دوكان ئاچىمەن (شېئىر
دوكان ئاچىمەن (شېئىر)ئاتا -ئانامنى يوقلىماي دوكان ئاچىمەن،
قۇربانلىققا مال سويماي دوكان ئاچىمەن،
ھېيتنى خۇشال ئوينىماي دوكان ئاچىمەن،
قەبرىلەرنى يوقلىماي دوكان ئاچىمەن،
ھېيت نامىزى ئوقۇماي دوكان ئاچىمەن.
سەن ئاچمىساڭ ئاچمىغىن ئۆزەم ئاچىمەن،
پۇلنى بۈگۈن تاپمىسام قاچان تاپىمەن،
ھيت كۈنىسى ئاچمىسام قاچان ئاچىمەن،
كۆپلەپ مال-دۇنيا تېپىپ ، قوغداپ ياتىمەن
شۇڭلاشقا مەن ھېيتتا دوكان ئاچىمەن.
بۇ قارا يۇمۇر قىزىقارلىق ئەمەسكەن ... چاچما شىئىركەن ئەسەرنىڭ تىلى سەل قوپال بولۇپ قالغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئايەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغان كىشىلەرگە دەل جايىدا ئۇرۇلغان كاچات بولۇپتۇ.بارىكاللا ھېلىمۇ ياخشى يوغان قىلىپ « شېئىر» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپسىز، مەن تېخى ماقالىمىكىن دەپتىمەن :lol
بۇ دىداكتىك ئەسەردە تېمىدىن تارتىپ قۇيرۇققىچە « دۇكان» نى «دوكان» دەپ بوم ئاۋازدا ئېلىۋىتىپسىزغۇ؟
ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 21:04 static/image/common/back.gif
ھېلىمۇ ياخشى يوغان قىلىپ « شېئىر» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپس ...
خوتەنلىك ئىدىم قالىسلا {:237:} مۇشۇ دۇكان ئېچىش بەك جاپالىق ، ئۇلارنىڭمۇ ھالىغا يىتەيلى ،دۇكان ئىجارىسى ، نىمكار ئىش ھەققى ھەممىسىنى تاپمىسا تېخى ... بوپ قۇيدىغان قوشاقكەن..... دۇكان ئاچسا نىم بوپتۇ، شۇنىڭغىمۇ ئىلھام كېلىپ لېرىكا پۈتكەن بارمۇ؟{:92:} تازا دۇكىنى يوق ئىچى ياماننىڭ شىئىرى ئىكەن {:87:}{:87:}{:87:} ناچار بەلگىسىنى بېسىپ قويدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا newstar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-7 14:53
باشقا چاغدا ئادەم كىرمىگەندىكىن ھېيتتا ئاچماي قاچان ئاچىسىز... قۇشقاچنىمۇ قار ياغقاندا تۇتقۇلۇق...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bigboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-7 16:53
ناچار !
يولۇچىA: قانداق نېمىسەن ؟نېمىشقا بۇ قىشتا خۇرۇم ئۆتۈك كىيمەي لاتا ئاياغ كىيىۋالدىڭ ؟
مۇساپىر B: (سەل قورۇنۇپ تۇرۇپ) مەن لاتا ئاياغقا ئامراق شۇ .
مۇساپىر A: نېمە كارىڭ ؟بىرنېمەڭنىڭ بىر نېمىسىنىڭ تور پايپىقىنى كىيىۋالمىغاندىكىن .
يولۇچى A: جالاق-جۇلۇق
مۇساپىر A: گالاچ-گۇلۇچ
يولۇچى A: تاڭ -تۇڭ
مۇساپىر A: دۇكۇش-دۇكۇش
يولۇچى A: جەرت -جەرت،گاچۇر-گۇچۇر
مۇساپىر B: ۋاق !ۋاق!ۋاق!
مۇساپىر A: ۋاق !ۋاق!ۋاق!ۋاق !ۋاق!ۋاق!
يولۇچى A:شار-شۇر:'(:'( bigboy يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 16:52 static/image/common/back.gif
ناچار !
يولۇچىA: قانداق نېمىسەن ؟نېمىشقا بۇ قىشتا خۇرۇ ...
ماۋۇ شېئىر نوچى چىقىپتۇ ....
بەت:
[1]