oyghunush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 15:30:29

PHOTOSHOP CS6 تىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەن يىقىندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ قۇلايلىق بولۇشىنى ئويلاپ Adobe Photoshop CS6 نى ئىشلىتىۋاتقان. ئەمما ئۇنىڭدا كىرگۈزگەندە بولسۇن ياكى Wordتا يىزىپ چاپلىغاندا بولسۇن، تەرتىپ سانلارنىڭ كەينىدە كىلىدىغان رەقەملەر بىلەن جۈملە ئاخىرىدا كىلىدىغان چىكىت ياكى پەشلەرنىڭ ئورنىنى توغرا كەلتۈرۈشتە قىينالدىم، يەنى قۇر ئۆرۈلگەن جۈملىلەردە چىكىتنىڭ ئورنى جۈملە بىشىغا ئۆتىۋىلىش، تەرتىپ سانلارنىڭ كەينىدىكى چىكتنىڭ ئورنى توغرا بولماسلىق قاتارلىقلار.تورداشلار ئارىسىدىكى ئاتامانلىرىمىز  بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن. ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر،
كۆپچىلىككە رەھمەت........

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:58:19

پوتوشوپنىڭ باشقا نەشىرلىرىدە بۇنداق مەسىلە يوقما ؟
مەن 7.0 نى ئىشلىتىمەن ، سىز دىگەندەك كاشىلىلارنى بايقاپ باقماپتىمەن ...
ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچ ئۇچۇن ئەلكاتىپ 5.5 نى ئىشلىتىمەن ، بەك قولايلىق ئىكەن ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 21:33:24

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 19:58 static/image/common/back.gif
پوتوشوپنىڭ باشقا نەشىرلىرىدە بۇنداق مەسىلە يوقما ؟
مە ...

ئاز مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ تەھرىرلەش ئۈچۈن ئەلكاتىپ بولىدۇ، ئەمما كۆپ مەزمۇن ئۈچۈن تازا ئەپلىك ئەمەس. ئەلكاتىپنى ئىشلىتىپ كىرگۈزگەن مەزمۇنلارنى word دا مەزمۇن تەھرىرلىگەندەك تەھرىرلىگىلى بولمايدۇ. تېما ئىگىسى ئىشلىتىۋاتقان نۇسخىسىدا سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچىنى خۇددى word دا خەت يازغاندەك يازغىلى بولىدۇ، تېكىستنى ئىككى تەرەپكە توغرىلاپ قويۇپ تېكىست دائىرسىنى سوزۇپ كىچىكلەتسە، ئۇيغۇرچىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە سوزۇلىدۇ، ئەمما تېما ئىگىسى ئېيتقاندەك جۈمىلە ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىلىرى شۇ قۇرنىڭ بېشىغا ئۆتۈپ قالىدۇ.
يۇقارقى مەسىلىنى Photoshop نى تەڭشەپ ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خاتىرە دەپتەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان كىچىك بىر پروگرامما يېزىۋالغان، تېكىستلەرنى ئاشۇ پروگراممىغا كىرگۈزۈپ، ئاشۇ پروگراممىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان تېكىستنى Photoshop قا چاپلىساقلا تىنىش بەلگىلىرى نورمال بولاتتى، تېكىستلەرنىمۇ ھەم خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيتتۇق.
بۇ پروگراممىنى بىر تۈر ئۈچۈن ئىچكى قىسىمدا ئىشلىتىش ئۈچۈن يېزىۋالغان، كېيىن ئەلالاشتۇرۇپ تارقىتىشنى ئويلاشقان، ئەمما باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋاقىت چىقىرالماي قالدۇق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 21:44:08

ئاۋال ۋوردتا يېزىپ تەھرىرلەپ ئوبدان قىلىۋالغاندىن كىيىن ئەلكاتىپ 5.5 كە چاپلىسا ئۇنىڭدا قانداق بۇلىدۇ ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:08:36

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 21:44 static/image/common/back.gif
ئاۋال ۋوردتا يېزىپ تەھرىرلەپ ئوبدان قىلىۋالغاندىن كىي ...

ئەلكاتىپتا ھەرىپلەر كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلىنىپ تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئەلكاتىپتىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان تېكىست دائىرسىنى سوزسىڭىز، سۆزلەر سوزۇلۇپ چىققان دائىرىگە ئاپتوماتىك تولمايدۇ ھەم ھەرىپلەر سوزۇلمايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچىدىكى سۆزلەرنىڭ سوزۇلۇش ئالاھىدىلىكى بويىچە سۆزلەرنى سوزۇپ، تېكىستلەرنى ئىككى تەرەپكە توغرىلاش ئۈچۈن، ھەرىپلەرنىڭ ئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ سۆزلەرنى سوزۇپ تولدۇرىسىز، كۆپ مىقداردىكى تېكىست ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇل تولىمۇ ئاۋارىچىلىق.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:10:26

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 22:08 static/image/common/back.gif
ئەلكاتىپتا ھەرىپلەر كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلىنىپ تە ...

شۇنداقكەن ھە !!!!

uqkun09 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 11:06:40

تېنىش بەلگىنىڭ ئورنىنى توغۇرلاش ئۈچۈن خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تېزىملىكىدىكى «يۇنىكودلۇق بەلگە قىستۇرۇش»نىڭ ئىچىدىكى «ئوڭدىن سولغا قىستۇرۇشنى باشلاش» دېگەننى چېكىپ، مەزمۇن رايۇنىغا قىستۇرۇلغان تىك سىزىقتەك بەلگىنى(دېققەت: مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىدىكى «يۇنىكودلۇق بەلگىلەرنى كۆرسىتىش» دېگەن تۈرنى تاللاپ قويمىسىڭىز كۆرۈنمەيدۇ) كۆچۈرىۋېلىپ، تەھرىرلىمەكچى بولغان مەزمۇنىڭىزدىكى ھەر بىر ئابزاسنىڭ ئالدىغا چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 11:09:34

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 16:17:17

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 11:09 static/image/common/back.gif
بەيدۇ كىرگۈزگۈچكە ھازىر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى رەسمىي كى ...

ئۇنىڭغا كىرگىنى بىلەن جىق ئىشلىتىلمەيدۇ. يەنىلا ھازىرقى يېزىقىمىزغا يەتمەيدۇ. لاتىچىنى كىرگۈزمىەەندىن كىرگۈزۈپ قويغىنى ياخشى. بەزى جايلارنىڭ ئىسمىنى ئىنگلىزچە يېزىشتا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئەمما ھازىرچە ئۇ خىل ئىپادىلەشنىڭ بەك چوڭ ئەھمىيىتىمۇ يوق. ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە شەھەر ياكى باشقا ناملار ئىنگلىزچە ئىپادىلىشىنى خەنسۇچىنىڭ پىنيىن ئاھاڭى ۋە يېزىلىشى بويىچىلا ئېلىنىۋېتىپتۇ...

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 19:40:10

Word تا يېزىپ چاپلىساق ئازراق نورمالسىزلىقلار يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ تىنىش بەلگىلەر سان سىفىرلاردا...
لېكىن Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى ئىشلەتسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغۇ؟ قالايمىقان چىقمايدۇ.......
جىقراق ھۆججەت بولۇپ قالسا Word تا ئۇرۇپ بەتنى ئۆلچەملىك لاھىيلەپ، PDF كە ئايلاندۇرۇپ Adobe Photoshop قا ئەكىرسىڭىزمۇ بولىدىغۇ.. مەن بەت سانى جىقراق كىتابلارنى شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىمەن.   

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 19:40:27

Word تا يېزىپ چاپلىساق ئازراق نورمالسىزلىقلار يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ تىنىش بەلگىلەر سان سىفىرلاردا...
لېكىن Adobe Photoshop CS6 نىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى ئىشلەتسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغۇ؟ قالايمىقان چىقمايدۇ.......
جىقراق ھۆججەت بولۇپ قالسا Word تا ئۇرۇپ بەتنى ئۆلچەملىك لاھىيلەپ، PDF كە ئايلاندۇرۇپ Adobe Photoshop قا ئەكىرسىڭىزمۇ بولىدىغۇ.. مەن بەت سانى جىقراق كىتابلارنى شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىمەن.   

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 09:30:12

uqkun09 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 11:06 static/image/common/back.gif
تېنىش بەلگىنىڭ ئورنىنى توغۇرلاش ئۈچۈن خاتىرە دەپتەرنى ...

ماۋۇ ئەڭ توغرا جاۋاب.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:23:26

http://qutyar.net/mb/thread-3666-1-1.html
ماۋۇ photoshop نىلا ئىشلىتىڭ. word قا قانداق خەت يازسىڭز شۇنداق ئىشلىتەلەيسىز. ئۇيغۇرچە تىنىش بەلگە ئىشلىرىدىمۇ قىيىنچىلىق تۇغۇلمايدۇ. مەن ئىزچىل مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن. بەك ئۇزۇن بولدى. بىۋاستە word قا خەت يازغاندەكلا يازىمىز. تېما ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىشقا ئائىت تەڭشەككە ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىزلا ئىش تامام. باشقا كىرگۈزگۈچ كەتمەيدۇ. پەقەت win7/8/10 لارنىك كىرگۈزگۈچىسى بولسىلا 10-20 تال ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولسا بولدى. Alkatip, ukij, Alpsoft لارنىڭ خەت نۇسخىسىنى تونىيدۇ.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:24:33

atilla705 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 19:40 static/image/common/back.gif
Word تا يېزىپ چاپلىساق ئازراق نورمالسىزلىقلار يۈز بېرىد ...

CS6 نىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسى دەپ يوق. ھازىر cs6 دىن كىېيىنلا ئەرەپ تىللىرىنى قوللايدىغان قىلىۋەتتى. ئاۋۇ مەن قالدۇرغان ئادرېستىكسى دەل شۇ.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 19:42:01

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 10:23 static/image/common/back.gif
http://qutyar.net/mb/thread-3666-1-1.html
ماۋۇ photoshop نىلا ئىشلىتىڭ. word قا ق ...

ئاۋۇ  ھەقىقي نەشىرگە ئايلاندۇردىغان بولاقنى چۈشىرەلمىدىم. باشقا چۈشۈرىش ئادرىسىنى تەمىنلەپ بېرەمسىز ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 08:44:59

jahanzat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 19:42 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ  ھەقىقي نەشىرگە ئايلاندۇردىغان بولاقنى چۈشىرەلم ...

مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا ئادرسىنى كۆچۈرۈپ شۈنلېيگە چاپلىسىڭىزلا چۈشىدۇ.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 13:46:15

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 08:44 static/image/common/back.gif
مائوس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا ئادرسىنى كۆچۈرۈپ شۈنلې ...

PHOTOSHOP CS6نى چۈشۈرۈپ بولدۇم، يىشىش ھۆججىتىنى دىمەكچىدىم:loveliness:

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 14:00:50

بۇنىڭدا ۋوردتىكى خەتلەرنى شۇ پېتى چاپلىغىلى بولامدۇ؟
سالوننىڭ نەرسىلىرىنى ئاۋاركام ياسىغان دېتالدا قىلغان ئەما بۇنىڭ خەتلەرنىڭ قىرىنى ئۇدۇللاش ئىقتىدارى يوقكەن.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 14:51:43

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 10:24 static/image/common/back.gif
CS6 نىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسى دەپ يوق. ھازىر cs6 دىن كىېيى ...

cs6 دىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى قوللايدىغان قىلىپ ئىشلىدى،
لېكىن بۇرۇن مەخسۇس ئوتتۇرا شەرق يەنى ئەرەب تىلى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئىشلىگەن PS بار ئىدى. شۇنىڭدىن ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولاتتى.    Adobe Photoshop  Cs Me مۇشۇ نەشىرى شۇ... مەن بۇنى بىر ئەرەبنىڭ ئىشلەتكىنى كۆرگەن. بۇ يەردىكى CS بولسا 7.0 دىن كېيىنكى چىققانلىرنى CS دەپ ئاتىغان يەنى تۇنجى 8.0 شۇ.. ھېسابتا 8.0 نىڭ Me نۇسخىسى........... CS نى قوشماي Adobe Photoshop   Me دەپ ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ..... لېكىن چىقمىقى سەل تەس ... مەن  ئەسلى نۇسخىسى بار...... كۇلىدىن سېتىۋالغان...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 17:28:02

jahanzat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 13:46 static/image/common/back.gif
PHOTOSHOP CS6نى چۈشۈرۈپ بولدۇم، يىشىش ھۆججىتىنى دىمەكچىدىم ...

ئاشۇنىمۇ شۇنداق چۈشۈرسىڭىزلا بولاتتا. بۇ يەرگە قانداق يوللارمەن ئۇنى.
بەت: [1] 2
: PHOTOSHOP CS6 تىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش