yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 13:31:50

ھېيتلىق يۇمۇرلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 13:53  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئىزدىنىشتىكى ئەزىزلەر،مۇبارەك قۇربان ھېيتىڭلار ياخشى ئۈتۈۋاتامدۇ.ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزىشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
مەن ھېيتنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەرقايسىللىرىغا بىرقانچە يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم.يۇمۇرنىڭ  پىرسۇناژلىرى ئىزدىنىش ئەزالىرىدىن تاللاندى.يۇمۇردا ئىسمى چىققان ئەزىزلەرنىڭ چاخچاققا چاخچاق بۇيىچە مۇئامىلە قىلىشىنى ،رەنجىپ قالماسلىقىنى ،خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بۇلۇشىنى ،شۇنداقلا ياخشى يۇمۇرلار بولسا  ئوتتۇرىغا تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1.ئاشخانىدا
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى خىيالچى بىر كۈنى كەچلىك تاماق يىگىلى ئاشخانىغا بېرىپتۇ.ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى ئۇنىڭغا چاي قۇيغاچ نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سۇراپتۇ.خىيالچى جىق ئويلانمايلا :
-گۆش مانتىسىدىن 10نى.-دەپتۇ.  
ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى خوش دىگىنىچە كىتىپ بىردەمدىلا تەخسىگە 10 مانتىنى ئېلىپ كەپتۇ.خىيالچى مانتىلارنىڭ سۇۋۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە كىچىك ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ مۇلازىمەتچىگە:  
-مانتىلارنى مەن پولوغا تىگىشىمەن،مانتىنى ئاپىرىۋېتىپ،پولو ئەكىلىپ بىرىڭ،-دەپتۇ.   
مۇلازىمەتچى خوش دەپ قايتىپتۇ.بىر ھازادىن كىيىن بىر تەخسىدە پولو ئېلىپ كەپتۇ.   
خىيالچى پولونى ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ.يەپ بولغاندىن كىيىن دۇئا قىلىپ سىرتقا مېڭىشىغا ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى: -  
-ئۇكام،يىگەن پولونىڭ پۇلىسىنى بەرمەمسىز؟-دەپتۇ. 
خىيالچى:   
-ئۇستام،مەن پولونى مانتىغا تىگىشكەن تۇرسام ،نىمىشقا پولونىڭ پۇلىسىنى بەرگۈدەكمەن.-دەپتۇ.   
ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى:  
-ئەمىسە مانتىنىڭ پۇلىسىنى،-دىيىشىگە خىيالچى ۋاقىراپ كىتىپتۇ:   
-مەن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۈلەمدىم!  
ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى ئاغزىنى ئېچىپلا قاپتۇ.   

2.ئالداش


ئىلتەرىش بىر كۈنى كەچ غەرق مەست ھالدا كۇچىدا كىتىۋاتسا باش كومىسسار جەۋلانغا يۇلۇقۇپ قاپتۇ،جەۋلان ئەپەندىم ئۇنى ئۈيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بۇلۇپ:   
-ماڭلا  ئىلتەرىش ،ئۈيۈڭلىگە ئاپىرىپ قۇياي،-دەپتۇ.
ئىلتەرىش جەۋلاننىڭ ئۈستىۋېشىدىكى ساقچى كىيىمىنى كۈرۈپ ھۇدۇقۇپ قاپتۇ دە:  
-مېنى ئالدىماقچىما؟ئۆيگە ئاپىرىمەن دەپ ساقچىخانىغا ئاپىراسەن ھەقىچان.مەن سىزدەك ساقچىلاردىن نەچچىنى ئالداپ بولغانمەن-دەپتۇ.
جەۋلان كۈلۈپ تۇرۇپ؛  
-ئىلتەرىش ئىنىم،بىر دىگىنە،قانداق ئالدىدىڭ.-دەپتىكەن ئىلتەرىش:  
-قارىڭا،بايىلا خەلق مەيدانىدىكى چىملىققا ئۈرە تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىپ تۇرسام،ساقچىدىن بىرسى كىلىپ:
-ھەي،بۇيەرگە كىچىك تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ دىۋىدى مەن قانداق قىلدىم بىلەمسىز؟-دەپتۇ.  
جەۋلان  بۇگەپكە قىزىقىپ:  
-نىمە قىلدىڭ؟-دىسە  ئېلتەرىش:
-ئىشتاننى ئەتتىم،ئەمما كىچىك تەرەت قىلىشنى توختاتمىدىم.-دەپتۇ.

داۋامى ئىلھام كەلگەندە يېزىلىدۇ.


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 14:52:02

:lol:lol:lol:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 15:09:27

يېڭىسى يوقما!؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 15:25:49

چىشىمنى چىقىرىپ قويدۇم

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 15:52:18

كۈلۈمسىرىدىم

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 15:55:30

ھىجايدىم

Erajan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 16:26:04

تەبەسسۇم ئەيلىدىم

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 16:46:39

كۆزۈم يۇمۇلۇپ قاپتۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 16:47:11

ئىككى چىشلىق كىۋەزدەك بولدۇم

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:00:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-6 17:01  

كۈلەلمىگەنلىكىمدىنمىكىنتاڭەي  ياكى قىزقارقىلىق ئەمەسلكىمىدىكىنمىنتاڭ شۇ ۋەجىدىن   كۈلمىدىمكىن

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:35:54

يۇقىرىدىكى مۇنبەرداشلار دەيدىغاننى دەپ بوپتۇ. بوپتۇلا، مەنمۇ ھىجىيىپ قويغان بولاي ئەمسە{:87:}

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:45:25

:) مۇشۇنداق قىلدىم

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 18:43:00

خوشال بولدۇم

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 18:55:22

ياۋۇزبەگ دوستۇم ئاجايىپ كەلتۈرىۋېتىپتىغۇ مېنى
بولماپتۇ بۇ، راۋۇرۇستىن بىرنى يوللىمىسام،يۇمۇرغا قېتىلىپ قالغانلار رەنجىمىگەي…
ھېيتلىق Android ئەپتىن يوللاندى ھىجىيىپ تۇرۇپ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 19:36:05

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-10-6 18:55 static/image/common/back.gif
ياۋۇزبەگ دوستۇم ئاجايىپ كەلتۈرىۋېتىپتىغۇ مېنى
بولماپ ...

ئىلتەرىش  ھېيـتلىق ئىشتان تۈگۈشۈپتۇ-دە؟ :lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 19:38:07

شۇ ئىشتىن  كېيىن  ئىۋۇ باش سۈرىتىڭلاردىكى سۇلياۋ ئىشتاننى كېيىۋاپسىلەردە  ۋەيت! ( سورۇننى باشلىۋەتتۇق ئەمىسە){:87:}

muhit يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 20:11:33

داۋاملاشسۇن :P

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 20:18:21

ھا ،ھا ، مەن مۇشۇ يۇمۇرغا بەك ئامراقتىم ، ھىېلىقى بۇ ئىشتاننى مەن چاپانغا تىگىشتىم دەيدىغان ...

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 20:33:30

قىزىقارلىقكەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 20:57:16

بىر كۈنى داداش بىلەن يۇۋاش0999 غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىپتۇ،بۇ ئىككەيلەننىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە بېرىشىكەنتۇق،ئىككىسى يولدا كېتىپ بېرىپ ئاداش بۇ ئۈرۈمچىنىڭ بىنالىرى نىمانداق ئېگىز،ئاۋۇ بىنا بەك ئېگىزكەن،نەچچە قەۋەتتۇ دەپ توختاپ راسا ساناۋاتسا دەل شۇ ۋاقىتتا پىس پاس كېلىپ : ساناپ بولدۇڭلارمۇ،قەۋىتىنى بىر كويدىن سانايسىلەر دىيىشىگە داداش ئالمان تالمان،ياق،ساناپ بولالمىغان تېخى،13- قەۋىتىگە كەلگەن دەپتۇ،پىس پاس قوپۇپ يەنە داۋاملىق سانامسىلەر دەپتىكەن داداش قوپۇپ: ياق،بولدى ئەمدى سانىمايمىز دەپ 13كوي پۇلنى پىس پاسقا بىرىپ كېتىپتۇ،يولدا كېتىۋېتىپ داداش پىخىلداپ كۈلگىلى تۇرۇپتىكەن،يۇۋاش0999 قوپۇپ ئاداش،نىمانداق كۈلۈۋېرىسىلەر دىسە داداش : ئاداش،مەن ئابايىقى گۇينى سەت ئالدىۋەتتىم،بەك ئەخمەق بالىكەن ،مەن ساناپ 28-قەۋەتكە كەلگەنتىم،13- قەۋەتكە كەلدىم دەپ قويدۇم،بىلمەيلا قالدى دىگۈدەك…
بەت: [1] 2
: ھېيتلىق يۇمۇرلار