birikki يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 19:39:22

نۇسخىلاش ماشىنىسى سېتىۋىلىشتىن ياردەم

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت،ھەممىڭلارنىڭ يىتىش كىلىش ئالدىدىكى ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى ئالدىن تەبرىكلىۋالاي:
ئەزىزلەرنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!بارلىق ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!
مۇنداق بىر ئىشتا كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەت -ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم.مەنبىر نۇسخىلاش ماشىنىسى ئالاي دىگەن
(打印机) ئۆيدە ئىشلىتىمەن.كۇندە ئىشلىتىشىممۇ بەك كۆپ ئەمەس.20 ياكى 30 بەتلىك نەرسىنى نۇسخىلاش لازىم بولىدۇ
كۆپ بولغاندا.بولسا مۇشۇنىڭغا بىر چىداملىق،ئۇزاقراق ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ھەم باھاسى مۇۋاپىق بولغان نۇسخىلاش
ماشىنىسىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار بەك رازى بوپكىتەتتىم.باھاسىغا چەك يوق،ئەمما ئىسىل ھەم ئۇزاق ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان
بولسا سەل ئۆرىرەك بولسىمۇ قۇبۇل قىلالايمەن.يەنە بىر گەپ توردىن ئالاي دىگەن،ياخشىسىنى،ئىشەنچلىكلىرىنى تاپقىلى بولۇرمۇ؟ئاندىن ئىشلەتكەن قېرىنداشلار بولسا ،تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرسە بەك ئوبدان
بۇلىتى.
ئالدىن رەھمەت ئېيتاي.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 11:11:46

Samsung-4521
bu perintir ang muwapik
yanfunda uyghurqa yazalmidim

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 12:54:37

توردا ئەرزانكەن مەن قاندىقىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۇقمايمەن توردىن كۆرۈپ بېقىڭ ،كۆپىنچىسىنىڭ باھاسى 400- 600 كويغىچە ئىكەن

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 17:57:48

نۇسخىلاش ماشىنىسى يەنى خەت ئۇرۇش ماشىنىسىدا خۇيپۇغا يېتىدىغىنى يوق دەپ ئويلايمەن.بولۇپمۇ لازىر نۇرلۇق ماشىنىدا.
شۇڭا ئەڭ ياخشىسى شۇ ماركىلىقنى ئېلىڭ. توردىن ئالماڭ ،ئۇنىڭغا سېتىشتىن كېيىن مۇلازىمەت كېرەك بولسا،ئاۋارە بوپ كېتىسىز ۋە توردا كونىنى يېڭىلىۋالغان ۋە ئوخشىتىپ ياسىغان نەرىسىلەر كۆپ .ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچى بالىلاردىن ئېلىڭ. باشقا تەرەپلەردە قانداق ئۇقمايمەن ،بىز تەرەپلەردە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دۇككىنىدىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسى تور بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 17:58:19

نۇسخىلاش ماشىنىسى يەنى خەت ئۇرۇش ماشىنىسىدا خۇيپۇغا يېتىدىغىنى يوق دەپ ئويلايمەن.بولۇپمۇ لازىر نۇرلۇق ماشىنىدا.
شۇڭا ئەڭ ياخشىسى شۇ ماركىلىقنى ئېلىڭ. توردىن ئالماڭ ،ئۇنىڭغا سېتىشتىن كېيىن مۇلازىمەت كېرەك بولسا،ئاۋارە بوپ كېتىسىز ۋە توردا كونىنى يېڭىلىۋالغان ۋە ئوخشىتىپ ياسىغان نەرىسىلەر كۆپ .ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچى بالىلاردىن ئېلىڭ. باشقا تەرەپلەردە قانداق ئۇقمايمەن ،بىز تەرەپلەردە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دۇككىنىدىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسى تور بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 18:48:22

مەنمۇ توردىن سېتىۋىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، چاتىقى جىق چىقىدىغان ئوقەت بۇ. مەخسۇس دۇكاندىن ئالغان ياخشى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 19:37:36

    نۇسخىلاش ماشنىسىنى توردىن ئالماسلىق كېرەك ، ئا تۆت قەغەزگەنۇسخىلايدىغان ئىش بولسا خۇيپۇ1005 ياخشى ، باھاسى 1400-1600 يۈەنگىچە ، نۇسخىلاش ، بېسىپ چىقىرىش ، سىكاننىرلاش ئىقتىدارى تۇلۇق ....

ئەگەر ئا ئۈچ قەغەزگە نۇسخىلاش ئىھتىياجىڭىز بولسا 5000-7000 ئۆپچۆرىسىدە يامان ئەمەسنى ئالالايسىز ....

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 20:05:57

نۇسخىلاش ماشىنىسى بىلەن خەت ئۇرۇش ماشىنىسىنى ئارلاشتۇرۋالمىغانسىلەر ھە باللار. ھەممىڭلار نۇسخىلاش دەپ ئىشلىتىپسىلەر.:dizzy:
بىرى فۇيىنجى
يەنە بىرى دايىنجى
ياكى مەن خاتا ئۆزلەشتۇرۋالدىممۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 20:10:35

تېما ئىگىسى نۇسخىلاش دەپتۇ فۇيىنجى ئالىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،
ئاندىن دايىنجى دەپ قۇيۇپتۇ ،شۇڭا دايىنجىمۇ لازىمكەن دىدىم ،
شۇڭا دايىن ، فۇيىن ،ساۋمىياۋ ئىقتىدارى بار hp1005نى تەۋسىيە قىلىپ قويدۇمغۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 20:11:44

مەندە بىرسى بار ، 7 يىل بولدى، قالغان يەرلىرى ساق ، شۇ باسىدىغان كۇنۇپكىسى بۇزۇلۇپ قالدى ....ھازىرمۇ نورمال دايىن قىلىدۇ ...

birikki يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 20:20:28

ھە خاتالىق يۈز بېرىپتۇ،دايىنجى ئالماقچى ئۇنى خەت ئۇرۇش ماشىنىسى دەيدۇ ،شۇنداقمۇ؟
پىكىر بەرگەن ھەممەيلەنگە رەھمەت.خىيالچى تەۋسىيە قىلغان hp1005 غا بەكرەك مەيلىم تارتىۋاتىدۇ.
ئۇرۇمچىدە ساتىدىغان ئورنى نەدىرەكتۇ؟بىلىدىغانلار قالدۇرۇپ قويساڭلار،يېقىندا ئۇرۇمچىگە سەپەرگە
چىقماقچىتىم،ئەپلام كىلەي دىگەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 20:44:47

birikki يوللىغان ۋاقتى2014-10-4 20:20 static/image/common/back.gif
ھە خاتالىق يۈز بېرىپتۇ،دايىنجى ئالماقچى ئۇنى خەت ئۇرۇ ...

قىزىل بايراق سودا شەھەرچىسىگە بېرىڭ1

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 21:29:30

ئۆزىڭىز نەلىك بولسىڭىز شۇ يەردىن ئالسىڭىز ھەممىدىن توغرىسى شۇ

self يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 14:15:34

مەندە بىرسى با ، بىكاغا بىرەي ، ئىشلەتكىلى بولىدۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 08:43:16

sharp
بەت: [1]
: نۇسخىلاش ماشىنىسى سېتىۋىلىشتىن ياردەم