MySql نىڭ ئۇلانما سانىنى كۆپەيتىش
بەزىدە MySql سانداننىڭ ئۇلانما سانىنىڭ يېتىشمىگەنلىك خاتالىقى چىقىپ پروگراممىنىڭ نورمال ئىجرا بولماي تۇرىۋالغانلىقىنى بايقايمىز، بۇنىڭدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن ساندان ئۇلىنىشىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلانمىنى بىكار قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.ئىككىنچىدىن، MySql نىڭ ئەسلىدە بەلگىلەنگە ئۇلىنىش سانىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن بولىدۇ.
ئەگەر مەسىلە ئىككىنچى خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ھەل قىلالايمىز:
بۇ يۇيرۇق بىلەن سانداننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇلىنىش سانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىزshow variables like 'max_connections';بۇ بۇيرۇق بىلەن نۆۋەتتە ساندانغا ئۇلانغان ئۇلىنىشنىڭ سانىنى كۆرەلەيمىزshow global status like 'Max_used_connections';ئەگەر ساندانغا ئۇلانغان ئۇلىنىش بېكىتىلگەن سانغا يېقىن بولسا ياكى تەڭلىشىپ قالغان بولسا، ئۇلىنىش يېتىشمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن ئۇلىنىش سانىنى ئۆزگەرتەلەيمىز.set GLOBAL max_connections=1024; ساندانغا ئۇلىنىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۇلىنىش 1024 بولدى. ناھايىتى ياخشى تەجرىبىنىڭ بىرسى.
سىز دېگەندەك مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ ئامالى يەنىلا شۇ ئۇلىنىشنى ئىشلىتىپ بولغان ھامان ئۈزىۋېتىش كېرەك، بولمىسا ئۇلىنىش سانىنى ھەر قانچە يۇقۇرى قىلسىمۇ ھامان مەلۇم شارائىتتا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن. بېشىمنى قاتۇردىغان بىر ئىش بار
ساندان ئۇلنىشنى ئايرىم بىر ھۆججەتكە يازغان چېغىمدا سانداننى ئىتىش بۇيرۇقىنى بەرمەيمەن .بەرسەملا باشقا ھۆججەتلەردە ساندان مەشغۇلاتىدىن خاتالىق چىقىۋالىدۇ .شۇڭا سانداننى ئەتمەي قويىمەن .بىراق ئازراق ئەنسىرەپ قالىمەن .ئۇستىلار ھەل قىلىش چارسى بارمىدۇ .رەھمەت ! سانداننى نەدە ئاچقان بولسىڭىز شۇ يەردا تاقايسىز، بىر يەردە ئېچىپ ئىشلىتىپ بولۇپ تاقىۋىتىپ يەنە بىر يەردە سانداننى ئاچمايلا ئىشلەتسە شۇنداق خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى يەنە MySQL نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىدىنمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر ئۇسۇل بار ئىدى، دەماللىققا ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ، تېمىڭىزغا رەھمەت.
بەت:
[1]