قەشقەردىكى ئۇچقۇر باللار
DSB بولسا شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىكى پاركور(Parkour) يۈگۈرۈشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر توپ ئۇيغۇر ئوغۇللىرى تەشكىللىگەن ئىشتىن سىرتقى پاركور گۇرۇپپىسى. تۆت يىل بۇرۇن تېخى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇسالام مەقسەتسىزلا توردىن پاركور يۈگۈرۈشكە ئائىت ۋېدىونى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە پاركور ئۇستىلىرىنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھەرىكەتلىرى ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچ دوستى بىرلىكتە DSB پاركور گۇرۇپپىسىنى قۇرىدۇ.«قەشقەردە ئەڭ ئاۋال بىز بىر نەچچە بالىدىن باشقا پاركور ئوينايدىغانلار يوق ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ مەشىق قىلغىنىمىزنى كۆرۈپ پاركورنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندى ۋە بىزگە ئەگىشىپ ئويناشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى قىرىق نەچچە كىشىلىك پاركور ئەترىتىگە ئايلاندۇق!» دېدى ئابدۇسالام.
يېرىم ئاي بۇرۇن ئاياغلاشقان قىزىل كالا پاركور مۇسابىقىسى شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسابىقە DSB گۇرۇپپىسىنىڭ ئەلگە تونۇلۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر قاتارىدا DSB يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بىراق ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇنىڭغا قانائەت قىلمىغان ئىدى. ھازىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، ئابدۇسالام، قەيسەرجان ۋە ھەبىبۇللا قاتارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرى قەشقەردە مەشىقنى باشلىۋەتتى. مەشىق دەرىجىسىنىمۇ ئادەتتىكى بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن بىر كۈندە بىر قېتىمغا ئۆزگەرتتى.
باغچىدىن خەلق مەيدانىغا يەنە كونا شەھەرگىچە، ئۇلار ئوخشىمىغان شارائىتتا ۋە مەيداندا مەشىق قىلىپ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى مول قىلماقتا. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇلارنىڭ نىشانى پەقەت بىرلا--دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش.
مەشىق قىلىۋاتقان DSB پاركور ماھىرى.
مەنبە : http://www.otluk.cn/e/action/ShowInfo.php?classid=2&id=1588 خەتەرلىك 13- رايوننىڭ 3-بۆلۈمىنى مۇشۇ بالىلار ئىشلىسە بولغۇدەك.{:92:} Dangerous Super Boy بالامنىڭ پاچىقىنى چېقىۋىتىمەن. بالامنىڭ پاچىقىنى چېقىۋىتىمەن.………………ئاندىن سىنىڭ ئۇلاردىن نەرىڭ كام دىمەكچىمۇ يارايسىلەر!قىزىلدىن قورىقمىسا ئوينايدۇ بۇنداق ئۇيۇن بىلەن مۇتو ئۇيۇنىنى... توۋا مەن چا موللاقمۇ ئاتالمايمەن ئاسايىشلىق بولسۇن،ئۇتۇقلار ياربولسۇن كىنو ئىشلەپ قالسىمۇ B13- رايوندەك كىنودىن بىرەرنى ئىشلىۋېتىشىدە گەپ يوقكەن جۇمۇ.:lol ئىمكان بولسا، مەكتەپلەردە بۇنىڭ سەل -پەل قىلپقا چۈشۈرۈپ، تەنتەربىيە دەرىسى تۈرىگە كىرگۈزسە ، ئوغۇللارنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىغىمۇ پايدىسى بولاتتى . ئەگەر بۇنى بىرەر مول تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىگە ئىگە باشلىق كۆرۈپ قالسا دەرھال چەكلەيدۇ
ئۆتكەندە بىر مەكتەپتە يۇقۇردىن «ئۆسمۈرلەر سارىي » خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن باشلىقىلارغا، ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە كۈرژۈك پائالىيىدە ئۇگەتكەن «ئۆسمۇرلەر چامباشچىلىق»نى كۆرسەتكەن ، يۇقرىدىن كەلگەن باشلىقلار بۇنى ماختىغان .....لىكىن شۇ نەق مەيداندا مول تەسەۋۇرۇر قىلىش كۈچىگە بىر يەرلىك ئەمەلدار مەكتەپ مۇدىرنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ بۇ تۈرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئەمدى ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭخۇا ئۆسمۇرلەر چامباشچىلىق » ھەرىكىتنى ئۇگەتمەسلىكنى ئوقۇغۇچىلارغا ناخشا ئىيتىپ ئۇسۇل ئويناشنى ئۇگىتىپ يۇقىرىدىن كەلگەنلەرگە شۇنى كۆرسىيتشنى تەلەپ قىلغان ت ئوغۇل بالا دىگەن يۈرەكلىك چوڭ بولغانغا يەتمەيدۇ،{:112:}
مەنغۇ قاملاشتۇرۇپ موللاقمۇ ئاتالمايمەن، :funk: كىتاب ئۇقۇپ چوڭ بۇپ قالغاچ{:92:} بۇ بالىلاردا ئىلگىرىلەش ھەقىقەتەن زور، قىسقىغىنە تۆت يىلدا خېلە يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپتۇ،
بۇلار يېڭى باشلىغاندىكى سىنلىرىنى كۆپىنچىمىز زاڭلىق قىلغانىدۇق :funk: ئەكەكلەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanhin918 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-1 13:01
چەكلىمىگە ئۇچرىماي قالامدۇ؟ نەچچە قېتىملىق ئاتا -ئانىسىنىڭ تىل -دەشنام،، تاياق -دۇمبالىرى، خەلىق ساقچىلىرىنىڭ ئەكرىپ سولاپ قويىشى يەنە ............دىگەندەك dadash يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 08:26 static/image/common/back.gif
ئىمكان بولسا، مەكتەپلەردە بۇنىڭ سەل -پەل قىلپقا چۈشۈرۈ ...
مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە تۈرىگە كىرگۈزسە پايدىسى يوق ، بىر مۇنچىلىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشلەپ بۇلۇشقا مەكتەپنىڭ پۇلى يەتمەيدۇ .....
ئەمما ماۋۇ بالىلارغا ئاپىرىن ، كىنو ئارتىسى بۇلۇشقا لايىقكەن ......
ئانادالىقتەك بوشلۇقتىن قورقىدىغان ساقچىلار ئۆگىنىۋالسا بولغۇدەك ... مەن ئالدىنقى يىلى 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تامغا چىقىپ چۈشەلمەي قورقۇپ جىنىم چىقاي دىگەن ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salambay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-1 22:42
uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 21:54 static/image/common/back.gif
ھېچ بولمىغاندا ھازىرقىدەك غىتمەكلەر جىقىيىپ كەتمىگە ...
شۇنى دېمەمسىز، كىيىنلىكتە بولسا سىڭايان تۇرىدۇ، قانداق قىلامەن... دەپ تورلاردا ۋايساپ يۈرگەن لىڭتاسما گۇيلا:lol