jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 21:23:45

مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بىر قانچە كىچىك ئالاھىدىلىكى

مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بىر قانچە كىچىك ئالاھىدىلىكى


1. مودېرنىزم ئەدەبىياتىدا ياتلىشىش تىمىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ياتلىشىش تىمىسى تۈۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ


1.        تەبىئەت بىلەن شەخىس ئوتتۇرسىدىكى ياتىلىشىش.
2.        جەمىيئەت بىلەن شەخىس ئوتتورىسىكى ياتلىشىش.
3.        شەخس بىلەن شەخىس ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىش.
4.        شەخىس بىلەن ئۆزى ئوتتورسىدىكى ياتلىشش.

2. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئىچكى تۇرمۇش ۋە قەلىب ھەقىقىيىتى تەكىتلىنىپ، سۇبىكتىپچانلىق ۋە ئىچكى مايىللىق بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. يازغۇچىلار رېئال تۇرمۇشنى ساختىلىقتىن ئىبارەت، ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىلا بىردىنبىر ھەقىقىي دۇنيا دەپ قارايدۇ. ھەم  ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چۇقۇم ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسى-رېئاللىقتىن ھالقىغان ئابىستىراكىت ھېس-تۇيغۇلار ئىپادىلىنىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

3. مودېرنىمزىم ئەدەبىياتىدا سىموۋۇللۇق، يۇشۇرۇن ئەپسانە ئۇسۇلى ئارقىلىق، سەنئەتنىڭ چوڭقۇرلۇق شەكىلنى قوغلىشىدۇ. يازغۇچىلار سىموۋۇللۇق، يۇشۇرۇن مەنىلىك ئەپسانىلاردىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشنى تاشقا كۆرۈنۈشتىن ئىچكى ماھىيەتكە، تېيىزلىقتىن-چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەسۋىرلەپ، سەنئەتنىڭ چوڭقۇرلۇق شەكلىنى ياراتتى.

4. مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ‹‹رەزىللىك گۈزەللىك ئۈچۈن›› دېگەن كۆز قاراش كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس قىلىنىپ، رەزىل نەرسىلەر كۆپلەپ يېزىلدى. يازغۇچىلار ئۆلۈم، قاراڭغۇلۇق، جىنايەت، ساراڭلىق، تەنھالىق، كىسەللىك..   قاتارلىق  نەرسىلەرنى كۆپلەپ يېزىپ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ گۈزەللىكنىلا تەسىۋىرلەشتەك قىلىپلىشىپ قالغان ئىستىتىك ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

5.مودېرنىزىم ئەدەبىيىاتىدا بەدىئىي ماھارەت ۋە شەكىل قۇرۇلمىسى يىڭىلاندى  ياكى سىناق قىلىنىدى. يازغۇچىلار بەدىئىي شەكىل ۋە ماھارەت جەھەتتە زور دەرىجىدە يىڭىلاش ئېلىپ بېرىپ ۋە يىڭىلىق يارىتىپ، سان، شەرتلىك  بەلگىلەرنى   ئۆز ئەسەرلىرىدە يۈرەكلىك بىلەن ئىشلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ           ئالاھىدىلكلىرىگە قارشى تۇردى.


ناملىق كىتاپتىن جەسەت  ئوقۇلمىسى 《《西方文学理论》》

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 11:15:51

    مودىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ئامېرىكانىڭ كىنو فىلىملىرىدىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىپادىسىنى تاپقان . مودىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ سىناق قىلىشىغا بەكرەك ماس كېلىدىكەن .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:03:33

مۇدىرنىزىم،سېھرىي رىئالىزىم،يەنە چەتئەل داڭلىق ئەدىبلىرىنىڭ يېزىش ئۇسۇلىنىڭ خەنچىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار؟
西方文学理论بۇ كىتاپنى سېتىۋالساق ياخشى مەزمۇنلار بارمىكەن مەمەت ئۆمەر؟

jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 14:16:47

بۇنداق كىتابلار خەنچىدە قۇمدەك جىق! مەن ھازىر مۇشۇ كىتابنى كۆرۈۋاتىمەن... مەنچە بۇ كىتاب يامان ئەمەستەك...بىراق سىز يەنە باشقا كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 15:18:10

كىم تاپقان گەپتۇ مۇشۇ مودېرنىزىم دىگەن، :lol
Modernism نى ئۇدۇللا ئاتىۋېلىپ ، ئۆزىچە غەرپچە بولۇپ كەتكەن يېرىمۇ بۇ ؟ :(
يېڭىچە دىسە ، تومپايچە ئاڭلىنامدىكىن يە ؟ {:92:}

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 17:36:39

    مودىرنىزىم - دېگەن ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇغۇ دەيمەن . ئادەتتە خاس ئىسىملار ۋە ئاتالغۇلار شۇ پېتى ئېلىنىدۇ . تۈركچىدىمۇ مودىرنىزىم ئاتالغۇسىنى ئەينەن ئالىدىكەن . ‹‹كېيىنكى مودىرنىزىم››نى بەزىلەر پوست مودىرنىزىم دەپ ئېنگىلىزچە ئېلىۋاتمامدۇ .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:57:47

ئۇكام مەمەت ئۆمەر، مېنىڭ بىر تەكلىپىم:
بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز تەرەپسىز نۇقتىدا بايان قىلىنغان ياكى مۇھاكىمە قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز كۆپرەك چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالايسىز.
يۇقىرىقى بايانلىرىڭىزغا قارىغاندا سىز ئوقۇۋاتقان ئاۋۇ كىتاب ئۇنداق ئەمەسكەن. بۇنداق كىتابتىن بۇرمىلانغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىسىز.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:01:43

مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ئىچكى تۇرمۇش ۋە قەلىب ھەقىقىيىتى تەكىتلىنىپ...
----------------------------------------------------
مودېرنىزم ھەقىقەتلەردىن ئىنساننى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش بىلەن ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتتىن پەرقلىنىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:03:49

مودېرنىزىم ئەدەبىياتىدا ‹‹رەزىللىك گۈزەللىك ئۈچۈن›› دېگەن كۆز قاراش كەڭ كۆلەمدە تەشەببۇس قىلىنىپ...
---------------------------------------
مەلۇم كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئۇنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىددىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مودېرنىزمنىڭ ئەمەس سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتنىڭ يولى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:05:54

ئاۋۇ كىتابنى يازغان يولداش مودېرنىزمدا ئۆزىنىڭ سايىسىنى كۆرۈپتۇ.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 22:08:13

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 20:57 static/image/common/back.gif
ئۇكام مەمەت ئۆمەر، مېنىڭ بىر تەكلىپىم:
بۈگۈنكى دەۋر ئە ...

   بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتى ھەققىدە ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىيە قىلغايسىز .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 22:16:20

ئوكىسفورد ۋە كامبىرج ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتلىرى نەشىر قىلغان بىر يۈرۈش كىتابلار بار. شۇلارنى تەۋسىيە قىلاي.
بەت: [1]
: مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بىر قانچە كىچىك ئالاھىدىلىكى