قۇربان ھېيتتا قۇربانىڭ بولاي
قۇربان ھېيتتا قۇربانىڭ بولاي( گۈلمىرە شەمشىدىن )
قۇربان ھېيتىمىز بۇ ئەلمىساقتىن كەلگەن قۇتلۇقلاپ،
بىر يىل ئۆتۈپ كەلدى خۇشخۇي يەنە بىزگە يېقىنلاپ.
ھېيتىمىز بۇ ئۇلۇغ بايرام ئەھلى ئىسلام خەلقىمگە،
بۇ يىل ھېيتنى بەردۇق ئاشۇ غېرىب ئاجىز مىسكىنگە.
بالا مېھرىن سېغىنىپ ھەم يوللىرىغا تەلمۈرۈپ،
يۈرەكلىرى كاۋاپ كەبى ئوتلىرىدا پۇرچۇنۇپ.
يوقلىمامدۇق كەلدى پەيتى شۇ جۈپ مېھرىبانلارنى،
پەرزەنت ئۈچۈن ياشىغان ئۆمۈرلۈك قەدىردانلارنى.
كۆيەرگە غەمگۈزارى، سۆيەرگە تىلتۇمارى يوق،
يېتىمنىڭ بۇ ھېيتتا بارار ھەم قارار جايى يوق.
سەرسان يۈرگەن مۇساپىرنىڭ كۆڭلى سۇنۇق ئۆتمىسۇن،
باشلىرىنى سىلاپ قويغىن، دىلدىن مېھىر كەتمىسۇن.
ئىڭراپ ياتقان بىمارلار دوختۇرخانىدا لىق تۇرسا،
قايتالىسۇن نە سەۋەب يۈرەك باغرى قان قۇسسا.
يات ئەمەس بىز قېرىنداش، يوقلاپ كېلىڭ ئۇلارنى،
كارىۋاتتا بولسىمۇ، بىللە ئۆتكۈزسۇن بۇ ھېيتنى.
قۇربانلىق نېسىۋىسىدە تۇل ئايالنىڭ ھەققى بار،
غېرىب ئاتا، مېيىپ ھەم ئاجىز مىسكىننىڭ ھەققى بار.
ئاشلىرىغا داخىل بول، ئولتۇرۇپ كونا كەپىدە،
چايلىرىدىن ئوتلاپ قوي، كۈلكە پارلىسۇن يۈزىدە.
دۇنيا گۈزەل مېھىر بىلەن، ھايات مۇھەببەت بىلەن،
كەلسە زىمىستان قىش جاھان ئىللىق ساخاۋەت بىلەن.
قۇربانىڭ بولاي ئانامچۈن، ھەم شۇ دېھقان ئاتامچۈن،
دۇئالىرىڭ بولسۇن ھەمراھ، ئىللىق تۇرمۇش بالامچۈن.
2014- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى شېئىرنى قايتىدىن بىر تەھرىرلەپ قويۇڭلارچۇ قالتىس ، قالتىس يەنىمۇ تىرىشىڭ تاتلىق قىزىم . بارىكاللا ،بارىكاللا ،بەك ياخشى يېزىپسىز ،داۋاملىق تىرىشىڭ مەن تېخى قۇربانلىقىڭ بولاي دەپ ئۇقۇپ ، قۇربانلىق قوي پايدا بۇلىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتىمەن :lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol ھېلىى شامىل شاكىرنىڭ ناخشىسىدەك ئېسىل كەن
بەت:
[1]