[خەتلىك فىلىم] باشقىلار
فىلىم نامى: باشقىلار
ئېنگىلىزچە نامى: The Others
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2001-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەھىمىلىك / ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 7.6
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.83GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:44:14
رېژىسسور: Alejandro Amenábar
باش روللاردا: Nicole Kidman, Christopher Eccleston, Fionnula Flanagan
فىلىم ھەققىدە:
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلىشىپ، گرېس كىچىك ئارالدىكى ئۆيىدە ئوغلى بىلەن قىزىنى ئۆزى يالغۇز باققاچ، يولدىشىنىڭ ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتاتتى. بالىلىرى نۇرغا ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، نۇر بىلەن ئۇچراشسا ئاغرىپ قالاتتى، شۇڭىلاشقا پۈتۈن ئۆينىڭ دېرىزىلىرىدىكى پەردىلەر كېچە-كۈندۈز مەھكەم ئىتىگلىك تۇراتتى. بىر كۈنى ئۆيىگە يېڭىدىن ئۈچ خىزمەتكار ئىشلەشكە كېلىدۇ، ھەمدە بۇ ئۈچ ئەيلەن كەلگەندىن كېيىن گرېس دائىملا ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ، چۈنكى ئۆينىڭ پەردىلىرى، ئىشىكلىرى سەۋەبسىزلا ئېچىلىپ قالاتتى، پىئانىنودىن ئۆزلىكىدىن ئاۋازلار چىقىپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك قىزى بۇ ئۆيدە دائىم ناتونۇش بىر ئادەمنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئېدى. گرېس غەيرى ئىشلارنىڭ نېمىشقا توختىماي يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتى ھەمدە بارغانسېرى نىرۋىسى جىددىيلىشىپ، كەيپىياتى ئەنسىز بولۇپ كېتىدۇ، ھەمدە يولدىشىنىڭ نېمىشقا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ دىققىتىنى يىغىپ، بۇ ئىشلارنى ئاڭقىرىپ بولغاندا، ھەممە ئىشلارنىڭ ئۆز سەۋەبىدىن بولىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ئەمما بۇ كەم بولغاندا ئىشلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئېدى...
http://download.kowruk.cn/image/theothers/01.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/02.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/03.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/04.jpg
http://download.kowruk.cn/image/theothers/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىلار سەمىگە: چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىزلەر، فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەر بولسا، فىلىمنى شۈنلېيدىن ئۆچۈرۈپ يېڭىسىنى چىقىرىمىز، بۇ سەۋەبتىن بىۋاستە يېزىپ قويۇلغان شۈنلېينىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرەلمسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. چۈشۈرۈش نورمال ئەمەس، دادامنىڭ ھەج سەپىرى دېگەننى كۆرسىتىپ ھەم چۈشمەيۋاتىدۇ. ئوڭلاپ قويۇڭ مەن دۇكاندىن كىرگۈچە ئوڭلاپ قويۇڭ ھە، كەچتە چۈشۈرۈپ كۆرەي:lol ئەتە كۈرەپ باقاي قېنى بىر ئەيلەن ئەمەس بىرەيلەن، كىنولارغىمۇ بىر ئەيلەن دەپ كىرگۈزۈپ قويۇپسىلەر ansariy يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 15:09 static/image/common/back.gif
بىر ئەيلەن ئەمەس بىرەيلەن، كىنولارغىمۇ بىر ئەيلەن دەپ ...
دىققەت قىلايلى. :$
فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئوڭشالدى. 小岛惊魂دىگەن كىنوغۇ بۇ ،ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كورۈپ بولغانتىم،بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 15:14 static/image/common/back.gif
دىققەت قىلايلى.
فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئوڭشالدى. ...
رەھمەت. كۆۋرۈك ئەپەندىم كىنولارنى ھارماي تەرجىمە قىلىپ يوللاۋاتىدۇ، بىزمۇ تۈزۈت قىلمايلا چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت جۇمۇ.
خىلى داڭلىق فىلىم مەنمۇ كۆرگەن خەنچە خەتلىكنى ھەم مۇشۇنداق ۋەھىمىلىك فىلىمنى ياقتۇرىمەن،.
ئايال باش رولچىنىڭ ۋەھىمىلىك فىلىمى خىلى كۆپ.
ئۇنىڭ 美国骗局نىمۇ تەرجىمە قىلدىڭلارمۇ؟ "ئامېرىكىچە قويمىچىلىق" ناملىق ئۇ فىلىمدە، ماۋۇ فىلىمدىكى باش پېرسوناژ ئايال چىقمايدۇ.
ئۇ فىلىمدە قىلىقسىز مەزمۇنلار سەل جىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىشنى ئويلاشمىدۇق. ئەڭ ياقتۇرغۇنىم فىلىملەردىكى ناشايان كۆرنۈشلەرنى ۋە رەسىملەرنى يوق قىلۋىتىدىغىنىڭلار بولدى كۆۋرۈك توربېتىنىڭ يانفون نۇسخۇسى (ئەپ ) قاچان چىقىدۇ ؟ كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى كۆرگەندە كىيىنكى قىسىمىغا ئاپتوماتىك ئۆتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويساڭلار ( قىسقا كارتون كۆرۈش بەك ئاۋارىچىلىقكەن ) .. ...
شەخسى تەلىپىم : نىكىتا دىگەن كىنونى كۆرەي دىگەن ھېچ توربەتلەردىن تۇلۇقراقىنى تاپالمىدىم بولسا سىز رەتلەپ ئېلان قىلغان بولسىڭىز ................ رەھمەت ھە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 14:35
isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 14:16 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك توربېتىنىڭ يانفون نۇسخۇسى (ئەپ ) قاچان چىقىدۇ ؟ ...
iOS نۇسخىسىنى App Store غا 9-ئاينىڭ 12-كۈنى يوللىغان، تەستىقتىن ئۆتۈشىنى ساقلاۋاتىمىز. كۆۋرۈك تىرمىنالىنى قوزغاتسام « يېڭى نەشىرى چىقتى يېڭىلامسىز؟» دېدى. ھەماقۇل دەپ يېڭىلىسام، ئېچىلماسلا بولدىغۇ؟ dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 14:49 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك تىرمىنالىنى قوزغاتسام « يېڭى نەشىرى چىقتى يېڭى ...
بىز سىنىغاندا نورمال ئېدى، ئەگەر نەشىرىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن قوزغالمىغان بولسا قاچىلاش بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ تۇرۇڭ، بىز يەنە تەكشۈرۈپ باقايلى. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 14:32 static/image/common/back.gif
iOS نۇسخىسىنى App Store غا 9-ئاينىڭ 12-كۈنى يوللىغان، تەستىقت ...
تىزراق تەستىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:D مىننەتسىز قىلىۋاتقان بۇ ئەمگىكىڭلارنىڭ ئەجىرىنى ھامان كۆرىسىلەرقېرىنداشلىرىم.گۈزەل تىل-يېزىقىمىز سىلەرنىڭ قولىڭلاردا نۇرلىنىپتۇ.بارىكاللا! قۇرۇق بولسىمۇ قۇربان ھېيتىڭلارغا چىن دىلدىن مۇبارەك.
بەت:
[1]
2