azheri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 15:30:59

ئەزھەرى: ئىسلام ۋە مەدەنىيەت (1)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-1 17:09

ئىسلام ۋە ھەزارەت
(1)
ئىسلام دىنى قانداق دىن؟
ئىسلام تەۋھىد دىنى، ئاللاھنى ھەر جەھەتتىن يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان دىن، ئىسلامنىڭ جەۋھىرى تەۋھىد.
ئىسلام شەرىئىتى: پەيغەمبەرلەر شەرىئەتلىرى تىزىقىدىكى ئاخىرقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە. ئىسلام شەرىئىتى ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ ساپلىقىنى تەستىقلاپ، ئۆزگىرىپ كەتكەن ئورۇنلىرىنى تۈزىتىپ، زامان ۋە ماكان ئۆزگىرىشىگە يېڭىلىق قوشۇپ كەلدى. شۇنداقلا ئىسلام شەرىئىتى يەرلىكتىن خەلقئارالىق، ۋاقىتلىقتىن مەڭگۈلۈك، پەقەتلا دىنى دەۋەتتىن دىن، دۆلەت، ئۈممەت، ھەزارەت ۋە جەمئىيەتكە يۆتكىلىپ ئىلاھى قانۇن ئېلىپ كەلدى. بۇ شەرىئەت دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، شەخسى بىلەن جەمئىيەتنى ۋە ئۆزلۈك بىلەن باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلدى:«بىز سېنى بارلىق ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا،107-ئايەت). «ئۇ(قۇرئان) بارلىق ئالەم ئۈچۈن باياندۇر» (يۈسۈپ، 104-ئايەت).
مىلادىيە 622-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەر دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا: «يەھۇدىلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىر ئۈممەت، يەھۇدىلارنىڭ دىنى ئۆزىگە ھېساب، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىمۇ ئۆزىگە ھېساب. مۇشۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغان قايسى بىر يەھۇدى بىزگە ئەگەشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىنىدۇ، ئۇلار ھەرگىز زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ زىيىنىغا باشقىلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ. مۇشۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ قايسى بىرى ئۇرۇش ھالىتىگە يولۇقسا، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىنىدۇ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق، نەسىھەت ۋە ياخشىلىق قىلىشقا بولىدۇ، گۇناھ سادىر قىلىشقا بولمايدۇ»دېيىلگەن.
ئىسلام دۆلىتىنىڭ سىرتقى ئالاقىسى باشلانغان مىلادىيە 628-يىلى خرسىتىيانلار بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقاندا، «ھاتەب ئىبنى بەلتە»دېگەن ساھابە مىسىردىكى قىبتىلارنىڭ داھىيسى «مۇقەۋقىس» غا قىلغان خىتابىدا ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى شەرىئەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى بەلگىلەپ:«سېنىڭ دىنىڭ بار، سەن بۇ دىننى ئۇنىڭدىن ياخشىسى بولمىسا تاشلىمايسەن، ئىسلام دىنى سەن ئۈچۈن ياخشى، ئاللاھ ھېمايە قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان دىن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىشارەت بېرىشى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىشارەت بېرىشىگەئوخشاش، بىزنىڭ سېنى قۇرئانغا دەۋەت قىلىشىمىز، سېنىڭ يەھۇدىلارنى ئىنجىلغا دەۋەت قىلغىنىڭغا ئوخشايدۇ. بىز سېنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن توسمايمىز» دېگەن.(د.مۇھەممەد ھۇمەيدۇللاھ ھەيدەرنىڭ:«رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىكى سىياسى ھۆججەتلەر توپلىمى»، 111- بەت).
رەسۇلۇللاھ مىلادىيە 631-يىلى«نەجران»خرسىتىيانلىرى ئۈمەكلىرىنى مەسچىت نەبەۋىدە كۈتۈۋالغاندا، ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ خرىستىئانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئىسلام دۆلىتى ۋە بىر ئۈممەت سايىسىدىكى تولۇق«ۋەتەنداشلىق» ئالاقىسى ئىكەنلىكىگە قانۇن بېكىتىپ بەرگەن. ئىسلام شۇ تارىختىن باشلاپ-ئۇلارنىڭ ئەقىدە ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قىلچە چېقىلماستىن-ئىسلام ئەقىدىسى ئاساسىدا تولۇق ۋەتەنداشلىق ھوقۇقلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن.
***
ئىسلام توغرا دىن ۋە كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان دىن. ئىسلام ئادالەت ۋە توغرا يولنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ئۈممەتنىڭ دىنى. ئىسلام شەرىئىتىدىكى قىممەت-قاراش ۋە ئەخلاق دائىرىسى قانۇن مەنبەسىدۇر، ۋە بۇ قانۇننىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇش ئۆلچىمىدۇر.
ئىسلام دىنى ئېنىق روشەن دەلىل ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن، روشەن دەلىل دېگەن سۆز قۇرئان كىرىمدە 357 ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان:«ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)،ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» (ئەنفال 42- ئايەت).
ئىسلام دىنى ھۆججەت ۋە پاكىت ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن. ئىسلام ئەقىدە ۋە ھەقىقەتلىرىگە پاكىت تۇرغۇزىدىغان، باشقىلارنىمۇ كۆز قاراش ۋە تەسەۋۋۇرلىرىغا ھۆججەت تۇرغۇزۇشقا چاقىرىدىغان دىن:«ئى ئىنسانلار!سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن(شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت)ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى(يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق»(نىسا سۈرىسى، 174 -ئايەت). «ئۇلار:«يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم(يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ»دېيىشتى. بۇ, ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار،دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن» (بەقەرە سۈرىسى، 111- ئايەت).
ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەت دىنى:«سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇمات ۋە بىلىمگە ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن» (ئال ئىمران، 61-ئايەت).
ئىسلام دىنىدا بىلىم مەرىپەتلىك كىشىلەر ئاللاھ بىلەن پەرىشتىلەر بىلەن ۋە ئادىل ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولىدۇ:«ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق)يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى»(ئال ئىمران، 18-ئايەت)
كائىناتتىكى ئىلاھى قۇدرەت ۋە ئىجادىيەتنى كەشىپ قىلغان ئالىملار ئاللاھدىن بەك قورقۇيدىغانلاردۇر:«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ»(پاتىر 28- ئايەت).
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى بىر نەرسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولسا بىلىم مەرىپەت ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىدۇ:«ئەگەر راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ(بىلىم ئاساسىدا) ئېيتىپ بېرىڭلار!». (ئەنئام 143-ئايەت). «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار» (ئەنئام، 148- ئايەت). «بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار» (ئەھقاف، 4- ئايەت).
ئىسلام نۇر ۋە نۇرلىنىشتۇر، قۇرئان نۇردۇر:«ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ)يورۇقلىقىغا چىقىرىدۇ» (بەقەر، 257- ئايەت). ھېكمەتمۇ نۇر، رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ ھېكمەت نۇرى بىلەن قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدۇ»دېگەن (ئىمام مالىك بايان قىلغان). ئىسلام پەيغەمبىرىمۇ نۇر:«سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب(يەنى قۇرئان) كەلدى»(مائىدە 15- ئايەت).

(2)
ئىسلام ئادالىتى
ئاللاھ ھەر قانداق ئىشتا ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ:«ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش - ئەقرىبالارغا سىلە -رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز-ھەرىكەتلەر)دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىدۇ»(نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت). چۈنكى ئادالەت زۇلۇمنىڭ قارمۇ-قارشىسى، ئاللاھ زۇلۇمنى ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ھارام قىلغان: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ» (يۈنۈس، 44-ئايەت).
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادالەت ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ھەزارىتىدە جارى بولۇۋاتقان روھتىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگىمۇ زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلغان يەردە، باشقىلارغا زۇلۇمقىلىشنىمۇ ھارام قىلىشى ئېنىقلا گەپ.
ئىسلام ھەر قانداق مۇئامىلە ۋە ئالاقىدە ئادىل ئىش قىلىشنى پەرز قىلدى: «بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار(ئۇلارغا)ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغا)ئادىل بولۇڭلار، بۇ(يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار)تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر» (مائىدە، 8-ئايەت).
ئىسلام باشقىلار بىلەن ئادىل ئىش قىلىش پەرزىنى ئاللاھنىڭ ئۆزگىرىپ قالمايدىغان كائىنات قانۇنىيىتى ئاساسىدا پەرز قىلدى. بىرلىك ۋە يەككە-يېگانىلىق ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس سۈپەت. ئىنسان، ئىدىيە، شەرىئەت، مىللەت، مېتود، مەدەنىيەت، ھەزارەت، تىل، تۈر، رەڭ، خەلق، ئۆسۈملۈك، ھايۋان ۋە جانسىز نەرسىلەردىن تارتىپ تۈرلۈك ۋە خىلمۇ-خىل بولۇش مەخلۇقلار دۇنياسىدىكى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى. ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان تونۇشۇش تۈرلۈك بولۇشتىكى يۇقىرى مەقسەتتۇر:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت )بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اللە ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر»(سۈرە ھوجۇرات، 13- ئايەت).
ئىسلام دىنى ئاسماننىڭ ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئارقىلىق ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەن پەيغەمبەر، كىتابلار ۋە شەرىئەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماستىن، ساماۋى شەرىئەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولىشى ئاللاھنىڭ بىر دىنى ئىچىدىكى پەرقلىق بولۇش دەپ قارار قىلغاندا،«باشقىلار»نى «ئۆزى»نىڭ بىر قىسمى دەپ بەلگىلىگەن. ئاللاھ بەلگىلىگەن دىن بىر، شەرىئەت ئوخشىمايدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قېرىنداش، شەرىئەتلىرى تۈرلۈك، دىنى بىر.
مۇشۇ ھەقىقەت سەۋەبىدىن ئىسلام ئادالىتى دائىم «باشقىلار»غا تەۋە تۈرلۈك ئېقىم، مەزھەپ ۋە تائىپىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ قاراپ، ئومۇملاشتۇرۇشتا زۇلۇم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنى بىر چالمىدا ھەيدىمەيدۇ ۋە بىر سېۋەتكە سالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى كىتاب توغرىلىق توختالغاندا «ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى» ۋە«ئۇلاردىن بىر بۆلىكى»دېگەن سۆزنى ئىستىمال قىلغان: «ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس»(ئال ئىمران، 113-ئايەت). «ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت(يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر(يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچە)ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر»(بەقەر سۈرىسى، 109- ئايەت). ئۇلار بىردەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نەزىردىكى جازاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
مۇسۇلمانلار باشقا ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورتاق تەۋھىد سۆزگە چاقىرىدۇ:«ئى ئەھلى كىتاب!(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر- بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە(يەنى بىر خىل ئەقىدىگە)ئەمەل قىلايلى»دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا):«(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار»(ئال ئىمران سۈرىسى، 64-ئايەت). ئورتاق سۆز: تەۋھىد، غەيبكە ئىشىنىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ ئاساسىدۇر.
مۇشۇ ئىسلام ئادالىتى سەۋەبىدىن قۇرئان كەرىم ئەھل كىتابلاردىكى «بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە» ئومۇمى بىردەك ھۆكۈم چىقارمىدى. دېمەك، ئىسلام باشقا ئېقىمدىكىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ئادالەتتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
(3)
ئىسلامنىڭ كەڭ قورساقلىقى
ئىسلامدىكى ئىمان ئېيتىش كەسكىن ئىشەنچ دەرىجىسىگە يەتكەن قەلبى تەستىقلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، مەجبۇرلاش ئاساسىدا بۇ خىل ئىشەنچىگە يېتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭئۈچۈن قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا كەسكىن پرىنسىپال قائىدە بېكىتىپ:«دىندا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ، ھەقىقەت بىلەن ئازغۇنلۇق ھەممەيلەنگە ئېنىق ئايرىلدى»دېگەن( بەقەر سۈرىسى، 256- ئايەت).
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنىڭ قەلبكە كېرىش يولى ھېكمەت ۋە چىرايلىق ئۇسۇلدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش دەپ قارالدى. كىم ئىمان كەلتۈرسە مۇسۇلمان دەپ قارىلىدۇ، كىم يۈز ئۆرۈسە يەنى ئىمان ئېيتمىسا:«سىلەرنىڭمۇ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، بىزنىڭ دىنىمىزمۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن»(كاپىرۇن سۈرىسى، 6- ئايەت)، «ھەقىقەت پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلدى، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن»(كەھف سۈرىسى، 29- ئايەت) دەپ كۆرسەتمە بەلگىلەندى، كاپىر بولغان ئادەمنىڭ ھېساۋاتىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بىراق دۇنيا ھاياتىدا، ئىسلام دىيارىدا ۋەتەنداش بولۇپ ياشايدىكەن، «مۇسۇلمانلارغا نېمە مەنپەئەت كەلسە تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، مۇسۇلمانلارغا قانداق زىيان كەلسە تەڭ كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ».
مۇشۇ ھەقىقەت بىلەن ئىسلام دىنى تىنىچ ئۇسۇل بىلەن تارقالدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىسلام ئەللىرى تىنىچ تەشۋىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا كىردى. ئىسلامدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ مەقسىتى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى ۋە مۇسۇلمانلار ياشايدىغان ۋەتەن ئەركىنلىكىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن بولغان ئۇرۇشلاردىن ئىبارەت. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشىدىن ئىبارەت:«(ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسچىتلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر» (ھەج سۈرىسى، 39، 40- ئايەت)
«(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» مۇمتەھىنە سۈرىسى، 7،9- ئايەت).
ئىسلام دىنىدا باشقىلارنى دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن «دىنى ئۇرۇش» دەيدىغان ئۇرۇش مەۋجۇد ئەمەس. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە 10يىل ئىچىدە كاپىر ۋە مۇسۇلمانلاردىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 386ئادەم، مۇسۇلمانلاردىن 183 ئادەم شېھىت بولغان، كاپىرلادىن 203 ئادەم ئۆلگەن.
خرىستىيان دىنى ئىچىدىكى كاتولىك بىلەن بىرۇستانت مەزھىپى ئارىسىدا يۈز بەرگەن «دىنى ئۇرۇش»تا قوربان بولغانلارنىڭ سانى فرانسىيلىك «ۋولتېر» Voltarire (1694-1778م)نىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسەن 10 مىليونغا يەتكەن. يەنى ئوتتۇرا ياۋرۇپا خەلقىنىڭ 40% ئىككى ئەسىر داۋاملاشقان دىنى ئۇرۇشتا ھالاك بولغان.
ھىجرىيە بىرىنچى ئەسىر ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىسلام دىنىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى شەرقنى سىياسىي، ھەزارەت، دىنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بوزەك قىلغان رىم ۋە پارىس ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكە كۈچلىرىگە قارىشى ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردىن ئىبارەت. ئىسلام دىنىدا دىنغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئەمەس.
ئىسلام قوشۇنى بىلەن ئازات بولغان ئەللەر قوشۇنى ئارىلىقىدا بىرەر قېتىممۇ ئۇرۇش يۈزبېرىپ باقمىدى، بەلكى ئازات قىلىنغان ئەللەر قوشۇنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دىنىدا كاپىر تورۇقلۇق ئىسلام ئازادلىق قوشۇنى بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتناشقان.چۈنكى ئۇلار ئىسلام قوشۇنى بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنلىرىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش، ۋىجدانى ۋە ئەقىدىسىنى دىنى ۋە ھەزارەت جەھەتتىن بوزەك قىلىشتىن ئازات قىلىش دەپ قارىغان، بەلكى رىم مۇستەبىت كۈچلىرىگە ئىلاھى جازا ۋە ئۆزلىرىگە قارىتا مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىلاھى قۇتقۇزۇش دەپ قارىغان.
مىسىرغا كىرگەن ئىسلام ئازادلىق قوشۇنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مسىىرلىق خرىستىيان پاپاسى«يۇھەننا نىيقۇسى» بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن:«ھەقىقەتنى قوغداپ، ئالەمنى تاشلاپ قويمىغان ۋە زالىملارغا رەھىم قىلمىغان ئاللاھ، ئەرەب مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق مۇستەبىت كۈچلەرگە رەددىيە بەردى، ئاندىن مۇسۇلمانلارمىسىرنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئۇلاردىن ئازات قىلدى. ھىرەقل (610-641م) مىسىردىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن غەمگە چۆمۈپ، كېسەل بولۇپ ھالاك بولدى.. مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئۆمەر بىن ئاس ھەر كۈنى كۈچىيىشكە باشلىدى، بەلگىلىگەن باجنى ئالاتتى، لېكىن چېركاۋنىڭ مال مۈلكىدىن بىرەر نەرسىنى ئالمىدى، بۇلاڭ- تالاڭ قىلمىدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە چېركاۋلارنى قوغداپ بەردى» (د.ئۆمەر سابىر جىلىل: مىسىر تارىخى، 201- بەت).
شۇنداقلا پوپ «مىخائىل سىريانى»نىمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېگەن: «رىم ئېمپېراتۇرلىقى چېركاۋلىرىمىزنىڭ ئاشكارا پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى، چېركاۋنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان مال-مۈلۈكلىرى توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ قويمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار رىملىقلاردىن ئىنتىقام ئالدى. رىملىقلار چېركاۋلىرىمىزنى رەھىمسىزلەرچە بۇلىغان ئىدى، بىزگە تۆھمەت قىلىپ تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيدۈرگەن ئىدى. جەنۇب تەرەپتىن ئەرەب مۇسۇلمانلار بىزنى رىم ئىمپېرىيىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلدى، ئەرەب مۇسۇلمانلار بىزنىڭ ئەقىدە ئەركىنلىكىمىزنى بەردى، بىز تىنىچ ئامان ياشىدۇق» (د.سەبرى سەلىم: بىزانتىن دەۋرىدىكى مىسىر تارىخى، 62- بەت).

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى
مىسىر، قاھىرە.
2014.10.1 كۈنى.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:52:30

سافادا جىم ئولتۇراي :lol

HAliS98 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 21:05:33

ئۇستازغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئۇستاز بۇلسا ئۆزلىرنىڭ تەرجىمھالى بىلەن بىر تۇنۇشقۇم بار ئىدى. مىنڭچە باشقا دوسلارنىڭمۇ تۇنۇشقىسى بار.
بەت: [1]
: ئەزھەرى: ئىسلام ۋە مەدەنىيەت (1)