ساقال كۆكۈرۈشنى قانداق داۋالايمىز؟
يىقىندىن بىرى تۇرمۇش رىتىمىمنىڭ تىزلىكى، ھەرخىل سورۇن، ئۇچرۇشۇشلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك ساقىلىمنى كۈندە بىرقىتىم ياكى ئىككى قىتىم ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئالغاندىمۇ ئالدىراپلا ساقالنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلمايلا سۇ تەككۈزۈپلا ئالغاچقىمۇ ئىڭەكلىرىم كۆكۈرۈپ كەتتى.بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانچە پاكىزە ئالساقمۇ كۆپكۆكلا تۇرىدىكەن ئادەمنى بىئارام قىلىپ.ھەم بەكلا ئىچىشىدىكەن.قەيەردە كۆرگۈنۈم ئىسىمدە يوق بىر تۇرمۇش ساۋاتلىرى كىتابىدا كۆك ساقالنى داۋالاش ئۇسۇللىرى تەپسىلى سۆزلىنىپتىكەن.بۈگۈن ئاتايىن كىتابخانىغا بىرىپ ئىزدەپ تاپالمىدىم.مۇنبەرگە مۇراجىئەت قىلماي بولمىدى.ساقال كۆكۈرۈشنى قانداق داۋالايمىز؟ تەجرىبىلىكلەر تەجرىبىلىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار. ئىزدىنىشتىكى بارلىق ئەركەكلەر پايدىلىنىپ قالمايلىمۇ؟ ساقال ئالغۇچتا ئالسىڭن ئۇنداق بولمايدۇ سۇدىلا نەمدەپ ئالسىڭىز ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ، تەتۈر ئېلىپ سالسىڭىز تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى مازغاپ ئىشلىتىپ ئېلىڭ، تەتۈر ئېلىشتىن ساقلىنىڭ، ئاۋارىچىلىقلار ئاز بولىدۇ،داۋالاش ئۇسۇلىغا كەلسەك مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتمىگەن ئەھۋالكەن بۇ رەسىم بولسا قوشۇپ يوللاپ قويماي. كۆكۈرۈپ قالدى دىگەننى چۈشەنمەي قالدىم. ئىڭەك تېرىسى كۆكۈرۈپ كەتتىمۇ؟
بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بەزىدە بىر ئىككى ئايدا ساقال ئېلىپ، ساقالسىزمۇ ئەمەس، ساقاللىقمۇ ئەمەس يۈرگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
كۆكۈرۈپ قالىدىغان ئىشقا پەقەت يولۇقۇپ باقماپتىمەن. NEWنىڭ ساقال ئېلىپ بولغاندىن كىيىن سۇردىغان مېيى بار(顺后油)غۇ دەيمەن ، شۇنى ئىشلىتىڭ چوڭراق تاللا بازىرىنىڭ ئەرلە گىرىم بويۇملىرى پۇكىيىدە بار. كۈندە بىر ئىككى ئالساڭلا ساقىلىڭلاغا ئۇۋال قىپ قويۇپسىلە ...
مەن مەيلىگە قويۇپ بېرىمەن، سەل ئۆسكەندە ئانچە مۇنچە ياساپ قويىمەن ،بەكراك ئۆسۈپ كەتكەندە ئاندىن بىر پاك-پاكىز ئېلىۋېتىمەن ، ئاندىن يەنە قويۇپ بېرىمەن....شۇنداق داۋاملىشىدۇ.... قىزارتىپ داۋالايمىز ساقالنى ماشىنىدا ئىلىۋەسە ئاشتا بولامىكى ، ماشىنىغا ئادەتلەنگەن بولساڭلا ،تىخ قا كۆچۈڭلا ئەمدى چۈشۈرتۈك ئىشلەتسىچۇ ؟ بىزنىڭ بىر ئاغىنە بەدەندىكى تۈكلەرگە شۇنى ئىشلىتەتتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا palwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-4 09:32
كوكىرىش مىنڭىچە ساقالنىڭ زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكى دەيمەن، بەزىمىزنىڭ ساقىلى زىچ ئۆسىدۇ، بەزىمىز نىڭ شالاڭراق ،شۇڭا ،زىچ ساقالنىڭ كوك كورنىشىمۇ ،نۇرمال ئىش دەپ قارايمەن
بىر يۇمۇر بارتىغۇ،، ئەمدى كۆكىرىپتۇ ،قىزارغاندا كېلىڭ دەيدىغان. شۇ يادىمغا كەپ قالدى،
ھەممەيلەننىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن
ئايەم دىگەن بايرام دىگەن مەنە تۇرسا ، نىمىشقا ھارپا كۈنىنى ئايەم دەپ ئايرىم مۇبارەكلەيسىلەر ، شىمالدىكى ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنداق ئادەت بەركەن كۈندە ئىككى قېتىم ئىڭەك غىدىساڭلا كۆكىرىشمۇ ئازلىق قىپقالغاندەك... كۈندە ئىككى قېتىم ئازبوپقاپتۇ، ئازدىگەندە بەش قېتىم ئالساڭلار قىزىرىشقا باشلايدۇ:D قارىغاندا ساقىلىمنى بىرە مەزگىل تەتىلگە قويۇپ بىرىشتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ. ساقال كۆكۆرۈش دېسە قانداق غەلىتە ئىشتۇ دەپتىمەن، ئەسلى ئېڭەك تىرىسىنىڭ كۆكۈرۈشىنى دەپتۇ ئەمەسمۇ. ساقال ئېلىش ماشىنىسىدا ئالسا شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن ئادەتتە، سۈپىتى ئالاھىدە ياخشىلىرى ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى ساقال ماغزىپى سۈركەپ، تىغدا ئېلىڭ.
مېنىڭچە ، ساقالغا ئائىت بىلىملەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىگىلەي دېسىڭىز ، يېزا بازارلىرىدابازار كۈنلىرى مەخسۇس ساقال كۈزۈتىدىغان ساقال مۇتەخەسسلىرى بار شۇلار تەبىر بېرىدۇ:lol begir يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 08:37 static/image/common/back.gif
خېنە قويۇڭ .
ئىنكاسنىڭ نوچىسى مۇشۇكەن:lol
بەت:
[1]
2