كىتاپ تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار،رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،يېقىندىن بۇيان كىتاپ ئوقۇشنى ئادەت قىلاي دەپ ھەر ئايدا پىلان تۈزۈپ كىتاپ ئوقۇشنى باشلىغان،ياخشى ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاپلا بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلا،رەھمەت!:) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oylan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 17:05ئىز
ئويغانغان زىمىن
ئانا يۇرت
قۇم باسقان شەھەر
زۇلمەتلىك تۇپراق (تور رومانى)
شېرىن بۇلاق
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى (مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى)
ياخشىلار باغچىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawuzbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 18:48
قايسى تۈردىكى كىتاپلارغا قىزىقىسىزكىن؟ ۋەقەلىككە قىزىقسىڭىز دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كىرۇزۇنى تەۋسىيە قىلاي
يۈز يىل غېرىبلىق (گارسىيا ماركۇز)
مىنىڭ ئىسمىم قىزىل (ئورخان پامۇك)
كۆز ئىچىدىكى كۆز ، سۆز ئىچىدىكى سۆز ... بۇ رومان ئەمەس :lol مەنمۇ ئۆزەمگە كىتاب ئوقۇشنى ئادەت قىلايمىكىن دەۋاتىمەن . ئىز ئويغانغان زىمىن ئانا يۇرت قاتارلىق تارىخى رومانلارنى ئوقۇپ بولدۇم . ئەمدى مۇشۇ تارىخى رومانلىنىڭ قايسىسىنىڭ چىنلىقى يۇقىرى بىلەممىدىم . بىلىدىغان ئۇستاز قېرىنداشلارنىڭ مەسلەھەتى قانداكىن. تارىخقا قىزىقسىڭىز تارىخى ھەمىدي.تارىخى رەشىدي(ئككى قىسىم).ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى. مەن كەچكەن كىچىلەر.....ئىسلام تارىخىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى. قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ .
ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغوسىدا
ئۆگىنىش ئۆزىڭىز ئۈچۈن (ئوتتۇرا مەكتەپ باللىرىغا بەكرەك ماس كېلىدۇ)
ئىز ، ئويغانغان زېمىن ، ئانا يۇرت بۇلارنى دېمىسەممۇ ئوقۇپ بولدىڭىز .
يەنە نۇرغۇن …
لېكىن مەن بەك ئاز ئوقۇپتىمەن . يەنىلان ئىزدىنىش پىروپپىسورلىرى يول كۆرسەتسۇن . قەلىبتىن كۈچۈش 'ئاتامان ' نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىليوننىر قاتارلىق كىتاپلارمۇ ئېسىل ‹باھادىرنامە› بىزنىڭ گاتسىبى كارامەت ، شەرەنداز ئايال، سەمەندەر ،ئىشقىىلىپ جېق جۇما{:92:} ماۋۇ تىمىغا كىرسىڭىز شۇنداق ئىسىل كىتاپلا تەۋسىيە قىلىنغانكى ........................قالغىنىنى ئۈزىڭىز كۈرۈپ ئۇقۇپ بېقىپ بىرنىمە دەڭ {:92:}http://bbs.izdinix.com/thread-58910-1-1.html «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى»نى چۇقۇم ئۇقۇڭ. ئۆزىمىزنىڭكىنى ئوقۇڭ.
يۈز يىل غېرىبلىق دېگىنىدە ھەلەق يەر خېلى بار. ئوقۇماڭ. سىرلىق ئارال نەچچە ۋاقتىن بېرى كىتاپ ئوقىماي ،كىتاپ ئوقىمىغان باشقۇرغۇچىغا بۇ تېمىنى تەستىقلىتىپ نىمىش قىلغان ؟؟؟ ئانا يۇرت رومانىدىمۇ قېلىن يەر بەك كۆپكەنتۇق ، مەن ئەينى چاغدا نەۋرە سىڭىلىم ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا شۇ كىتاپنى سوۋغا قىلاي دەپ ئېلىپ ، ئۆزەم ئۇقۇپ كۆرسەم سەل چاتاق ، ئاندىن چالىقۇشى نى سوۋغات قىلغان ،،، ئىز ، ئويغانغان زىمىن لارنى جەزمەن ئېلىپ ئۇقۇش كېرەك ....
ئۇنىڭدىن باشقا :
ئۆتكەن كۈنلەر
مىھراپتىن چايان
يىگانە ئارال
چالىقۇشى
( تۆت بەشيۈزدەك كىتاپ ئۇقۇپتىمەن ، بەدىئىلىگى ، يىنىكلىگى ، تىلىنىڭ راۋانلىقى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ، جەزمەن ئۇقۇپ قۇيۇڭ )
لېيىغان بۇلاق رومانىمۇ بەك ياخشى ، ئىچىگە بىر كىرىپ كەتسڭىز ، ۋەقەلىكلەرگە جىددىيىلىشىپ ،تەڭ يىغلاپ ، تەڭ كۈلۈپ چىقىسىز ......
ئەمما ئاخىرى بەك ئۇزىراپ كەتكەندەك بىلىندى ماڭا توۋا دەيمەن، شۇنداق نازۇك تىمىلار تىلغا ئېلىنمىسا رومان رومان بولماي قالارمۇ؟! ، بەزىلەر نەق شۇيەر دەپ ئوقۇرمىش تېخى :o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 20:11
kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 20:03 static/image/common/back.gif
توۋا دەيمەن، شۇنداق نازۇك تىمىلار تىلغا ئېلىنمىسا روم ...
سىلىچۇ گەپكە ھۆددىگەر پىرىم ؟:lol
مەنمۇ ئاشتاق يەرلەرنى خېلى جىق روماندا ئۇقۇپ سالدىم :lol ناتىۋانلار ، ئانا يۇرت ، كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل ....دىگەندەك ....دىگەندەك
ئاپلا دەپ ساپتىمەن مىنە ئەمما ما رومانلارنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا مەن تېخى بالىغ بولمىغان ماخما :lol jaggiwar يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 18:33 static/image/common/back.gif
‹باھادىرنامە› بىزنىڭ گاتسىبى كارامەت ، شەرەنداز ئاي ...
تەقسىر سىلىدە ‹ بىزنىڭ گاتسىبىي كارامەت › دىگەن كىتاب باما ئارىيەت ئالاي دىگەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 20:51
parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 20:10 static/image/common/back.gif
سىلىچۇ گەپكە ھۆددىگەر پىرىم ؟
مەنمۇ ئاشتاق يەرلەرن ...
ئەمدى ، شۇ . . . ، ئوقۇماي دىسىمۇ ئوقۇلىنىپ كىتىپ :lol