musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 16:56:00

يىراق قىرلاردىن كەلگەن سالام

-مۇختەر مۇئەللىم ،سىزگە خەت كەپتۇ،خېتىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ،-دېگىنىچە خەت –چەك تارقىتىشقا مەسئۇل مۇئەللىم قېلىن كونۋېرتلىق بىر پارچە خەتنى مۇختەر  مۇئەللىمگە تۇتقۇزدى ،مۇختەر  مۇئەللىم كونۋېرتتىكى ئارېسقا قارىدى،خەتتە پەقەت  خەتنى تاپشۇرىۋالغۇچى تەرەپنىڭ ئادرېسىلا يېزىلغان بولۇپ،خەت ئەۋەتكۈچى تەرەپنىڭ ئادرېسى يوق ئىدى .
         –كىمدىن كەلگەن خەتتۇ بۇ؟-دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئىشخانىسىغا ماڭدى مۇختەر مۇئەللىم ،بۇ سائەتتە دەرسى بولغاچقا خەتنى تارتمىسىغا سېلىپ قويۇپ دەرسكە كىرىپ كەتتى،دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچلىغاچقا خەتنى كۆرۈشكە پۇرسەت چىقمىدى،مۇختەر مۇئەللىمنىڭ پۈتۈن ئېسيادىنى ‹‹ بۇ خەت كىمدىن كەلگەندۇ؟››دېگەن ئوي چۇلغىۋالغاچقا  ئىچى تىتىلداپ ، قوۋزىنى كۆپتۈرۈپ  يىغىن ئېچىۋاتقان مۇدىرنىڭ  سۆزلىرىمۇ كاللىسىغا چۈشمىدى،ئىشتىن چۈشىدىغاندىن يېرىم سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە ئوقۇتقۇچىلار غۇدۇراشقىنىچە يىغىن زالىدىن چىقىشتى،مۇختەر مۇئەللىم  ئىشخانىسىغا  كىرىپ تارتمىسىدىن خەتنى ئېلىپ سومكىسىغا سالدى –دە ئالدىرىغىنىچە ئۆيگە ماڭدى.ئۆيگە كېلىپلا  خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى.خەت مۇنداق باشلانغان ئىدى.
      ئەسئالامۇ ئەلەيكۇم مۇختەر،تېنچ-ئامان  تۇردىڭىزمۇ؟ ھەرۋاق نامىزىمدا  سالامەت بولىشىڭىزنى ئۇلۇغ اللاھتىن تىلەپ تۇردۇم،مەڭگۈ سالامەت بولغايسىز، خېتىم قولىڭىزغا تەككەندە بەلكىم ‹‹ كىمدىن كەلگەن خەتتۇ بۇ؟›› دەپ ھەيران قالغانسىز،خېتمنى ئېچىپ  ئوقۇپ بولغاندا ،بەلكىم ماڭا بولغان  چەكسىز  نەپرىڭىتىڭىز يەنە قايتىدىن ۋولقاندەك پارتىلاپ چىقا،مەيلى قانداقلىكى ھېسياتتا بولۇڭ،سىزدىن ئۆتىدىغىنىم خېتىمنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ،سىزنى نامرات كۆرۈپ  ‹  ھەر تۈپ دەرەخلىرىدىن تىللا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ،ئادەملىرىنىڭ ئوسىرىقىمۇ ئەتىر پۇرايدىغان،قۇياش غەربتىن چىقىپ شەرىققە پاتىدىغان،ئىشقىلىپ ھەر بىر نەرسىسى ئاجايىباتلارغا تولغان›› چەتئەلگە مەپتۇن بولۇپ ، سىزدىن يۈز ئۆرۈپ ،ئاھ –زارلىرىڭىزغا قارىماي مەجبۇرىي دېگۈدەك ئاجرىشىپ  سىزنى تاشلاپ كېتىۋالغان نادان ئايالنىڭ پۇشايمانغا تولغان يۈرەك سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ قويۇڭ.ئۆتكەن  كەچمىشلەرنى  ئەسلەش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنىڭ ئېغىرلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ ، گۇناھلىرىم ئۈچۈن مېھرىبان اللاھقا  قايتا –قايتا تۆۋبە قىلىش ئوي –خىياللىرى بىلەن يېزىپ چىققان  ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزۇنغا سوزۇلغان  خېتىم ئارقىلىق بۇرۇنقى ئىشلارنى ئېسىڭىزگە سېلىپ  ،يۈرەك يارىڭىزنى قايتا قوزغۇتۇپ قويغىدىغانلىقىمدىن سىزدىن چىن كۆڭلۈمدىن  ئەپۇ سورايمەن.
      شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،ئىككىمىز مۇھاببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىر –بىرىمىزنى ئاجايىپ ياخشى كۆرۈشكەن ئىدۇق،توي قىلغاندىن كېيىنمۇ سىزنىڭ ماڭا بولغان ئوتتەك مۇھاببىتىڭىز بىرئازمۇ سۇسلاپ قالمىغان ئىدى، مېنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزدىنمىكىن، بىزگە يات بولغان ھەرقانداق بىر ئەركەك زاتىدىن كۈنلەيتتىڭىز،بەزى ۋاقىتلاردا بۇ كۈنلەشلىرىڭىز چەكتىن ئېشىپ،خىزمەت ئورنۇمغا تۇيۇقسىز كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان ئەر خىزمەتداشلىرىم  بىلەن سوقۇشۇپ ،مېنى خىجالەتتە قالدۇرغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغان ئىدى،ماڭا سىزنىڭ بۇ ئورۇنسىز كۈنلەشلىرىڭىز بەكلا  ئېغىر كېلەتتى ،دادام تۈگەپ كېتىپ ئائىلىمىز ئانامنىڭلا قولىغا قاراشىلىق  ،سىزنىڭ ئاتا –ئانىڭىزمۇ دېھقان بولغانلىقتىن  ، بىزگە ئىقتىزادىي جەھەتتىن  ياردەم بېرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا  توي قىلىپ بىرنەچچە يىلغىچە ئۆزىمىز مۇستەقىل ئۆي سېتىۋالالمىغان ئىدۇق،تۇرمۇشىمىز باشقىلىرنىڭكىدەك باياشات ئەمەس ئىدى، باشقىلارغا ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ ،تۇرمۇشۇمىزدىن رازى ئەمەس ئىدى، شۇ سەۋەپتىن بويۇمدا قالغاندا ،تۇغۇش نىيىتىم بولمىغاچقا ،سىزگە ئۇقتۇرماي بالىنى ئالدۇرىۋەتكەن ئىدىم،سىز بالىنى ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇقۇپ،قاتتىق غەزەپلىنىپ چىرايىڭىز تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ، مۇشتۇمىڭىزنى قاتتىق تۈگۈپ مېنى ئۇرىۋەتكىلى تاسلا قالغان ئىدىڭىز، شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ تۇرقىڭىزغا قاراپ قاتتىق قورققان ئىدىم،بىراق كۆڭلۈمدە ‹‹بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۇنچە  باياشات بولمىسا،ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل ئۆيىمۇ بولمىسا،بالىنى ئالدۇرىۋەتكىنىم خاتا ئەمەس››دېگەنلەرنى ئويلاپ پۇشايمان قىلمىغان ئىدىم.
     شۇ ئىشتىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل تازا ياخشى بولماي قالدى،مەنمۇ كۆپىنچە چوڭ ئۆيدىن ئىشقا بېرىپ –كېلىپ يۈرگەن ئىدىم،شۇ ۋاقىتتتا خوشنىمىزنىڭ چەتئەلگە  چىقىپ كەتكىلى يەتتە يىل بولغان  ئوغلى ئاتا –ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەپتۇ،ئۇ بالىنىڭ ئىسمى ئەركىن بولۇپ ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا  مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان  ساۋاقدىشىم ھەم خوشنام بولۇپ،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  ۋاقتىمىزدا ماڭا بىرنەچچە پارچە تەلەپ خېتى يېزىپمۇ باققان،مەن ئۇنى تىللاپ ، يازغان خەتلىرىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا راسا ئىزاغا قويغان ئىدىم، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىرىدە شۇ ئىشلارنى  تىلغا ئېلىشىپ راسا كۈلىشەتتۇق، كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپلا قانداق مۇناسىۋەتلەرگە تاياندىكىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىدى،شۇڭا بۇ قېتىم ئۇ چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندە  ئىككىمىز تەبىئيلا يېقىنلىشىپ كەتتۇق.
     ئەركىن ھەر بىر ئېغىز سۆزلىرىدە ئۆزى تۇرىۋاتقان جاينى جەننەت كەبى تەسۋىرلەپ بېرەتتى،ئۇنىڭ سۆزى بىلەن چەتئەل كۆزۈمگە يىراقتىكى غايىۋى جەننەت بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى،ئەپ تاپساملا ‹‹ئاپامنىڭ قېشىغا بارىمەن››دەپ چوڭ ئۆيگە كېلىۋالاتتىم،ئەركىنمۇ مېنىڭ كېلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كېلىشىم بىلەن بىر ئىشلارنى باھانىداپ بىزنىڭ ئۆيگە كىرەتتى ۋە ئۈستى –بېشىمغا سەپ سېلىپ،كۆزۈمگە تىكىلىپ  قاراپ ‹‹ كىچىكىڭىزدە سەتلا بىر قىز ئىدىڭىز،چەتئەلدە تۇرغان ۋاقتىمدا دائىم سىزنى قانداقراق بولۇپ كەتكەندۇ ئويلاپ كېتەتتىم،ئەمدى قارىسام  بارغانسېرى رەڭ تۈزەپ ئېچىلىپ كېتىپسىز  جۇمۇ گۈلزىبا ، ئىسمىڭىز ئاندىن چىرايلىق، ئۆزىڭىز ئاندىن چىرايلىق  ،ئىسمى –جىسمىڭىزغا لايىق گۈل  جۇمۇ سىز››دەپ قوياتتى چاخچاق تەرىقىسىدە  ،مەنمۇ ئۇنىڭدىن شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدىم ،شۇڭا ھەر قېتىم كەلگەندە ئۆزۈمنى ئالاھىدە ياساپ كېلەتتىم.
       ئېسىمدىن چىقمايدۇ ،بىر كۈنى ئەركىن بىلەن كۈلۈشۈپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ،سىز چىرايىڭىزدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئۆيگە كىرىپلا ئانامغا سالاممۇ قىلماي ،‹‹سىزگە ئەر،ئۆي لازىممۇ يا،ما چەتئەللكنىڭ گەپلىرى بەك خوش يېقىپ كېتىۋاتامدۇ ؟››دېگىنىڭىزچە ،قولۇمدىن سۆرىگەندەك ئۆيگە ئېلىپ ماڭغان ئىدىڭىز،مەن بۇ قىلىقىڭىز ئۈچۈن ئەركىننىڭ ئالدىدا بەك نومۇس قىلىپ كەتكەن ئىدىم.ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن  يىغلاپ تۇرۇپ سىز بىلەن سوقۇشقان ،سىز مەندىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدىڭىز.
      كېيىن بىر كۈنى چوڭ ئۆيگە كەلسەم ئەركىن ‹‹بىزنىڭ يۇرتتىكى ئاياللار بەكلا بىچارە ئىكەن،قۇل ئورنىدا ياشايدىكەن،مەن بۇنى چەتئەلگە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم،چەتئەلدە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىگە بەكلا ئېتىۋار بېرىدۇ،ئۇ يەردىكى  ئەرلەر بۇ يەردىكىگە ئوخشاش ئايالىنى ئۇرۇپ –تىللاپ خارلىمايدۇ،ئاياللار ئاجايىپ ئەركىن...›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن ئىدى،ئۇنىڭ چەتئەل توغرۇلۇق ئېيتقان گەپلىرىگە بارغانسېرى مەپتۇن بولۇپ ،ئۆزۈمنى سىزنىڭ قولىڭىزدا راستىنلا خارلىنپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم،ھەر قېتىم كەلگەندە ئەركىننىڭ مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراشلىرىدىن،‹‹ئەگەر توي قىلىۋالمىغان بولسىڭىز ياكى ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىڭىز سىزنى چەتئەلگە ئەچىقىپ كېتەتتىم جۇمۇ..›› دېگەندەك چاخچاققا يۆلەپ  قىلغان گەپلىرىدىن ،ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم،ئۆزۈممۇ ئۇنىڭغا بارغانسېرى مايىل بولۇپ  قېلىۋاتاتتىم،كۆزۈمگە ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىغا ئېلىپ كەلگەن قىممەت باھالىق سوۋغا –سالاملىرى،ئاكا –ئىنىلىرىگە ئېلىپ بەرگەن زىمىنلىرى ،ماشىنىلىرىدىن باشقىسى كۆرۈنمەيتتى، سىزگە يۈز كېلەلمەسلىك تۇيغۇسى بىلەن ئۆزۈمنى ئەيىپلىسەممۇ، بىراق ئۇنىڭدەك تۇرغان -پۈتكىنىدىن‹‹ پۇل››تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ھەممە ئادەم ئىنتىلدىغان چەتئەلدە ياشايدىغان، يۇرتتىكىلەر ھەۋەس بىلەن قارىشىدىغان ئادەمگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.
     بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ چوڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ئىككىمىز بىر –بىرىمىزگە چاخچاق قىلىشىپ تۇرغاچقا ، سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭزنى كۆرمەي قاپتىمەن،سىز بىزنىڭ بۇنداق يېقىن ھالەتتە چاخچاقلىشىپ  تۇرغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىدىمىدىڭىزمۇ قانداق ،شۇ جايدىلا ئەركىنگە تىل سېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ ماڭدىڭىز ،بۇ قىلىقىڭىزدىن ئەركىننىڭ ئالىدا بەك نومۇس قىلىپ سىزنى توسىۋالدىم،ئاچچىقتىن كۆزىڭىزگە ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن بولسا كېرەك مېنى ئىتتىرىۋەتتىڭىز،مەن ئارقامغا قاتتىق يىقىلىپ ، بېشىم  گۈللۈكنىڭ قىرىدىكى رىشاتكىغا تېگىپ يېرىلىپ كەتتى،بېشىمدىن ئاققان قان يۈز –كۆزۈمنى بويىۋەتتى،بۇ ۋاقىتتا ئەركىن بىلەن ئىككىڭلارنىڭ مېنى يۆلەش ئۈچۈن سۇنۇلغان قولۇڭلار تەڭ كېلىپ قالدى،سىز ئۇنى قاتتىق ئىتتىرىۋېتىپ ،مېنى كۆتۈرگىنىڭىزچە دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدىڭىز،بېشىمنى يەتتە يىپىلق قىلىپ تىكتى،دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولغۇچە ماڭا كۆيۈنۈپ قىلمىغان قىلىقلىرىڭىز قالمىدى،بىراق شۇ كۈندىكى ئىشنى ئويلىسام،سىزنى كۆرسەملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيتتى،سىزگە ئوچۇق چىراي ئاچمايتتىم،قىسقىسى بۇ پەس كۆڭلۈم سىزندىن سوۋۇپ ،ئەركىنگە مايىل بولۇپ بولغان ئىدى.‹‹ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە››دېگەندەك ، مېنى ئىتتىرىۋەتكىنىڭىز ماڭا چوڭ باھانە بولۇپ بەردى،دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن  يامانلاپ چوڭ ئۆيگە بېرىۋالدىم،سىزنىڭ  كەچۈرۈم سوراشلىرىڭىز،ئاتا –ئانىڭىزنىڭ نەچچە رەت يالۋۇرۇپ كېلىشلىرىگىمۇ،ئانامنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ  پەرۋا قىلمىدىم.
     ئەركىننىڭ قايتىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى،يېقىندىن بېرى دىققەت قىلسام ئۇ مېنى كۆرگەندە بىرنەرسىلەرنى دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەلەيتىيۇ ،بىراق گەپ قىلالمايتتى، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ماڭا دېيەلمەيۋاتقان بىر گېپى باردەك قىلاتتى،بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم،ئۇ ئىشىك ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
      -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېچ –ئامان كەلدىڭىز ،-دېدى ئۇ ئەھۋال سوراپ.
     -اللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى،مانا ئۆزىڭىز كۆرگەندەك ناھايىتى ئوبدان تۇرۇپتىمەن،-دېدىم مەن چاخچاق ئارىلاش.
     -اللاھ سىزنى مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ،ھەر ۋاقىت ئامان قىلغاي،-دېدى ئۇ.ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ گەپ قىلالماي قالدىم،ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىمايلا دەپ سالغان بۇ گېپىدىن سەل خىجالەت بولدىمۇ قالداق جىم بولۇپ  قالدى.
   -مەن يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قايتىمەن،مۇشۇ كەتكەنچە سىزنى كۆرەلمەي قالارمەنمىكىن دەپ بەك ئەنسىرەۋاتىمەن،سىزگە دەيدىغان بەك جىق گەپلىرىم بار ئىدى،سىز دېگەن ئەرلىك ئايال،بۇ يەر چەتئەل ئەمەس،  گەپلىرىمنى بىرەر جاينى تېپىپ ئولتۇرۇپ  سىزگە ئالدىرىماي دەي  دېسەم تەسىرى ياخشى بولمىغىدەك،دېمەكچى بولغان ئاساسلىق مەقسىدىمنى بۇ خەتكە يېزىپ قويدۇم،چوقۇم تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن ماڭا جاۋابىنى بېرىڭ،-دېدى ئۇ بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن كۆزۈمگە بىر خىل مۇڭلۇق تەرىزدە تىكىلپ .مەن ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنى كۈتمىگەچكە ئۇدۇق –بۇدۇق بولۇپ قالدىم.
      -ئىككىمىز بۇ يەردە كۆپ تۇرۇپ كەتسەك ياخشى بولمايدۇ،بۇ خەتنى ئېلىپ چوقۇم ئوقۇپ چىقىپ جاۋابىنى بېرىڭ،-دېدى ئۇ ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا ۋە  قولىدىكى خەتنى  باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دېگەندەك يوشۇرغان ھالەتتە ئاستاغىنە سۇندى،مەن ئىككى ئەتراپىمغا ئالاقزادىلىك بىلەن قارىۋېتىپ ئۇنىڭ قولىدىكى خەتنى ئىتتىكلا ئالدىم –دە،تېزلىكتە  ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
      ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گۈلزىبا ،سىز باشقا بىر ئەرنىڭ نىكاھىدىكى ئايال بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن،ھازىرچە  ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ سىزنى مۇشۇنداقلا چاقىرىپ تۇراي،سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بەك كۆپ ئىدى،بىراق گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن،شۇنداقتىمۇ بۇ خەت ئارقىلىق مەقسىدىمنى ئېنىق ئىپادىلەشكە تىرىشىمەن،ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان،مىجەز –خۇلقىمىز بىر-بىرىمىزگە ئانچە يات ئەمەس،ئېسىڭىزدە بارمىكىن،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا سىزگە يازغان تەلەپ خېتىمنى مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ،مېنى مۇئەللىم ۋە  بالىلار ئالدىدا ئىزاغا قويغان ئىدىڭىز،ئۇ ۋاقىتتىكى  سىزگە يازغان تۇنجى مۇھاببەت خېتىم گەرچە بىر خىل گۆدەكلىكتىكى قىزىقىش بولسىمۇ،بىراق ئۇخەت  يەنە ئۆزۈمنىڭ تۇنجى سۆيگۈ ھېسياتىمنىڭ بايانى ئىكەندۇق ئويلاپ باقسام،چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ۋاقىتتا سىزنى پەقەت ئېسىمدىن چىقارمىدىم، ئانىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئاتا –ئانامدىن دائىم سوراپ تۇردۇم،توي قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا يۈرىكىم ئېچىشىپ  ،ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بەكلا بىئارام بولۇپ كەتكەن ئىدىم،ئويلاپ باقسام سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەنمەن،بىراق سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ ئىككىمىز باشقا –باشقا دۆلەتتە ،سىزنى مەن تۇرىۋاتقان جايغا ئېلىپ كەلگۈدەك شارائىت مەندە ھازىرلانمىغان ئىدى  ھەم سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان –كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيتتىم،شۇڭا سىزگە بولغان ھېسياتىم ئىچىمدە  سىر پېتى قېپ قالغان ئىدى،مانا ئەمدى مەن  يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم،سىز بىلەن كۆرۈشتۈم،تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزنىمۇ كۆردۈم،قارىسام يولدىشىڭىز سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن،بىراق ئۆزى  ياخشى كۆرگەن سىزدەك مۇلايىم ھەم چىرايلىق بىر ئايالنى قانداق قەدىرلەشنى پەقەتلا ئۇقمايدىكەن، سىزنى ياخشى كۆرگەن بىلەن  قەدىرلەشنى، بەختلىك قىلىشنى ،كۆڭلىڭىزنى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئېلىشنى بىلمىگەن ئەر بىلەن شۇنچە يىلنى قانداقمۇ بىرگە ئۆتكۈزگەنسىز؟جىق گەپ قىلىپ سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويماي يەنە،ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەم،مەن مۇشۇ قېتىم قايتىپ كەتسەك يۇرتۇمغا يەنە قاچانلىققا قايتىپ كېلىمەن بۇنى بىر اللاھ بىلىدۇ،بۇ قېتىم يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىشىم ئاتا –ئانام،ئۇرۇق –تۇققانلىرىم ،دوست –يارەنلەر،تونۇش –بىلىشلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش،يۇرتۇمغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ھېسلىرىمغا قېنىش ئىدى، چۈشۈمدىمۇ بىر قېنىپ  كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان ،تەلپۈنگەن باغرى ئىللىق يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم،يۇرتۇم تۇپرىقىنى كۆزۈمگە سۈرتتۈم،كۆرۈشكە زار بولغان تونۇش ھىد،تونۇش چىرايلارنى ، توپا –تۇمانلار ئارىسىدا كۆمۈلۈپ يۈرگەن مۇڭغا چۆمۈلگەن چىرايلار،قارىغان ئادەمنىڭ دىلى ئېزىلىدىغان مىسكىنلىك...قىسقىسى كۆڭۈلنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ، غەش قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ ،ھەر خىل كىشىلەرنىمۇ كۆردۈم.ئەڭ مۇھىمى خىيالىمدىن مىنۇت  نېرى كەتمىگەن سىزنى قانغۇدەك  كۆردۈم،گەرچە بۇ كۆرۈشلەرگە باغرىم قانمىغان،  يۈرىكىم ئۇنىمىغان بولسىمۇ ،بىراق ئامال يوق قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرمەن،چۈنكى مەن  ئۆزۈم تۇرىۋاتقان شۇ جايغا كۆنۈپ قالغان، ئۇ جاي ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ قەدىر –قىممىتىمنى تاپقان، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ جاي بىر جەننەت،گەپنى كۆپ قىلىپ بېشىڭىزنى ئاغرىتماي،ئاساسىي مەقسىدىمنى ئېيتاي،ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىكى سىزنى ياخشى كۆرۈشۈم قىلچە ئۆزگۈرۈپ قالغىنى يوق، مەن تۇرىۋاتقان جايدىمۇ ئوقۇشقا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قىزلار بار،ئۇلارنىڭ بىرنەچچىسى بىلەن كۆرۈشۈپمۇ باقتىم،بىراق پەقەت كۆڭلۈم چۈشمىدى،چۈنكى يۈرىكىم سىزگىلا سوقۇپ تۇراتتى،بۇ قېتىم قايتىپ  كېلىپ تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ،سىزنى ئۇنداق –بۇنداق دەپ گەپ يورغۇلۇتۇپ يۈرمەيمەن، خالىسىڭىز سىزگە ئۆمۈرلۈك  جۆرە بولۇشقا ھەرقاچان تەييار،بۇ گەپنى چىن يۈرىكمدىن چىقىرىپ ئېيتىۋاتىمەن،يولدىشىڭىزدىن ھازىرلا ئاجرىشىڭ،گېپىمگە ھازىرلا جاۋاب بېرىڭ دەپ  قىستىمايمەن،مەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئوبدان ئويلۇنۇپ، كاللىڭىزدىن ئۆتكەندە تېلىفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ  قالغان ئىشلارنى مەسلەھەتلىشەرمىز.
     سىزنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگۈچى :دوستىڭىز ئەركىن››خەتكە ئەنە شۇنداق يېزىلغان ئىدى، خەتنى ئوقۇۋاتقاندا  يېڭىدىن مۇھاببەتلىشىۋاتقان قىزلاردەك يۈرىكم دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى.
     ئەركىن ئۆزىنىڭ جەننىتى بولغان چەتئەلگە قايتىپ كەتتى، ئۇ ماڭغان كۈنى مۇڭ باسقان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ قىيالمىغان ھالدا ماڭدى،مەن باشقىلارغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن  لېۋىمنى چىڭ چىشلىگىنىمچە ئۇنىڭ بىلەن كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق  خوشلاشقان ئىدىم، كېيىن ئۆيگە كىرىپ   ئۆزۈمنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلىدىم،ئەركىن كەتكەندىن كېيىن قويغان –تۇتقىنىمنى بىلمەسلا بولۇپ  قالغان ئىدىم،ئۇنىڭ سىمايسى كۆز ئالدىمدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى كەتمەيتتى،ئۇنى ئويلىساملا ئىچ –ئىچىمدىن يىغا باساتتى،ئۇ مېنىڭ يۈرىكمنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن ئىدى،‹‹قانىتىم بولسا ئۇنىڭ قېشىغا ئۇچۇپ بارار ئىدىم››دەپ ئويلايتتىم،ئۇنى ئويلىساملا كۆزلىرىمگە يىغا يامىشاتتى،شۇ تاپتىكى  نومۇسسىز ھېسياتىم ئۆزۈمنىڭ بىر ئەرنىڭ ئىلكىدىكى ئايال ئىكەنلىكمىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى.
     ئەركىن   كەتكەندىن كېيىن كۈندە دېگۈدەك تېلىفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردۇق،بۇ جەرياندا سىز نەچچە رەت ئالدىمنى توسۇپ ئۆيگە قايتىپ كېتىشىمنى ئۆتۈندىڭىز،بىراق يېلىنىش ئورنىدىكى سۆزلىرىڭىز قۇلۇقۇمغا مۇش ئۇرغاندەك ئىشىنەتتى،سىزنى كۆرەر كۆزۈم قالمىغان ئىدى،پۈتۈن ئېسيادىم سىزدىن ئاجرىشىپ ئەركىننىڭ قېشىغا كېتىش،ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئىدى،بىراق ھېچبىر سەۋەپسىزلا سىزدىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسام ئەل –جامائەت،ئانام ۋە سىزنىڭ  ئالدىڭىزدا  تىلىم تېخىمۇ تۇتۇق بولاتتى،ئۆيىمىزگە ،سىزنىڭ قېشىڭىزغا قايتىپ كېتىشكە مېنى جەننەت ھوزۇرىغا ئېرىشتۈرىدىغان چەتئەلدىكى ئاشىقىم ئەركىنگە باغلىنىپ قالغان بۇ ئېشەك كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى.نېمە قىلارنى بىلمەي بېشىمنىڭ ئىچىمۇ –تېشىمۇ قاتاتتى.بۇ گەپلەرنى بىرەر دوستۇمغا ئېيتىپ مەسلەھەت سوراش تېخىمۇ ئەپسىز ئىدى.
    قانداق قىلىشنى بىلەلمەي دىلدۇغۇللۇق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمدە ئانامنىڭ سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى،دوختۇرلار دىئاگنوز قويۇپ يۈرەك قان تومۇرلىرىدا  توسۇلۇش بارلىقىنى ،ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ،يۈرەككە تىيەك سېلىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرىشىمىز لازىملىقىنى ئېيتتى،سىزگىمۇ مەلۇم، ئاچام ئوقۇش پۈتتۈرپ ئۈرۈمچىدە قېلىپ ،شۇ يەردە توي قىلغان ، ئانامنىڭ قېشىدا  ئىنىم بىلەن ئىككىمىز بار بولغاچقا ،ئىنىم بىلەن بىرلىكتە ئانامنى ۋىلايەتلىك دوىتۇرخانىغا يۆتكىدۇق،ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئىدارە باشلىقىدىن بىرنەچچە ھەپتىلىك رۇخسەت سورۇدۇم،ئانام دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتتا ئەركىن كۈندە دېگۈدەك تېلىفون قىلىپ ئانامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى،سىزمۇ ھەر ھەپتە دېگۈدەك شەھەرگە كېلىپ ئانامنى يوقلاپ  تۇردىڭىز،بۇ يوقلاشلار سىزنىڭ  ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ مېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن  قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىڭىز ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى،بىراق شۇنچە قىلغانلىرىڭىز مېنىڭ ئەركىن ئۈچۈن سوقىۋاتقان پەس يۈرىكمىنى ئېرىتەلمەيتتى، ئانامنى تېنچ –ئامان ئوپراتسىيە قىلدۇرىۋالدۇق، ئوپراتسىيەدىن كېيىن بىر كۈنى ئانام قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ،ئەركىن بلىەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى سېزىپ قالغانلىقىنى، خۇلۇم –خوشنىلارنىڭ  مەن توغرۇلۇق قىلىشقان  سۆز – چۆچەكلىرىدىن ئۆزىنىڭ باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمىگەنلىكىنى، مېنىڭ سىز بىلەن  ئۆيگە  قايتىپ كېتىشىمنى،ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالسام  ئانا –بالىلىقتىن كېچىدىغانلىقىنى كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتتى، ئانامنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدۇم،ئانامنىڭ جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋېلىشى ئارقىسىدا  قايتقۇم بولمىسىمۇ ، بوينۇمنى باغلىغاندەك سىز بىلەن بىرگە ئۆيگە( ئۆيىڭىزگە) قايتتىم،سىز بار يەردە مەجبۇرىي چىراي ئېچىپ يۈرۈش،يوق يەردە ئاشىقىمنىڭ ئىشقىدا نومۇسسىزلارچە يوشۇرۇن يىغلاش ، سىزنىڭ يېنىڭىزدا يېتىپ تۇرۇپ نومۇسسىزلارچە ئاشىقىمنى ئويلاش ،ئوغرۇلۇقچە تېلىفوندا كۆرۈشۈپ ئېغىز ۋىسالغا يېتىش...قىسقىسى‹‹ تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتۇش›› بىلەن يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى،شۇ كۈنلەردە تاماق ئالدىمغا كەلسىلا كۆڭلۈم  ئاينىيدىغان بولۇپ قالدىم ،بۇ خىل ئالامەتلەرگە قاراپ ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ ،سىزگە دېمەيلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتۈم،گۇمانىم توغرا چىقىپ ،بويۇمدا قالغانلىقى مەلۇم بولدى،دوختۇرنىڭ گېپىدىن بېشىم پىرقىرىدى،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن  قانداق قىلسام سىزدىن قۇتۇلۇپ راھەتبەخش چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە ئىنتىلىۋاتقان، ۋىجدانسىز  يۈرىكىم ئەركىن ئۈچۈن سوقىۋاتقان ھازىرقى ھالىتىمدە  بالا تۇغۇشنى  ھەرگىزمۇ ئويلاشمىغان ئىدىم،شۇڭا ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا بۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتمەكچى بولدۇم، بويۇمدا قالغانلىقنى سىز بىلىپ قالسىڭىز بالىنى ئالدۇرۇشقا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايتتىڭىز،شۇڭا سىز بىلىپ بولغۇچە رەزىل پىلانىمنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدۇم، دوختۇرخانىغا بېرىپ بالىنى ئالدۇرىۋېتىش ئويۇمنى دوختۇرغا ئېيتتىم،بىراق دوختۇر ھازىر ھامىلىنىڭ تېخى  كىچىك ئىكەنلىكنى ،45 كۈنلۈكتىن ئاشقاندا ئاندىن ئالدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئامالسىز ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،دوختۇر ئېيتقان ۋاقىت يېتىپ كەلگۈچە كۆزۈم تۆت بولدى،يېگەن نەرسىلەر سىڭمەي،بىئارام بولۇپ يۈرگىنىمنى  كۆرۈپ نېمە بولغانلىقىمنى سورىغىنىڭىزدا ‹‹ئۆت ياللۇغۇم قوزغىلىپ قاپتۇ››دەپ سىزنى ئالدىدىم،ئاخىرى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى،سىزگە ئۇقتۇرمايلا بالىنى  ئالدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئۆزۈم يالغۇز باردىم،بالىنى ئالدۇرۇپ بولۇپ  ھالسىز قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىشىمگە ،  كىرىۋاتقان سىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم،سىز ئىتتىك قېشىمغا كېلىپ ‹‹ نەرىڭىز ئاغرىدى؟نېمىشقا ماڭا دېمەي ئۆزىڭىز يالغۇز كەلدىڭىز؟››دېدىڭىز ۋە  تاتىرىپ كەتكەن  چىرايىمغا ،تۈگۈلۈپ تۇرغان تۇرقۇمغا قاراپ بىرنەرسىنى پەملىگەندەك‹‹ئېيتىڭە،نېمە بولدىڭىز؟نەرىڭىز ئاغرىدى؟..››دەپ بېلىكىمنى تۇتۇپ سىلكىگەندەك ھالدا سورىدىڭىز. مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ‹‹ھېچنىمە بولمۇدۇم،شۇ ئۆت ياللۇقۇم قوزغۇلۇپ قاپتۇ..››دېدىم ئۆتكۈر قاراشلىرلىرىڭىزدىن  ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ،دەل شۇ چاغدا ماڭا مەسئۇل بولغان دوختۇر ( ئۇچىسىدا ئۆزىنىڭ كىيىمى بار بولۇپ ،ئىشتىن چۈشۈپ ماڭغاندەك قىلاتتى)  قېشىمىزغا كېلىپ قالدى ۋە ماڭا قاراپ‹‹بايا دېگىنىمدەك ئارامنى ياخشى ئېلىڭ،ئارام ياخشى بولمىسا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ،بىر ھەپتىگىچە ئوكۇل ئېلىشنى ئۇنتىماڭ...››دەپ بىرمۇنچە  نەسىھەت قىلىۋېتىپ  يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى.‹‹ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك ››دېگەندەك ما دوختۇرنىڭ تازا قاملاشمىغان ۋاقىتتا ئۇچراپ قېلىشى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا چاۋامنى پۈتۈنلەي چىتقا يېيىۋەتتى.
     دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا چىرايىڭىزدا قان قالماي ، ئۆڭ –سۆلىڭىز يوق ھالدا ‹‹سەن...سەن يەنە ماڭا ئۇقتۇرمايلا  بالامنىڭ جېنىغا زامىن بوپسەن –دە،ھەي ئېسىت،ئادەم ئەمەس ھايۋان..››دېگىنىڭىزچە چاڭ –چۇڭ قىلىپ ئىككى شاپىلاق سالدىڭىز ۋە بېلىكىمدىن كۈچەپ تارتتىڭىز .مەن ‹‹ۋايجان ››دېگىنىمچە يەرگە يىقىلدىم.بىردەمدە ئەتراپىمىزغا بىرمۇنچە كىشىلەر ئولاشتى،ئۇلار دەسلەپتە ئاجىز بىر  ئايالنى ئۇرغان  سىزگە  لەنەت ياغدۇرغان بولسا، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگىمۇ قارىماي ئەسەبىلەشكەندەك ھالەتتە ماڭا ۋارقىراشلىرىڭىزدىن ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشىنىپ  نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىشتى.ئەسلى سىز بىر تونۇشىمىزدىن مېنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ  دەرسىڭىزنى ئۆتۈپ بولۇپ ،ماڭا تېلىفون قىلىپ ئالالماي ،ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا كېلىشىڭىز ئىكەن.
     ئويلاپ باقسام ئۇ ۋاقىتلاردا ئەقىلسىزلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، بەكلا يېنىكلىك قىلغان ئىكەنمەن.شۇ ئىشتىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىلگىركىدىنمۇ ئېغىر بولغان بىر داغ چۈشتى،سىز خېلى ئۇزۇنغىچە چىرايىمغىمۇ تۈزۈك قارىمىدىڭىز،چوڭ ئۆيگە بارسام ئاپام بىلەن ئىنىم تاپا –تەنە قىلىپ تۈزۈك چىراي ئاچمايتتى.
     ئاخىرى بۇنداق بۇرۇقتىمىلىق كەيپىياتقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئانامغا ۋە ئۇرۇق –تۇققانلىرىمغا ئۇقتۇرماي سىز بىلەن ئاجرىشىپ ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇش خىيالىغا كەلدىم.بۇ ئويلىرىنى  ئەلۋەتتە سىزگە يۈز –تۇرانە ئېيتالمايتتىم،شۇڭا مەقسىدىمنى خەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ يېزىپ،خىزمەت سومكىڭىزغا سېلىپ قويدۇم.كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كۆڭلۈم دەككە –دۇككىگە چۈشكەن ھالدا  ئۆيگە قايتىپ كەلدىم،سىز تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدىڭىز، كەچلىك تاماقنى ئېتىپ سىزنى  ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى بولماي ئۆزۈم يالغۇز يېدىم،سىز كەلمىدىڭىز، قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئۇقمۇدۇم،بىر كېچىدە ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلىشىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،قارىسام سىز تېخى قايتىپ كەلمەپسىز،كاللامغا  كەچمىگەن ئويلار كەچتى.يۈگۈرگەندەك مېڭىپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ:
    -كىمۇ؟-دەپ ۋارقىرىدىم.
      -مەن..مەن...ئىشىكنى تېز  ئاچە،ھېلى باكا...-سىزنىڭ مەستلەرچە ئاۋازىڭىز ئاڭلاندى.مەن دەرھال ئىشىكنى ئاچتىم. ئۆيگە كىرىپلا گېلىنى سىقىپ :
      -مەندىن ئاجرىشىپ ئەركىن دېگەن چەتئەللىك ھېجىقىزغا تەگمەكچىمۇ سەن؟ئۇ ھېجىقىز سېنى چەتئەلگە ئەچىقىپ كېتىپ خانىش قىلىمەن دېدىمۇ..؟ھەي ئېسىت، سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈپ قالغان پەس كۆڭلۈم،-دېگىنىڭىزچە تامغا ئىككى –ئۈچنى ئۈستۈردىڭىز،مەن چىرقىرىغىنمچە قولىڭىزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقۇندۇم. سىز مېنى ئىتتىرىۋېتىپ  ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزىڭىزنى كارۋاتقا تاشلاپ :
      - مېنىڭ  ئېشەك كۆڭلۈم نېمە دەپ سېنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ  قالغان بولغىيتتى ،ئۇ ھېجىقىز چەتئەلگە ئەچىقىپ كېتەي دېگەچكە ،مەندىن ئاجراشماقچى بولىۋاتىسەن.مېنى نامرات،پۇلى يوق قەلەندەر كۆرۈپ ئىككى بالىمىزنىڭ بېشىغا چىقتىڭ، مۇشۇ قىلغانلىرىڭنىڭ جازاسىنى تارتىپ قالىسەن ئاخىر بىر كۈن،....-دەپ ۋارقىرىغىنىڭىزچە يىغلىدىڭىز.بىرىنچى قېتىم بالا ئالدۇرغاندا ۋە ئەركىن سەۋەپلىك ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كەتكەن ۋاقىتلاردا ئانچە –مۇنچە ئىچكىنىڭىزنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇنداق مەس بولغىنىڭىزنى كۆرمىگەن ئىدىم، يىغلىغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە بىرئاز ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،بىراق بايامقى يېگەن تاياقلىرىم بىلەن چەتئەلگە ئۇچۇپ كەتكەن كۆڭلۈم ئالدىدا  ئۇ ئىچ ئاغرىتىشلارمۇ بىردەمدىلا غايىپ بولدى.ئەتىسى  يېگەن تاياقلىرىمنى تېلىفون ئارقىلىق ئەركىنگە يەتكۈزۈپ بولغان ئىدىم،ئۇنىڭ:
    - قاچانغىچە مۇشۇنداق خارلىشىپ ،بىچارىلەرچە يۈرىيسىز،مېنىڭ قېشىمغا كەلگىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ؟سىزنىڭ ھىلىڭىزغا بەك ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ،سىزنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى بىلەمسىز؟....،-دېگەندەك ئىچ ئاغرىتىش ۋە قىزىقتۇرۇش سۆزلىرى مېنى ئۇنىڭ قېشىغا تېزراق بېرىشقا  تېخىمۇ ئۈندىمەكتە ئىدى.
    ئانامنىڭ ئاجرىشىدىغانلىقىمىزنى ئۇقۇپ كۆتەرگەن ئاللا –توۋلىرىمۇ،ئانا –بالىلىقتىن كېچىدىغانلىقى توغرۇلۇق قورقاق سېلىشلىرىمۇ ،سىزنىڭ ‹‹ئۇنداق قىلماڭ،ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالايلى ..››دېگەن يېلىنىشلىرىڭىزمۇ ماڭا تەسىر قىلمىدى ، سىز مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتىڭىز ،بىراق يىراققا ،ئاشىقىمنىڭ قېشىغا ئۇچۇپ كەتكەن كۆڭلۈم  كۆمۈردەك قارىلىشىىپ ،  يۈرىكىم تاشقا ئايلانغان ئىدى،ئىككىمىز ئاخىرى سوت ئارقىلىق ئاجراشتۇق.ئارىمىزدا تالاشقۇدەك بىرنەرسە بولمىغاچقا ئاجرىشىشىمىزمۇ ئاسانغا توختىدى. ئاجراشقان كۈنىمىز بىللە تاماق يېيىشكە تەكىلپ قىلدىڭىز،تەكلبىڭىزنى رەت قىلمىدىم.تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن:
    -ماڭىمۇ،ئۆزىڭىزگىمۇ قىلدىڭىز،مۇشۇ قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن كېيىن پۇشايمان قىلىسىز،خەير،كۆپ سۆزلىمەي، ئەمدى مۇرادىڭىزغا يېتىدىغان بولدىڭىز،سىزگە بەخت تىلەيمەن،-دېدىڭىز،ئۇ چاغدا بۇ سۆزلىرىڭىزنى ‹‹چىدىماسلىق ››دەپ چۈشەنگەن ئىدىم.
     ئەركىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېنگىلىز تىلىغا ئائىت ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ماتېرياللارنى سېتىۋېلىپ.ئېنگىلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم،(ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئېنگىلىز تىلىنى بىلمىسەم،تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن  ئۇ تۇرىۋاتقان جايدا كۈن كەچۈرمىكىم تەس ئىكەن)ئاجرىشىپ بىر يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن  كېيىن، ئەركىننىڭ چەتئەلگە چىقىشتا بېجىرىشكە  تېگىشلىك پۈتۈن رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ پاسپورت  ئەۋەتىپ بېرىشى بىلەن  چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان يات بىر ئەلگە قەدەم باسماقچى بولدۇم،خىزمىتىمنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەن بىلەن ئانامدىن، ئۇرۇق –تۇققانلار،يۇرت –مەھەللىكلەردىن،كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىش ئېغىر كەلدى،مېڭىش ئالدىدا ئانامنىڭ مېنى باغرىغا  بېسىپ ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاشلىرى يۈرەك –باغرىمنى ئېزىپ،كۆز ياشلىرىم فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى،ئانامغا،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمغا قىيالماي كۆزۈم ئارقىدا قالغان ھالدا ئەركىن تۇرىۋاتقان يۇرتقا قاراپ ماڭدىم.بۇنداق يىراق جايغا سەپەرگە چىقىشىم تۇنجى قېتىم بولغاچقا ،بىرئاز قورقتۇم،شۇنداقتىمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ھەشەمەتلىك تۇرمۇش مېنى ئۆزىگە تارتىپ  قورقۇنچۇمنى ئازىراق پەسكارىغا چۈشىرەتتى،نېمىدە مېڭىشىم، قايەرگە بېرىشىم ،قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشىم....ھەممىسى ئەركىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولىۋاتاتتى.
    اللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئەركىن تۇرغان جايغا تېنچ –ئامان كېلىۋالدىم.ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن دەقىقىلەر يېتىپ كەلدى،ئەركىن ئۇ جايدا بېجىرىشكە تېگىشلىك پۈتۈن رەسمىيەتلەرنى تولۇقى بىلەن بېجىرىپ بوپتىكەن،مەن بېرىپ بىرنەچچە ھەپتىلەردىن كېيىن شىنجاڭدىن بارغان ئەركىننىڭ بىرنەچچە تونۇشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاددىغىنە قىلىپ تويىمىزنى ئۆتكۈزىۋالدۇق. ۋىسال شاتلىقىدا تېپىچەكلىگەن يۈرىكىم بۇ ئاددىيلىققىمۇ رازى ئىدى،ئەركىن توي قىلىپ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت  نورۋېگىيەنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىنى ساياھەت قىلدۇردى. بۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم ئاجايىپ خوشاللىققا چۆمگەن ئىدى،كۈنلىرىم بەخت ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى،بىز   ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى بىر جۈپ ياشانغان ئەر –خوتۇنلار بولۇپ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئىدى، ئۇلار مېنىڭ تىل قىسىلچىلىقى تۈپەيلىدىن دۇچ كەلگەن قىينچىلىقلىرىمغا ياردەم قىلاتتى،ئەتراپتىكى خوشنا نورۋېكلار  مېنى كۆرگەندە دائىم ‹‹سەن بەك چىرايلىق  ئىكەنسەن،سىلەرنىڭ يۇرتتا مۇشۇنداق گۈزەل قىزلار كۆپمۇ؟ئەركىن بەك تەلەيلىك ئىكەن،ئۇ  يۇرتۇڭلارنى بەك ماختايدۇ..››دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى،ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرىدىن خېلى پەخرلىنىپ قالاتتتىم.
    شېرىن ئاينى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بىر ئۇنۋرستىتقا كىرىپ ئوقۇدۇم، ئۇنۋېرستىتنىڭ ئىشتىن سىرت ئوقۇيدىغان كەسپىگە ئېلىنىدىغان ھەقمۇ بەك كۆپكەن،شۇڭا  يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن ئىشلىدىم،كۈنلىرىم ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.ئەركىنمۇ پۇلنى كۆپ تېپىش ئۈچۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە باشلىدى،بەزىدە ئىككىمىز ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم كۆرۈشەلەيتتۇق،  بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن بۇ جاينىڭ خىيالىمدىكى جەننەت ئەمەسلىكىنى،ھەقىقىي جەننەتنىڭ ئانا يۇرتۇم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم،بۇ جاي ئەركىن ئېيتقاندەك پۇل تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان يەر ئەمەسكەن،قايسىبىر ھېكايىدە‹‹ئالتۇننىمۇ ئالتۇندەك سارغيىپ تۇرۇپ ئىشلىگەندە ،ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ››دەپ  ئوقۇغۇنۇمدەك سارغىيىپ تۇرۇپ ئىشلىمىسە پۇل تاپقىلى بولمايدىكەن،پۇل بولمىسا جان بېقىش مۈمكىن ئەمەسكەن.بۇ جايدا ھەممدىن مۇھىمى  پۇل،ئاندىن قالسا كىشىلەرنىڭ بىلىم –ساپاسى ئىكەن،چوڭدىن تارتىپ كىچىكىگىچە بىكار يۈرىيدىغان ئادەمنى پەقەتلا تاپقىلى بولمايدىكەن،تېزلىشىپ كەتكەن تۇرمۇش رېتىمى كىشىلەرنى ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندەكلا كۆرىنىدىكەن، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى –مۇھاببەتمۇ پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغاندەكلا،ھەممە كىشىنىڭ كاللىسىدا ‹‹پۇل››دېگەن بىرلا ئۇقۇم باردەكلا  بىلىندىكەن ، گەرچە بۇ جاي يۇرتۇمغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە گۈزەل،كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى شۇنچە يۇقۇرى،تەرەققىياتى يۇقۇرى بولسىمۇ،ئەركىن ئېيتقاندەك كىشىلىك ھوقۇق –مەنپئەتكە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلسىمۇ،ئاياللار ئەركىنلىكى كۆپ تەرىپلەنسىمۇ، نۇرغۇن تەرەپلەردە يۇرتۇمدىكىدىن  كۆپ  ئارتۇقچىلىقلار بولسىمۇ ،بىراق بۇ يەر بارا –بارا كۆزۈمگە جەننەت كۆرۈنمىدى، سىرتقا چىقساملا يات چىراي،يات تىل....كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا ئىچ –سىرىمنى تۆكۈپ مۇڭداشقۇدەك ئادەم يوق،ئانامغا، ئۇرۇق –تۇققانلىرىمغا،يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىشلىرىم كۈنسېرى ئۇلغۇيۇپ ،بۇ جايدا تۇرۇش ۋاقتىم ئۇزارغانسېرى پۇشايمانلىق ھېسياتىم بارغانسېرى ئېشىشقا باشلىدى،يۇرتۇمدىكى ئىشىكتىن چىقساملا بۇرنۇمغا ئۇرۇلىدىغان تونۇش ھېدلار،ئاقكۆڭۈل،مېھرىبان ،مېھماندوست  كىشىلەر،يولۇمغا قارايدىغان ئانام،ئۇرۇق –تۇققان ،دوست –بۇرادەرلەر، ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان ھەر خىل تاماقلار،مېزىلىك كاۋاپلار،...نېمىسىنى ئېيتاي،ھەممىنى شۇنداق سېغىندىم،يۇرتۇمنى ئەسلىگىنىمدە سېغىنىش ۋە پۇشايمان ياشلىرى كۆزۈمنى بىر ئالاتتى، بىراق بۇ ياشلار ئەركىندىن يوشۇرۇنچە بولاتتى ئەلۋەتتە،‹‹ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا››دېگەندەك ئۆزۈم خالاپ تاپقان كۆڭلۈمدىكى بۇ بىچارىلىك،غېرىپلىقنى ئەركىنگە ئېيتالمايتتى،ئۇنىڭمۇ مېنىڭ دەردىمنى سوراپ تىڭشۇغۇدەك كۆپ ۋاقتى چىقمايتتى،بەزدە ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشلىرى يالغاندەك،بۇ جايدا ئۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك  قىز چىقمىغاچقا مېنى ئالداپ ئەكىلۋالغاندەك تۇيۇلاتتى،يەنە بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ماڭا بولغان كۆيۈنۈشلىرىنى ئويلاپ ،  بۇ خىياللىرىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتتىم،  كۈنلىرىم غېرىپلىق ۋە مىسكىنلىك ئىچىدە ئۆتەتتى،‹‹ۋەتەننىڭ قەدرىنى ۋەتەنسىزلەر بىلەر››دېگەن ماقال –تەمسىلنىڭ چىن مەنىسى ئەمدى ھېس قىلىۋاتاتتىم،ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ يانفونۇمغا قاچىلىۋالغان ‹‹كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن››دېگەن ناخشىسىنى كۆز ياشلىرىم ئىچىدە  يېنىش –يېنىشلاپ  تىڭشايتتىم،مۇساپىرچىلىق ھەقىقەتەن يامان ئىكەن،  شۇنداق غېرىپلىق ،مىسكىلىك ئىچىدە  قۇربان ھېيتنى كۈتىۋالدىم،ئەركىن قۇربان ھېيت ئۈچۈن كۆپ  تەييارلىقلارنى قىلدى، تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن قۇربان ھېيت يېتىپ كەلدى، ھېيت كۈنى يۇرتىمىزدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆيىمىزگە چاقىردۇق، ئۆيىمىزگە كەلگەن يۇرتلۇقلار بىلەن يىغلىشىپ دېگۈدەك كۆرۈشتۇق،(بۇ جايدا ئۇيغۇرلار بەك ئاز بولغاچقا  ھەم تۇرىۋاتقان ئارىلىق بەك يىراق بولغاچقا كۆرۈشمەك بەك تەس بولۇپ،تويىمىز بولغان كۈنى دىدارلاشقانچە ،كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدۇق)تاماق يېيىشىپ  پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ ،گېپىمىزنىڭ تېمىسى تەبئىيلا يۇرتىمىز توغرىسىغا يۆتكەلدى،ھەممىمىز يۇرتتىكى تۇققانلارنى بىر –بىرلەپ تىلغا ئېلىپ چىقتۇق،پاراڭ  جەرياندا سېغىنىش ھېسلىرىنىڭ  يۈرىكىمنى قانچىلىك دەرجىدە قاماللىغىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم، كۆز ياشلىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنمىغان ھالدا ئىختىيارسىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى،قالغان ئاياللارمۇ مەن بىلەن قوشۇلۇپ بىر ھازاغىچە يىغلاشتى، ئەرلەرنىڭ تەسەللىي ئاۋازلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ يىغا ئاۋازلىرى چەتئەلدە ئۆتكۈزگەن تۇنجى ھېيت كۈنۈمنىڭ يالدامىسى بولۇپ قالدى.
    يېقىندىن بېرى ئەركىن  ئولتۇرسا –قوپسا :
        -بىر بالىمىز بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى –ھە!تېزراق بالىلىق بولساق بولاتتى،- دەيدىغان  بولىۋالدى.دېمىسىمۇ بىز توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشقان ئىدى،بۇ جايدا  پەرزەنتلىك بولسا پەرزەنتى تۇغۇلۇپلا ئالاھىدە تەمىناتتىن ياكى كۈتۈنىشتىن بەھرىمان بولىدىكەن،ئەر ياكى ئايال بىرەر يىلغىچە خىزمەتتىن بوشىنىپ پەرزەنتىنى باقسا ئوخشاشلا مۇئاش بېرىدىكەن.بۇنى دېمىگەندىمۇ  بالىلىق بولىدىغان ۋاقتىمىزمۇ بولۇپ قالغان ئىدى،بىراق ھېچبىر بويۇمدا قالاي دېمەيتتى.ئىككىمىز بىر –بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى بۇ كۈنلەر.
     يۇرتۇمنى ،ئانامنى،ئۇرۇق –تۇققانلارنى سېغىنىش ھېسياتىم كۈندىن –كۈنگە ئېشىپ سەۋدايى بولاي دەپ قالغان ئىدىم،ئىلگىركى بۇ ‹‹جەننەت››كە بولغان  ئىنتىلىشلىرىم ئاللىقاچان يوقالغان ئىدى،شۇنداقتىمۇ ئەركىنگە چاندۇرماي ‹‹تېشىمدا ھېيت ئويناپ ،ئىچىمدە روزا تۇتۇپ›› دېگەندەك ئۆتكۈزىۋاتاتتىم بۇ غېرىبانە كۈنلەرنى .بۇ يەرگە كەلگىلى ئىككى يىلدىنمۇ ئېشىپ قالدى،بۇ جايدا ئۆي بەك قىممەت بولغاچقا ئۆز ئالدىغا تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىش بەك تەس ئىكەن،شۇڭا ئۆزىمىز ئۆي سېتىۋالالماي ،ئىجارە ئولتۇرۇۋەردۇق،ئەركىننىڭ بالىلىق بولۇش غەلۋىسى كۈندىن –كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى،بىراق اللاھ بەرمىسە بەندىنىڭ نېمە ئامالى بولسۇن؟ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىمۇ ئۆزگىرىپ قالغاندەك بىىلنىۋاتاتتى مۇشۇ كۈنلەردە،بىر تەرەپتىن ئوقۇش،بىر تەرەپتىن ئىشلەش مېنى بەكمۇ چارچاتقان ئىدى، دوۋسۇم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغرىپ،ئادەت توختىماي كېلىۋاتقىلى بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى،بەزىدە ئاغرىققا چىدىماي يۇمۇلاپ كېتەتتىم،يېگەن پارچە دورىلارمۇ كار قىلمىدى. ئاخىرى بولماي ئەركىن   شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.مەسئۇل دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىگە قاراپ‹‹بالىياتقۇ راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى›› دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ھۇشۇمدىن كەتكىل تاس قالدىم.
     كۆزلىرىمنىڭ خۇنى قېچىپ ئۆلۈك ئادەمگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم،ئەركىننىڭ تەسەللىلىرىمۇ قۇلۇقۇمغا كىرمەيتتى،كاللامدا ‹‹ بالىياتقۇ راكى ،ئۆلۈم ››دېگەن ئۇقۇملا ھۆكۈم سۈرەتتى.كۆزلىرىمدىن يىغا تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.دوختۇرنىڭ دېيىشىچە  مېنىڭ كېسىلىم ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىكەن،كۆپ بولغاندىمۇ بىرەر يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەنمەن،بىراق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ ،راك ھوجەيرىلىرىنىڭ بەدەنگە تارقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسام بولمايدىكەن، دوختۇرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.


داۋامى بار....

مەنبە : ئۆز قەلىمىم

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-3 20:31):
داۋامى تولۇقلاپ يوللاندى

بۇ جايدا داۋالىنىش خىراجىتى بەك ئېغىر ئىكەن،ھۆكۈمەت قۇتقۇزىدىغان  داۋالاش ئوبىكىتلىرى مۇشۇ يەرلىك نوپۇستىكى كىشىلەر بولۇپ،بىزگە ئوخشاش بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسىغا كىرمىگەنلەر ئۆز خىراجىتىمىز ئارقىلىق داۋالىنىدىكەنمىز.دوختۇرخانىدا يىگىرمە كۈنگە يېقىن داۋالاندىم،بۇ جەرياندا ئەركىن شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ ھالدىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى،ئۇنىڭ كۆيۈنۈشلىرىگە قاراپ ،ئۆتكەنلەردە ئۇ توغرۇلۇق ئويلىغان بولمىغۇر خىياللىرىمدىن خىجىل بولدۇم.دوختۇرخانىدا يېتىۋەرسەم پۇل دېگەن سۇدەك كېتەتتى،بىزگە‹‹پۇل دېگەن تېپىلىدۇ ئادەم تېپىلمايدۇ، مانى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ ››دەيدىغان بىرەر قېرىندىشىمىز بارمىدى بۇ يەردە،يەنە بىر تەرەپتىن بۇ داۋالىنشلاردىن ئۈمىدمۇ كۈتۈپ كەتمەيتتىم،شۇڭا ئەركىننىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتىم،كۆڭلۈم خوش بولغان يېرى بىزگە ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن بوۋاي –موماي نورۋېكلار ۋە شىجاڭلىق قېرىنداشلىرىمىز مېنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەپتۇ،بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.
      ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كاللامدىن چىقمايدىغىنى ‹‹ ئانامنىڭ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي،مۇساپىرچىلىق ئىچىدە   مۇشۇ يات يەردە ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟››دېگەن ئوي بولدى،ئولتۇرسام –قوپسام ئانامنى،ئاچامنى، ئىنىمنى ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمنى ،كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمنى تېخىمۇ بەك سېغىنىشقا،ياد ئېتىشكە باشلىدىم،روھىم چۈشۈپ بەكلا جىمغۇرلىشىپ كەتكەن ئىدىم .ئەركىنمۇ ماڭا تەسەللىي بېرىپ ھېرىپ قالدىمىكىن ،مەن بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان بۇلوپ قالغان ئىدى.
     ئۆيدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،كېسەللىك ئەھۋالىمنى ئۇلارغا  ئېيتمىدىم،ھەر قېتىم  ئۇلار بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشكەندە بوغۇزۇمنى ئاچچىق بىر يىغا قاپلايتتىيۇ ،بىراق سىرتقا چىقىرىشقا پېتىنىالمايتتىم،كېسەللىك غەم –ئەندىشىلىرى،يۇرتۇمنى ،ئۇرۇق –تۇققانلارنى سېغىنىش ھېسياتلىرى،مۇساپىرچىلىق دەردى .... بىلەن غېرىپىلق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە  ئانامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ  ھۇشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم،يىغلىدىم –قاخشىدىم، ماڭا  كۆيىنىدىغان،تەسەللىي بېرىدىغان ئەركىن بولۇپ قاپتىكەن،بولمىسا ئۆلۈپلا كېتەتتىمىكىن تاڭ ،ئانامنىڭ ئۆلىمى ماڭا بەك قاتتىق زەربە بولدى،كېسىلىم تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ،ئادەت توختىماي بەك قىينالدىم،خىيالىمنى ئۆلۈملا چۇلغىۋالغان ئىدى،بۇنداق كېتىۋەرسەم ساراڭ بولۇپ قالىدىغاندەك تۇراتتىم ،ئاخىرى بولماي ئەركىنگە ئاجرىشىپ ، يۇرتۇمغا قايتىپ كېتىش تەلىۋىمنى ئېيتتىم .ئۇ دەسلەپتە قوشۇلمىدى، كېيىن مېنىڭ كۈندىن –كۈنگە تۈگىشىپ كېتىۋاتقان تۇرقۇمغا قاراپ ئىچ ئاغرىتتىمۇ قانداق ماقۇل بولدى.
    ئەركىننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىشى بىلەن دۆلەتكە قايتىدىغان ئىشلارمۇ پۈتۈپ قالدى،ئىككىمىز قانۇنىي يوللار ئارقىلىق چىرايلىقچە ئاجراشتۇق،ئەركىن مېنىڭ قوشۇلمىغىنىمغا ئۇنىماي ئاچامغا  يېتەرلىك پۇل ئەۋەتىپ بېرىپ،مەن ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن بىر ئۆي ئېلىپ قويۇشۇمنى ئۆتۈندى،يۇرتىمىزدا ئۆي بۇ يەردىكىدىن ئۈچ -تۆت ھەسسە ئەرزان ئىدى.ئاچاممۇ ئەركىننىڭ بۇ پىكرىنى قوبۇل كۆردى،شۇنداق قىلىپ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم،ھازىر  مېنىڭ كېچە –كۈندۈز ئويلايدىغىنىم  ،اللاھ ئىگەم ئامانىتىنى ئېلىپ بولغۇچە يۇرتۇمغا تېزراق قايتىپ بارسام، ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىسام،ئۇرۇق- تۇققانلىرىم بىلەن باغرىم قانغۇچە كۆرۈشىۋالسام ،يۇرتۇم ھىدىغا قېنىۋالسام ، سىزدىن كەچۈرۈم سورىۋالسام،ئۆلۈپ كەتسەم ئۆلۈكۈم بۇ يات ئەلدە قالمىسا...... دېگەندىن ئىبارەت،مۇشۇ خىياللار ھەر مىنۇت يادىمدىن چىقماي مېنى قىينايدۇ،كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكىلىدۇ،مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟بۇ يىغىلىرىم ئانامنى داغۇ –ھەسرەتتە ،پەرزەنت پىراقىدا قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىم،  ۋەتەندىن،ئانا يۇرتۇمدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىم،سىزنى بىر ئۆمۈر نادامەتتە قالدۇرغانلىقىم ئۈچۈن  ئۈچۈن  ماڭا ھەق بولغان يىغا .
    بەلكىم سالامەتلىكىم يار بېرىپ،اللاھ نېسىپ قىلسا  ،بۇ خېتىم سىزگە يېتىپ بېرىپ بولغۇچە، مەنمۇ يۇرتقا بېرىپ بولارمەن،اللاھ خالىسا يۇرتۇمغا بېرىپلا ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ ،ئۇرۇق –تۇققانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىمەن،چۈنكى يۇرتتىكىلەرنىڭ ‹‹مۇختەرنى،ئانىسىنى...تاشلاپ چەئتەلگە چىقىپ كەتكەن خېنىمنىڭ ھالى شۇمۇ؟خوپ بوپتۇ ....››دەپ تاپا –تەنە قىلىشلىرىنى ئاڭلاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.
      سىزنىڭ ئەھۋىلىڭزنىمۇ ئىنىمدىن سوراپ تۇردۇم، كېيىن توي قىلغان ئايالىڭىز بىلەن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ،ھازىر بويتاق يۈرىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بەك ئەپسۇسلاندىم.سىزنىڭ يۇرتقا بارغاندا يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ ،تەتۈر قاراپ يۈرمەسلىكىڭىزنى،مېنىڭ كەچۈرۈمنامەمنى،توۋىلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى،ئاغزىڭىزدىن  بىر ئېغىز بولسىمۇ ‹‹كەچۈردۈم››دېگەن سۆزنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىن ئالا بۇ خەتنى يېزىپ ئەۋەتتىم ،خېتىمنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەگەر يۇرتقا بارغىنىمدا ، ئالدىڭىزدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كەچۈرۋەتسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
    ھەر ۋاق نامىزىمدا چىن ئىخلاسىم اللاھتىن گۇناھلىرىمنى تىلەپ بىلەن توۋا قىلىۋاتىمەن،سىزنىڭ ‹‹مۇشۇ قىلغانلىرىڭىزنىڭ جازاسىنى تارتىپ قالىسىز››دېگەن گېپىڭىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ،راست،ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىق ئىشلىرى بىلەن ساۋاپلىق ئىشلىرى ئۆزى بىلەن بىللە ماڭىدىكەن،گۇناھى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى تارتماي قالمايدىكەن،ئويلاپ باقسام  دۇچار بولغان ساقايماس بالىياتقۇ راكى  كېسىلى مەن جېنىغا زامىن بولغان،سىزنىڭ پۇشتىڭىزدىن تۆرەلگەن  ،يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىككى نارسىدە بالىمىزنىڭ قىساسى ئىكەن ،بۇ كېسەلمۇ ئاللاھنىڭ  ماڭا بەرگەن جازاسى،بۇنى تارتماي نە ئىلاجىم بولسۇن؟
    خېتىم بەك ئۇزىراپ كەتتى،ئاخىرىدا ئۆتىنىدىغىنىم خېتىمدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك،سىزنىڭ  يۇرت قوينىدا مەندەك ئۆز يۇرتىدىن يۈز ئۆرۈپ تانغان،ئۆلۈم ئالدىدا ئەقلىنى تاپقان نادان ئايالغا ئىللىق چىراي ئېچىپ ،مېنى كەچۈرۈگەن چىرايىڭىزنى كۆرۈش.
    خەير ،كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ.
     اللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇچى ئايال گۈلزىبادىن››
     خەتنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىنى ئوقۇۋاتقان چىرايىدىن نەچچە تۈرلۈك ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈنۈپ تۇرغان مۇختەر مۇئەللىمنىىڭ خەت ئاخىرلاشقانسېرى قوللىرى تىترەپ،كۆز چاناقلىرىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قۇيۇلغان بۇ ياشلار ئۆزنى نامرات كۆرۈپ  تاشلىۋېتىپ يىراققا كەتكەن  ۋاپاسىز ئايال گۈلزىباغا پۇلغان نەپرەت يېشىمۇ ياكى ئىچ ئاغرىتىش يېشىمۇ ۋە ياكى سېغىنىش يېشىمۇ بۇ بىر ئۆزىگىلا مەلۇملۇق ئىدى.


يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 20:28:19

داۋامى يوللاندى


بۇ جايدا داۋالىنىش خىراجىتى بەك ئېغىر ئىكەن،ھۆكۈمەت قۇتقۇزىدىغان  داۋالاش ئوبىكىتلىرى مۇشۇ يەرلىك نوپۇستىكى كىشىلەر بولۇپ،بىزگە ئوخشاش بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسىغا كىرمىگەنلەر ئۆز خىراجىتىمىز ئارقىلىق داۋالىنىدىكەنمىز.دوختۇرخانىدا يىگىرمە كۈنگە يېقىن داۋالاندىم،بۇ جەرياندا ئەركىن شىركەتتىن رۇخسەت سوراپ ھالدىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى،ئۇنىڭ كۆيۈنۈشلىرىگە قاراپ ،ئۆتكەنلەردە ئۇ توغرۇلۇق ئويلىغان بولمىغۇر خىياللىرىمدىن خىجىل بولدۇم.دوختۇرخانىدا يېتىۋەرسەم پۇل دېگەن سۇدەك كېتەتتى،بىزگە‹‹پۇل دېگەن تېپىلىدۇ ئادەم تېپىلمايدۇ، مانى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ ››دەيدىغان بىرەر قېرىندىشىمىز بارمىدى بۇ يەردە،يەنە بىر تەرەپتىن بۇ داۋالىنشلاردىن ئۈمىدمۇ كۈتۈپ كەتمەيتتىم،شۇڭا ئەركىننىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتىم،كۆڭلۈم خوش بولغان يېرى بىزگە ئۆيىنى ئىجارىگە بەرگەن بوۋاي –موماي نورۋېكلار ۋە شىجاڭلىق قېرىنداشلىرىمىز مېنى دوختۇرخانىغا يوقلاپ كەپتۇ،بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.
      ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كاللامدىن چىقمايدىغىنى ‹‹ ئانامنىڭ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي،مۇساپىرچىلىق ئىچىدە   مۇشۇ يات يەردە ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟››دېگەن ئوي بولدى،ئولتۇرسام –قوپسام ئانامنى،ئاچامنى، ئىنىمنى ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمنى ،كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمنى تېخىمۇ بەك سېغىنىشقا،ياد ئېتىشكە باشلىدىم،روھىم چۈشۈپ بەكلا جىمغۇرلىشىپ كەتكەن ئىدىم .ئەركىنمۇ ماڭا تەسەللىي بېرىپ ھېرىپ قالدىمىكىن ،مەن بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان بۇلوپ قالغان ئىدى.
     ئۆيدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،كېسەللىك ئەھۋالىمنى ئۇلارغا  ئېيتمىدىم،ھەر قېتىم  ئۇلار بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشكەندە بوغۇزۇمنى ئاچچىق بىر يىغا قاپلايتتىيۇ ،بىراق سىرتقا چىقىرىشقا پېتىنىالمايتتىم،كېسەللىك غەم –ئەندىشىلىرى،يۇرتۇمنى ،ئۇرۇق –تۇققانلارنى سېغىنىش ھېسياتلىرى،مۇساپىرچىلىق دەردى .... بىلەن غېرىپىلق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كۈنلەردە  ئانامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ  ھۇشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم،يىغلىدىم –قاخشىدىم، ماڭا  كۆيىنىدىغان،تەسەللىي بېرىدىغان ئەركىن بولۇپ قاپتىكەن،بولمىسا ئۆلۈپلا كېتەتتىمىكىن تاڭ ،ئانامنىڭ ئۆلىمى ماڭا بەك قاتتىق زەربە بولدى،كېسىلىم تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ،ئادەت توختىماي بەك قىينالدىم،خىيالىمنى ئۆلۈملا چۇلغىۋالغان ئىدى،بۇنداق كېتىۋەرسەم ساراڭ بولۇپ قالىدىغاندەك تۇراتتىم ،ئاخىرى بولماي ئەركىنگە ئاجرىشىپ ، يۇرتۇمغا قايتىپ كېتىش تەلىۋىمنى ئېيتتىم .ئۇ دەسلەپتە قوشۇلمىدى، كېيىن مېنىڭ كۈندىن –كۈنگە تۈگىشىپ كېتىۋاتقان تۇرقۇمغا قاراپ ئىچ ئاغرىتتىمۇ قانداق ماقۇل بولدى.
    ئەركىننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىشى بىلەن دۆلەتكە قايتىدىغان ئىشلارمۇ پۈتۈپ قالدى،ئىككىمىز قانۇنىي يوللار ئارقىلىق چىرايلىقچە ئاجراشتۇق،ئەركىن مېنىڭ قوشۇلمىغىنىمغا ئۇنىماي ئاچامغا  يېتەرلىك پۇل ئەۋەتىپ بېرىپ،مەن ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن بىر ئۆي ئېلىپ قويۇشۇمنى ئۆتۈندى،يۇرتىمىزدا ئۆي بۇ يەردىكىدىن ئۈچ -تۆت ھەسسە ئەرزان ئىدى.ئاچاممۇ ئەركىننىڭ بۇ پىكرىنى قوبۇل كۆردى،شۇنداق قىلىپ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم،ھازىر  مېنىڭ كېچە –كۈندۈز ئويلايدىغىنىم  ،اللاھ ئىگەم ئامانىتىنى ئېلىپ بولغۇچە يۇرتۇمغا تېزراق قايتىپ بارسام، ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىسام،ئۇرۇق- تۇققانلىرىم بىلەن باغرىم قانغۇچە كۆرۈشىۋالسام ،يۇرتۇم ھىدىغا قېنىۋالسام ، سىزدىن كەچۈرۈم سورىۋالسام،ئۆلۈپ كەتسەم ئۆلۈكۈم بۇ يات ئەلدە قالمىسا...... دېگەندىن ئىبارەت،مۇشۇ خىياللار ھەر مىنۇت يادىمدىن چىقماي مېنى قىينايدۇ،كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكىلىدۇ،مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن؟بۇ يىغىلىرىم ئانامنى داغۇ –ھەسرەتتە ،پەرزەنت پىراقىدا قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىم،  ۋەتەندىن،ئانا يۇرتۇمدىن يۈز ئۆرىگەنلىكىم،سىزنى بىر ئۆمۈر نادامەتتە قالدۇرغانلىقىم ئۈچۈن  ئۈچۈن  ماڭا ھەق بولغان يىغا .
    بەلكىم سالامەتلىكىم يار بېرىپ،اللاھ نېسىپ قىلسا  ،بۇ خېتىم سىزگە يېتىپ بېرىپ بولغۇچە، مەنمۇ يۇرتقا بېرىپ بولارمەن،اللاھ خالىسا يۇرتۇمغا بېرىپلا ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ ،ئۇرۇق –تۇققانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بولۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىمەن،چۈنكى يۇرتتىكىلەرنىڭ ‹‹مۇختەرنى،ئانىسىنى...تاشلاپ چەئتەلگە چىقىپ كەتكەن خېنىمنىڭ ھالى شۇمۇ؟خوپ بوپتۇ ....››دەپ تاپا –تەنە قىلىشلىرىنى ئاڭلاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.
      سىزنىڭ ئەھۋىلىڭزنىمۇ ئىنىمدىن سوراپ تۇردۇم، كېيىن توي قىلغان ئايالىڭىز بىلەن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ،ھازىر بويتاق يۈرىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بەك ئەپسۇسلاندىم.سىزنىڭ يۇرتقا بارغاندا يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ ،تەتۈر قاراپ يۈرمەسلىكىڭىزنى،مېنىڭ كەچۈرۈمنامەمنى،توۋىلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىشىڭىزنى،ئاغزىڭىزدىن  بىر ئېغىز بولسىمۇ ‹‹كەچۈردۈم››دېگەن سۆزنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىپ ئالدىن ئالا بۇ خەتنى يېزىپ ئەۋەتتىم ،خېتىمنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەگەر يۇرتقا بارغىنىمدا ، ئالدىڭىزدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى كەچۈرۋەتسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
    ھەر ۋاق نامىزىمدا چىن ئىخلاسىم اللاھتىن گۇناھلىرىمنى تىلەپ بىلەن توۋا قىلىۋاتىمەن،سىزنىڭ ‹‹مۇشۇ قىلغانلىرىڭىزنىڭ جازاسىنى تارتىپ قالىسىز››دېگەن گېپىڭىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ،راست،ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىق ئىشلىرى بىلەن ساۋاپلىق ئىشلىرى ئۆزى بىلەن بىللە ماڭىدىكەن،گۇناھى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى تارتماي قالمايدىكەن،ئويلاپ باقسام  دۇچار بولغان ساقايماس بالىياتقۇ راكى  كېسىلى مەن جېنىغا زامىن بولغان،سىزنىڭ پۇشتىڭىزدىن تۆرەلگەن  ،يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىككى نارسىدە بالىمىزنىڭ قىساسى ئىكەن ،بۇ كېسەلمۇ ئاللاھنىڭ  ماڭا بەرگەن جازاسى،بۇنى تارتماي نە ئىلاجىم بولسۇن؟
    خېتىم بەك ئۇزىراپ كەتتى،ئاخىرىدا ئۆتىنىدىغىنىم خېتىمدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك،سىزنىڭ  يۇرت قوينىدا مەندەك ئۆز يۇرتىدىن يۈز ئۆرۈپ تانغان،ئۆلۈم ئالدىدا ئەقلىنى تاپقان نادان ئايالغا ئىللىق چىراي ئېچىپ ،مېنى كەچۈرۈگەن چىرايىڭىزنى كۆرۈش.
    خەير ،كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ.
     اللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇچى ئايال گۈلزىبادىن››
     خەتنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىنى ئوقۇۋاتقان چىرايىدىن نەچچە تۈرلۈك ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈنۈپ تۇرغان مۇختەر مۇئەللىمنىىڭ خەت ئاخىرلاشقانسېرى قوللىرى تىترەپ،كۆز چاناقلىرىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قۇيۇلغان بۇ ياشلار ئۆزنى نامرات كۆرۈپ  تاشلىۋېتىپ يىراققا كەتكەن  ۋاپاسىز ئايال گۈلزىباغا پۇلغان نەپرەت يېشىمۇ ياكى ئىچ ئاغرىتىش يېشىمۇ ۋە ياكى سېغىنىش يېشىمۇ بۇ بىر ئۆزىگىلا مەلۇملۇق ئىدى.



تۈگىدى
بەت: [1]
: يىراق قىرلاردىن كەلگەن سالام