otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 22:52:42

كۆچمە دېسكا سېتېۋېلىشتىن مەسلىھەت سورايمەن

بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە كومپىيۇتىرنىڭ ئۆزىگە سەپلەنگەن قاتتىق دېسكىسىدا ماتىرىيال ساقلاش سەل ئاۋارىچىلىق ، شۇڭلاشقا كومپىيۇتىرنى ئىشلەتكەندە چېتىپ قويۇپ، ماتىريالنى شۇنىڭغا بىۋاستە ساقلاش ۋە شۇنىڭدىن كۆرۈش ئۈچۈن بىر كۆچمە دېسكا سېتېۋلاي دېگەن. .سىغىمى 1t ،چوڭ-كىچىكلىكى 2.5 سۇڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك.مۇقۇملۇقى ياخشى ، ئاسان چاتاق چىقمايدىغىنىدىن، باھاسى 500 يۈەنگىچە بولسا بولىدۇ. قايسى خىلدىكىسى ياخشىراق؟ كەڭ تورداشلارنىڭ، كومپىيۇتىر ئۇستىلىرىنىڭ سەمىمىيمەسلىھەت بېرىشىنى سورايمەن!

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 10:44:25

Seagate希捷移动硬盘 بۇنى ئشلىتىپ بېقىڭ

http://detail.tmall.com/item.htm?id=10152256872&spm=a1z09.2.9.121.VoZJ7U&_u=2fidven6018

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 11:42:53

توكداننىڭ ياخشىراقى بولسا تەۋسيە قىلمامسىلە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 12:42:15

باتارىيە ئەپ يۈ جاڭگالدا

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 12:53:49

سامسوڭنىڭكىدىن يىراق تۇرۇڭ

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 13:09:05

ماڭىمۇ مۇشۇ ئوقەتتىن بىرى لازىمتى، 4T لىقنى ئىزدىسەم western digitalدىن باشقا ماركىنىڭ يوقكەن، بۇ ماركىنى بىلمەيدىكەنمەن قانداقراقتۇ؟ ماڭا توشىبا بولسا بولاتتى.
كەسپىي بالىلار مەسلىھەت بەرسەڭلار…

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 14:04:14

سامسۇڭنىڭ ھەقىقەتەن ناچاردەك قىلىدۇ. مەنمۇ ئىككى كىشىنىڭ سامسۇڭ ماركىلىق يۆتكىمە دېسكىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. مەن توشىبانى تەۋسىيە قىلىمەن. 500 سومغا ئالغىلى بولىدۇ.

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 14:10:25

مەن 1Tتوشىبانى 425 يۈەنگە ئالغان 1يىل بولدى ،ناھايتى نورمال

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 14:46:48

مەن تۆت يىل بولاي دېدى غەربىي سانلىق مەلۇمات دەمدۇق ئەمدى西部数据(Western Digital) نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئالغىنىمغا بەك رازى بولدۇم ئىشقىلىپ،ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سېمونت يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ، كومپيۇتېر تونىغىلى ئۇنماي ئىچىدىكى ماتېرىيالنىڭ كۆپلىكى ،نەك قورققانتىم، لېكىن ئوڭشىلىپ كەتتى، 500 جىلىق دىسكا رايۇنغا ئايرىماي ئىشلىتىۋاتىمەن، ئادەتتە كومپيۇتېردىن ئۈزىۋەتمەيمەن ، مېنىڭچە مۇشۇ ماركىدىكى كۆچمە دىسكىنىڭ خېلى داڭقى با، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ، مۇشۇنى تەۋسىيە قىلاي

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 15:20:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imirghazi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-2 15:38

يەنە بىر ئادەتتە بىز كۆپ يولۇقمايدىغان . لېكىن يولۇقساق باشنى ئاغرىتىدىغان ئىشنىڭ ھەل قىلىدىغان چارىسىنى قالدۇرۇپ قوياي
يۇمتال ئىشلەتسەم كۆپىنچە يېشىل نۇسخىلىقىنى ئىشلىتىمەن، مېنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ سى رايۇن سىغىمى بەك كىچىكتى، يۇمتال قاچىلىغاندا كومپيۇتېرنى قالايمىقان قىلىپ باشقا رايۇنلارغا قاچىلىمايمەن، پەقەت سى رايۇنغىلا قاچىلايمەن، شۇنداق بولغاچقا سى رايۇن يېتىشمەي ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بۇزماي تۇرۇپ باشقا رايۇندىن سى رايۇنغا بوشلۇق كۆپەيتىدىغان بىر ئاۋارىچىىققا يولۇقتۇم ، ماتىرىيال ئىزدەپ مۇنۇ ئەپلىك دېتالنى ئۇچراتتىم، بەك قولاي ئوبدان نەرسىكەن بۇرايۇن ئايرىش ياردەمچىسى 分区助手 ، ئادەتتە دىسكىدىكى بىر رايۇندىن يەنە بىر رايۇنغا سانلىق مەلۇماتقا چېقىلماي تۇرۇپ بوشلۇق كۆپەيتىپ بەرگىلى بولىدىكەن ، ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلەم :
مەن ئەسلى دى رايۇندىن سى رايۇنغا مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قوشۇپ بەرگەن، بۇنداق بولغاندا رايۇن ئايرىش ياردەمچىسى 分区助手 دىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ ئىشلىمەيدىكەن ، مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى يوق قىلىۋەتكەندە ئاندىن 分区助手 نى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، شۇنداق قىلىپ نەچچە مىنۇتتىلا دىسكىدىكى ھېچقانداق ماتېرىيالغا چېقىلمايلا بوشلۇق كۆپەيتىپ بەرردىم ، ئاندىن يەنە مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قوشۇپمۇ قويدۇم
رايۇن ئايرىش ياردىمچىسى 分区助手 نىڭ ئورگان تور بېتى

function يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 23:33:18

法国莱斯 Lacie

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:26:36

seagateبىلەن western بۇ ئىككىسى كۆچمە دىسكىنىڭ ئالدى، بۇنىڭغا يرتىدىغىنى يوق

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:45:07

مېنىڭچىمۇ سىگاتنىڭ يان دىسكىلىرى ياخشى چىقامدىكىن. سەۋەبى ئۇلار دېگەن كەسپى ساقلاش دېسكىلىرى ياسىغۇچىلار. قاتتىق دىسكىلارنىمۇ ئاساسەن شۇلار ياسايدۇ. مەن ئۇلارنى بۇ جەھەتتە ئەڭ تەجرىبىلىك دەپ قارايمەن.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 16:14:41

http://item.jd.com/931832.html
مەن ئالدىنقى يىلى مۇشۇنىڭدىن بىرنى ئالغان ئىچكىردە، ئۈچىمىز ئۈچنى ئالغان 545 كويدىن. نورمال. سۈرئىتى تېز. سىزگىمۇ مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، كۆپ ئويلىمايلا مۇشۇ توربەتتىن ئالسىڭىزلا بولىدۇ، سۈپىتىدە جىڭ مال ئىكەنلىكىدە چاتاق يوق. باھاسى بازاردىكى باھاسى بىلەن ئوخشاشكەنتۇق بىز ئالىدىغان چاغدا سېلىشتۇرۇپ باققان.
http://list.jd.com/list.html?cat=670%2C686%2C693&brand=17861%2C%E8%A5%BF%E9%83%A8%E6%95%B0%E6%8D%AE%EF%BC%88Western%20Digital%EF%BC%89&page=1&JL=3_%E5%93%81%E7%89%8C_%E8%A5%BF%E9%83%A8%E6%95%B0%E6%8D%AE%EF%BC%88Western%20Digital%EF%BC%89
دىسكىلارنىڭ نوچىسى مانا مۇشۇلار شۇ.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 16:48:01

http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=21095&extra=&page=1

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 16:45:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-7 16:52

بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە كومپىيۇتىرنىڭ ئۆزىگە سەپلەنگەن قاتتىق دېسكىسىدا ماتىرىيال ساقلاش سەل ئاۋارىچىلىق ، شۇڭلاشقا كومپىيۇتىرنى ئىشلەتكەندە چېتىپ قويۇپ، ماتىريالنى شۇنىڭغا بىۋاستە ساقلاش ۋە شۇنىڭدىن كۆرۈش ئۈچۈن بىر كۆچمە دېسكا سېتېۋلاي دېگەن.
سىمسىز ساقلاش ( 无线存储)ئىقتىدارى بولغان روتېردىن بىرنى سېتۋېلىپ يۇقۇردىكى قېرىنداشلارنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىرى ئىچىدىكى سىزگە يارىغان قاتتىق دېسكىدىنبىرىنىسەپلەپ ئىشلەتسىڭىز(ئۆي ئىچى ياكى ماشنىغا يوشۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)،دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنى سىمسىز ئوقۇش يېزىش مەشغۇلاتى قىلالايسىز،روتېرنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئالاھىدىرەك قىپ قويۇپ ئىشلىتىۋەرسىڭىز،ئۇ ھالدا بۇئاي—بۇكۈنلەردە تېخىمۇ بىخەتەر ماتىريال ساقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولارمىكىن دىگەن تەكلىپنى بېرىمەن.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 20:42:09

ساھابە،مەن تازا چۈشەنمىدىم
بۇ ياندېسكىنىڭ روتېر بىلەن باغلىنىشى قانداق بولىدۇ؟يەنە كېلىپ توكقا ئۇلانمىغان ياندېسكىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟ توك ساقلاش ئىقتىدارى بارمۇ يە؟ماشىنىدىچۇ?
تەپسىلى چۈشەنچە بېرىڭ

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 08:31:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-8 08:44

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-10-7 20:42 static/image/common/back.gif
ساھابە،مەن تازا چۈشەنمىدىم
بۇ ياندېسكىنىڭ روتېر بىلەن ...

   ھازىر تور دۇكانلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى سىمسىز ساقلاش ئىقتىدارى بولغان كۆچمە دېسكا ۋە سىمسىز ساقلاش ئىقتىدارى بولغان روتېر+توكدان نىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ.
   سودا تورىدىن (无线移动硬盘) ياكى(无线存储路由器) دەپ ئىزلىسىڭىز خېلى جىقنى تاپىسىز. سىمسىز ياندىسكىنى مەن توردىن كۆردۈم ئەمما ئىشلىتىپ باقمىدىم. سىمسىز روتېر بىلەن توكدان+سىمسىز ساقلاش+3Gتورىغا چىقىش ئىقتىدارى جەملەنگەن ئۈسكۈنىنى(北极星光x8) نى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ رۇتېرنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى ياخشى ئىكەن، تور سىمى ئۇلاپ قويسا WiFi قىلىدىكەن، 3Gكارتا ئوقۇغۇچنى ئۇلىسىمۇ WiFiغا ئايلاندۇرىدىكەن،WiFiياكى3Gتور سىگنالىنى سىملىق تورغا ئايلاندۇرىدىكەن، چوڭ سىغىملىق توك ساقلاش ئىقتىدارى بولۇپ ئەقلىيفونغا نەچچە قېتىم توك قاچىلاشقا بولىدىكەن، ئۆز توكى بىلەن نەچچە سوتكا ئۈزمەي سىمسىز تور تارقىتالايدىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭUSBئېغىزىغا ئادەتتىكى ياندېسكا ياكى بارماقدېسكىنى ئۇلاپ قويساق، بۇ ئۈسكۈنە بىر سىمسىز ساقلىغۇچ بولىدىكەن، مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ سىرتىغا يېزىپ قويۇلغان قىسقا ئادرىس(خاسipئادرىسى) ئارقىلىق كىرىپ دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنى چۈشۈرگىلى ياكى سىمسىز ھالەتتە ئوقۇش ئاڭلاش مەشغۇلاتىنى بىجىرگىلى بولىدىكەن. ئەقلىيفوننىڭ ئېكران يۈزىگە مۇشۇ روتېرنىڭ خاس ئادرىس تېز كۇنۇپكىسىدىن بىرنى قۇرۇپ قويسىڭىز، ناھايتى قولاي ھالدا زىيارەت قىلالايسىز.بۇ روتېرنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى بەلگىلەش ئىشلىرى ئادەتتىكى سىمسىز روتېرلار بىلەن ئوخشاش. مەن ئىشلەتكىنىنىڭUSBئېغىزى بىرلا ئىكەن، ئەگەر سىز بىرنى ئالماقچى بولسىڭىز (北极星光x9)نى ئېلىڭ، ئۇنىڭ ئىككىUSBئېغىزى باكەن، بىرلا ۋاقىتتا تېلفونغا توك قاچىلاش ۋە 3Gتورىغا چىققىلى ياكى بىرلا ۋاقىتتا سىمسىز ساقلىغۇچ ۋە 3Gتورىغا چىقىش ئىشىنى قىلغىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
   ماشنىدا ئۆز توكى بىلەن ياكى ئادەتتىكى تېلفون زەرەتلىگۈچ بىلەن (ياكى ماشنىدا ئىشلىتىلىدىغان12ۋولتلۇق تېلفون توك قاچىلىغۇچ بىلەن ) ئۇلاپ ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ. ياندا ئېلىپ يۈرۈشمۇ ئانچە قولايسىز ئەمەس.باھاسىمۇ ئەرزانكەن(139سوم).

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-9 19:13):
   يەنە بىرىنى ئۇنتۇپتىمەن، يەنە سىمسىز sdكارتىسىمۇ چىقىپتۇ،قىستۇرسىڭىزلا wifiسىگنالى تارقىتىدىكەن.
بەت: [1]
: كۆچمە دېسكا سېتېۋېلىشتىن مەسلىھەت سورايمەن