abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:03:35

بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ باققانلار بارمۇ؟

يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ مۇنۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئۈچ كىتاب ئۇچراپ قالدى. بۇ ئۈچ كىتابتا ئاساسلىقى ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ تارىخىنى سۆزلەيدىكەن. مەندە بۇ ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ بېقىش ئويى شەكىللەندى. لېكىن بۇ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك كىتاب بولغاچقا، ئىزدىنىش ئەھلىدىن مەسلىھەت سوراپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. ئاراڭلاردا بۇ ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ باققانلار بارمۇ؟ قانداقراقكەن؟ ياكى بولمىسا سىلەر ئوقۇپ باققان ياكى ئاڭلىغان ئىشەنچىلىك مۇشۇ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىلغان كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار.
1. 1453: كونستانتىنوپول ئۇرۇشى

2. دېڭىز ئېمپىرىيىسى

3. لاۋرېنس ئەرەب زېمىنىدا: ئۇرۇش، يالغانچىلىق، ئېمپىرىيىنىڭ ئەخمىقانىلىقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ شەكىللىنىشى


1.،2. كىتابنىڭ ئاپتورى: روجېر كىروۋلېي 罗杰·克劳利 Roger Crowley. تەرجىمان: لۇداپېڭ 陆大鹏.
3. كىتابنىڭ ئاپتورى: سكوت ئاندېرسون 斯科特·安德森 Scott Anderson. تەرجىمان: لۇداپېڭ 陆大鹏.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 20:33:05

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 21:46:52

1. 1453: كونستانتىنوپول ئۇرۇشى
بۇ فىلىمدە ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر تارىخىي ۋەقەنى بايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئاساسىي مەقسەتكە يانداشقان ھالدا بەزىبىر ئۇششاق ھېكايىلەرمۇ قىستۇرۇلغان.

«فەتھى، فەتىھ» دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئېچىش» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ سۆز ئىجابىي مەنىدە قوللىنىلغاندا «مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ ناھەقچىلىق بىلەن تولغان باشقا بىر زېمىنغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشى، ھەق-ئادالەت تىكلىنىشى، ئادىل ھۆكۈمران بولۇشى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا مەنىداش سەلبىي سۆز «ئىشغال قىلىش، ئىستىلا قىلىش» دېگەنلىكتۇر. فەتھى قىلغۇچى شەخس «فاتىھ» دەپ ئاتىلىدۇ.

فىلىمنىڭ ماۋزۇسىدىلا كۆرگىنىمىزدەك، مىلادىيە 1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىكونىستانتىنپۇل شەھىرىنى غەلىبىلىك ھالدا فەتھى قىلغۇچى تۈرك سۇلتان مەھمەتخان شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن «فاتىھ سۇلتان» ئىسمى بىلەن تارىختا مەشھۇر بولغان. مىلادىيە 300-يىللاردىن باشلاپ خرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان كونىستانتىنپۇل شەھىرى شۇ چاغدىن باشلاپ ئىسمى ئىستانبۇل (ئىسلام+بول) غا ئۆزگىرىپ، تاكى ئوسمانلى خەلىپىلىكى يىقىلىپ، 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يۆتكەلگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پايتەختى، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىسلام مەركەزلىرىدىن بىرى، ئەڭ گۈزەل ۋە پاكىزە شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ مەشھۇر بولغان.

بۇ فىلىم مىلادى 627-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە «كونىستانتىنىيە ئەلۋەتتە بىر كۈنى فەتھى قىلىنىدۇ. ئۇنى فەتھى قىلغۇچى قوماندان نېمىدېگەن ياخشى قوماندان، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى نەقەدەر ياخشى ئەسكەرلەر» دېگەن مەشھۇر ھەدىس-شەرىپنى نەقىل قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ تۈرتكىسىدە، كېيىنكى دەۋرلەردىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلار مۇشۇ ماختالغان قوماندان ۋە ئەسكەرلەردىن بولۇش سۈپىتىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن، كونستانتىنپۇل شەھىرىنى فەتھى قىلىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەرەپ ئارىدىن 846 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 21 ياشلىق تۈرك سۇلتان مەھمەتخانغا نېسىپ بولغان.

فىلىمدە، خرىستىئان پادىشاھ سۇلتان مەھمەتخاندىن تەخت تالاشقان قېرىندىشى ئورخاننى «گۆرۈگە» ئېلىۋېلىپ، بۇنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، ياش تۈرك پادىشاھتىن نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلىدۇ. تۈرك پادىشاھمۇ سەۋرچانلىق بىلەن پۇلنى بېرىدۇ. تەلەپ قىلىنغان پۇل بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. تۈركلەر يەنە بېرىدۇ. خرىستىئان پادىشاھ تۈركلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئوسمانلىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى دەۋا قىلغۇچى بۆلگۈنچى بەگلەرنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇلارنى توپىلاڭ قىلغۇزماقچى بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى قارامانئوغلى ئىبراھىم. ئەقىللىق سۇلتان مەھمەتخان خرىستىئان پادىشاھنىڭ بۇ ھىيلىسىنى بىتچىت قىلىپ، قان تۆكمەستىن بۇ توپىلاڭنى جىمىقتۇرىدۇ. دېمىسىمۇ تارىختا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كۈچلۈك ھالەتكە كېلەلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى ئۆزىنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرى بىلەن ئامال بار ئىناق ئۆتۈپ، پۈتۈن كۈچىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان خرىستىئان ھاكىمىيەتكە قارىتا ئىشلەتكەنلىكىدىندۇر.

سۇلتان مەھمەتخاننىڭ ئەسكەرلىرى كونستانتىنپۇل شەھەر سېپىلىنى 40 نەچچە كۈن قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەسكەر شېھىت بولۇپ، ئېغىر ماددىي زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇنچە قاتتىق كۈچەپمۇ بۇ مۇستەھكەم شەھەر قورغىنىغا بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ. باش ۋەزىرمۇ قايتىپ كېتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئىلگىرىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ۋېنگرىيە پادىشاھلىقىمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، خرىستىئان پادىشاھ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان مەھمەتخان ئىككى كۈن ھۇجرىسىدىن چىقماي، ۋەزىر-ۋۇزرالىرى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشمەي «قېيىداپ» ئولتۇرىدۇ. دەل مۇشۇ ھالقىلىق مەزگىلدە ۋەزىرلىرى سۇلتان مەھمەتخاننىڭ ئۇستازى شەيخ ئاقشەمسىددىننى چاقىرىپ كېلىدۇ. ئوسمانلى تارىخىدىكى مەشھۇر سوپى ئىشان ئاقشەمسىددىن سۇلتان مەھمەتخاننى مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرىدۇ، تەربىيە، نەسىھەت قىلىدۇ.    گەرچە بۇ چاغدا تۈرك قوشۇنىغا بىرەر ماددى ياردەم كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك قوراللانغان سۇلتان مەھمەتخاننىڭ ئەسكەرلەرنى «ئۇلۇغ فەتىھلەر ئىمان-ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدۇ» دەپ جاسارەتلەندۈرۈشى، غەلىبە قىلىشقا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى بىلەن كونىستانتىنپۇل ئاخىرى غەلىبىلىك ھالدا فەتھى قىلىنىدۇ. تۈركلەر غەلىبە بىلەن شەھەرگە كىرىدۇ. ئۆزىدىن قورقۇپ تۇرغان خرىستىئان ئاھالىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، دىنىي ئەركىنلىك بېرىدۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ خرىستىئانلارنىڭ مەركىزى كونىستانتىنپۇل شەھىرى، ئىسلامنىڭ مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرى بولىدۇ. زامانىمىزدىكى ئىستانبۇلدا فاتىھ سۇلتان مەھمەتخان سالدۇرغان نۇرغۇن جامە، مەدرىسە، قۇرۇلۇش-ئىنشائاتلار مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى تارىخنى ئەسلىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

تۈركىيىدىكى ئاقسوي فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن بۇ كىنونىڭ 6 مىنۇتلۇق ئېلانى ئېكرانغا چىقىشى بىلەنلا نۇرغۇن كىشى بۇنى كۆرۈشكە قىزىقتى. كېيىن ئىككى يېرىم سائەتلىك كىنونى تولۇق كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشى بۇنى تەنقىت قىلىشتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار ئىلگىرى بۇ تارىخى كىنوغا كۆڭلىدە بەك يۇقىرى تەلەپ قويغان، بىراق كىنو بۇ تەلەپكە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈمىتسىزلەنگەنلەر ئىدى.

ئەلۋەتتە ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىنغان نۇقتا:    كىنوغا قىستۇرۇلغان مۇھەببەت ھېكايىسى (ھەسەن بىلەن ئەرانىڭ نىكاھسىز يۈرۈشى)، سۇلتان مەھمەتخاننىڭ خانىشى گۈلباھار خاتۇننىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، خان سارىيىدىكى ئەرلەرنىڭ ئالدىدا بېشىغا رومال ئارتماسلىقى (بۇنىڭ ئوسمانلى ۋاقتىدىكى ئادەتلەرگە ۋە دىنىمىزغا زىت ئىكەنلىكى)، تارىخىي كىتابلاردا بايان قىلىنغىنى بىلەن كىنودا تەسۋىرلەنگەن بەزى ئەھۋاللار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى كۆرسىتىپ، گېزىت-ژۇرناللاردا تەنقىدلەر يېغىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، ئىنسان ئىشلىگەن نەرسىنىڭ كەمچىلىكى بولۇشى مۇقەررەر. كۆرۈرمەن پەقەت مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتەلىسە كۇپايە، دەپ قارىغاچقا، بۇ فىلىم ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىندى. مەنبە:شاھ ئۇيغۇر بلوگى

aymuhammat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:24:24

خاتىرجەم ئوقۇۋېرىڭ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 09:38:46

ئوقۇپ چۈشۈنۈشكە ئىختىدار،سەۋىيە يەتسىلا ئوقۇسا بولىدىغان كىتاپلاركەن،باشقا ئىشلاردىن خاتىرجەم بولۇڭ.

00000 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 10:50:49

‹شاھ ئۇيغۇر بىلوگى› دىكى قىلىملەر قويۇلماس بولۇپ قالغىنى خىلى ۋاقىت بولدى، قايسىڭلار سەۋەبىنى بىلىسىلەر ؟؟؟

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 11:26:22

يىقىلمايدىغان ئىمپىرىيە يوق، ھەممىسى ھامان بىر كۈنى يىقىلىدۇ. ئورنىدىن دەس تۇرالىغانلار ئەڭ نوچى، تۈركلەر ھەرھالدا ھازىرقى تۈركىيە زىمىنىنى ساقلاپ قالدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 15:07:18

بىرىنچى كىتاپ سىلەر دېگەن كىنونىڭ سىنارىيە مەنبەسى ئەمەستۇ؟ بۇنىڭ بىر ھۆججەتلىك فىلىمى بارلىقى يادىمدا.
«فەتىھ 1453» نىڭ سىنارىيىسىنى ئاتىللا ئەگىن،ئىرفان سارۇخانلار يازغانكەن. بەكلا بىرتەرەپلىمە ئىشلەنگەن كىنو ئۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 16:26:10

1453-يىلى دىگەن كېنو ئىككى يېرىم سائەتلىك ئۇزۇن كېنو ئىدى. توردىن چۈشۈرگىنىم خەنچە خەتلىك تۈركچە سۈزۈك نۇسخىسى ئىكەن. سېغىمىمو چوڭ ئىدى. ئەسلىدە ساقلاپ قويماقچى بولغان. لىكىن قىزىل ئارمىيە ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلغان پەدىدە ئىشلەپتىكەن. كۆرۈپ بولۇپ ئۆچۈرۋەتتىم.
تارىخ دەرسلىكىدىكى تەپسىلاتچىلىك ھوزۇر بېرەلمىدى.
دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولغان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزىنىلا تەسۋېرلەپ ئىشلىگەن بولسىمۇ كاتتا كېنو بولۇپ پۈتۈپ چىقار ئىدى دەپ ئويلايمەن.
روسلارنىڭ تۈركلەرگە ئۆچمەنلىكىمۇ مۇشۇ سەۋەپلىك بولسا كېرەك. شەرقى رېم ئېمپىرىيەسى(ۋېزانتىيە) مۇشۇ ئۇرۇش ئارقىلىق گۇمران بولدى.
كېنو تەرجىمە گورۇپپىلىرىغا ئوخشاش، كىتاپ تەرجىمە قىلىدىغان گورۇپپىلارمۇ قۇرۇلغان بولسا، ئۇيغۇرچە تېكىست ھۆججەت شەكلىدە چۈشۈرۋالساق، ھەم ساۋاپلىق ھەم ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىدىغان ئىش بولاتتى.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 19:56:28

   روسلار تۈركلەرگە بەزىدە ئۆچ بەزىدە ئامراق بولۇپ كەلگەن . ھازىر روسلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئى گاز خېرىدارى تۈركىيە بولۇپ قالدى . شۇڭا روسلار ھازىر ياۋروپاغا قارىغاندا تۈركىيەگە ئانچە ئۆچلۈك قىلمايدۇ . ئەمما مەنپەئەت توقۇنىشى دېگەن ھەر ۋاقىت دوستنى دۈشمەنگە دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ .

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 21:56:02

ئاشۇ كىنونىڭ ئادىرىســــــــــــــــــــــــــــنى، بۇلسا قالدۇرغان بۇلساڭلا

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 23:35:20

iltebir107 يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 21:46 static/image/common/back.gif
1. 1453: كونستانتىنوپول ئۇرۇشى
بۇ فىلىمدە ئىستانبۇلنىڭ فە ...

كونىستانتىنپۇل شەھىرىنى غەلىبىلىك ھالدا فەتھى قىلغۇچى تۈرك سۇلتان مەھمەتخان شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن «فاتىھ سۇلتان» ئىسمى بىلەن تارىختا مەشھۇر بولغان. مىلادىيە 300-يىللاردىن باشلاپ خرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي،


بۇ سۇلتاننىڭ نامىنى مۇھەممەد Ⅱ دەپ بىلىمەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 15:26:26

tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 21:56 static/image/common/back.gif
ئاشۇ كىنونىڭ ئادىرىســــــــــــــــــــــــــــنى، ...

http://m.pps.tv/play_32ZGUL.html

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 16:23:56

مەنچوغلانىنىڭ(ياغاچ مىدال )،(سەمەندەر )دىگەن كىتاپلىرىنى چۇشۇرگەنتىم . ئەمدى شۇنىڭ قايسىسىنىبالدۇر ئۇقۇشۇمنى بىلەلمىدىم .
ئەمدى شۇ كىتاپنى ئۇقۇپ باققانلا دەپ بەسەڭلا ،ئىككى تارىخ مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟قايسىسىنى بالدۇر ئۇقىغاندا بۇلىدۇ .ئ

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:34:13

چوغلان ئەمەس چوپانى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 18:01:21

ئانچە مۇناسىۋىتى يوق،سەمەندەردىن باشلاڭ

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 18:42:26

bagzad12 يوللىغان ۋاقتى2014-10-6 16:23 static/image/common/back.gif
مەنچوغلانىنىڭ(ياغاچ مىدال )،(سەمەندەر )دىگەن كىتاپل ...

سەمەندەرنىڭ ئادىرىسنىقالدۇرۇپ قۇيامسىز قېرىندىشىممەنغۇ ئۇقۇپ بولغان شۇنداقتىمۇ ساقلىۋالغىم كەلدى .
ياغاچ مىدالنىڭ رومان دىگۈچىلىكى يوق ،لېكىن سەمەندەر ئىسىل رومان

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 21:00:38

ۋويچوپانى   .   بەك تۇنۇشلۇق بولمىغاچقاخاتا يېزىپ ساپتىمەن .تەھرىرلىۋىتەي دىسەمناۋاخ ئۇنى يوللىغىلى ، شۇڭا تۇزۇتۇپ ئۇقۇۋېلىڭلا   

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 21:21:34

يوللاي دىسەم مەن بايا چۇشۇرگەن توربەتنىم بولدىكى يانفۇنۇمدا ئېچىلمايۋاتىدۇ،
ئىزدە   گەكىرىپ سەمەندەر دەپ باسسىڭىز ،سەمەندەرنى ئۇقۇشتىكى دەسىرات دەپ بىر تىما چىقىدىكەن شۇ تىمىنىڭ ئاستىدا چۇشۇرۇش ئورنى باكەن .ياغاچ مىدالنىمۇ شۇيەدىن چۇشىرەلەيسىزكەن .

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 00:04:55

00000 يوللىغان ۋاقتى2014-10-5 10:50 static/image/common/back.gif
‹شاھ ئۇيغۇر بىلوگى› دىكى قىلىملەر قويۇلماس بولۇپ قالغ ...

شاھ بلوگ ئۇسلۇپ ئالماشتۇرغاندىن كېيين نورمالسىزلىق ئېغىر زادى، شاھ ئۇيغۇر ئەپەندى ئۇسلۇپ ياسىغانلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن ئىشلەتمىسەك دەپ ئىشلىتىۋەردى...كېيىن ئۆزى ئالدىردش بوپ بىلوگقا قارىيالمىدى...بىزلەرمۇ قاراپ بولالمىدۇق.كونا ئۇسلۇپقا قايتۇرۇپ قوياي دېسەم ئارقا بەتكىمۇ كىرگىلى بولماس بوپ قاپتۇ...
بەت: [1] 2
: بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ باققانلار بارمۇ؟