parishan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:22:10

ئايبىلگە مەنبەسىدە تۈنجى ئۇسلۇب ئېلان قىلىندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش تور تۇراسىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار  ؟
ئىزدىنىش مۇنبىرىگە ئەزا بۇلۇپ تۈنجى يازمامنى ،مۇنبەردىكى ئالما ھەۋەسكارلىرى بۇلۇپ قالسا پايدىلىنىپ قالار دىگەن ئۈمۈدتتە  ، ئاددىي ئۇسلۇبنى سوۋغا قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ قالدىم قۇبۇل قىلغايسىزلەر

يەنى بۇ خۇش-خەۋەرنىڭ مەزمۇنى شۇكى  ، بەزى قىسمەن قېرىنداشلىرىمىز ئىشلىتىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان ، (ئوت چىقىرۋىتىدىغان ئۇسلۇبنىڭ 3-قىسمى)نىڭ مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ھېيتلىق سوۋغا سۈپىتىدە  سىيدىيادىكى ئايبىلگە مەنبەسىگە چىقىرلىشى . ئەسلى بۇنى بۇرۇنلا تور دىسكىسىغا چىقىرىپ ، چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىسەممۇ بۇلاتتى ئەمما بىزلەرنىڭ دىيارلىرىمىزدا  تور دىسكىسىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم ، شۇنداقتىمۇ چىقىرىپ قۇياي قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلار يانفۇندىلا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسۇن دەي دىسەم ئۇسلۇبنى نورمال چۈشۈرەلمىگەنلىك ئىنكاسلىرى بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكۈدەك . شۇ ۋەجىدىن بۇ ھازىرغىچە سۆرۈلۈپ كەلدى ، ھەر ياخشى-يامان ئىشتا بىر ھېكمەت بار دەپ ، سۆرۈلگىنىمۇ ياخشى بولدى ، چۈنكى ئالدىنقى تېمىلىرىمدا دەپ ئۆتكەندەك ، ئۇسلۇبنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا ئۇششاق ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردىم .( مۇبادا مۇشۇ ئۆزگەرتىشلەرگە قارىمايلا كىچىك ئۆزگەرتىپ سىلەرنىڭ ئىشلىتىشىڭلارغا سۇنسام ، بەلكىم ھازىرقى ھالىتىنى 4- قىسمى دەپ ئېلان قىلىش توغرا كىلەمدىكىن تاڭ .)ئۇسلۇبنى ئۆزەم ئەڭ ياقتۇردىغان ھالەتتە (ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قارشى بۇلىدۇ . شۇڭا ئۇسلۇبنى ئۆززۈمنىڭ قارىشىغا خاس ماسلاشتۇردۇم دەپ ئويلايمەن . بۇنى ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەللىككە بولغان قارشىغا ئورتاق نىسبەت بەرمەكچى ئەمەسمەن . ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن )ئىخچاملاشتۇردۇم .
ئەمما ئاز-تۇلا كەمچىللىكىمۇ بار ، يەنى مەن كەسپى پ س ئۇستىسى بولمىغاچ سېستىما سىن بەلگىلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈزىنى مۇئەييەن بولغان خاس پۇراققا ئىگە قىلىشىقا ئىقتىدارسىز كىلىپ قالدىم ، ھەممىسى تردىن ئىزدىنىپ ، ياكى بەزىلىرىنى ئۆزۈم ياساپ دېگەندەك توپلىغان سىنبەلگىلەر بولغاچقا  ئۇسلۇبتىكى سىنبەلگىلەرنىڭ رەڭ تۈسى سەل تاققا-تۇققا بۇلۇپ قالدى . ئەمما ھەر بىر سىنبەلگە ، ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ئەپ ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ .
شۇنداقتىمۇ  قىسمەن ئەيىبلەر تۇرۇقلۇق (بۇ يەردىكى ئەيىب ، پەقەتلا سىن بەلگىنىڭ ، مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ  سىرتقى قىياپىتىگە ئۇمۇمىي جەھەتتىن خاس رەۋىشتە ۋەكىللىك قىلالمىغانلىقىدۇر . ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش ، سىناش جەريانىدا ئۇنىڭدىن باشقا نوقسان ھازىرغىچە بايقالمىدى) ، بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۇسلۇب ئۈنۈملىرىنى كۆرگەندىن كىين ئۇسلۇبنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ، بولسا ئايرىم يوللاپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ بولدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ سەبىر بىلەن بەزلەپ تۇرۇشقا توغرا كىلىپ قالدى . چۈنكى مەن ، ئۇسلۇبنى ياقتۇرغان ھەممە ئادەمگە يوللاپ بىرىپ تەڭ كىلىپ بۇلالمايدىكەنمەن . شۇ ۋەجىدىن ئەترەتتىكى باللار بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق ئۇسلۇبنى  مۇنبەر ھيتلىقى سۈپىتىدە كەڭ ھەۋەسكارلارغا سۇنۇشنى  قارار  قىلدۇق . شۇڭا ئايبىلگە ۋە بىكەت مەسئۇللىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى ، بۇ ئازغىنە ھېيلىق كۆڭلۈمىزنى قۇبۇل قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : cydia غا cydia.ibilge.comدېگەن مەنبەنى قېتىپ ياكى بۇرۇن قېتىپ بولغان بولسىڭىز cydiaنى يېڭىلاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ
تېلفۇنىڭىز تۈرمىدىن قاچقان ، ئالما 4دىن 5s كىچە بولغان ، بارلىق 7.0دىن 7.1.2گىچە  بولغان . سېستىمىلاردا نورمال ئىشلەيدۇ .
ئۇسلۇبنىڭ ئۇمۇمىي سىغىمى : 7مېيگابايتتىن چوڭراق شۇڭا ئۇسلۇبنىڭ سىغىمى سەل چوڭ بولغاچ سىمسىز تور شارائىتىدا چۈشۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .
ئەسكەرتىش !  ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن cydia غا apt.feng.comدېگەن مەنبەنى قېتىپ ياكى بۇرۇن قاچىلغان بولسىڭىز cydiaنى يېڭىلاپ winterboardنىڭ ئەڭ يڭى نەشىرنى چۈشۈرۈپ ئاندىن مۇشۇنىڭ ئىچىدىن parishanدېگەنگە بەلگە ئۇرۇپ respringنى بېسىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ .
باتارىيە بەلگىسىنى cydiadدىن alkalineنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ iToolsئارقىلىق  library / alkalineنىڭ ئىچىگە parishan دېگەن قۇشۇمچىنى چۈشۈرۈپ تاشلىغاندىن كىين تەڭشەك ئىچىدىن كىرىپ تەڭشىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.  
26 سېكۇنت ئالدىدا چىقىرىش ھۆججەت ئىسمىنى بېسىپ قوشۇمچىنى چۈشۈرۈش

ئۇسلۇب ئۈنىمى تۆۋەندىكىچە
ئۈنۈم رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى يوللاي دىسەم قۇشۇمچە يوللاش ھۇقۇقۇم چىكىگە يىتىپتۇ شۇڭا  تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن ئۈنۈمىنى كۆرىۋالغايسىزلەر http://www.ibilge.com/bilge/forum.php?mod=viewthread&tid=2083

ئاخىردا ھەممىزنىڭ كەلمەكچى بولغان قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن !!!
ئۇلۇغ ئاللاھ ، ھەرجاي–ھەرماكاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى  ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشىنى مۇۋەففەق قىلسۇن !!!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 12:56:13

رەھمەت.

قوشۇمچە : قارلۇقمۇ بىرمۇنچە ئەسلى ھەقلىق بولغان ئەپلىرىنى  ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەقسىزچۈشۈرۈشكە تەمىنلەپتۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 19:55:56

مايكول جىكسوندەك ھۆسۈن تۈزەش ئوپراتسىيەسىنى بىر پۈتۈن قىلىپ  . بولىشىچە گىرىم قىلىنغانلىقتىن ئەنجۈرگە ئايلىنىپ قالغان بىچچارە ئالما.
لىكىن ماۋۇ ئۇسلۇبىڭلىنى جوبىس كۈرەپ قالسا گۆرىدىمۇ ياتالمىغۇدەك.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:51:08

قارلۇقنىڭ ھەقسىز تەمىنلىگەن ئەپلىرىنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى قارلۇق تور بىكىتىمۇ يە؟ قارلۇقنىڭ ئېلىپبەسى شۇنداق ياخشى چىقىپتىكەن، قالغان ئەپلىرىمۇ ئومۇملاشقۇسى!

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 02:23:37

ھازىر كىشىلەر ئاددى پاكىز ئۇسلۇپلارغا يۇزلەندى  بۇخىل ئۇسلۇپ سەل بىئارام كۇرىنىدىكەن  

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 09:25:40

چەچى پەچى دەمدۇق بۇنى

parishan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:30:01

شۇنداق    ئىزدىنىشتا  ھەممىنى  دەيمىز ھا ھا ھا

muhit يوللانغان ۋاقتى 2014-10-6 20:27:50

قولۇمدا ئالما يانفۇن بولمىسىمۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت كۆپ جاپا چەككەندەكقىلىسىز ھارماڭ قېرىندىشىم سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

parishan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 17:06:18

رەھمەت . مەن يەنىلا ئىزدىنىشتا
بەت: [1]
: ئايبىلگە مەنبەسىدە تۈنجى ئۇسلۇب ئېلان قىلىندى