غېنى سەمەت: ئەسقەر تۇردى
ئەسقەرتۇردى
( رەسسام دوستۇم ئەسقەر تۇردىغا بېغىشلايمەن )
غېنى سەمەت
تۈمەن دەرياسىدا داستان تىڭشاۋاتقان بىر ساددا بالا
چوڭ بولمايلا ئايلىنىپ قالاي دېدى ھېراتتىكى بېھزادقا
رەڭ قايناملىرىدا لەيلەپ يۈرۈپ
ئۆزىمۇ سەزمەي كىرىپ قالدى بىر تىلسىماتقا
ئۇ قان بولۇپ ئاققان
دولان مۇقامچىلىرىنىڭ يېرىلاي دېگەن تۇمۇرلىرىدا
سەكراتقا چۈشكەن
ئەتلەس كۆينەكلىك قىزنىڭ پەرۋاسىز قاراشلىرىدا
قاق سەھەردىكى كاززاپ باققاللار
سۇغۇقتىن لاغ-لاغ تىترىگەن جانانلار
چاچلىرىغا يۆگىلىپ ئۇزىغان دەرۋىشلەر
ھېيتگاھتا ساماغا چۈشكەن ھەلقىچىلەر
ئېقىپ چۈشكەن ئۇنىڭ پەلكۈچلىرىدىن
بۈشۈك تەۋرەتكەن ناتىۋان ئانا
ئۇپۇقنى كۆرگەن ئۇنىڭ دەرىزىسىنىڭ رۈجەكلىرىدىن
ئۇ ئۆزىدىنمۇ غېرىب راۋابنى چالغان ئاشىقنىڭ بېقىنىدا
تەڭ توۋلىغان بولغىيمىدى غېرىب كۈيىنى:
‹‹غېرىب بىچارىدۇر كۆڭلۈم،
بىتايىنلىق ماكان ئولماس .
شۇبۇ كۈندە ئۆلۈپ كەتسەم،
خۇنۇم ئەلگە تاۋان بولماس››...؟!
پىغانلىق زېمىننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ
تارتىنىپ تەڭلەيدۇ مۇھەببىتىنى
بوياقلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ
باشىغا كەلگەن كۈلپەتلىرىنى
ئۇ ئاڭلايدۇ ئۆستەڭ بويىدا
بىر دېھقاننىڭ ‹‹ ئادارگۈل ›› ىنى
ئۆز قەلبىدە ئېزىقىپ تۇرۇپ
تاپار ئاخىر مەشرەپ چۆلىنى
قېنى دوستۇم ئىچىۋەتكىنە
پەريادلاردىن ياسىدىم بىر جام
بەندىگە خاس ياشاپ باقىمىز
بىر خۇدالا ئەڭ ئۇلۇغ رەسسام
2014-يىلى3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى
( ئەسقەر تۇردى يېڭىدىن سىزغان رەسىم: مۇڭغا چۆكۈش ) رەسىمنى بۇلاپ قاچتىم، دەھشەت ياراپ كەتتى. بەزى شائىرلار شەخىسنى تۇتقا قىلىپ يازغاندا ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۋېتىدىكەن،ئەمما سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزدا
ئۇنداق ئەمەس.
سىزنىڭچە مۇشۇنداق مەلۇم ئادەمنىڭ نامىنى تىما قىلىپ شېئىر يازغاندا پىكىر،تەسەۋۋۇر قانداق بۇلۇشى كېرەك دەپ قارايسىز؟ ئاۋۇ مۇڭغا چۆكۈش دېگەن رەسىم مېنىمۇ مۇڭغا چۆمدۈرۋەتتى جۇمۇ،رەسسامنىڭ تالانتىغا قايىلمەن شېئىر ئېسىل! رەسىم ھەم ئېسىل! ئالامەت!!!!!!!!!!!!!!
«مۇڭغا چۆكۈش» ناملىق رەسىم بەك سۈرلۈككەن، راستىمنى ئېيتسام «مۇڭ»نى پەقەتلا ھېس قىلالمىدىم. ئەكسىچە، قارىغانسىرى بىرتۈرلۈك ۋەھىمىلىك تۈس ئۇلغىيىپ باردى..
ھوللىيۋۇدنىڭ ۋەھىمىلىك كىنولىرىدا ئۆلۈم چالغىسى كۆتۈرگەن پىتى پەيدا بولۇدىغان «ئەزرائىل» ئوبرازىغا ئوخشايدىكەن.
شېئىر ئېسىلكەن. شېئىرىڭىز بەك قالتىس بوپتۇ، سۆز-جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقى بىلەن مەنا-مەزمۇنلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى شۇنچىلىك ماس بوپتۇ، گەرچە شېئىرىيەتتىن تۈزۈك خەۋىرىم بولمىسىمۇ شۇنچلىك ھۇزۇرلاندىم.
ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملاشسۇن! رەسىمنى ھەقىقەتەن ياخشى سىزىدۇ . رەسسامغا. شېئىر مۇئەللىپىگە ھېيتلىق سالام بولسۇن! رەسىمدىنمۇ، شېئىردىنمۇ ئاجايىپ ھوزۇرلاندىم. «مىراس» ژۇرنىلىغا ئەسەرلىرى تولا بېسىلاتتى.ئەسقەر تۇردى ئەپەندىم سىزغان سۈرەتلەردە ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىك نىپىتى غەلىتە چىقىدىكەن، بۇنى قايسى ئېقىمدىكى رەسىم دەيمىز؟ مىنىڭ باش سۈرۈتۈمنى ئەسقەركام سىزىپتىكەن. غېنىكامدىن سوراپ باش سۈرەت قىلىۋالغان. :lol
باللا مەخسۇس ساڭىلا سىزىپتۇ دەپ قويىدۇ.:lol بۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن چەيدوتىغۇ دەيمەن:lol ئۇيغۇر رەسساملار ئىچىدە ئەسقەرنىڭ رەسىملىرى ماڭا بەك يارايدۇ.ئۇ شەكىلگە ئەمەس تۇيغۇغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغاندەك، بۇنى تەسىراتچىلارئېقىمى دەيمىزما؟ « ئەزرائىل كەلدى» (死神来了) دېگەن كىنوغا ماس كەپ قاپتۇ ئاۋۇ رەسىم ... راستلا !!
دولان مۇقامچىلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىمنىڭ رەڭلىرى ئادەمگە بىر خىل ئۆزگىچە يېقىشلىق تەسىر بىېرىدىكەن .. بىر خىل قىزغىنلىق ، جۇشقۇنلۇق ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ !ھەم چۆچەكلەردىكى تەسۋىرلەرگە ئوخشاش گۈزەل چىقىپتۇ ، مەن ياقتۇردۇم !!{:112:}{:112:} salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 19:34 static/image/common/back.gif
بۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن چەيدوتىغۇ دەيمەن
«چەيدۇ» قانداق ئوموملاشقان بىلمىدىم.
لىكىن قەشقەردە ھەممە «قېڭراق» دەيمىز.
ئانا تىلنى قەدىرلەيلى! ‹مۇڭغا چۆكۈش› كە قارىشىمغىلا نىمىشقىدۇ بىر يىغا كۆكسۈمگە قاپلاشتى ...
نىمىشقىدۇ ؟ مۇڭغا چۆكۈش قاملاشماپتۇ، ھۆكۈمران ئۈزۈكتىكى ئەرۋاھلارغا ئوخشاپقاپتۇ... ئۇيغۇردىن بەك يىراق رەسىمنىڭ ھەر بىر سىزىقىدىن مۇڭ تۆكۈلىدىكەن، ھەر كۈنى بىر ئېچىپ قاراپ بېقىۋاتىمەن، نىمىنىدۇ چالا كۆرۈپ قالغاندەك تەسىرات بار، ئىنچىكە قوللىرى، يۈزسىز بېشى، كىيىمنىڭ دولقۇنلىرى، ھەم ئادەمنى ئازاپلايدىغان رەڭگى.
قولىدىكىسى ساتتارغۇ -ھە!؟ مەن بىرسىگە ئوقىغان كىتاۋىمنىڭ ئاپتورىنى، بىرسىگە مۇشۇ ئەرتىسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى، ئاندىن چالغۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلەلمەيمەن. لېكىن بۇنى چوقۇم ساتتار دەپ ئىشىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ساتتار چېلىپ ئولتۇرغان ئاشىق راستىنلا مۇڭغا چۆكۈپتۇ. ساتتاردا ئورۇندالغان مۇزىكىلار بولسا تاشلاپ قويۇڭلارچۇ!
بەت:
[1]
2