irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 10:15:39

Windows 10 ئېلان قىلىندى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.

Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.

پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.

Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.







(بىر مەھسۇلات ئائىلىسى، ئوخشاش سۇپا، ئوخشاش دۇكان)


قارىغاندا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن ئوخشايدۇ.



قايتۇرۇپ كېلىنگەن باشلاش تىزىملىكى

قاراڭ بۇ يەرگە، باشلاش تىزىملىكىدىمۇ جانلىق تىزملار بار



(بۇ ئېكراندىكى ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق)

كارخانا قىممىتى

تونۇشلۇق، ماسلىشىشچان، ئۈنۈمدار

زامانىۋى باشقۇرۇش

ئىختىيارىلاشقان دۇكان

كارخانا مەلۇماتلىرىنى قوغداش

مەنبە: ئالىم ئەھەت تور خاتىرسى
http://www.alimahat.com/?p=3983

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 10:29:32

windows9 چىقىپ بولغانما{:207:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 10:32:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 10:33  

微软官方证实将会于2014年9月30日在旧金山召开Windows 9发布会
..................
بۇرۇن 9 چىقىدۇ دەپ  ئىلان قىلغان ،  نۇ نىمە ئىش

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 10:35:51

ۋىندوۋس 9نى ساقلاپ ئولتۇرساق 10نى ئېلان قىلىپتۇ. ئەسلى نۇسخىدىكى ۋىندوۋس 8مەشخۇلات سېستىمىسى ئالغانلار ھەقسىز نەشىر كۆتىرىشكە مۇيەسسەر بۇلالامۇ ؟

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 10:38:08

ئۇف......:funk:مەن تېخى ئۈسكىنىلىرمنى windows7گە نورمال ماسلاشتۇرالمايۋاتسام windows10 چىقىپ بوپتىغۇ... مەن بەك ئارقىدا قالدىممۇ قانداق؟ ئىشلىتىدىغان ئۈسكىنىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن سېتىمىغا ماسلاشتۇرماق بەك ئاۋارچىلىق ئىكەن....

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 11:00:46

:lol ئالە شەھېرىڭنى !!  ماۋۇ  مېكرو سوفت مەھسۇلاتلىرى سىنىپ ئاتلاپ ئۆرلىگىلى تۇردىغۇ ئەمدى:funk:

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 11:33:05

دەۋر بىلەن تەڭ ماڭماق ئوڭاي ئەمەسكەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 12:11:00

بۇنىمۇ پۇلغا ئالامدۇق يا ھەقسىزلا كۆتىرەمدۇق؟
8.1گە ماسلىشىپ قالغانتىم {:112:}

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 12:26:28

مەن 8 نى ئېلەپ كۈنەلمەي 7 گە قايتىۋالغان ئەمدى بۇنى 10 غا يېڭىلىغىلى بۇلارمۇ

Erajan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 12:44:41

8.1نى ئۇيغۇرچە قىلىۋىلىپ ھۇزۇر ئىشلىتىۋاتقان، ئەمدى 10 چىقىپتۇ..بۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە بولارمۇ ياكى تىل بولىقى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە ئىشلىتەرمىزمۇ؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:34:42

ئامرىكىدا 8نىڭ كەينىدىن 9كەلمەمدىغاندۇ ؟  

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:40:57

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:53:06

IOS يىتىشىۋالمىسۇن دىگەن گەپ:lol

IOS بولسا 2007 يىلى دۇنياغا كەلگەن، بۇيىل IOS 8 بولدى

Windows بولسا 1985 -يىلى دۇنياغا كەلگەن بۇ يىل Windows  9 بولماقچىدى{:101:}

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 15:00:16

ما كارامەتنى. چوڭ سەكرەش بوپتۇغۇ؟!

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 15:54:07

دەۋىر بىلەن  تەڭ قەدەمدە ماڭماق ھەقىقەتەن تەس بولدىغۇ.:o

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 16:13:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 16:27  

Windows100 ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 17:01:58

يوۋ……!ھەجەپ كەينىدە قاپتىمەنيا? ھېلىھەم گوس ئېكىسپى ئىشلىتىۋاتىمەن 2008 نەشىردىكى،شۇنىڭغا ئەجايىپ كۆنەپ قاپتىمە……
:lol:lol:lol:lol
ۋىندوۋس سەككىز س دېسكىنىڭ بوشلۇقىنى چوڭ تەلەپ قىلار ئىدى،ماۋۇ ئونمۇ شۇنداقمىدۇ يا؟

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 17:59:34

ئىپادىسى ياخشى بولسا سىنىپ ئاتلايدىغان ئىش ئامرىكىدىمۇ بار ئوخشايدۇ .

Mouse يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:27:11

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 12:11 static/image/common/back.gif
بۇنىمۇ پۇلغا ئالامدۇق يا ھەقسىزلا كۆتىرەمدۇق؟
8.1گە ماس ...

بۇرۇن ھەقلىق ئالغان بولسىڭىز كېلەر يىلى رەسمىي نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندا ھەقسىز يېڭى نەشىرىگە كۆتۈرەلەيسىز.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 18:47:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 18:59  

ئوز ۋاختىدا تەشۋىقاتنىڭ كۇچى بىلەن ئۇيغۇر يېزىغنى قوغداش ئۇچۇن ھەسسسە قوشىمەن دەپ  ۋىندوۋس 8دىن بىرنى سېتىۋالغان بىراق قاچىلاشنى بىلمىگەچكە مۇشۇ چاققىچە ئۇخلاپ ياتىدۇ. يا بىرەسى كەپ ئۇيغۇر يېزىغى ئۇچۇن ھەسسە قوشقانتىڭ مەن قاچىلاپ بېرەي دىمىدى .مەنمۇ نەدە ھەقلىق قاچىلايدۇ سۇرۇشتى قىپباقمىدىم. ۋىندوۋس 8 نى ئىشلىتىپ باققانلا مەسلەھەت بىرىڭلاچۇ نەدە قاچىلايدۇ ،كومپىيوتۇرۇم 2جى ۋىندوۋىس 8 نى قاچىلىسام مۇۋاپىق بولامدۇ ،ۋىندوۋس 8 نى قاچىلىسام ئىشلىتىشكە قولايلىقمۇ ...ياخشىراق مەھلەھەت بەسەڭلا ئوزەم ئىشلىتىپ قالاي بولمىسا قۇراشتۇرۇشنى ،ئىشلىتىشنى بىلدىغانلا بىلسەڭلا گەپقىلىڭا ئۇيغۇر ئۇچۇن يەنەبىر ياخشى ئىش قىلىپ ۋىن 8 كىزنى بىرىپلاۋېتەي:lol:lol:lol
بەت: [1] 2
: Windows 10 ئېلان قىلىندى