەپ قىپ قىزىل قېنى،

ئاھ، لېكىن كۆزلىرى غۇۋالاشماقتا

ئۇنىڭكى تاتارغان چېھرى بىلەن تەڭ.

سۇسلىشىپ بارماقتا خام خىيال كەبى

ئۆچمەكتە تېزلىكتە قېنىدىكى رەڭ.

قانسىراش ۋە كۆزنىڭ نۇرسىزلىشىشى

بىلمەيدۇ قايسىنىڭ تېزراق سۈرئىتى.

ئاخىرقى رەت باققان چاغدا قېنىغا

ئۆزگەردى قان قىزىل رەڭدىن يېشىلغا،

ئۆزگەردى ھەم كۆككە ئاندىن قاراغا

ئاخىرى يوقالدى قارا رەڭ ئارا.

ئۇ نىدا ئەيلىدى قاراڭغۇلۇقتا:

ئېيتىپ بەر سەن ماڭا قايتىش يولىنى!¢ق

كۆرەي مەن ئاق قاردا چاقنىغان قاننى،

ئۇ بارچە گۈزەللىك ئۇزلۇق مەنبىيى.

ئاسمانغا قارىسا كۆرۈنمەس قوياش،

كۆرۈنمەس ھەتتاكى زۇلمەت كېچىمۇ.

غۇۋالىق ئىچىدە يوقالدى ئاستا

دۇنيانىڭ ئەسەبىي قىقاسلىرىمۇ.

ھەممىسى يوقالدى، يوقالدى ئالەم،

يوقاتتى ھەممىنى بىر قۇپ قۇرۇقلۇق.

قالغىنى پەقەتلا باش سۆڭىكىگە

قەدىمكى زاماندىن قالغان بىر بوشلۇق ¢ك.

ئۇ بوشلۇق گاھىدا ئوتنىڭ شەكلىدە

چۈشۈمدە يېلىنجاپ بولىدۇ ئايان.

ئايالنىڭ يالىڭاچ تېنىگە ئوخشاش

نېرۋىلار تەكتىدە قىلىدۇ جەۋلان.

خىيالدەك مەۋجۇتسىز ئاچچىق شۇ سىما

بىلمەيمەن قەيەردە بولدىكىن ئايان.

ئۇ گويا يارالغان بىر رەت مەستلىكتىن،

ۋە ياكى نورمالسىز چۈشلەردىن قالغان.

ئۆلۈمدەك لەززەتلىك،

سۆيۈشتەك تەمسىز،

ئۇ گويا تەشنالىق گوياكى ئاچلىق.

گاھىدا يالىڭاچ ساراڭغا ئوخشاش،

گاھىدا مۇردىدەك شەرمى ھايالىق.

ئېسىمدىن چىقمىدى ئاشۇ گۈزەل تەن،

ئېسىمدىن چىقمىدى ئاھاڭسىز شۇ كۈي.

مەن ئۇنى سۆيگەچكە ئىشەندىم بار دەپ،

ئۇ دەيدۇ: مەن مەۋجۇت مېنى ئىزدە، سۆي!

ئۇ بوشلۇق گاھىدا سۇنىڭ شەكلىدە،

چۈشۈمدە دولقۇنلاپ بولىدۇ ئايان.

قورقۇنچ ئىلكىدە باقىمەن ئاڭا،

توختىماي روھىمدا ياسايدۇ قىيان.

تەلمۈرۈپ ئىزدەيمەن، كۆرۈنمەيدۇ ئۇ

ۋە لېكىن شارقىرار قۇلاق تۈۋۈمدە،

شارقىرار قەدىمىي ئەپسۇنغا ئوخشاش،

سېزىمەن گاھ ئۇنى جانان تېنىدە.

شورايدۇ ھەممىنى جانسىز تېنىمدىن

قوياشنى…

ئۇپۇقنى…

سۆيگۈ…

ئۆلۈمنى…

سۇغۇرۇپ ئالىدۇ مېنىڭ روھىمدىن

ئۇلارنىڭ پۈتمىگەن ئوبرازلىرىنى.

تىرىشتىم سانسىز يىل شۇ ئوبرازلارنى

مەلۇم بىر شەكىلگە كىرگۈزمەك بولۇپ،

سەرسان بوپ گوياكى كىمياگەرلەردەك،

ئەسەبىي ئاشىقتەك دائىم ئاھ ئۇرۇپ.

ئۇ غۇۋا، يالغاندەك، مەۋجۇت ئەمەستەك

چۈشۈشكە جۈرئەتسىز قوياش نۇرىمۇ.

بار لېكىن ئېچىرقاش ئىنكار قىلىش تەس،

ھەر ئادەم ئۇنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ.

ئاھ ئاشۇ مەۋجۇتسىز سىيما روھىمنى

ھەممىنى بىر بىرلەپ ئالدى ئىلكىگە.

مەنمۇ ھەم يوقاتتىم مەۋجۇتلىقىمنى،

تېگىشتىم ھەممىنى خىيالغا چۈشكە.

بىر سادا ئۆلدۈڭ دەپ بەرگەندە سىگنال،

ياق پەقەت ئەمدىلا تىرىلدىم دېدىم.

ئۆلۈمدەك مۇستەھكەم، ئەرك كەبى ئاجىز

مەن ئاشۇ بوشلۇقنى ئەركىن خالىدىم.

كېلىدۇ ئەخمەقلىق قىلغۇم قانغىچە،

كېلىدۇ خىياللار ئۈچۈن جان بەرگۈم.

جان دېگەن ئەڭ ئەرزان نەرسە

نېمىگە

ئاتىساڭ بەرىبىر.

كېلىدۇ ئۆلۈم.

بوشلۇقنى …مەن ئاشۇ قۇرۇق بوشلۇقنى

كۈلكىلىك دوزاق دەپ قورقۇپ يۈرگىنىم.

كۈلكىلىك ئارقىدىن مەپتۇن بوپ يەنە

كۈلكىلىك ھەممىدىن ھەسەت قىلغىنىم.

ھەيرانلىق ئىلكىدە قاتقان ۋۇجۇدۇم

ئۇۋۇلۇپ چۈشىدۇ جەسەت كۈلىدەك.

شۇ كۈللەر ئىچىدىن قايتا تىرىلگەن

سېھىرلىك بىر قۇشمەن، ئالەمدە تىغدەك.

كىشىلەر ئىزدەپمۇ تاپالماس مېنى

سۇسىزمۇ چۆللەردە ئېچىلار گۈلمەن.

سۇ ئىچرە كۆيىمەن گويا گۈلخاندەك،

ئوت ئىچرە تىرىكمەن ئايرىلسام كۈلمەن.



ئۈچىنچى باپ: مەستلىك، گۇناھ


قۇلاق سالدىم كەپتىرىگە باشقا تۇپاننىڭ

گىئوسېپپى ئاڭارېتتى

ھەزرىتى ئادەمنى بىنا قىلغاندا

سەن زادى كىم بىلەن بىللە سەن ئىدىڭ؟

ئىبراھىم ئاتەشنى گۈلخان قىلغاندا

ئەسلىدە ئۇ يەردە كۆيگەن سەن ئىدىڭ.

مەنسۇرنىڭ يۈزىنى قاندا يۇيغاندا

بېشىڭغا قىلىچنى تۇتقان سەن ئىدىڭ. ¢à

سۇقراتقا جاللاتلار زەھەر تۇتقاندا،

لەززەتلىك شاراپتەك ئىچكەن سەن ئىدىڭ⑨.

سەن شۇندىن بېرىلا ئەھلى سەرگەردان،

يۈرىيسەن مەنزىلسىز دۇنيانى كېزىپ.

قونالغۇ يېرىڭدۇر پەقەت قەبرىستان.

مەنزىلنى، نىشاننى بىلمەي ئاھ چېكىپ

ئۆزۈڭنى توختىماي ئۇرىسەن ھەريان.

بۇ يۈرەك بەك ئېغىر ئاھ بەكمۇ ئېغىر⑩

ئۆلچىمەك تەس ئۇنى تارازا بىلەن.

شۇ ئېغىر يۈرەكنى كۆتۈرەلمەستىن

ئۆلمەكچى بولىدۇ ئادەملەر جەزمەن.

توختىماي ئېغىرلاپ سېنىڭ يۈرىكىڭ،

ئېيتقۇسىز ئازابقا بولۇپسەن دۇچار.

قان ئېقىپ چىكەتسە يەڭگىللەيدۇ دەپ

ساددا بىر خىيالغا بولدۇڭمۇ ئەسرار؟

قان ئېقىپ يۈرىكىڭ بارسىمۇ بوشاپ

يېنىكلەش رۇي بەرمەس ئۇنىڭدا ئەسلا.

شۇڭلاشقا سەرگەردان بولۇپ قالدىڭ سەن،

ئاخىرقى مەنزىل يوق دۇنيادا ساڭا.

نامەلۇم بولغاندەك ئەجەلنىڭ ۋاقتى،

بىلمەيسەن تۇغۇلغان كۈنۈڭنىمۇ سەن.

كەلمەيدۇ مەڭگۈگە يېزىلمىغان خەت،

ئۆلمەيدۇ بىر نۆۋەت ئۆلۈپ بولغان تەن.

بۇ يۈرەك بەك ئېغىر، ئاھ بەكمۇ ئېغىر،

گۇناھلىق سوقۇشلار يۈز بەرگەچ ھامان.

ھەممىدىن ئېغىرى ئۇندىكى ۋىجدان،

ئۇ سېنى ھەرجايدا قىلار سەرگەردان.

گاھىدا ساتماقچى بولساڭمۇ ئۇنى

ھېچكىشى سالمىسا نەزەر گۈزىرىن

دەھشەتلىك شۇ ئېغىر ۋىجداننى ئۈنسىز

كۆتۈرۈپ يۈرمەكلىك ئۆتمەمدۇ جاندىن.

سالغانچە ھەم چەكسىز ئېغىرلىقىنى

پارازىت قۇرۇتتەك ياشايدۇ سۆيگۈ.

يىيىلسە يۈرىكىڭ، يەڭگىللىمەستىن

ئەكسىچە ئېغىرلاپ بارىدۇ مەڭڭۈ.

پارازىت قۇرۇتنى خۇددى مىكرۇبتەك

باشقىلار تېنىگە يۇقتۇراي دەيسەن.

سەن ئاشۇ يول بىلەن ئۆز يۈرىكىڭگە

بەلكىم بىر يەڭگىللەش يولى ئىزدەيسەن.

نېمىشقا بۇ قەدەر سىرلىق ئۆلۈمىڭ

خىلمۇ خىل پەرەز بار بىر بىرىگە زىت؟

راستىنلا سەن ئۆزۈڭ تاللاپ ئۆلۈمنى،

قىلدىڭمۇ ئۆمرۈڭنى مەنسۇرغا تەقلىد؟

ۋە ياكى بىر جانان كۆيۈپ قېپ ساڭا،

سۈيەلمەي سېنى ھېچ تىرىكلىكىڭدە

كاللاڭنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ئالدىغا

سۆيمەكچى بولغانمۇ قانلىق لېۋىڭگە⑾؟

ئۇ تېتىپ كۆرگەندە قاننىڭ تېمىنى،

ۋۇجۇدى ئەڭ تاتلىق تىترىگەنمىدۇ؟

گوياكى دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تېنى،

قىرغاقلار ئۈستىگە ئۆرلىگەنمىدۇ؟

[كوچا ئاپتۇۋۇزى]

ئادەملەر قىستىلىپ ماچىلداپ كەتكەن،

[كارىۋات]

بولدى قوي بۇنچىلا قىستىما خوتۇن.

[كوچا ئاپتۇۋۇزى]

ئادەملەر تىنىقى بەكمۇ رەھىمسىز،

[كارىۋات]

ئاھ بولدى سۆيمىگىن سۆيمىگىن بۈگۈن.

تەنلەرنى سېسىتىپ بارماقتا جانلار،

ۋە لېكىن سۆيگۈ دەپ تىترەيدۇ نېرۋا.

قىلماقتا ئىنساننى ھەممىدىن بىزار

كوچىنى بىر ئالغان خىلمۇ خىل سادا.

قۇلاقلار قالمىدى بەلكىم دۇنيادا،

تىندى ھەم بارچىسى سەزگۈ ئەزانىڭ.

تارقاتسا ھاياجان ئەمچەك توپچىسى

نىمىگە تەشنادۇر ئۇيۇشقان جىسمىڭ؟

كوچىدا ئادەملەر رېتى بۇزۇلغان،

تۇرماقتا كېسەللىك بوشلۇققا يامراپ.

ھەممىسى كېسەلدۇر، ئالدىراش كېسەل،

يۈرسىمۇ مىكرۇپتىن ئۆزىنى قوغداپ.

ئىنسانلار ھەممىسى خۇددى بىر تەندەك

كېسەللىك بەك ئەركىن يۈرۈيدۇ كېزىپ،

لېكىن مەن باشقىلار چەكسىز يىراقتەك

سېزىمەن ئۆزۇمنى تەنھا ۋە غېرىپ.

بىلمەيمەن نېمىشقا بولدۇمكىن قاچقۇن،

خالايمەن بۇلارنى بىلمەسلىكنى ھەم.

ھاياتتا مۈكۈنۈش بەك ئوڭاي. چۈنكى

دۇنيادا بەكمۇ كۆپ داڭقى بار ئادەم.

چۇقانلار، ئاھ ۋاھلار،

ماشىنىلارنىڭ

تېنىمسىز ئۇرغىغان سادالىرىدىن

دەھشەتلىك سۈكۈتكە چۈمكەلدى شەھەر

شۇ ۋەھشى ئاۋازلار سىقىپ گېلىدىن.

بۇ شەھەر گوياكى بىر باش سۆڭىكى

بۇنچە كۆپ خىياللار سىڭگەندۇ قانداق؟

سادالار گادىرماچ خىيالغا ئوخشاش

ئۆز ئارا چىرمىشىپ كىرىشىپ شۇنداق

ساراڭلىق تۈۋىگە كەلگەن مېڭىدەك

تۈگىشىش قوينىغا باسماقتا ئاياق.

بالىلار ئىسقىرتىپ چىقارغان سادا

يىرىڭغا ئايلىنىپ بىچارىلارچە

قېتىشقان ئاۋازلار تېغىنى تېشىپ،

دەھشەتلىك كۆيدۈرگۈچ ھارارىتىدە

بارماقتا ئاياللار تېنىگە ئېقىپ.

ئاھ سېسىپ كەتمەكتە تاتلىق خىياللار،

قورقمامسەن ئۇلارنىڭ يىرىڭلىشىدىن.

ئاندىن بىر تامچە قان بىلەن بېرىكىپ،

قورقمامسەن يېڭى جان يارىلىشىدىن.

مەستلىكى باسقاندا شىللىسىدىن چىڭ

ئاغرىندى شەھۋەتخور مۈشۈك ئۈنىدىن.

قۇسماقتا تاملارغا يۆلىنىپ شائىر،

مىسرالار قۇرتلاپ چۈشەر ئاغزىدىن.

نەس باسقان بىر ئايال كۆرۈپ بۇلارنى

چىرقىراپ تاشلىدى بەلكىم تۇيۇقسىز،

بىر بوۋاق پاقىغا كەتتى ئايلىنىپ

تارايغان ماتكىنىڭ ئىچىدە ئۈنسىز.

چېقىلغان بوتۇلكا سۇنۇقلىرىنى

قولىغا ئالغانچە يىغلايدۇ بىر مەست،

كۆز ياشلار بىھۇدە تۆكۈلسە ئارتۇق

بۇ ئۈچۈن ئادەملەر ئىسراپخور ئەمەس.

ئاياقلار ئاستىدا خامانغا ئوخشاش

پىرقىراپ، يەنچىلىپ يۈرۈيدۇ ۋالىس.

ئېزىققان مۇزىكا ئاراشلىرىدا

ئاھ مۇمكىن ئەمەستۇر يولىنى تېپىش.

پۇتىنى ئۆزگەرمەس بولۇپ چىرمىغان

ناخشىنىڭ رېتىمى، تانسا ۋە ئۇسۇل.

ئەركىنلىك دېمەكتۇر ئېزىقىش دېگەن،

ئېزىققان ئادەمگە ھەممە تەرەپ يول.

ئازىدۇ بىھېساب جىجىقلار ئارا

يايرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندا مەكتۇپ.

ئېزىقىپ ئۇ سىرلىق بەلگىلەر ئارا

پال سالماق بولغاندا بولىدۇ مەغلۇپ.

چەكسىز يول بويىدا كۆتۈرگەندە قول

قولىدا رومكىسى بارمۇ شائىرنىڭ؟

مەڭگۈلۈك يېپىلماس بوپ قالغاندا ئىشىك

ھاياتلىق مەھسۇلى بۇزۇق ھەۋەسنىڭ.

ماشىنا توسماق بوپ كۆتۈرۈلگەن قول

قېتىدى دەھشەتلىك سوغاقتا توڭلاپ.

تۇيۇقسىز ئېزىقىپ كەتتى بىر شوپۇر

ئۇ قولنى يولدىكى بەلگە دەپ ئويلاپ.

پايانسىز چۆللۈككە كىرىپ بولغاندا

شۈركىنىپ بىر چۆچۈپ كەينىگە قاراپ،

قايتىدىن كۆرمەكچى بولدى قوللارنى

ئۇپۇقتا مەڭگۈ تاش بولدى كۆرگىنى،

تۇرماقتا قەبرىدەك يا سەرگەرداندەك

زەبەردەست بىر گەۋدە كۆترۈپ ئۇنى.

جەسەتلەر ئۈستىدە جىنسىي قاغجىراش

ئۆلۈم ۋە ئىدراكنى قىلماقتا يەكسان.

تارايدى تەپەككۈر ئىسلار ئىلكىدە،

سادالار شۇ قەدەر چەكسىز بىپايان.

كىگىزدەك چىرمىشىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن

ئادەملەر،

ماشىنا،

جىنلار،

جالاپلار.

بۇزۇلغان نېرۋىغا لىق تولغان تەندەك

ئۆزىنى تۇتالماي قالغاچ كوچىلار

بۇ بىزنىڭ شائىرغا قالماقتا ئوخشاپ.

……

تاقىلار ئىشىكلەر مەڭگۈتاقىلار.

دۇنيادا ئىشىكلەر قالمايدۇ مەڭگۈ،

قالمايدۇ ھەتتا ھاڭ،

ئۆڭكۈر،

قەبرە،

غار…

كوچىدا بەكمۇ كۆپ مەشھۇر ئادەملەر.

لىق تولغان كوچىغا ۋاڭ-چۇڭ سادالار.

شۇ گۈزەل شېئىرنىڭ مىسرالىرىمۇ

ئەسەبىي جالاپلار ئاھ ئۇھلىرىمۇ

ئۇلارغا قېتىلىپ ئۇيۇشۇپ بارار.

يوقالغان ئىدراكلار، بىلمەيدۇ ھېچكىم

قايسىسى شاد كۈلكە، قايسىسى ئاھ زار.

يوشۇرغىن ۋىجداننى مەخپى شۇ قەدەر،

يوشۇرغىن نۇمۇسلۇق كېسەلدەك گويا.

تاملارنى ياقىلاپ كېتىۋەر ئۇدۇل،

ئاھ ئۇرۇش، سەرسانلىق مۇقەددەس ساڭا.

ئەجىبا دۇنياغا لىق تولغانغۇ تام،

يۆلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام

باشقىسى شۇ نازۇك زەئىپ گەۋدەڭدىن

نېمىشقا جېنىمغا بەرمىدى ئارام.

بىلمەيدۇ ھايۋانلار قۇچاقلىشىشنى،

سانالدى ھايۋانى قىلىق قۇچاقلاش.

مۇزلىغان تېنىمدىن تارقىغان تىترەك،

تارقىلار ئۈن تىنسىز نۇمۇسقا ئوخشاش.



تۆتىنچى باپ: قېچىش


ئەرىشنىڭ كۇڭگۇراسىن ئۈستىگە قويدۇم ئاياغىم،

لاماكاندىن خەۋەر ئالدىم، بۇ ماكاننى نە قىلاي؟

بابا رەھىم مەشرەپ

بىر كۆز بار تىكىلىپ تۇرىدۇ ساڭا،

سېزىسەن دەھشەتلىك ھارارىتىنى.

بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنىڭ نۇرىغا،

قاچۇرماق بولىسەن دائىم ئۆزۈڭنى.

ۋە لېكىن بىلمەيسەن نەدە ئاشۇ كۆز،

بىلمەيسەن ئۇ زادى كىمنىڭكى ھەتتا.

شۇ قەدەر يوشۇرۇن، شۇ قەدەر مەۋھۇم،

ھەرقاچان ھەر يەردە بولىدۇ ھەمرا.

بىلمەيسەن نېمىشقا قورقىسەن ئۇندىن،

بىلمەيسەن ئىزدەيدۇ سەندىن نېمىنى؟

بىلمەيسەن نېمىنى يوشۇرۇپ ئۇندىن،

قاچۇرۇپ يۈرىيسەن يەنە نېمىنى؟

كىمدۇر ئۇ تۇيۇقسىز كەچكەن ئېسىڭدىن،

شۇ قەدەر غۇۋا ھەم شۇنچە مۇرەككەپ؟

بىلىسەن ئۇ مەۋجۇت ئەمەس دەپ لېكىن

ھەر دائىم مېڭەڭنى ئالار ئىگىلەپ

دۇنيادا بىردىن بىر چىن ھاياتلىقتەك.

ئۆزىگە جەم قىلىپ پۈتۈن ئالەمنى

خىيالىڭ تەكتىدە كېزىدۇ لەيلەپ.

ئۇ بارچە سەزگۈنى، بارچە قىممەتنى،

ئۆزىنىڭ جىسمىغا مۇجەسسەم ئەيلەپ.

دەل شۇنىڭ كۆزىدۇر ساڭا باققان كۆز،

مەيلى ئۆز كۆزۈم دەپ ئويلا ئۇنى سەن.

ئاسماننى يامىماق بولغاندا ياتلار

ئۆزەڭنىڭ ئۆيىنى بىنا قىلغىن سەن.

شۇندىلا ھېس قىلىپ يېتىسەن شۇنى،

خام خىيال رېئاللىق پەرقسىز بەزەن.

روھتىكى خىيالىي مەۋھۇم قوياشنىڭ

تەبتىگە رەئال قوياش بولالمايدۇ تەڭ⑿.

ناتونۇش كوچىلار ۋە يات چىرايلار،

ناتونۇش كەچمىشنى سالارمۇ ئەسكە؟

تۇتۇقلۇق ئىچىدە گاڭگىراق ئويلار

ئاھ روشەن چىراينى تاپارمۇ تەستە؟

سەن ئۇنى ئىزدىمە ئەمدى دۇنيادىن،

ئۇ پەقەت سېنىڭكى روھىڭدا ھەردەم.

جەننەتكە سىغمىغان نۇرى مەئىنى ئۇ،

بار ئىدى تۆرەلگەن ۋاقتىدا ئادەم.

بار ئىدى ھەزرىتى نۇھ زامانىدا،

ئۇنى غەرق ئەتمىگەن ئاشۇ زور تۇپان.

ئۇنىڭكى ۋۇجۇدى كۆيگەن دەملەردە،

تۇپانمۇ ئۇسسۇلۇق بولماس ھېچقاچان.

كاسىلداپ تۇرغان سوغ چىشلار ئىلكىدە

ھۇۋلايدۇ ئۇجۇققان قەدىم خارابە.

دۇنيا ئوت ئىچىدە كۆيسە ئەگەردە،

زىمىستان جۇش ئۇرار ئۇنىڭ تېنىدە.

گاھىدا خۇدا دەپ قىلىدۇ نالە،

گاھىدا ۋادەرخ كورۇ گۇمراھ ئۇ.

گاھىدا ئارىپ ئۇ گاھىدا مۆمىن،

گاھىدا مەجۇسى ياكى تەرسا ئۇ.

سەن ئۇنى يالقۇن دەپ قولۇڭنى سۇنساڭ،

سېزىسەن مۇزدىنمۇ بەتتەر سوغاق ئۇ.

ئۇنى مۇز شەكلىدە كۆرسەڭ گاھىدا،

كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ كۆكنى شۇ چاغ ئۇ.

سەن كىم دەپ سورىساڭ جاۋاب بېرەلمەس،

بىلمەيدۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇ.

جىسمىنى قان قىلار مۇشۇ مۇئەممە،

شۇڭلاشقا سەرسان ئۇ ئالەمدە مەڭگۈ.

تۇرارغا تېنىدە يوقتۇر تاقىتى،

يوقتۇر ھەم يۈرەرگە ئۇنىڭ ھالىتى⒀.

تۇرۇشقا قارار يوق، يۈرۈشكە نىشان،

پەقەتلا سەرسانلىق ئۇنى كۈتكىنى.

گوياكى شۇملۇقنىڭ بىشارىتىدەك،

يۈرۈيدۇ ئۇ شائىر جاھاننى كېزىپ.

بەخت ۋە شادلىقنىڭ ئەلچىسى كەبى،

كېزىدۇ جاللاتلار قىلىچ ئوينىتىپ.

جاللاتلار شائىرلار ئوخشاش سانىلىپ،

قويىلار ئوخشاش بىر قەبرىستانلىققا.

جاللات ۋە شائىرنىڭ پەرقىنى قاچان

بىلدۈرەر ئىلاھىم بۇ ئىنسانلارغا؟

ئادەمنى ئۆلتۈرگىن قەلەم بىلەن دەپ

نېمىشقا قىستايسەن مېنى بۇنچىلا؟

ئىنساننى يوقۇتۇش ئۇلۇغ ئىش بولۇپ،

ئىنساننى سۆيمەكلىك بولدىمۇ گۇناھ؟

بىلەلمەي قالغاندا نەگە قېچىشنى،

پەقەتلا كېسەللىك بولۇر پاناگاھ.

ئىنسانلارنى سۆيۈپ سۆيۈپ ئاخىرى

ئېرىشكەن نەرسىسى ئازاپ ۋە گۇناھ.

ھەممە ئادەم بولىۋالسا مۇسۇلمان،

كاپىر قىلىپ تاللىنىدۇ ئۇ شائىر.

ھەممە ئادەم دەھرى بولۇپ كەتكەندە

خۇراپى دەپ قارىلىدۇ ئۇ شائىر.

ھەممە ئادەم ناتسىس بولۇپ كەتكەندە

يەھۇدى دەپ سانىلىدۇ ئۇ شائىر.

ھەممە ئادەم يەھۇدىي بوپ كەتكەندە،

ناتسىس دەپ ئاتىلىدۇ ئۇ شائىر.

ھەممە ئادەم بۇتلارغا باش ئۇرغاندا

ئىبراھىمدەك تاشلىنىدۇ ئوتقا ئۇ.

ھەممە ئادەم بۇتنى ئۇرۇپ چاققاندا

بۇددىست دەپ قوغلىنار ياقا يۇرتقا ئۇ.

ھەممە ئادەم بولۇۋالغاندا ئاتېسىت

فېئودال دەپ سوتلىنىدۇ ئۇ شائىر.

بۇ دۇنيادا سۆيگۈدەكلا يىگانە،

ھەممە جايدىن قوغلىنىدۇ ئۇ شائىر.

كۈلكىدىن بۇلغانغان مۇشۇ زېمىندا

كىم سېزەر كۆزياشنىڭ سۈزۈكلىكىنى؟

يىگىرمە تۆت ئەسىر يىل ئىلگىرى بىر زات،

ھېس قىلغان ھەر دىلنىڭ ئۈزۈكلىكىنى،

لەرزىگە كەلگەندە دېسكوخانىلار،

ئاياقلار ئاستىدا شەھۋەت شولىسى.

مۇزىكا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە،

چۇرقىراپ تەنتەنە قىلار ھەممىسى.

ئەسەبىي مۇزىكا، تەنتەنە ئىچرە،

شۇ قەدەر بىچارە ئاشۇ ئىنسانلار.

يىگىرمە تۆت ئەسىر كېيىن بۇ جايدا،

ئىنسانلار ھەسرىتى كۆزۈمنى ئاچار.

تۇنجى رەت ئۆلۈكنى كۆرگەندىن بەكراق

غەمكىنلىك كېسىلى قوزغىلار مەندە⒁.

ئاۋازلار گېلىمدىن بوغىدۇ مېنىڭ،

ھېچ ماجال قالمايدۇ ئاجىز بۇ تەندە.

سېزىمەن ئۆزەمنىڭ سەرسانلىقىمنى،

سەرسانلاق قىينايدۇ مېنى ھەر كۈنى.

گوياكى ئەسەبىي كىمياگەرلەردەك،

مەن تاۋلاپ چىقماقچى بۇندا سۆيگۈنى.

قەلبىمدە ئەمەس، ئاھ مېنىڭ تېنىمدە

يانىدۇ ئىنسانغا جان بولغان ھەۋەس،

قەدىمقى ئەسلى تىپ ياكى بەلگۈدەك،ئې

گوياكى ئەپسۇندەك كۈچلۈك مۇقەددەس.

قويۇڭلار، قويۇڭلار مېنى بىر دەم تېنچ،

ئۆيۈمگە كەلمەڭلار غېرىپسىناي مەن.

ھاياجان، ئىشرەتكە چىدىيالمايمەن،

دۇنيادا بىر دەملىك يالغۇز قالاي مەن.

كوچىدا بەكمۇ كۆپ مەشھۇر ئادەملەر،

تارايدى تەپەككۈر ئىسلار ئىلكىدە.

ئاھ بەكمۇ خەتەرلىك موخۇركا چېكىش

تۇيۇقسىز ئويغۇنۇپ يېرىم كېچىدە.

چۈنكى بۇ تارتقىنىڭ ئىس ئەمەس بەلكىم،

بەلكىم ئۇ- قاراڭغۇلۇق تارقاتقان زەھەر.

ياكى ئۇ ئۆزەڭنىڭ تېنىدىكى قان،

تاڭ ئېتىپ قايتا رەت كەلمەيدۇ سەھەر.

نەدىدۇر زېمىننىڭ جىنسىي ئەزاسى؟

ئەسەبىي ئۇ شائىر سورايدۇ شۇنداق.

چۈشىدە كۆردىكى دەھشەتلىك بىر نۇر

چۈشمەكتە زېمىنغا سۈزۈك يالتىراق.

ئاشۇندا ھامىلدار بوپتۇمىش زىمىن،

مەڭگۈگە تۇغمايمىش، تۇغمايمىش بىراق.

قاراسلاپ بىر سادا كېلەر سۆڭەكتىن،

يالغۇزلۇق نەقەدەر دەھشەت ھەم تاتلىق.

ئىچىڭگە لىق تولسا تاتلىققىنا ئىس،

چۈشۈڭدىن مەڭگۈگە يۈتسىمۇ شادلىق.

شېئىرى بېسىلغان قەغەزنى يىرتىپ،

تىترىگەن قوللاردا قوپال توم قىلىپ

ئورىغان بەھەيۋەت تاماكىسىنى

شورايدۇ شائىرنىڭ پىكرى چېچىلىپ.

ئۆلمىگىن، ئۆلمىگىن، مەڭگۈ ئۆلمە دەپ،

ئۇرىلار ئالقىشلار بېشىغا دەھشەت.

ئۆلمىگىن، راستىنلا ئۆلمە ئەي شائىر،

ئۆلۈمنى باشقىلار قىلىدۇ ھەسەت.

لېكىنچۇ، ئۆلۈمدىن چىقمايدۇ داڭقىڭ،

جاللاتلار تارىخنىڭ ئىگىلىرىدۇر.

پەقەتلا سەرسانلىق تەئەللۇق ساڭا،

سەرسان بول،

ۋەيران بول،

نالە قىل،

ئاھ ئۇر!

شۇنداق بىر ئارال بار يىراق ئېسىمدە،

بىلمەيمەن ئۇ زادى قايسى ئەپسانە.

تولغانمىش پەقەتلا ئاياللار بىلەن،

پەقەتلا گۈزەللىك مەۋجۇت ئۇ يەردە.

ئاھ، ئۇندىن كەلگۈچى ئەي ئەسەبىي ئوت،

يۈت كېلىپ قەلبىمنىڭ بوشلۇقىدا جىم.

ئۇ ئارال خىلۋەتتۇر پۈتۈن ئالەمدىن،

ئاھ چوغدەك دەھشەتلىك غەيرى بىر سېزىم

ئۇ تامان سۆرەيدۇ مېنىڭ قولۇمدىن.

گۈزەللىك قاغالغان، تۇتقاقلىق تۇتقان،

ئەركىنلىك قاغالغان قۇللار ئاغزىدا.

قېچىشقا ماغدۇر يوق، توختاشقا جۈرئەت.

قانسىز سوغ لەۋلەردىن چىقمايدۇ سادا.

پەقەتلا كوچىغا تولغان چوقانلار

مېڭەمدە ياڭرىتار چۇۋالچاق نىدا.

ئىزاھاتلار:

1.مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىدىن ئېلىندى.

2.مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىدىن ئېلىندى.

3.ئەلشىر نەۋائىنىڭ شېئىرىدىن، ئەسلى مۇنداق:

ئىتلار قاۋىشۇر گادانى كۆرسە

ئاشىق سۆيۈنەر بالانى كۆرسە

كۆپ نالە قىلۇر سەھەردە بۇلبۇل،

گۈلنىڭ يۈزىدە سابانى كۆرسە.

پەرۋانى ئۇرار ئۆزىن چىراققا،

ئوتنىڭ يۈزىدە خۇدانى كۆرسە.

4.يۇقۇرىقى ئىزھاتتىكى «ئاشىق سۆيۈنەر بالانى كۆرسە» دېگەن مىسراغا قاراڭ.

5.مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىدىن ئېلىندى.

6.«ئىنجىل»دا ئەيسا ئەلەيھىسسالام زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا مەريەم ئۇنىڭغا قاراپ «ماڭا قايتىش يولىنى كۆرسەت» دەپ خىتاب قىلىدۇ.

7.ساكيامۇنى ئۆزىنى بوشلۇقنىڭ ياكى يوقلۇقنىڭ پادىشاھىمەن دېگەن. بۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇقلۇق دېيىلىدۇ. قۇرۇقلۇق دېگەن سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دېڭىز ئوكياندىن باشقا زېمىننى كۆرسىتىدىغان سۆز بىلەن ئاھاڭداش بولغاچقا بوشلۇق ياكى يوقلۇق دەپ ئېلىندى. بۇ براخمان دىنى، بۇددا دىنى ۋە مانىي دىنىدا مۇھىم بىر ئۇقۇم. تەسەۋۋۇپچىلار دائىم تىلغا ئالىدىغان لاماكان بىلەن يىلتىزى بىر.

8.مەشرەپنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا قاراڭ:

ھەزرىتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم.

ھەق رەسۇل مىراجىغا چىققاندا مەن بىللە ئىدىم.

چۈن خېلىل ئاتەشكە كىردى، ئوتنى پەرۋا قىلمىدى،

ئوتنى بوستان ئەيلىگەن گۈلشەندە مەن بىللە ئىدىم.

…….

چۈن ئەنەلھەق دېدىلەر مەنسۇرنى دارغا ئاستىلار،

قان بىلەن مەنسۇر يۈزىن يۇيغاندا مەن بىللە ئىدىم.

9.رىۋايەت قىلىنىشىچە قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى سوقرات بىدئەتلىكتە ئېيىپلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. جاللات ئۇنىڭغا زەھەر بېرىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغان. كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، سوقرات زەھەرنى خۇددى ئېسىل شارابنى ئىچكەندەك لەززەتلىنىپ، خۇشال ھالدا ئىچكەن.

10.قەدىمكى مىسىرنىڭ «ئوسرىس» ئەپسانىسىدا ئېيتىلىشىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ دۇنياغا بارىدۇ، دوزاق بىلەن جەننەتكە ھۆكۈم قىلىش ئالدىدا ھەر بىر كىشىنىڭ يۈرىكى تارازا بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ دۇنيادا گۇناھى قانچىلىك ئېغىر بولسا يۈرىكى تارازىدا شۇنچە ئېغىر كېلىدىكەن، گۇناھى ئازلارنىڭ يۈرىكى يەڭگىل كېلىدىكەن.

11.رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە يەھيا ئەلەيھىسسالامغا قەدىمكى يەھۇدىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ھېرود ئانتىپاسنىڭ جىيەن قىزى ھېرودىئاسنىڭ قىزى سالومې ئاشىق بولۇپ قالغان. ئۇنى ھەر قانچە قوغلىشىپمۇ مۇرادىغا يېتەلمىگەن. بىر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلىدىن خۇشال بولغان پادىشا ئۇنىڭ ئۇسۇلى ئۈچۈن نېمىنى تەلەپ قىلسا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، سالومې پادىشاھتىن يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۆزىگە سوۋغا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، پادىشاھ گېپىدىن يانالماي ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغان. سالومې يەھيانىڭ پەتنۇستىكى كاللىسىنى سۆيۈش ئارقىلىق ئۇنى بىر قېتىم سۆيۈۋېلىش مەقسىتىگە يەتكەن. ئەنگلىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى ئوسكار ۋايلدېنىڭ مەخسۇس بۇ ھەقتە يېزىلغان «سالومې» ناملىق دىرامىسى بار.

12.مەنسۇر ھەللاجى بىلەن قېتىلىپ كېتىش خاھىشى مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. 19- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى موللا مۇھەممەد نىيازى يازغان «داستانى مەنسۇر»دىمۇ مەنسۇر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنىڭ سۇدا ئېقىپ كېلىپ بىر قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا قايتا تۆرەلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، مەنسۇر نەسىمى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ روھىنى بىرر ئوھ، پەقەت تېنىلا ئوخشىمايدۇ دېگەن. بۇنداق قايتا تۇغۇلۇشتىن ئىبارەت پىكىر ئەندىزىسى قەدىمكى ئارىئانلارنىڭ ئىپتىدائى ئېتىقادىدىن كەلگەن بولسا كېرەك. بۇ يەردە تەسۋىرلىنىۋاتقىنى مانا مۇشۇنداق دەۋر ھالقىغان مەنىۋىي ئوبراز.

13.مەشرەپ شېئرلىرىغا قاراڭ.

14.تەخمىنەن يىگىرمە بەش ئەسىر ئىلگىرى شاھزادە سىددىخارتا تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇندىن ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى ئوردىدىن چىققىلى قويمىغان. رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ دادىسى ئۇ سىرتقا چىقسا دۇنيادا كېسەل، ئۆلۈم قاتارلىق كىشىنى ئازابلايدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ، مەن ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئازابلارنى بىلدۈرمەيمەن دەپ شۇنداق قىلغان. ئۇ ئۆيىدىن چىقىپلا كىشىلەرنىڭ بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىشقا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن، شۇندىن كېيىن ئۇ ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدە ئۇزاققا سوزۇلغان پەلسەپىۋىي ئويلىنىشىنى باشلىغان.

————

-قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدىن ئېلىندى
خاپوماي تەستىقلاپ قويشالا----كامالى ئېھتىتىرام بىلەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 14:07:24

قاتتىق چۈپەي،خۇمسى لاتىدىن بىرسى قويغان تېمىكەن بۇ،داپەنجى لازىسى تىقساڭچۇ كەينىڭگە

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 14:18:02

قان - ژىرىڭغا ئولىشىپتۇ ئۇ نىمە ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 14:34:05

پاراڭخۇمار ئەمەس ،010 خۇماردىن بىرىكەندە بۇ

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 15:05:15

ھەممە ئادەم بولىۋالسا مۇسۇلمان،
كاپىر قىلىپ تاللىنىدۇ ئۇ شائىر.

بۇ مىسىرالارغا نىمە دەي ئەمدى؟...  مەلۇم كىشىنىڭ كاپىر ياكى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئىسلامنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئايرىلىدۇ. مەشرەپ، مەنسۇر ھەللاجى... قاتارلىق تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەسلى ئەقىدىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. لىكىن بۇلار توغۇرلۇق يىزىلغان يازما، كىتاپلارنىڭ كۆپۇنچىسىدە بۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە مۇشىرىكلىك پۇرقى كىلىپ تۇردۇ. بۇ سۇيقەسىتچىلەرنىڭ پىتنىسىمۇ ياكى ئەسلى ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى شۇنداقمۇ ھىچ بىلمىدىم.





putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 16:37:19

بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى،ئەسكى تامنىڭ خىشلىرى.....

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 19:54:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolkun531 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 20:07  

بۇنى كىم يازغان بولشىدىن قەتئىنەزەر، كۇپرىلىق كۈچلۈككە.

گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تىزەكلەر ئىشەك،
ئىشەكتۇر، ئىشەكتۇر ، ئىشەكتۇر ئىشەك.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 20:32:17

ئەزەلدىن شىئىر دىسە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئوقۇمايلا ئۆتۈپ كىتەتتىم. ماۋۇ داستاننىمۇ ئىنكاسىنىلا كۆرەي دەپ ئىتتىك ئۆتكۈزىۋىتىپ، ئۆتكىزىۋىتىپ كىلىپ ئەڭ ئاخىرقى بۆلەكتىكى بىر نەچچە مىسراغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئازراق قىزىقىپ داستاننى تەتۈر يۆنىلىشتە ئوقۇپ كىتىپتىمەن. ئاخىرى چىدىماي يەنە باشتىن ئاخىرغىچە تەپسىلى، تولۇق ئوقۇپتىمەن. :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 20:43:18

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 22:02:07

nasin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 20:32 static/image/common/back.gif
ئەزەلدىن شىئىر دىسە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئوقۇمايلا ئۆ ...

تەسىرات ئىنكاسى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!!!:lol
گۈللۈككە نىمە بوپتۇ؟{:96:}  پەقەتلا ئېچىلمايدىغۇ؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 22:35:05

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 15:05 static/image/common/back.gif
ھەممە ئادەم بولىۋالسا مۇسۇلمان،
كاپىر قىلىپ تاللىنىدۇ ...

كىتاپلارنىڭ كۆپۇنچىسىدە بۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە مۇشىرىكلىك پۇرقى كىلىپ تۇردۇ. بۇ سۇيقەسىتچىلەرنىڭ پىتنىسىمۇ ياكى ئەسلى ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى شۇنداقمۇ ھىچ بىلمىدىم.
===================================
ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى سۈيقەست قىلغان بولىدۇ دە؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 23:00:46

رۇسلانبەيدىكى تەسەۋۋۇر كارامەت!:lol

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 00:41:10

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 23:00 static/image/common/back.gif
رۇسلانبەيدىكى تەسەۋۋۇر كارامەت!

رۇسلانباينىڭ تەسەۋۇرىنى ھېچ چۈشەنمىدىميا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 08:32:45

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 22:35 static/image/common/back.gif
كىتاپلارنىڭ كۆپۇنچىسىدە بۇلارنىڭ ئەقىدىسىدە مۇشىرىك ...

ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى سۈيقەست قىلغان بولىدۇ دە؟



سىز تەسەۋۋۇپچىلارنى دىمەكچىمۇ؟ شەرىقشۇناس تەتقىقاتچىلارنى دىمەكچىمۇ؟ ياكى بۇ شىئىرنىڭ ئاپتۇرىنى دىمەكچىمۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 09:04:28

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 00:41 static/image/common/back.gif
رۇسلانباينىڭ تەسەۋۇرىنى ھېچ چۈشەنمىدىميا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ...

رۇسلاننىڭ 4-قەۋەتتىكى ئىنكاسىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ بېقىڭ، چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ئامالىم يوق، ئۇ ئىنكاسنى بۇ يەردە يېشىپ چۈشەندۈرۈش سەل بىئەپ، سىزگە تېپىشماق قالدى... :lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 09:14:18

رۇسلان ...ھا ھا ھا :lol:lol:lol

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 09:22:14

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 20:43 static/image/common/back.gif
چۆرگىلەپ چۆرگىلەپ يەنە شۇ ھېچنىۋىمىزىمغا باردىمۇ ئاخى ...

ھىچنىمىزىم دىگەن قانداق ئاتالغۇ؟ ئۇنىڭ شەرھىيسى نىمە؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 13:03:22

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 09:14 static/image/common/back.gif
رۇسلان ...ھا ھا ھا

ھا ھا ھا   چۈشەندىم :lol :lol :lol

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 17:18:21

باشقىلار يازغان شئېرنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ خېلى سەۋىيە كېتىدۇ. «ئەنقا»نىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلقىنى «قاغا» نىمە بىلسۇن؟ بىر قىسىم «بالىلار قوشاقلىرىنى ئاران چۈشىنىدىغانلار»غا نىسپەتەن، مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى تەپەككۇر ئادىتى بويىچە شىئېرنىڭ  ئارىسىدىن مەلۇم بىر سۆزنى تارتىپ  ئېلىپ،نادانلارچە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرايدۇ. بۇنداقلارغا بۇنداق شىئېرلارنى سۇنۇش خۇددى «ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالغاندەك»، «ئەتتىر گۈلنى تېزەككە سانچىغاندەك» بىر ئىش.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 21:00:51

-قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدىن ئېلىندى
خاپوماي تەستىقلاپ قويشالا----كامالى ئېھتىتىرام بىلەن

قۇداتقۇبىلىك  مۇنبىرى ئېچىلدىما؟
بەت: [1] 2
: پەرھات تۇسۇن---يوقىلىش