2126-يىلى :يەرشارىدىكى ئىشلار (ئارىيە)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 01:162126-يىلى :يەرشارىدىكى ئىشلار (ئارىيە)
(ئىلمى فانتازىيىلىك رومان)
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قوربان ھېيتىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!
بۇ -مەن خەنزۇ تىلىدا سىناق تەرىقىسىدە يىزىۋاتقان شۇ ناملىق ئىلمى فانتازىيىلىك روماننىڭ 1-قىسمى ‹‹ئالەم بوشلۇغىدا ئۇچىرىشىش››نىڭ 1-بۇلۇمى ‹‹خەيىر-خوش يەرشارى››نىڭ 10-بابى بۇلۇپ ، كوپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبىرىكلەش ئۇچۇن تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ، ئەسلى ئەسەردە ۋە تەرجىمىدە ئەدەبى تىلىمنىڭ ناچارلىغى ، قەلەم قابلىيىتىمنىڭ تۇۋەنلىكى ، خەنزۇ تىلىنى ئاساسەن ئوزلىكىمدىن ئۆگەنگەنلىكىم ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەش سەۋىيەمنىڭ تۇۋەنلىكى سەۋەبىدىن خاتالىق -سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنالماسلىغىم تەبىئى ، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ سەمىمى تۇردە تۇزىتىشىنى ۋە تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.مۇقاۋىنى لايھىلەش توغرىسىدىكى ئىلتىجا تىمىسىغا قاتناشقان بارلىق تورداشلارغا جۇملىدىن ئويغۇرچە خەنزۇچە كىتاپ مۇقاۋىسىنى لايھىلەپ بەرگەن مىسرانىم تورىدىكى ئۇتۇغۇر ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
خەنزۇ تىلىدىكى رومان ئادىرىسى:http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4
1-قىسىم1-بۇلۇم 10-باپ :قاشتېشى مارجان
بۇگۈن سەھەردىلا سالى فىرافىسور روھلۇق ئورنىدىنى تۇردى ، سادىر تېخى قوپمىغان ئىدى ، ئۇ تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ ،ئېغىز تازىلىغۈچ بىلەن چىشىنى چوتكىلاپ ، ئېغىزىنى تازىلىدى ، يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن چاچ-ساقىلىنى ياسىماق بۇلۇپ ئەقلى ئىقتىدارلىق چاچ ئالغۇسىنى تەكشۇرۇپ ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىدى ، ئۇ توردىن ‹‹تۇلۇق ئىقتىدارلىق چاچ ياساش ئەۋلىياسى››ماركىلىق يىڭى تىپتىكى چاچ ئالغۇنى سېتىۋالدى، ئۇ تازىلىق ئۇيىدىن چىقىپ ئاكىسىنىڭ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ دىدى:
- خەيىرلىك سەھەر ئاكا ، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
-خەيىرلىك سەھەر ، قانداقراق ئۇخلاپسىز ؟ ، ئەتىگەندىلا تۇرۇۋاپسىز ، ئەجىبا باشقىچە پىلانىڭىز بارمۇ؟
-بۇگۇن بازارغا چىقىپ نەرسە -كېرەك سېتىۋېلىپ تەييارلىق قىلايمىكىن .
-ئىزچىل تۇردە سىرتقا چىقمىدى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، بۇگۇن نىمە قىلاي دەيسىز ؟
-ئۇزاققا قالماي ئايرىلماقچى بۇلىۋاتىمەن ، شۇڭا ، ئۇنى - بۇنى كۇرۇپ ، سوۋغاتلىق تەييارلاپ ، خاتىرە قالدۇراي دەيمەن .
-قاچان ماڭماقچى ؟ (مەن)ئاكىڭىزمۇ بىللە باراي.
-ناشتىلىقتىن كىيىن . ئاكا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، نىمە يەيسىز؟
- سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزچە بولسۇن ، سىز نىمە يىمەكچى؟
-مەن قۇغۇن تىلىمچىسى ، يىڭى ئۇزۇم ، ئەنجۇر ۋە سارغايغان ئۇرۇك يەپ ، سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ئىچمەكچى ، بولغىدەكمۇ؟
- ئۈچ ئۇن نېنىنى قۇشۇپ قۇيۇڭ .
سالى فىرافىسۇر كېسەل سائىتىگە دىدى:
- ناشتىلىق بۇيرۇتاي ، قۇغۇن تىلىمچىسى ، يىڭى ئۇزۇم ، ئەنجۇر ، سارغايغان ئۇرۇك ، سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ، ئۈچ ئۇن نېنى ، ھەرقايسىسىدىن ئىككى كىشىلىك .
ئەينەك تامدا مۇلازىم كۆرسېتىلدى ، مۇلازىم ھورمەت بىلەن :- سالى فىرافىسۇر ، سادىر ئەپەندى ، ئەتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن! سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ، ئۈچ ئۇن نېنىنىڭ تەركبىنى دەپ بەرسەڭلار بۇلامدۇ؟ رەھمەت! -دىدى.
-ئۈچ شەربەت - ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ھەقىقى ئوچكە سۇتى ، تاۋۇز شەربېتى ، توغراق سۇيىنىڭ ھەربىرسى بىر ئۇلۇشتىن ،ئۇماچ - قوناق ،بۇغداي ،بەرەڭگە ،ماش ، گۇرۇچ ،ياڭاق ، تېرىقلارنىڭ ئۇنىدىن بىر ھەسسىدىن ، ئۈچ ئۇن نېنى قوناق ، بوغداي ، بادام ئۇنى بۇلۇپ نىسبىتى 3،2،1 بولسۇن.
مۇلازىم : رەھمەت فىرافىسۇر ، بىردەم ساقلاڭ -دىدى.
سالى فىرافىسۇر كېسەل سائىتىگە :
-گۇھەر دوكتۇرغا سۆز قالدۇرغىن:چۇشتىن بۇرۇن سىرتقا چىقىمەن ، روخسەت بەرسە ۋە داۋالاشنى چۇشتىن كىيىنگە تەڭشەپ بەرسە ، ئارقا سەپ شىركىتىگە مەلۇم قىلغىن مەن ئاكام بىلەن 23 مىنوتتىن كىيىن سىرتقا چىقىمەن ، ماشىنا ۋە ئايرىۋېتىش بۇيۇملىرى تەييارلاپ بەرسە -دىدى.
‹‹تۇلۇق ئىقتىدارلىق چاچ ياساش ئەۋلىياسى›› تاپشۇۋېلىندى ، سالى فىرافىسۇر چاچ ئالغۇنى ئورالمىسىدىن ئىلىپ قوزغاتقاندىن كىيىن سائىتىگە -چاچ ئالغۇنى ئۇلاپ ، چاچ ۋە ساقالنىڭ پاسۇنىنى لايىھەلەپ ، تامدا كۆرسەت -دىدى.
-ئاكا ، ماڭا چاچ -ساقال پاسۇنى تاللىشىپ بىرىڭە .
ئەينەك تامدا سالى فىرافىسۇرنىڭ يۇز شەكلى ، چېچى ، ساقال-بۇرۇتىغا ئاساسەن سائەت ئەقلى ئىقتىدار بىلەن لايھەلىگەن نەچچە ئون خىل چاچ ، ساقال-بۇرۇت پاسۇنى كورسېتىلدى .
ئۇلار چاچ ۋە ساقال - بۇرۇت پاسۇنىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ، سالى فىرافىسۇر چاچ ئالغۇنى ئېلىپ تازىلىق ئۇيىگە كىردى ، ئۇ ئىشىكنى ياپقاندىن كىيىن كېسەللىك سائىتىگە : دوختۇرخانا ئادۋىكاتلىق ئورنىنى ئولا -دىدى .
ناھايىتى تىزلا تازىلىق ئۇيىنىڭ پەرداز ئەينىكىدە بىر خانىم كۆرسېتىلدى ، خانىم سىپايىلىك بىلەن :- خەيىرلىك ئەتىگەن ، سالى فىرافىسۇرنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ، شەرەپ بىلەن چوڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !، مەن - ئورنىمىزنىڭ مەسئۇلى ، بىزنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمىدىڭىز؟-دىدى.
-خەيىرلىك ئەتىگەن ، ئادۋىكات ، مەن پات ئارىدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلماقچى ، شۇڭا ، مال-مۇلۇك ، مۇكاپات ، ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىنى
بىر تەرەپ قىلماقچى ئىدىم ، بۇ جەھەتتىكى قانۇنى تەرتىپلەرنى سىلەرنىڭ بېجىرىپ بىرىشىڭلارنى تەكلىپ قىلماقچى.
-سىز ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلغانلىغىمىز ئۇچۇن ناھايىتى خوشالمىز، بىز ئوزلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىمىز ، مىراسنامە تەييارلىشىمىز ئۇچۇن ، سىزنىڭ نامىڭىزدىكى مال-مۇلۇك ، ئاپيۇتلۇق ھۇقۇقى تىزىملىكى ۋە مىراس قالدۇرۇش ئارزۇيىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ،بۇلامدۇ؟
سالى فىرافىسۇر ماتىرىياللارنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن سورىدى:
-بىز كۇرۇشسەك بۇلامدۇ؟
-بىز ھەرۋاقىت كۇرۇشسەك بۇلىدۇ ، قايسى چاغدا ۋاقتىڭىز بار ، قەيەردە كۇرۇشىمىز ، سىز بېكىتىپ بەرسىڭىز .
-چۇشلۇك ئارام ئېلىشىڭىزغا تەسىر يەتكۇزدىغانلىغىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ، بۇگۇن چۇش سائەت 12 دىن 14 كىچە ۋاقىت كۇرۇشۇشكە قولايلىق ، سىزچە بۇلامدۇ؟
-تامامەن بۇلىدۇ ، نەگە بارىمەن.
-ساغلاملىق دوختۇرخانىسىنىڭ 398118-نۇمۇرلۇق كېسەلخانىسىدا ، بۇلامدۇ ؟
-بۇلىدۇ ، مەن بۇگۇن 12 دىن 5 مىنۇت ئوتكەندە لايىھەنى ئېلىپ ياتىقىڭىزغا باراي .
-بۇلىدۇ ، چۇشتە كۇرۇشەيلى .
سالى فىرافىسۇر قالپاق شەكىللىك چاچ ئالغۇنى بېشىغا كىيىپ سۇ ، يۇندا تۇرۇبىلىرىنى چاتقاندىن كىيىن ، چاچ ئالغۇ ئىككى مىنۇتقا قالماي ئىشتىن توختاپ دىدى:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەپەندىم ، چاچ ياساش ئاخىرلاشتى ، ئىشلەتكىنىڭىزگە رەھمەت.
ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ياتاقلىرىدىن ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ، كۆك يولراۋان(ئۇچار ماشىنا)غا ئۇدۇللا چىقتى.
سالى فىرافىسۇر سائىتىگە :-كوك يولراۋانغا ئۇلىنىپ يولغا قۇنۇشىنى كونتىرول قىل ، يولدا ئەقلى ئىقتىدارلىق چارلاپ ھەيدەش ئۇسلۇبىغا كىر ، نىشان ئەڭ چوڭ ئۇنچە-مەرۋايىت تاللا بازىرى ، بېرىپ بۇلۇش ۋاقىتى بىر سائەت .
كوك يولراۋان بوشلۇقتا قىمىرلىمىدى ، ئايرىش بۇلۇمچىسىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرغان سادىر :- نەپەسلىنىش ماسكىسى تاقاپ ، ئايرىۋېتىش كىيىمى كىيىپ ،كۆزئەينەك تاقاپ ، سۆزلىسىڭىز سائەت كۇرەلەمدۇ ؟ئاڭلىيالامدۇ؟ ئۇكام سىز كۆزئەينەكنىڭ رەڭگىنى تەڭشەشنى ، نەپەسلىنىش ماسكىسىنىڭ سۆزلىشىش ئۇز-چېتىنى ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز-دىدى.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-5 03:13):
داۋامىنى ئىنكاس شەكىلىدە يوللايمەن. رەھمەت.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-5 03:14):
داۋامىنى ئىنكاس شەكىلىدە يوللايمەن. رەھمەت.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-5 03:14):
داۋامىنى ئىنكاس شەكىلىدە يوللايمەن. رەھمەت. 2126-يىلى : يەرشارىدىكى ئىشلار (پارچە)
(ئىلمى فانتازىيىلىك رومان)
- بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قوربان ھېيتىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن!بۇ -مەن خەنزۇ تىلىدا سىناق تەرىقىسىدە يىزىۋاتقان شۇ ناملىق ئىلمى فانتازىيىلىك روماننىڭ 1-قىسمى ‹‹ئالەم بوشلۇغىدا ئۇچىرىشىش››نىڭ 1-بۇلۇمى ‹‹خەيىر-خوش يەرشارى››نىڭ 10-بابى بۇلۇپ ، كوپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبىرىكلەش ئۇچۇن تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم ، ئەسلى ئەسەردە ۋە تەرجىمىدە ئەدەبى تىلىمنىڭ ناچارلىغى ، قەلەم قابلىيىتىمنىڭ تۇۋەنلىكى ، خەنزۇ تىلىنى ئاساسەن ئوزلىكىمدىن ئۆگەنگەنلىكىم ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەش سەۋىيەمنىڭ ناباپلىغى سەۋەبىدىن خاتالىق -سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنالماسلىغىم تەبىئى ، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ سەمىمى تۇردە تۇزىتىشىنى ۋە تەكلىپ -پىكىر بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.مۇقاۋىنى لايھىلەش توغرىسىدىكى ئىلتىجا تىمىسىغا قاتناشقان بارلىق تورداشلارغا جۇملىدىن ئويغۇرچە ، خەنزۇچە كىتاپ مۇقاۋىسىنى لايىھىلەپ بەرگەن مىسرانىم تورىدىكى ئۇتغۇر ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. خەنزۇ تىلىدىكى رومان ئادىرىسى:http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_41-قىسىم1-بۇلۇم 10-باپ :قاشتېشى مارجان
بۇگۈن سەھەردىلا سالى فىرافىسور روھلۇق ئورنىدىنى تۇردى ، سادىر تېخى قوپمىغان ئىدى ، ئۇ تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ ،ئېغىز تازىلىغۈچ بىلەن چىشىنى چوتكىلاپ ، ئېغىزىنى تازىلىدى ، يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن چاچ-ساقىلىنى ياسىماق بۇلۇپ ئەقلى ئىقتىدارلىق چاچ ئالغۇسىنى تەكشۇرۇپ ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىدى ، ئۇ توردىن ‹‹تۇلۇق ئىقتىدارلىق چاچ ياساش ئەۋلىياسى››ماركىلىق يىڭى تىپتىكى چاچ ئالغۇنى سېتىۋالدى، ئۇ تازىلىق ئۇيىدىن چىقىپ ئاكىسىنىڭ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ دىدى:- خەيىرلىك سەھەر ئاكا ، ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟-خەيىرلىك سەھەر ، قانداقراق ئۇخلاپسىز ؟ ، ئەتىگەندىلا تۇرۇۋاپسىز ، ئەجىبا باشقىچە پىلانىڭىز بارمۇ؟-بۇگۇن بازارغا چىقىپ نەرسە -كېرەك سېتىۋېلىپ تەييارلىق قىلايمىكىن .-ئىزچىل تۇردە سىرتقا چىقمىدى دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، بۇگۇن نىمە قىلاي دەيسىز ؟-ئۇزاققا قالماي ئايرىلماقچى بۇلىۋاتىمەن ، شۇڭا ، ئۇنى - بۇنى كۆرۇپ ، سوۋغاتلىق تەييارلاپ ، خاتىرە قالدۇراي دەيمەن .-قاچان ماڭماقچى ؟ مەنمۇ بىللە باراي.-ناشتىلىقتىن كىيىن . ئاكا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، نىمە يەيسىز؟- سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزچە بولسۇن ، سىز نىمە يىمەكچى؟-مەن قۇغۇن تىلىمچىسى ، يىڭى ئۇزۇم ، ئەنجۇر ۋە سارغايغان ئۇرۇك يەپ ، سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ئىچمەكچى ، بولغىدەكمۇ؟- ئۈچ ئۇن نېنىنى قۇشۇپ قۇيۇڭ .سالى فىرافىسۇر كېسەل سائىتىگە دىدى:- ناشتىلىق بۇيرۇتاي ، قۇغۇن تىلىمچىسى ، يىڭى ئۇزۇم ، ئەنجۇر ، سارغايغان ئۇرۇك ، سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ، ئۈچ ئۇن نېنى ، ھەرقايسىسىدىن ئىككى كىشىلىك .ئەينەك تامدا مۇلازىم كۆرسېتىلدى ، مۇلازىم ھورمەت بىلەن :- سالى فىرافىسۇر ، سادىر ئەپەندى ، ئەتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن! سەككىز ئۇن ئۇمىچى ، ئۇتتۇرا ئاسيا ئۈچ شەربىتى ، ئۈچ ئۇن نېنىنىڭ تەركبىنى دەپ بەرسەڭلار بۇلامدۇ؟ رەھمەت! -دىدى.-ئۈچ شەربەت - ئوتتۇرا ئاسيانىڭ ھەقىقى ئوچكە سۇتى ، تاۋۇز شەربېتى ، توغراق سۇيىنىڭ ھەربىرسى بىر ئۇلۇشتىن ،ئۇماچ - قوناق ،بۇغداي ،بەرەڭگە ،ماش ، گۇرۇچ ،ياڭاق ،گاۋلىياڭ(؟) ، تېرىقلارنىڭ ئۇنى بىر ھەسسىدىن ، ئۈچ ئۇن نېنى قوناق ، بوغداي ، بادام ئۇنى بۇلۇپ نىسبىتى 3،2،1 بولسۇن.مۇلازىم : رەھمەت فىرافىسۇر ، بىردەم ساقلاڭ -دىدى.سالى فىرافىسۇر كېسەل سائىتىگە :-گۇھەر دوكتۇرغا سۆز قالدۇرغىن:چۇشتىن بۇرۇن سىرتقا چىقىمەن ، روخسەت بەرسە ۋە داۋالاشنى چۇشتىن كىيىنگە تەڭشەپ بەرسە ، ئارقا سەپ شىركىتىگە مەلۇم قىلغىن مەن ئاكام بىلەن 23 مىنوتتىن كىيىن سىرتقا چىقىمەن ، ماشىنا ۋە ئايرىۋېتىش بۇيۇملىرى تەييارلاپ بەرسە -دىدى. ‹‹تۇلۇق ئىقتىدارلىق چاچ ياساش ئەۋلىياسى›› تاپشۇۋېلىندى ، سالى فىرافىسۇر چاچ ئالغۇنى ئورالمىسىدىن ئىلىپ قوزغاتقاندىن كىيىن سائىتىگە: -چاچ ئالغۇنى ئۇلاپ ، چاچ ۋە ساقالنىڭ پاسۇنىنى لايىھەلەپ ، تامدا كۆرسەت -دىدى.-ئاكا ، ماڭا چاچ -ساقال پاسۇنى تاللىشىپ بىرىڭە . ئەينەك تامدا سالى فىرافىسۇرنىڭ يۇز شەكلى ، چېچى ، ساقال-بۇرۇتىغا ئاساسەن سائەت ئەقلى ئىقتىدار بىلەن لايھەلىگەن نەچچە ئون خىل چاچ ، ساقال-بۇرۇت پاسۇنى كۆرسېتىلدى . ئۇلار چاچ ۋە ساقال - بۇرۇت پاسۇنىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ، سالى فىرافىسۇر چاچ ئالغۇنى ئېلىپ تازىلىق ئۇيىگە كىردى ، ئۇ ئىشىكنى ياپقاندىن كىيىن كېسەل سائىتىگە : دوختۇرخانا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنى ئولا -دىدى .ناھايىتى تىزلا تازىلىق ئۇيىنىڭ پەرداز ئەينىكىدە بىر خانىم كۆرسېتىلدى ، خانىم سىپايىلىك بىلەن :- خەيىرلىك ئەتىگەن ، سالى فىرافىسۇرنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ، شەرەپ بىلەن چوڭ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !، مەن - ئورنىمىزنىڭ مەسئۇلى ، بىزنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمىدىڭىز؟-دىدى.-خەيىرلىك ئەتىگەن ، ئادۋىكات ، مەن پات ئارىدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلماقچى ، شۇڭا ، مال-مۇلۇك ، مۇكاپات ، ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىنى بىر تەرەپ قىلماقچى ئىدىم ، بۇ جەھەتتىكى قانۇنى تەرتىپلەرنى سىلەرنىڭ بېجىرىپ بىرىشىڭلارنى تەكلىپ قىلماقچى.-سىز ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلغانلىغىمىز ئۇچۇن ناھايىتى خوشالمىز، بىز ئوزلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلىمىز ، مىراسنامە تەييارلىشىمىز ئۇچۇن ، سىزنىڭ نامىڭىزدىكى مال-مۇلۇك ، ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى تىزىملىكى ۋە مىراس قالدۇرۇش ئارزۇيىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ،بۇلامدۇ؟سالى فىرافىسۇر ماتىرىياللارنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن سورىدى:-بىز كۇرۇشسەك بۇلامدۇ؟-بىز ھەرۋاقىت كۇرۇشسەك بۇلىدۇ ، قايسى چاغدا ۋاقتىڭىز بار ، قەيەردە كۇرۇشىمىز ، سىز بېكىتىپ بەرسىڭىز .-چۇشلۇك ئارام ئېلىشىڭىزغا تەسىر يەتكۇزدىغانلىغىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ، بۇگۇن چۇش سائەت 12 دىن 14 كىچە ۋاقىت كۇرۇشۇشكە قولايلىق ، سىزچە بۇلامدۇ؟-تامامەن بۇلىدۇ ، نەگە بارىمەن.-خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىنىڭ 398118-نۇمۇرلۇق كېسەلخانىسىغا ، بۇلامدۇ ؟-بۇلىدۇ ، مەن بۇگۇن 12 دىن 5 مىنۇت ئوتكەندە لايىھەنى ئېلىپ ياتىقىڭىزغا باراي .-بۇلىدۇ ، چۇشتە كۇرۇشەيلى . سالى فىرافىسۇر قالپاق شەكىللىك چاچ ئالغۇنى بېشىغا كىيىپ سۇ ، يۇندا تۇرۇبىلىرىنى چاتقاندىن كىيىن ، چاچ ئالغۇ ئىككى مىنۇتقا قالماي ئىشتىن توختاپ دىدى:-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەپەندىم ، چاچ ياساش ئاخىرلاشتى ، ئىشلەتكىنىڭىزگە رەھمەت. ئۇلار ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن ياتاقلىرىدىن ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ، كۆك يولراۋان(ئۇچار ماشىنا)غا ئۇدۇللا چىقتى. سالى فىرافىسۇر سائىتىگە :-كوك يولراۋانغا ئۇلىنىپ يولغا قۇنۇشىنى كونتىرول قىل ، يولدا ئەقلى ئىقتىدارلىق چارلاپ ھەيدەش ئۇسلۇبىغا كىر ، نىشان ئەڭ چوڭ ئۇنچە-مەرۋايىت تاللا بازىرى ، بېرىپ بۇلۇش ۋاقىتى بىر سائەت .كوك يولراۋان بوشلۇقتا قىمىرلىمىدى ، ئايرىش بۇلۇمچىسىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرغان سادىر :- نەپەسلىنىش ماسكىسى تاقاپ ، ئايرىۋېتىش كىيىمى كىيىپ ،كۆزئەينەك تاقاپ ، سۆزلىسىڭىز سائەت كۇرەلەمدۇ ؟ ئاڭلىيالامدۇ؟ ئۇكام سىز كۆزئەينەكنىڭ رەڭگىنى تەڭشەشنى ، نەپەسلىنىش ماسكىسىنىڭ سۆزلىشىش ئۇز-چېتىنى ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز-دىدى. سالى فىرافىسۇر تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن بۇيرۇقنى تەكرارلىدى . كوك يولراۋان يولغا قۇنۇپ يۇرۇپ كەتتى . سالى فىرافىسۇر يول ياقىسىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ دىدى :
-ئاكا ، مەن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ خاتىرە قالدۇرايمىكىن دەيمەن ، ئويلىنىپ بولدۇم ، جىيەنىمگە قالدۇرىدىغان خاتىرە –ئېلىكتىرۇنلۇق كۇتۇپخانا ، بۇنى ئاللىبۇرۇن سېتۋالدىم ، ئۇ يەنە نىمىگە ئامراق ؟
-ئىنىم ، ھاجىتى يوق.
-نىمىگە تۇزۇت قىلىسىز ، مەن يە يات ئادەم بولمىسام ، مىنى ئۇقۇتۇش ۋە تەتقىق قىلدۇرۇش ئۇچۇن ، سىز بەك كوپ بەدەل تولىدىڭىز ، ئەگەر سىزنىڭ كۈچلۇك ياردىمىڭىز بولمىغان بولسا ، مەن بۇنچىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلمەيتتىم ، رەھمەت ئاكا.سىز ئائىلىنى بېقىش ئۇچۇن ئۇقۇشتىن ۋاز كەچتىڭىز، ئاتىمىز بالدۇرلا كىتىپ قالدى ، ئاتىمىز ۋاپات بولغان ھېلىقى يىلى سىزنىڭ يېشىڭىز ئارانلا 18 ئىدى ، سىز يەنە ئائىلە ئىشلىرىنى ئوز ئۇستىڭىزگە ئالدىڭىز ، سىز جاپا چەكتىڭىز ،ئىنىڭىز سىزگە يۇز كىلەلمەيدۇ!.
-مەن بىلىمەن ، سىز ھەممىدىن مۇنەۋۋەر ، سىز ئاتىمىزنىڭ ۋەسىيىتىنى ئاقلىدىڭىز ، ئاكىڭىز شۇنىڭغا شۇكىرى قىلىدۇ ، مەن ئاكا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم ، ئۇزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ ، مەن سىزدەك ياخشى قېرىندىشىم بولغانلىغىدىن پەخىرلىنىمەن.
-ئاكا ، مەن ئىككىيۇز ئەللىك مىليۇن دوللار قىممىتىدىكى مال –مۇلكۇمنى ئاپام بىلەن سىزگە ، ئۈچ پارچە كىتاۋىمنىڭ ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىنى جىيەنىمگە قالدۇرماقچى ، قاشتېشى شەھىرىدە ئون مىليۇن يۇەن ئىئانە قىلىپ ئۇقۇش مۇكاپاتى فوندى تەسىس قىلساق ، ئاپام فوند باشلىغى ، سىز فوندنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىغى بولسىڭىز ، نوبىل مۇكاپاتى گۇۋاھنامىسى ئاپامغا قالسا ، مۇكاپات پۇلىنى بىزنىڭ يورتىمىزدىكى ئانا مەكتىۋىمىزگە ئىئانە قىلساق ، مەن ئىشلەۋاتقان ئالى مەكتەپتە ئون مىليۇن دوللار ئىئانە قىلىپ بىر كورپۇس ئۇقۇتۇش بىناسى سالدۇرساق ، مىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىم ۋە ئالەم بوشلۇغىدىكى خىراجىتىمدىن ئاشقان باشقا مۇلكۇم بىلەن خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىدا ب تېپلىق ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات مەركىزى قۇرساق ، مۇدىرلىغىنى سىز ، ئىجرائىيە مۇدىرلىقىنى دوختۇرخانا باشلىغى ، تېخنىكا مۇدىرلىقىنى گۇھەر دوكتۇر ئۇستۇڭلەرگە ئالساڭلار بۇلارمۇ؟
-ئەتراپلىق ئويلاپسىز ، مەنچە بۇلىدۇ ، بىراق ، ب تېپلىق ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات مەركىزى مەبلەغ كۇلىمى سەل ئازراق بۇلۇپ قالدىمۇ-قانداق؟
-شۇ ۋاقىتقا بارغاندا مۇدىر ئاكام ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلار! ، ئۇنداق بولمىسا بىر تۇرۇك ئادەم قانداق خوجايىن بۇلالايدۇ؟
- مەن بۇ يىرىنى ئويلىماپتىمەن ، بۇلىدىكەنسىزغۇ ئىنىم سىز ھە ، كىيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ بۇلۇپسىز ، توغرا ، رەنا دوكتۇرنى ئېغىزغا ئالمىدىڭىزغۇ ؟
- ئاكا ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، ئىنىڭىزنىڭ باشقىچە ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بار.
-ماقۇل.
ئۇلار تاللا بازىرىغا كىردى، مودىللاردەك ئىككى ئايال ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ كولگىنىچە دىدى:
-ئەتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ئەپەندىلەر ، قەدىمىڭلەرگە مۇبارەك ، نىمە لازىم ئىدى؟
-توت دانە قاشتېشى مارجان ، ئىككىسى 60 ياشلاردىكى ئاياللار ئاسىدىغان ، ئىككىسى 30 ياشلاردىكى ئاياللار تاقايدىغان ، ساقلىغۇچى باردىن- ئۇلار ماڭغاچ ئالىدىغان نەرسىلەرنى بۇيرۇتتى ، مۇلازىملار ئۇلارنىڭ بۇيرۇتمىسىنى تەكرارلىغاندىن كىيىن كۆلگىنىچە سورىدى: تەخمىنەن نەچچە پۇللۇق بولسا بۇلىدۇ؟
-ھەربىرى مىليۇن دوللار ئوپچۇرىسىدىكىسىدىن.
-بۇلىدۇ ئەپەندى .
مۇلازىم ئۇلارنى بىر مىليۇندىن ئىككى مىليۇن دوللارغىچە باھادىكى مارجانلار تىزىلغان پوكەينىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:- بۇمارجانلار – سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلار بۇيىچە تىزىلغان مارجانلار ، ئەپەندىلەر ، تاللىغايسىزلەر.
سادىر ھەيرانلىق بىلەن سورىدى :-بۇ قانداق تىزىلغان ؟ شۇنچىۋالا تىزما؟
-شۇنداق ، ئەپەندىلەر ، سىلەر پوكەينىڭ ئالدىغا كېلىشتىن بۇرۇن مەن سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەردىڭلار ، مەن جاۋابىڭلارنى بىر قېتىم تەكرارلىدىم ، مىنىڭ سۆزۇم ئارقا سۇپىغا يەتكۈزۇلدى ، ئارقا سۇپىدىكى كومپىيوتىرنىڭ باشقۇرۇشىدا مىخاينىك قول يۈز مىڭغا يېقىن مارجاننىڭ ئىچىدىن سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلارغا ئويغۇن كىلىدىغان مارجانلارنى تاللاپ پوكەيگە تىزدى .
ئۇلار مارجاننى تاللاپ بولغاندىن كىيىن سالى فىرافىسۇر <<مىنىڭ سائىتىم بىلەن ئوخشاش سائەت بارمىدۇ؟-دەپ سورىدى.
-بۇ خېرىدارنىڭ سائىتىگە ئوخشاش سائەتنى تېپىڭلار !-دىدى مۇلازىم.
ئۇزۇن-ئۇزۇن كەتكەن پوكەيدىكى مارجانلار كۇرۇنمىدى ، نەچچە سېكىنوتتىن كىيىن سالى فىرافىسۇرنىڭ سائىتىگە ئوخشاش سائەتلەر پوكەيگە لىققىدە تىزىلدى.
سادىر يەنە سورىدى :
-نىمانچە تىز ! ، يەنە كىلىپ ئوخشاشكەن؟ سىلەرمۇ ئىنىمنىڭ سائىتىنى كورمىگەن تورساڭلار قانداق بىلىۋالدىڭلار؟
-مەن ھېلى ئېيتقان <<بۇ خېرىدارنىڭ سائىتىگە ئوخشاش سائەتنى تېپىڭلار! >> دىگەن سۆز –بۇيرۇق ، بىزنىڭ ئىچكى تورىمىز بۇ ئەپەندىمنىڭ سائەت ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ پەرقلەندۇرگەندىن كىيىن ئاختۇرۇپ تېپىپ تىزغان –دىدى مۇلازىم.
-ھە ، ئەجەپ تىزكەن ھە.
.........
-جەمئى بەش مىليۇن ئالتە يۇز ئوتتۇز سەككىز مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بۇلۇپتۇ .
-باھاسىنى چۇشۇرگىلى بۇلامدۇ ؟
-بەش مىليۇن ئالتە يۇز مىڭ دوللار تولىسەڭلار بۇلىدۇ ، ئىستىمال بېجىنى بىز ۋاكالىتەن تاپشۇرىمىز . ئامىرىكا دوللىرى ، خەلق پۇلى تولەمسىلەر ياكى باشقا پۇلمۇ؟
-تور سوممىسى تولەيمىز .
-بۇلىدۇ ، ئەپەندىم مۇئەييەنلەشتۇرۇپ بەرسىڭىز .
سالى فىرافىسۇر سائېتىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن سائىتىگە دىدى: - تولەشنى مۇئەييەنلەشتۇر .
مۇلازىم ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن : - تولەش مۇۋەپپىقيەتلىك بولدى ، ئەپەندىم ، سىلەرنىڭ سېتىۋالغىنىڭلار قىممەتلىك بۇيۇمغا تەۋە ، بىخەتەرلىك يۆزىسىدىن بىزنىڭ قوغدىغۈچى خادىملارنىڭ ئىشىكىڭلارغىچە يەتكۈزۇپ بىرىشىنى تەكلىپ قىلىمىز ، بۇلامدۇ ؟
-بۇلىدۇ ، بۇگۇن چۇش سائەت 12 دىن 1مىنۇت ئوتكەندىن باشلاپ 4مىنۇت ئوتكىچە خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىنىڭ 398118 –نۇمۇرلۇق كېسەلخانىسىغا يەتكۈزۇپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ.
- ماقۇل ، ئەپەندى .
-ئاكا ، ئون مىڭ يۇەن مۇلازىمەت پۇلى بەرگىنە .
-رەھمەت ، يەنە قەدەم تەشىرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز – دىدى مۇلازىم سادىرنىڭ قۇلىدىن ئون ۋاراق پۇلنى ئالغاندىن كىيىن كۆلگىنىچە.
سائەت ئون بىر ، ئۇلار ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سادىر موخبىرلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن دوختۇرخانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۈچى خادىملىرى بىلەن بىرگە چۇشتىن كىيىن سائەت 13تىن 45 مېنۇت ئوتكەندە يىتىپ كىلىدىغان <<مۇكاپات ئېلىش ئومىكى>> نى ئېلىپ كەلگىلى ئايرۇدۇرۇمغا كەتتى .
سالى فىرافىسۇر كېسەل سائېتىگە قاراپ :- ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوختۇرخانا باشلىغى ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، مەن پۇل چىقىرىپ خاتىرجەملىك دوختۇرخانىسىدا ب تېپلىق ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشنى ئويلاشقان ، ئاكام مودىر بولسا ، سىزنى ئىجرائىيە مۇدىرلىققا ، گۇھەر دوكتۇرنى تېخنىكا مۇدىرلىققا تەكلىپ قىلماقچى ، سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئېلىپ باقاي دىگەن ، كىلىشىم تۇزگەندىن كېيىن ئادۋۇكاتنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىغا ھاۋالە قىلماقچى ، سىزچە بۇلارمۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ياخشىمۇسىز ، تامامەن بۇلىدۇ ، رەھمەت سىزگە ، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا مەن گۇھەر دوكتۇرنى ئېلىپ قېشىڭىزغا باراي ، ماقۇلمۇ؟
-بۇلىدۇ ، سىلەرنى قارشى ئالىمەن .
بەش مىنوت ئوتمەيلا دوختۇرخانا باشلىغى ۋە گۇھەر دوكتۇر كۆلگىنىچە ئىشىكتىن كىردى . دوختۇرخانا باشلىقى : - سالى فىرافىسۇر ، مەن نوبىل مۇكاپاتى تارقېتىش مۇراسىمى نەقمەيدانىدىن تارقېتىلغان كېسەلخانىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن يىراق مۇساپىلىك ئۈچ ئولچەملىك تەسۋىر نۇتىىقىڭىزنى كوردۇم ،ناھايىتى ئىسىل بولدى ، سىزنىڭ نۇتۇق قابلىيىتىڭىزنىڭ بۇنچىلىك ياخشىلىغىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ، ئاڭلىغاندىن كىيىن بىلىپ-بىلمەي يېغلاپ تاشلاپتىمەن ، بىزنىڭ دوختۇرخانىمىزنىڭمۇ بازىرى چىقىپ كەتتى ، ئاران نەچچە كۈنلا ۋاقىت ئىچىدە بالنېست كېسەلخانىسى بىمارغا تۇشۇپ كەتتى ، دوختۇرخانىدا يېتىشنى ئىلتىماس قىلغانلارمۇ ناھايىتى كوپ ، بۇ خىل ئەھۋال ئەزەلدىن كۆرۇلۇپ باقمىغان ، رەھمەت سىزگە !-دىدى.
-نەدىكىنى ، قەيەردىكى ، ئارتۇقچە ماختىۋەتتىڭىز ، رەھمەتنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن ئوتتۇز مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى چىقىرىپ ، ب تېپلىق ئەيدىز كېسلى تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلماقچى ، سىزچە قانداق قېلساق بۇلار ؟
گۇھەر دوكتۇر ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى ، دوختۇرخانا باشلىغى ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:- نىمە ؟ سىز ئۇزىڭىز ئوتتۇز مىليۇن چىقىرامسىز؟
-شۇنداق ، بۇ پۇلنى مەن چىقارماقچى ، مىنىڭ ئۇيىمچە ئاكاممۇ چىقىرىدۇ .
-راستىنلا ئويلىماپتىمەن ، دوختۇرخانىمۇ چىقىرايلى ، بىراق ، ئۇنچىۋالا كوپ چىقىرالمايمىز دە؟
-دوختۇرخانا چىقارسىمۇ –چىقارمىسىمۇ بۇلىدۇ ، مەن كىلىشمنامە لايھەسىنى تۇزگەن،كۇرۇپ باقساڭلار ، بولغان بولسا بىز ئىمزالاشساق ، رەسمى كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
ئۇلار لايىھەنى كۆرگەندىن كېيىن دوختۇرخانا باشلىغى قايتا-قايتا بېشىنى لېڭشىتىپ :-بۇلىدىكەن ، بولمايدىغان يېرى يوقكەن ، بىراق ، مەركەزنىڭ نامىغا سىزنىڭ ئىسمىڭىز يېزىلماپتۇ ، <<سالى دوكتۇر>> دەپ قۇشۇپ قۇيايلى .
-<<دوكتۇر>>نى چىقىرىۋېتەيلى.
-ئۇنداقتىمۇ مەيلى .
سالى فىرافىسور ، دوختۇرخانا باشلىقى ۋە گۇھەر دوكتۇر ئوزگەرتكەندىن كېيىن بىرلىكتەدىدى : ئىمزا !
دەقىقە ۋاقىتتا ، ئۇلارنىڭ ئىمزاسى ئۆزگەرتىلگەن كىلىشمنامىنىڭ ماس ئورنىدا كۆرۇندى.
ئۇلار مەھكەم قول سېقىشتى .
....
تاللا بازىرىنىڭ خادىملىرى مارجان ۋە سائەتنى ئەكىلىپ بەردى ، سالى فىرافىسورنىڭ تەييارلىقىمۇ پۇتۇپ قالاي دىدى.
ئۇ تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ ،ئېغىز تازىلىغۈچ بىلەن چىشىنى چوتكىلاپ ، ئېغىزىنى تازىلىدى
تازلىق ئۇيىگە كىرپ چىشىنى چوتكىلىدى دىسەكمۇ بولا self يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 14:13 static/image/common/back.gif
ئۇ تازىلىق ئۇيىگە كىرىپ ،ئېغىز تازىلىغۈچ بىلەن چىشىنى ...
بۇ يەردە ئېغىز تازىلىغۇچنىڭ يەنى ھازىر بولمىغان بىراق كەلگۇسىدە ئۇمۇمىلىشىدىغان يىڭى بىر خىل ئۇسكۇنىنىڭ ئىسمى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ ، رەھمەت. ئەسلى مەنبەنىڭ ئۇلىنى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ ، كەچۇرىسىلەر .http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4 تېمىدا ئىملا خاتالىقى بەك ئېغىر سەككىز ئۇن ئومىچى دىگەن، ھېلىقى 八宝粥 دىگەن نەرسە شۇما ؟ {:92:} ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى بىر بوشلۇقنىڭ سىزنىڭ مۇشۇ ئەسىرىڭىز ئارقىلىق تولدۇرۇلىشىغا تىلەكداشمەن. ئاۋال ئۇيغۇرچە يازغان بولسىڭىزچۇ.
يېزىپ بولغاندىن كىيىن خەنچە ئالدىرىماي يازسىڭىزمۇ بولىۋېرەتتى.
مەن بۇ روماننى ئوقۇپ باقتتىم ئەمما مېنى ئازراققمۇ قىزىقتۇرالمىدى سىز ئىلگىرى بىرەر پارچە ئەسەر يېزىپ باققانمىتىڭىز
سىزنىڭ بۇ رومانىڭىزدا ھېچقانداق بىر تەسۋىر ئىشلەتمەپسىز بايانلا قىلىپ بېرىپسىز ناۋادا شەھلا ئايلامنىڭ ئاچچىغى كەلمىسە، ھېكايىسىدىن بىرنى ئىلمى فانتازىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويغۇم بار.:lol 2126 يىلى ؛ 2100- يىلى ئىپتىدائىي جەمىيەتكە قايتىمىزمىكى:lol apla يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 19:25 static/image/common/back.gif
سەككىز ئۇن ئومىچى دىگەن، ھېلىقى 八宝粥 دىگەن نەرسە شۇما ؟ ...
ياق ، مەن بۇ يەردە يازغىنى 八粉糊糊رەھمەت. qalbim يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 10:52 static/image/common/back.gif
مەن بۇ روماننى ئوقۇپ باقتتىم ئەمما مېنى ئازراققمۇ قىزى ...
مەن بۇرۇن خەنچە ئىلمى ماقالە ، دوكىلات قاتارلىقلارنى يىزىپ باققان بولساممۇ ئەدەبى ئەسەر يىزىپ باقمىغان .مەن تەسۋىرنى ھازىرچە كوپ ئىشلەتمىدىم ، سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ،تەسۋېرنى ئاساسەن پىرسوناژلار تىلى ئارقىلىق بىرىشكە تىرىشتىم. رەھمەت. uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 21:29 static/image/common/back.gif
ھەي ، خەنچىنى ئۆلۈكلام تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۋاتامس ...
ماڭىمۇ شۇنداق بىلىندى ، ئەسلى تەرجىمىنى بىۋاستە بەت يۇزىگە قىلغان ئىدىم ، ساقلانماي يوقاپ كىتىپ ، قايتا ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىزغا ئۇلگۇرتۇپ قايتا تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلدى ، بىر قىسىم سۇزلەرنى ياساشقىمۇ ئازىراق ۋاقىت كەتتى ، مەسلەن ئايرۇپىلاننى ئىپادىلەش ئۇچۇن ھازىرقىدەك ئايرۇپىلان دىمەي كوكراۋان ،مئاپتۇمۇبىلنى ئىپادىلەش ئۇچۇن يولراۋان دىگەندەك . رەھمەت. muhakima يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 17:11 static/image/common/back.gif
مەن بۇرۇن خەنچە ئىلمى ماقالە ، دوكىلات قاتارلىقلارنى ...
خەنزۇ تىلىدا رومان يازدىم دەڭا؟ nurqi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 20:50 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى بىر بوشلۇقنىڭ سىزنىڭ مۇشۇ ئەسىر ...
گۇزەل تىلىڭىزگە رەھمەت . تولىمۇ ئەپسۇس ، مەن بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئويغۇر ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقنى ئەمەس، ياماقچىلىك ئورنىنىمۇ تولدۇرۇپ بۇلالمايمەن. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 10:37 static/image/common/back.gif
ئاۋال ئۇيغۇرچە يازغان بولسىڭىزچۇ.
يېزىپ بولغاندىن كىي ...
مەنمۇ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە يازاي دەپ ئويلىغان ، بىراق خەنزۇ تىلىمنى پۇختىلاش مەقسىتىدە خەنزۇچە يىزىشنى تاللاپ قالدىم. رەھمەت. dolkun531 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-6 17:15 static/image/common/back.gif
خەنزۇ تىلىدا رومان يازدىم دەڭا؟
يىزىۋاتىمەن ، ھەممە قىسمىنى يىزىپ بۇلالايمەنمۇ يوق بىلمەيمەن ، مەدەت بەرگەيسىزلەر ، بۇگۇن 1-قىسىم 1-بۇلۇمىنىڭ 12-بابىنى يىزىپ يوللاپ قويدۇم ، ئەتە ئاللا بۇيرىسا ۋاقتىم يار بەرسە، 13-بابىنى يىزىپ 1-بۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. رەھمەت.
http://yuedu.163.com/book_reader/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4