bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 17:07:45

PDFھۆججىتىنى WORDھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدىغان دىتال لازىم

ئۇيغۇرچە PDFھۆججىتىنىWORDھۆججىتىگە ئايلاندۇرماقچى ئىدىم،توردىن بىرقانچە دىتالنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام مەغلۇپ بولدۇم ئايلاندۇرۇلغان WORDھۆججىتىدە ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۈرۈنمىدى،قالايمىقان كود چىقىۋالدى،بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:54:28

سىز دىگەن يۇمشاق دىتال ھەقلىق دىتال.

پۇل بولسا مىكروسوفىتتىن سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 10:00:32

ئۇيغۇرچىغا ئىشلەمدۇ بۇنىسى نائېنىق

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:23:48

رەسىم ھۆججىتىدىن ھاسىل قىلىنغان pdf بولسا ھازىرچە ئامال يوق. لېكىن يېزىق ھۆججىتىدىن ھاسىل قىلىنغان بولسا بىر قانچە دېتال بار ئىدى. قۇتيار، ئىنتىل، روھلاندىن ئىزدەپ بېقىڭ، ئىلگىرى شۇنداق دېتالدىن بىر قانچىنى ئۇچراتقانمەن...

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 14:15:35

مەنمۇ
ئۇيغۇرچىنى
ئايلاندۇرۇشتا قاملاشمىغان ئىدى.يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقايلى!

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:03:17

كومپىيۇتېرىڭىزغا مىكروسوفت ۋوردنىڭ 2013 نۇسخىسىنى قاچىلاپ، پدف نى مۇشۇ ۋورد ئارقىلىق ئېچىپ سىناپ بېقىڭ. بۇ ئۇسۇل رەسىمگە تارتىپ ياكى چاپلاپ ئىشلىگەن پدف بولسا ئانچە ئوبدان ئىشلىمەيدۇ، يېزىپ ھاسىل قىلغان پدف بولسا ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ، لىكىن يەنە ئازراق تەھرىرلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

palwan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 09:45:06

رەسىم ھۆججىتىدىن ھاسىل قىلىنغان pdf بولسا ھازىرچە ئامال يوق، چۇنكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى دىگەن گەپ ئۇيغۇرچە ocr بار بولدى دىگەن گەپ،(گەرچە ھازىربولسىمۇ مۇكەممەل ئەمەس) يېزىق دىن ئايلاندۇرغان pdf بولسا 汉王نىڭ ياخشى ئىشلەيدۇ.
چۇشۇرۇش ئادېرسى:http://www.skycn.com/soft/appid/5512.html

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 09:54:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
قالايمىقان كودغا بولسىمۇ ئايلانغانلىقى بۇ ئېلكىتاپنىڭ ئەسلى رەسىم شەكلىدىكى كىتاپ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇرۇنقى ئېلكىتاپلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك unicodeنىڭ كونا ئۆلچىمدىكى كىرگۈزگۈچلەردە يېزىلغان بولغاچقا بۇنى ئاشۇ كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىنى تېپىپ نورمال كۆرۈنىدىغان قىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچكە ئوخشاش قوراللارنىڭ ياردىمىدە كودنى ئايلاندۇرىۋالساق بولىدۇ.
بۇرۇنقى ئېلكىتاپلار ئاساسەن بۇرۇنقى نۇسخىدىكى ئەلپىدا بىلەن ئۇيغۇرسوفتنىڭ 3.9 نەشىرىدىكى كىرگۈزگۈچ بىلەن يېزىلغانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. مۇشۇ ئىككى كىرگۈزگۈچنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ. ياكى يەنە بىر ئاددى ئۇسۇل كومپيۇتېرىڭىزغا adobe readerنى قاچىلاپ ئېلكىتياپتىن خەتنى كۆچۈرۈپ ۋوردقا ئوخشاش تەھرىرلەش قورالىغا چاپلىسىڭىز خەت نۇسخىسى كۆرۈنىدۇ. شۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچتە ئايلاندۇرسىڭىز بولىدۇ.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 05:00:16

مەنمۇ مۇشۇ دېتالنى ئىزدەپ تورلارنى قېزىۋەتتىم، قۇتياردا بىرەيلەن ئۇيغۇرچىنى نورمال ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ دەپ بىرسىنى يوللاپتىكەن بۇرۇن، ئەمما ھازىر چۈشۈرۈش ئادرىسى بىكار بوپتۇ. داۋاملىق ئىزدەۋاتىمەن.
بەت: [1]
: PDFھۆججىتىنى WORDھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدىغان دىتال لازىم