Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 13:04:38

ئائىلىدە ئاشلىق ساقلىغاندا……

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇغقانلار،بىز دىھقانلار ئائىلىدە ئاشلىق ساقلىغاندا دائىم ئاشلىقلىرىمىزغا مىتە چۈشۈش ئەھۋاللىرىغا دۇچ كېلىمىز.مىتە بىر خىل يامان كىسەللىك بولۇپ،ئۆزى ئاجىز،كىچىك بولغان بىلەن ئاشلىقنىڭ جەۋھىرىنى يەپ پۇچەك قىلىپ تاشلايدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە بىر نەچچە يىللىق كونا ئاشلىقلارنى ساقلاش جەريانىدا كۆرۈلەتتى،بولۇپمۇ مېنىڭ بېشىمدىن يېڭى ئاشلىقلارغا مىتە چۈشكەننى كۆرۈش ئۆتۈلمىگەنىدى.ئەمما بۇ يىل مېنىڭ تېخى 7-ئايدا خاماندىن ئەكىرىپ ساقلاۋاتقان يېڭى بۇغدايلىرىمغا مىتە چۈشۈشكە باشلىدى.ھازىر قايتا ئاپتاپقا سېلىپ تازىلاۋاتىمەن.بەزىلەر دورا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلۋاتىدۇ،ئەمما دورا بارا بارا ئادەمگە تەسىر قىلارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلدىم.مۇشۇ يېڭى ئاشلىققا مىتە چۈشۈش قانداق ئىش؟قانداق ئەپچىل،بىخەتەر ئۇسۇللار بار؟ پىشقەدەملەر ياكى پىشقەدەملەردىن ئاڭلىغانلارنىڭ تەلىمىگە تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن……

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:12:47

بەزنىڭ ئۆيدىكى گۇرۇچكىمۇ شۇنداق نەرسە چۇشۇپ قاپتۇ،
ھىس قىلىشىمچە زەي نەم ھاۋا ئۆتۇشمەيدىغان ياكى بەك دىمىق يەرلەر ئاسانلا بۇزۇلۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ
ھاۋا ئۆتىشىدىغان بىۋاستە يەرگە تەگمەيدىغان دىمىق بولماي دىغان يەردە ساقلىسا ئۇزۇن ساقلىغىنى بولامدىكىن.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:15:26

بىر قاپ گۈرۈجنى يېرىملىماي، مېتە چۈشتى!

بېرىۋەتتىم. قانداق قىلىشنى بىلمىگەچ.
مەنمۇ جاۋابقا تەشنا، چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:23:52

بىز ئادەتتە بۇغداي، قوناقلارنى تېگى ياغاچتىن، تۆت ئەتراپى سىم توردا ئورالغان ئۈسكۈنىدە ساقلايمىز. ئامبارنىڭ ھاۋاسىنى قۇرغاقراق ھالەتتە كونترول قىلساق، ئىككى- ئۈچ يىل ھىچنىمە بولمايدۇ. ئەگەر ئازراق مىقداردىكى ئاشلىقنى ساقلايمەن دېسەڭلار ھەجمى 1-2كۇبمىتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ياغاچ ساندۇقلار مۇۋاپىق. ئىچىنى خالىغانچە بۆلۈپ، بىرنەچچە خىل ئاشلىقنى ساقلىساڭلار بولىدۇ.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:26:11

مېنىڭ ئاشلىق ساقلايدىغان ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسى خېلى چوڭ ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ بولمىسا.يەرگە بىتون ياتقۇزۇلغان،يەردىن ئىگىزلىكى ئەللىك سانتىمېتىر كېلىدىغان تۆمۈر جاغا شال بېسىپ تۈجۈپىلەپ تىزىلغان،ھەممىسى ئورىيە ئوغۇتىنىڭ يېڭى چىپتا قاپلىرى ئىدى،تاغار ئىشلىتەيلى دىسەك مۇشۇ كەمدە ھېلىقى ئون ئۈچ چارەك بۇغداي پاتىدىغان تاغارنى كۆتۈرمەيدىغان بولاپ كەتتۈك!:P:lol

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:40:42

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-2 20:26 static/image/common/back.gif
مېنىڭ ئاشلىق ساقلايدىغان ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسى خېلى چوڭ ،  ...

ئوغۇت ئالغانغا ئاشلىق ئالماڭ! گۇناھ بولىدۇ.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:44:51

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-02 20:40:42 static/image/common/back.gif


ئوغۇت ئالغانغا ئاشلىق ئالماڭ! گۇناھ بولىدۇ.
بىز ئوغۇت قاپلىرىنى يۇيىۋېتىپ ئاشلىق تاغىرى ئورنىدا ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمىز……:(:(:( ئۈستىدە دىيىلگەندەك سىم تورى بار سىمكات بوپ قويامدۇ نىمە.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:51:09

سىز دىگەن ئۇرىيە سۇيدۇكنىڭ ئاساسى تەركىبى.

خېمىيە ئاجايىپ بىر پەن! ئۇيغۇرلارغا يوچۇن ساھە!

دېھاقاننى ئاساس قىغان ئۇيغۇرلاردا كىتاب كۆرۈپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىدىغانلارنى كۆرمىدىم. ھەممە ئاتام تېرىغاننى تېرىيمەن، دەيدىكەن. جەنۇبتا، ئوقۇتقۇچىنى يامان كۆرىدۇ. چۈنكى بىز پەرزەنتىنى مەكتەپكە ئەكەتتۇق. بىز بارساق سېسىق گېپى قالمىغان دېھقان، يېزا ئارلاشقانتى، خوپ ئاكا دەپ بالىسىنى ئەۋتتى. دىمەك، تەۋپىق روھى، يەنە خاراب!!!

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:12:06

ۋاكۇوملۇق ساقلىسا 10 يىلدىمۇ چاتاق يوق.ۋاكۇوملۇق ساقلىسا 10 يىلدىمۇ چاتاق يوق.

http://www.xjefan.com/ بۇ يەردە رەسىملىك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:14:36

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-2 20:51 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن ئۇرىيە سۇيدۇكنىڭ ئاساسى تەركىبى.

خېمىيە ئاج ...

ئۇنداقتا سىز پىلان كۆرسەتمەمىسىز ، بۇيىل پاختىنىڭ باھاسىمۇ تۆۋەن ، كىلەر يىلى نىمە تېرىساق بۇلار ؟


    ئۇقۇتقۇچىلارنى زور كۆپچىلىك تۇنۇيدۇ ھەم ھۆرمەتلەيدۇ ، مەن ئۇقۇتقۇچى ئاغىنىلىرىم بىلەن بىريەرگە بارسام ئۇلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ قۇيىمەن ، نەگە كەلسە ۋاي مالىم ، ۋاي مالىم دەپ تۇرغان ، بولمىسا سەۋىيە دىسە مەندىمۇ بار ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ،كومپىيوتېر ئىمتىھانلىرىغا جىق يىتەكچىلىك قىلىپ بەرگەن ....

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:33:06

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-2 21:14 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا سىز پىلان كۆرسەتمەمىسىز ، بۇيىل پاختىنىڭ با ...

«توخو داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال» دىگەندەك، مەنۇ باشتىن ئۆتكەزگىنىمنى دىدىم.  مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى 20 يىلدىن ئاشتى. جىق نەسىھەت ۋە يول كۆرسۈتىشلەردە بولدۇم. ئالدىمدا «ھە» دەيدۇ، ئەتىسلا ياكى تەكلىب يوق، ياكى بالىسىنى ئەۋەتمەيدۇ. بىز يېلىنغاندەك ئالدىغا بارىمىز، گەپ سېسىق! ھۆكۈمەت ھەركىتى دەپ بېرىۋىدى، بالىسىنى ھەرھال ئەۋەتتى!

ئويلاپ بېقىڭ! ئوقۇتقۇچى شۇنچە خار بۇ ئەلدە مائارىپ قانداق يۈكسىلىدۇ؟
ئۇيغۇرنىڭ مائارىپسىز قەد كۆتۈرىرىدىغان  ئامالىنى تاپقان بولسىڭىز كۆزۈمنى ئاچاي!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:49:04

ئويلاپ بېقىڭ! ئوقۇتقۇچى شۇنچە خار بۇ ئەلدە مائارىپ قانداق يۈكسىلىدۇ؟
ئۇيغۇرنىڭ مائارىپسىز قەد كۆتۈرىرىدىغان  ئامالىنى تاپقان بولسىڭىز كۆزۈمنى ئاچاي!

       مائارىپسىز قەد كۈتۈرىدىغان باشقا ئامال يوق ،
         ئەمما خەلق ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇتقۇچىنى يامان كۆرمەيدۇ ،ئايرىم كىشىلەر  يامان كۆزىدە قارىسىمۇ كۆپ قىسمى ئۇنداق ئەمەس ، ھىچبولمىغاندا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى باشقا ھەرقانداق كەسپتىكىلەردىن يۇقۇرى !!!!
       ئۇقۇتقۇچىلار خار بۇلۇپ قالغىنى يوق ....پەقەت قىسمەن ، ساۋادى يوق ،پۇلنى جىق تېپىپ قالغانلارنىڭ ئىچىدە  ، ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى دەپ قاراپ ئۇقۇتقۇچىغا ئۆچمەنلىك نەزەرىدە قارايدىغانلار بار ، سىزگە يۇلۇققىنى شۇ قىسمەن ئەھۋال ، ياكى ھەممە ئادەمنىڭ بالىلىرى ئۇقۇشتىن قاچامدۇ يە !!!
     ئۇقۇتقۇچىسىدىن ھېيىقماي قاچقانلارغا ھەقىقەتەن ياخشى گەپ ئاقمايدۇ ، سىزگە ئۇچرىغىنى شۇ قىسمەن ئەھۋال  ....

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 22:03:02

سىزنى خاتا چۈشۈنپ قاپتۇمەن!

مىنى بىئارم  قىلىدىغان جىق ئىشلار بار. مەلۇم يۇرتنى يامان دىگىلى بولمايدۇ. شۇ يۇرتتىن مىليومېرلارمۇ چىقتى. لىكىن ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە، 90% كىشى شەھەردىن چىقىمىز.
مەن ھېچقانداق گەپنى كۆپتۈرمىدىم. سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز ئەمەلىيەتتىن كۆرە، كۆپرەك ئارزۇغا ئوخشايدىكەن.

مەن شەھەردىن چىقىپ ئىشلەيمەن، بۇرچۇمنى بىلىمەن. ئەمما مۇشۇ 20 يىلدا ئۆزگۈرۈشنى كۆرمىدىم. خەالقىىم يەانمىلا قاششاق!!!!

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 22:03:21

خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ قېپىنى ھەر قانچە يۇغان بىلەنمۇ قاتوقېتىغا  ئورناپ كەتكەن زىيانلىرى يوقاپ كەتمەسمىكى. مەن ئادەتتە قوغۇن_ تاۋۇز قاچىلاپ قالساممۇ، ئۇن خالتىسى ئىشلىتىمەن. ئوغۇت ۋە ئوغۇت خالتىسى ماڭا بىر خىل ۋەھىمىلىك تۇيۇلىدۇ. بۇرۇنلاردا چىگە تاغارلارغا قاچىلايدىغان...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 22:04:35

ھەم ھاۋا ئۆتكۈزمەيدۇ.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 22:12:07

ئۇغۇت خالتىسىنى يۇيۇۋېتىپ ئىككى يىللىق ئاشلىقنى ساقلاۋاتقان مىتە چۈشمەپتۇ {:92:}

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 00:15:31

ئابلىمىت ئەپەندىمنىڭ دېگەن ۋاكۇئۇملۇق ئاشلىق ساقلاش ئۇسۇلىمۇ بولىدۇ، لىكىن دىھقانغا ئومۇملاشتۇرۇش تەس. ئاددىراق ئۇسۇل ئاشلىقنى ئاپتاپقا يېيىپ قۇتۇتقاندىن كىيىن ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان قاپ، ساندۇق ۋە ياكى باشقا نەرسىگە قاچىلاپ ساقلاش بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولىدۇ. ئۇسۇلى ئاۋۋال ئاشلىق ساقلايدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئاستىغا ھۆل تېرەك شېخىنى يوپۇرمىقى بىلەن بىر قەۋەت سالىمىز، ئاندىن 40 سانتىمىتېر ئەتراپىدا ئاشلىقنى ئۈستىگە يېيىتىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھۆل تېرەك شېخىنى يوپۇرمىقى بىلەن سالىمىز، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئاشلىقنى قاچىلاپ،  ساقلايدىغان نەرسىنىڭ ئېغىزىنى ھاۋا ئۆتۈشمىگىدەك مەھكەم ئىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.
پىرىنسىپى: دانلىق زىرائەت ئۇرۇقلىرى ۋە ئۇلارنى بۇزۇدىغان كېسەل ھاشاراتلار جانلىق نەرسە، دانلىق زىرائەت ئۇرۇقلىرى بىلەن بىللە سېلىنغان ھۆل تېرەك شېخى ۋە يوپۇرمىقىمۇ جانلىق نەرسە، شۇڭا ئۇلار نەپەسلىنىپ تۇرۇدۇ. نەپەسلىنىش جەريانىدا ھۆل تېرەك شاخ يوپۇرماقلىرىنىڭ چىقارغان كاربۇن تۆت ئوكسىد گازى كۆپ بولغاچقا كېسەل ھاشاراتلار ئۆلىدۇ. دانلىق زىرا ئەتلەر بولسا ئۆچەككە كىرىدۇ.

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:42:49

ئادەتتە ھەر خىل ئاشلىقلارنى ساقلاش ئۇسۇلى ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئەمما ساقلاشتا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلامۇ بار:

1. قۇرۇق بولۇش. ئاشلىقنى ئامبارلاشتۇرۇشتىن ئاۋۋال،ئاپتاپقا 10كۈندىن ئارتۇق سېلىش.شۇ ئارقىلىق نەملىگىنى تۆۋەنلىتىش.
2.ئامبارغا سالغاندىن كېيىن، ئامبارنىڭ تىمپۇراتۇراسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.ئومۇمەن ئامبارنىڭ تام -ئۆگزەلىرىنىڭ قېلىن بولۇشى،ئاشلىق ساقلاشقا پايدىلىق.
3. ھەر خىل ئاشلىقلارنى ئايرىپ ساقلاش.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:57:23

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-10-03 00:15:31 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت ئەپەندىمنىڭ دېگەن ۋاكۇئۇملۇق ئاشلىق ساقلاش ئ
ماۋۇ ئۇسۇل بولغىدەك،سىناپ باقاي رەھمەت!

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 12:02:05

karquga يوللىغان ۋاقتى  2014-10-03 11:42:49 static/image/common/back.gif
ئادەتتە ھەر خىل ئاشلىقلارنى ساقلاش ئۇسۇلى ئوخشاپ كەتم
مەن قوناق بىلەن بۇغداينى بىر ئۆيدە ساقلاۋاتاتتىم、دىمەك بۇ ئۇسۇلمۇ بولمىغۇدەك……
بەت: [1] 2
: ئائىلىدە ئاشلىق ساقلىغاندا……