[خەتلىك فىلىم] ۋېلىسىپىت ئوغرىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-6 20:36فىلىم نامى: ۋېلىسىپىت ئوغرىسى
ئېنگىلىزچە نامى: Bicycle Thieves
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1948-يىلى
دۆلىتى: ئىتالىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: ئىتالىيانچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 8.4
رازمىرى: 960x720
چوڭلىقى: 1.6GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:30:40
رېژىسسور: Vittorio De Sica
باش روللاردا: Lamberto Maggiorani, Enzo Staiola, Lianella Carell | See full cast and crew
فىلىم ھەققىدە:
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، باشقا نۇرغۇن شەھەرلەرگە ئوخشاشلا رىممۇ نامراتلار ۋە ئىشسىزلار بىلەن لىق تولغان ئىدى، كىشىلەر دائىم بىر خىزمەت ئورنى ئۈچۈن ئۆز-ئارا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. ئۇزۇن مەزگىل ئىشسىز يۈرگەن رىچى مىڭ بىر جاپادا بىر ئېلان رەسىمى چاپلاش خىزمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ خىزمەت ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان بىر ۋېلىسىپىت ئۈچۈن بېشى قاتىدۇ، كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن، ئايالىنىڭ توي مېلى بولغان كىرلىكنى سېتىپ، گۆرۈگە قويغان كونا ۋېلىسىپىتىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتى خىزمەتكە چىققان تۇنجى كۈنىلا ئوغرىلىنىدۇ. رىچى ئوغلى برونو بىلەن رىمنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن تايىنىدىغان ۋېلىسىپىتىنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ، ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەتكەن رىچى باشقىلارغا ئوخشاش بىر ۋېلىسىپىتنى ئوغرىلايدۇ، ئەمما رىچىنىڭ تەلىيى باشقا ئوغرىلارغا ئوخشاش ئوڭدىن كەلمەيدۇ.
بۇ فىلىم 22-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدا ئەڭ نادىر سنارىيە مۇكاپاتى نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 18 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
كەسمە رەسىملەر:
http://download.kowruk.cn/image/theothers/01.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/02.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/03.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/04.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىلار سەمىگە: چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىزلەر، فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەر بولسا، فىلىمنى شۈنلېيدىن ئۆچۈرۈپ يېڭىسىنى چىقىرىمىز، بۇ سەۋەبتىن بىۋاستە يېزىپ قويۇلغان شۈنلېينىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرەلمسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. رەسىم خاتاغۇ داڭقىنى ئاڭلاۋاتقىلى خېلى بولغان. ئەمدى كۆرۈشنىڭ پەيتى كەپتۇ. 1948-يىلى ئاشۇنداق سۈزۈك ، رەڭلىك كىنو ئىشلەيدىغان تىخنىكا بارمىدى ؟ كەسمە رەسىملىرى خاتا يوللىنىپ قاپتۇ
كۆرىدىغان يەنە بىر كىنو چىقىپتۇ مانا، ئەجرىڭىلارغا كۆپ تەشەككۈر ! رەخمەت مەن چۇشۇرۋالاي رەخمەت مەن چۇشۇرۋالاي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-9 17:10
جىن كىنوسى ماۋۇ، ئۆيدە كىچىك بالىلار ۋە لار بولسا كۆرمەڭلار
1_رەسىمدىكى شابانغۇ :( كۆۋرۈك تېرمىنالىنى يېڭىىغاندىن كىيىن win8 دا ئېچىلماس بولۇپ قالدى.@kowruk_cn تەسىرلىك ئىشلەپتۇ بالا بەك ئوماقكەن.
ئاتامان فىلىمىدىكى كېلېمانزانىڭ رولىغا چىققان ئارتىسنىڭ كىچىك ۋاقتى ئەمەستۇ. تور بىكىتىڭلاردىكى كىنو قۇيۇلمايدىغۇ ؟ مىنىكىدىلا شۇنداقمۇ يا ؟ ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 19:42 static/image/common/back.gif
تور بىكىتىڭلاردىكى كىنو قۇيۇلمايدىغۇ ؟ مىنىكىدىلا شۇن ...
قويغۇچنى ئالماشتۇرۇۋاتىمىز، بىرئازدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەجىرىڭلاردىن گۈللەر ئۇنسۇن:$ مەن چۇشۇرۋالدىم ....رەھمەت. كىنو قويغۇچنىڭ كىنونى چۈشۈرۈپ قوىۇپ تورسىزھالەتتە كۆرىدىغان ئىقتىدارى يوقما؟ bibaris يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 20:59 static/image/common/back.gif
كىنو قويغۇچنىڭ كىنونى چۈشۈرۈپ قوىۇپ تورسىزھالەتتە كۆر ...
چۈشۈرۈپ كۆرىدىغان ئىشنى كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان نۇسخىسىغا ئويلىشىۋاتىمىز.
تور بېكەتتىن پەقەت چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن فىلىملەرنىلا چۈشۈرۈگىلى بولىدۇ.
بەت:
[1]