Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:42:43

ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر - جامال...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Muyunchur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 22:13  

    ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق (ئۇزغۇنلۇق) بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر - جامالىددىن خوجانىيازوف

    غېنى سەمەت

     

    بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن چەتئەلدىكى  ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز ھەققىدە يازغان «چەتئەلدىكى پەخىرلىك ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز - جامالىددىن» ناملىق ماقالەم ئەپەندىم تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە ھەر قايسى تور بېكەت، ئۈنخەت سۇپىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقالغان ئىدى. مانا بۈگۈن تۈركمەنىستاننىڭ بايرامئەلىدا تۇغۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، ھازىر رۇسىيەنىڭ سانېت پېتېربۇرگ زېنت پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا  قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كەتتىم.
  دېمىسىمۇ، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلارمۇ ئاران تەستە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدىغان، ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇسابىقە ھېسابلىناتتى. يەنە كېلىپ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىنى تىترەتكەن  ئا س مىلان، مانچېستىر بىرلەشمەسى قاتارلىق كۇلۇبلار ۋە ئۇلاردىكى دۇنياۋى چولپانلارمۇ بۇ يىل ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ بۇسۇغىسىغىمۇ كېلەلمىگەن ئىدى. لېكىن، بۇ ئۇيغۇر يىگىتىمىز مانا مۇشۇ مۇسابىقەگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر سۈپىتىدە، ئۇيغۇر پۇتبول تارىخىدا ئىپتىخارلىق ئالتۇن قۇرلارنى يازدى، دېيىشكە ھەقلىقمىز.
  رۇسچە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىگىتنىڭ تولۇق ئىسمى جامالىددىن نىيازوف(汉文 名字:柯占尼亚佐夫 Dzhamaldin Khodzhaniyazov : ئىنگلىزچە ) بولۇپ،  1996-يىلى 18-ئىيۇل تۈركمەنىستاننىڭ بايرامئەلى شەھىرىدە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغانىكەن. پۇتبولدىكى ئاجايىب تالانتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپتۇ ۋە ۇسىيە 17 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، ئۆتكەن يىلى ياۋروپا قىتئەسى 17 ياشلىقلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بوپتۇ. ئۆزىنىڭ مەيداندىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە مۇنازىرە بولغاندا ، نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا: “مەن ئۇيغۇر” دەپ مەردانىلىق بىلەن جاكارلاپتۇ. (بۇ ھەقتىكى دەلىلەر ئالدىنقى ماقالەمدە كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، قايتىلاپ ئولتۇرمىدىم)
  جامالىددىننىڭ بويى: 181 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 73 كىلوگرام، مەيداندىكى ئورنى: مۇداپىيەچى (بىك)، ئالاھىدىلىكى: مۇداپىيە تېخنىكىسى، سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز.
  مانا بۈگۈن  (1-ئۆكتەبىر) كەچ سائەت 10 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) دا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇ كۇلۇب تەركىبىدە فىرانسىيەنىڭ زەردار كۇلۇبى مۇناكۇ كوماندىسى بىلەن ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقەسىگە قاتنىشىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
  بىز بۇ پەخىرلىك پۇتبولچىمىزنىڭ مۇسابىقىلەردە شان - زەپەر قۇچىشىغا تىلەكداشمىز، شۇنداقلا، 2018 - يىل رۇسىيە دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا يەنىمۇ زور ئۈمىد بېغىشلىشىغا تىلەكداشمىز!  

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 12:52:52

57- نۇمۇركەن

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 13:07:36

Khodjaniyazov is of Uyghur descent. He also holds Turkmenistan citizenship
تۈركمەنىستان تەۋەلىكىدە ئىكەن.
C:\Users\Administrator\Desktop

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 13:08:10

9d3169380cd79123acde6dccac345982b3b780f9.jpg

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 13:55:59

مۇشۇنداق ۋاسكىتبول ئويناپ چوڭ بولغان باللارنى بۇنداق ماقالىلەرنى يازمىسىكەن دەيمەن:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 13:59:18

مىلان بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى ئالدىنقى يىلى كوماندا سەل تۇراقسىز بولۇپ نەتىجىسى ياخشى بولماي قالدى.بولمىسا بۇ ئىككى كوماندا پات پات كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ چوڭ قۇلاقنى:lol
ئىشقىلىپ بۇ ئىككى كوماندىنىڭ تەسۋىرى بىر قىسما:lol

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 15:12:06

بۇ 2013-يىلى 21-مايدىكى مۇشۇ ھەقتە يېزىلغان يازمام:

چەتئەلدىكى پەخىرلىك ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز_ جالالىددىن

  چەتئەلدە داڭقى چىققان مەلۇم  بىر چولپاننىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە گەپ تارالسا، بىزدە نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي، پاكىت ئاساسى ئىزدىمەيلا، ‹‹ راست ئـۇيـغـۇر ›› دەپلا قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان ياكى ‹‹ ئـۇيـغـۇر ئەمەس ›› دەپ چورتلا ئىنكار قىلىۋېتىدىغان ئىككى خىل پوزىتسىيە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. ‹‹ زىمىستان قىشتىكى چۈش ›› لېنتىسىى يېڭى تارىلىپ، ھەممەيلەننى ئورتاق جەلپ قىلغان مۇرات ناسىروۋنىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكى  ھەققىدە گەپ بولۇنغىنىدا، مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇزىكا زۇقمەنلىرى ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇرلىقىغا ئىشەنمىگەنىدى. 2002-يىللىق دۇنيا پۇتبول لۇڭقىسىدا تـۈركىيە كوماندىسىدىكى داڭدار پۇتبولچى ھەسەن شاش ئـۇيـغـۇركەن دەپ گەپ تارقىلىۋېدى، مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇتبول ئەھلى ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇرلىقىغا ئىشىنىپ قېلىشقانىدى. ئەمەلىيەت كېيىن مۇرات ناسىروۋنىڭ ئـۇيـغـۇر، ھەسەن شاشنىڭ تـۈركىيە تـۈركلىرىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەردى. بۇ بىزدىكى يۇقارىقىدەك پوزىتسىيەنىڭ ئىككى خىل يارقىن كۆرۈنۈشى. نەچچە كۈن ئىلگىرى يەنە تور ۋە ئۈندىدارلاردا روسىيەنىڭ داڭلىق ساينىت پېتېربۇرگ زېنىت كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان جامالىددىن ئىسىملىك پۇتبولچىنىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارالدى. بۇنىڭغا قارىتا، بىر قىسىم سوغوققان قېرىنداشلىرىمىز  خۇددى ئـۇيـغـۇرغا چىمپىيونلۇق، چولپانلىق ياراشمايدىغاندەكلا ‹‹ ئۇ ئـۇيـغـۇر ئەمەس، ئىسمى،چىرايى ئازراقلا ئوخشىغانغا ئـۇيـغـۇر بولامدۇ ؟ئۇزبېك، تاتار، تـۈركمەن بولۇش ئېھتىماللىققا يېقىن  ›› دېگەندەك كەسكىن ھۆكۈملەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئـۇيـغـۇرلىقىنى ئىنكار قىلدى. يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بولسا، ئـۇيـغـۇركەن دەپلا ئىپتىخارلىنىشقا ئالدىرىدى. لېكىن، ئەمەلىي پاكىت شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردىكى، بۇ يىللىق U17ياشلىقلىقلار ياۋرۇپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان روسىيە كوماندىسىدىكى جامالىدىدىن ئىسىملىك ماھىر ھەقىقەتەن ئـۇيـغـۇر مىللىتىدىن بولۇپ چىقتى. چۈنكى، ئۇ بۇ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغاندىن كېيىن، روسىيەنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇسى - ‹‹ سوۋېت تەنتەربىيەسى ›› گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئـۇيـغـۇر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.   تـۈركمەنىستاندا تۇغۇلغان جامالددىننىڭ بۇ جاكارسى ئۆزبېكلەرنىڭ ۋىكىپېدىيا قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرگە داپ يۈزلۈك بىلەن يوللىۋالغان ئۇنىڭ ئۆزبېك ھەققىدىكى ماقالىلىرىگە بەرگەن ئەڭ ئەجەللىك دەككە بولدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ياشاۋاتقان ئـۇيـغـۇر چولپانلىرىنىڭ ئىچىدە مۇرات ناسىروۋدىن كېيىن  مىللەتسۆيەرلىكنى باتۇرلۇق بىلەن نەق ۋاقىتتا ئىپادىلىگەن  پەخىرلىك چولپىنىمىزنىڭ  يەنە بىرى  بولۇپ قالدى.
مەلۇمكى، بۇ يىل 17-ماي U17ياشلىقلىقلار ياۋرۇپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە روسىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولدى . تەكىتلىنىشكە تىگىشلىك نۇقتا ،چىمپىيون بولغان روسىيە كوماندىسىدىكى 4-نومۇرلۇق ماھىر جامالىددىن ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە مىللىتىنى چۆرىدىگەن ھالدىكى بەزىبىر  بەس-مۇنازىلەرگە سەۋەبچى بولدى. تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىدىكى ‹‹ مەن ئـۇيـغـۇر›› دېگەن  مەردانە سۆزلىرى ‹‹ نەۋايى ئـۇيـغـۇر دەپ سالغان ئۇقۇغۇچىنى دەررۇ مەكتەپتىن ھەيدەيدىغان ›› ئۆزبېكلەرنىڭ  نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىكى  ‹‹ئۇ ئۆزبېك،  تاشكەنتتە تۇغۇلۇپ تەربىيەلەنگەن ...›› دېگەندەك يالغان-ياۋداقلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.  
  رۇسچە ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىگىتنىڭ تولۇق ئىسمى جامالىددىن خوجانىيازوۋ، 1996-يىلى18-ئىيۇل تـۈركمەنىستاننىڭ بايرامئەلى شەھرىدە ئـۇيـغـۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.بۇ يىل 1-ئايدا رۇسىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى ساينىت پېتېربۇرگ زېنىت كوماندىسى بىلەن توختاملاشقان.تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، روسىيە 17 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا بېك، سۈرئىتى تېز ھەم تېخنىكىسى ياخشى.4-نومۇرلۇق كىيىمنى كېيىدۇ.
بىز بۇ ئـۇيـغـۇر يىگىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز، ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمىز، دۇنياۋېي مۇسابىقىلەردە شان-زەپەر قۇچۇپ، ئـۇيـغـۇرنىڭ نامىنى پۇتبول سەھنىسىدە جەۋلان قىلدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ ئـۇيـغـۇر پۇتبول چولپىنى جامالىددىننىڭ رۇسچە زىيارەت ئەھۋالى ئىكەن .ئادرېس: http://www.sovsport.ru/gazeta/article-item/608836

مەنبە: ئەپەندىم تورى

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 15:15:33

  ئەپسۇسكى، ئاخشام ئوينىلىدىغان مۇسابىقە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن جامالىددىن مۇسابىقىگە چۈشۈرۈلمىدى، زاپاس ئەزالار رېتىدە پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، كوماندىسى ناھايىتى ئوبدان ئويناپ، فىرانسىيەنىڭ زەردار پۇتبول كۇلۇبى _ موناكو كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلەشتى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 16:30:55

بۇ بالىنىڭ ئېسمىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى نىمانچە مۇرەككەپ؟!!Dzhamaldin Khodzhaniyazov

function يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 23:52:56

ئىسمىم جەنگو د ھەرپى تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ  دېگەندەك

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 00:43:44

ئەپەندىم، ئىسمى مۇشۇنداق يېزىلغانىكەن:  ئىنگلىزچە: !Dzhamaldin Khodzhaniyazov  ، ئۇيغۇرچە: جامالىددىن خوجانىيازوف ،  汉文 名字:柯占尼亚佐夫  . شۇنداقكەن. ھەممە مىللەت ھەر خىل يازاركەن- خۇددى: كانادا : 加拿大  دېگەندەك...

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 08:06:24

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 08:44:42

خەنزۇلار چەتئەلدە تۇرۇپ، مېنىڭ قۇدرەتلىك ۋەتىنىم بار دەپ پەخىرلىنىشىدىكەن (ھېچبولمىسا كىتابلاردا)، بىز ۋەتەندە تۇرۇپ چەتئەلدىكى يالغۇز كىشىلەردىن پەخىرلىنىدىكەنمىز. بۇ راستىنلا بىر سېلىشتۇرما بوپتۇ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 09:42:59

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-10-4 08:06 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر بولسا نىمە بوپتۇ ؟ ئۇيغۇر بولمىسا يەنە نىمە بوپ ...

شۇنى دەيمەن،ئىزدىنىشقا بەك ھاياجان باللا كىرىدىكەن.

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 17:02:43

يارايسىز
بەت: [1]
: ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر - جامال...