ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:16:32

مەن ئويلىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل

  ھازىر ئىنسانلار جەمىيتى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان شارائىتتا ئۈزۈلمەي ئىنىرگىيە تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان قۇرۇلما مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل دىيىلىدۇ. ئەلۋەتتە سىلىقلاش قىسىملېرى ۋە زاپچاسلېرى رىمونىت قىلىنىدۇ.
  مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۈزۈلۈپ قالمىسا شامال ئىنىرگىيسى تۇختاپ قالمىغاندا شامال ئىنىرگىيسىمۇ مەڭگۈلۈك دېۋگاتېلغا كىرىدىكەن.
  بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش قۇرلىشى تۇغرىلىق بەزىلەر كۆرگەن بۇلىشى مومكىن. ئۇنىڭدا تاغقا تۇتاشقان قېيپاش بىر يىپىق ، ئۇزۇنلۇقى نەچچە كىلومىتىر كىلىدىغان بىر قۇرلۇشتىن كەلگەن سۇغۇق ھاۋا خان ئوردىسىنى سۇۋۇتۇپ تۇرىدىكەن. ئاشۇ قۇرلۇشنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى يەنىمۇ تىك قىلىنسا ياكى نۇر ئۈتكۈزمەيدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى بار دىئامىتىرى نەچچە مىتىر كىلىدىغان تورۇببا ئاسمانغا تىك قىلىپ نەچچە يۈز مىتىر تىكلەنسە ئىچكى قىسمىدا كۈن نۇرىدىن ئايرىلغان ھاۋا سۇۋۇپ تەبئىلا تۈۋەنگە قارىتا(ئادەتتە ئىگىز بىنا شامىلىدەك) ئىقىم ھاسىل قىلىدۇ.  مۇۋاپىق كىلىدىغان شامال چاقپىلىكى ئورنىتىلسا شۇنىڭدىنمۇ ئىنىرگىيتە چىقىرۋالغىلى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.


تۈمۈرچىلەر سىناپ بىقىڭلار

  تۇرمۇشىمىزدا ھەرخىل شەكىللەردە نۇسخا چىقىرىپ ياسالغان كاۋاپدان، كارۋات، دەرۋازا-ئىشىك دىگەندەك تۈمۈردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ كۆركەم چىقىرلىشىدا ھازىر كۈپىنچە چاسا تۈمۈرلەر كىسىلىپ ئىگىلىدۇ، توڭلىتىش ئەسۋاپلېرى ياسايدىغانلار ئادەتتە مىس-تۈمۈر نەيچىلەرنى ئىگىپ ياساشتا ئىشلىتىدىغان ئىگىش قۇرۇلمىسىغا قارىسام بەك ئاددى ئىكەن.

  مەن ئەسلى ئەرزان باھالىق قىلىپ تۈمۈرلەرنى ئىگىدىغان ماشىنا ياساپ تارقىتىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇ ئىشلارغا يىتىشىپ بۇلالمىغۇدەكمەن. قارىسام ماشىنا-موتولاردىكى چاسا تۈمۈرلەرنىڭ ئىگىلىشىمۇ مۇرەككەپتەك قىلمايدۇ.

  ئادەتتە بۇنداق ئىگىلگەن ھالەتتە كىسىپ ئەگكەندىن كۆپ پۇختا ھەم سىلىق چىقىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنى ئۆزى ياسىۋالسىمۇ بۇلىدۇ. ۋاقتى يىتىدىغان دوسلارنىڭ سىناپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:31:36

ئاۋۇ ئىسسق -سوغۇق ھاۋانىڭ يۆتكىلىشىدىن ئىنىرگىيەدىن ئېرىشىش تەسەۋۋۇرى ئەقىلگە ئۇيغۇن . دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش تۆۋەنلەش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ئىنىرگىيە ھاسىل قىلىش ئەمەلگە ئاشقان يەردە بۇنىمۇ قىلغىلى بولىدۇ مىنىڭچە . بىراق تېخنىكىلىك توسالغۇ ۋە مەبلەغ مەسىلىسى ھەم مەبلەغنى قايتۇرۋېلىش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا نۆۋەتتىكى شارائىتتا تەتقىقات دەرىجىسىدە خېلى بىر مەزگىل توختاپ قېلىپ،ئەمەلىي قوللىنىشقا خېلى بىر مەزگىل كېتىشى مۇمكىن  .  چۈنكى گېنراتۇر چاقپېلىكىنى ئايلاندۇرالىغىدەك شامال سۈرئىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن  سوۋۇتۇلىدىغان ھاۋا مىقتارى ئاز بولمايدۇ ، لايىھىلەش ۋە سىناق قىلىشقا كۈچمۇ كۆپ كەتكۈدەك .مەنچە بۇنداق قۇرۇلمىنى كۆپ مىقتاردا  ئېشىنچە ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان زاۋۇت،سانائەت  رايۇنىدا شارائىتقا  بىرلەشتۈرۈپ لايىھىلەپ باقسا قانداق بولاركىن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:50:55

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 16:31 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئىسسق -سوغۇق ھاۋانىڭ يۆتكىلىشىدىن ئىنىرگىيەدىن ئ ...

يەنىمۇ ياخشىراق ئويلاپ باقسىڭىز يۇچۇق بار، شۇنىڭدا ئىنكاس مۇكاپاتى ئالىسىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:54:11

  ھازىر ئىنسانلار جەمىيتى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان شارائىتتا ئۈزۈلمەي ئىنىرگىيە تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان قۇرۇلما مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل دىيىلىدۇ.

بۇ تەبىرگە مەنبە تەلەپ قىلىمەن:lol

توغرا تەبىرى سىرتتىن ئىنىرگىيە قۇبۇل قىلىمغان ئاساستا ئىش ئىشلەيدىغان قۇرۇلما ياكى ماشىنا بولىشى كېرەك:lol

كەشپىياتىڭىز ياكى ئويلىغان قۇرۇلمىڭىز ئەقىلغە مۇۋاپىق شۇنداقلا ئىقدىسادى ئۈنۈم يارىتالايدىغان بولسا ئايرىم مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ.ئەمما سۆز ئۇيۇنى ئوينىسىڭىز كۈلۈپلا قويىمىز:lol

بۇ قۇرۇلمىغا كەلسەك،يامان ئەمەستەك.ئامرىكا بۇ خىل قۇرۇلمىدىن پايدىلىنىپ ئىلىكتىر ئىستانسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى بۇرۇن ئاڭلىغاندەك ئىسىمدە.
ئىگىز مۇنار ياساپ تۈۋەن تەرىپىگە گىنراتور ئورنىتىپ........ئىشلەش پىرىنسىپى سىزنىڭ دىگىنىىز بىلەن ئوخشىشىپ قالدۇ.ئەمما ئۇلار بۇنى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل دىمەپتۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:35:21

  تەبىردە مەسلە يوق، ئىلغار ماشنىمۇ ئىشىپ كەتسە 20 يىل بۇزۇلماي ئىشلەيدۇ، ياپونلار ياسىغان ئىگىزلىكى 6مىتىر، دىئامىتىرى 1.8مىتىر كىلىدىغان 240 كىلوۋاتلىق ئاتوم ئىلىكتىر ئىستانسىمۇ 40 يىل ئىشلەيدۇ دەپ ئېيتىلغان.
  ئادەم مەۋجۈت بولمىغاندا يەنى يەرشارى ۋەيران بولغاندا ئىنىرگىيەنىڭ بىزگە كېرىكى بولماي قالىدۇ. جاھاندىكى بايلىق بولسا ئادەم ئۈچۈن.
   مۇشۇ قۇرۇلمىدا بىر چوڭ مەسلە بار، شۇنى تاپسىڭىز ئاندىن ئىنكاس مۇكاپاتىغا ئېرىشىسىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:50:51

داۋاتقىنىڭىز ماۋۇ قۇرۇلما ئەمەستۇ؟:lol

بۇ قۇرۇلمىدا سۇ سىپىپ مۇزلىتىدىكەن.ھەم شۇ سەپكەن سۇدىن چىققان پار بىلەن تۈۋەنگە شامال ھەيدەپ تىگىدىكى گىنراتورنى ئايلاندۇرىدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:52:14

تەدبىرىڭىزدە مەسلە بار.:lol
سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە سۇ ئىلىتىر ئىستانسى شامال ئىلىكتىر ئىستانسىلىرى ھەممىسى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل بولىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:26:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-30 18:46  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 17:52 static/image/common/back.gif
تەدبىرىڭىزدە مەسلە بار.
سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە سۇ ئ ...

شامال تۇختاپ قالسا توك چىقامدۇ؟...
ئۈزلۈكسىز بىلەن ئۈزۈلۈپ قىلىشنىڭ پەرقى بار.
  ئاۋۇ رەسىمدىكى قۇرۇلما كومپىوتىردا لايىھەلەنگەندۇ ھەقىچان، كىچىك بالا لايىھەلىگەندەك تۇرىدۇ.


چوڭراق بىر ياپراقچە ياخشى دىمەكچىمەن.

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 19:27:45

مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل ھېچقانداق ئىنىرگىيە تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك .شامالمۇ كۈچىمۇ بىر ئىنىرگىيە شۇڭا دىمەكچى بولغىنىڭىز مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل بولالمايدۇ

NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 19:27:56

مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل ھېچقانداق ئىنىرگىيە تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك .شامالمۇ كۈچىمۇ بىر ئىنىرگىيە شۇڭا دىمەكچى بولغىنىڭىز مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل بولالمايدۇ

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 19:50:23

يېشىل ئىنىرگىيە بىلەن مەڭگۈلۈك دىۋگاتلنى  ئىلەشتۈرۋاپسىز

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:33:37

NIRWANA يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 19:27 static/image/common/back.gif
مەڭگۈلۈك دېۋىگاتىل ھېچقانداق ئىنىرگىيە تەلەپ قىلماسل ...

تىمدىكى شەرىتلەر بۇيىچە بۇ راسىت مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل ئەمەس، لېكىن مەسلىنى تىپىپ چىقىڭ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:35:36

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 19:50 static/image/common/back.gif
يېشىل ئىنىرگىيە بىلەن مەڭگۈلۈك دىۋگاتلنى  ئىلەشتۈرۋاپ ...

شامال ئۈزۈلۈپ قالماي مەڭگۈ ئىنىرگىيە چىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىسىلا مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل بۇلىدۇ.  مەيلى يىشىل بولسۇن ياكى كۈك بولسۇن بۇ مۇھىم ئەمەس...

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:43:06

زىيالى دىگەن يەنىلا زىيالىدە،مەسلىنىڭ نەق نېگىزىنى تۇتتى، مەڭگۈلۈك ئېنىرگىيە دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆزىلا توغرا ئەمەس،بەزىلەر باشلانغۇچتىكى ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىمۇ  خاتا ھەزىم قىلۋالغان چىراي، ئايلىنىش مەڭگۈ دىگەنگە تەڭ ئەمەستى ئەسلى،(ئىزدىنىشتا ھىجارىغان چىراي ئىپادىسى يوقما)

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:24:28

مۇشۇ « مەڭگۈلۈك » دېگەن سۆزنى چىقىرۋەتسەڭلا قانداق ؟ « زامان » نىڭمۇ « ئاخىرى » بولىدىغان بۇ ئالەمدە نېمىنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىنىمۇ ھېچ ئويلاپ يېتەلمىدىم.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:30:46

ftp يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 13:24 static/image/common/back.gif
مۇشۇ « مەڭگۈلۈك » دېگەن سۆزنى چىقىرۋەتسەڭلا قانداق ؟ «  ...

  پۈتكۈل دۇنيا ئورتاق قوللىنىدىغان ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىشكە ئامالىم يوق...
  مەن بۇتىمىدا ئۇچۇرنىمۇ بەردىم، شۇ ئۇچۇرغا دوستلار دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 13:37:05

پارولنىڭ بىر يۇمۇرى بولىدىغان:
ئالما ئىنتايىن پايدىلىق ھەم يېيىشلىك مىۋە بولۇپ مۇنداق مۇنداق پايدىلىرى بار دەپ سۆزلەپ كېلىپ ئاخىرىدا سۈرەتتە پاكىز قىرىلغان سەۋزە دەپ ئالمىنىڭ تەرىپىگە سەۋزىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىدىغان.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 14:33:20

شەكلى ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ لايھەسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغان قۇرۇلمىلار ياسىلىپ بولدى.
ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ لايھەسىمۇ مەڭگۇلۇك دىۋگاتىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئەمەس بەلكى ھاۋانىڭ ئىسىقلىق پەرقىدىن پايدىلىنىپ ،ئىلىكتىر ئىنىرگىيىسى ئېنىقراقى مىخانىك  ئىنىرگىيە ئېلىش قۇرۇلمىسى .
مىنىڭ ئىسىمدە قېلىشىچە مەڭگۇلۇك دىۋگاتىل ئىككى تۇرگە بۇلۇنىدۇ. بىرى -سىرتتىن ئىنىرگىيە قۇبۇل قىلماي ، سىرتقا مەڭگۇ ئىنىرگىيە تەمىنلەيدۇ ، يەنە بىرسى سىرتتىن ئىنىرگىيە قۇبۇل قىلغان بىر خىل ئىنىرىگىيىنى ئۇزى ئىش ئىشلەش جەرىيانىدا ھىچقانداق ئىنىرگىيە سەرىپ قىلماي ،  يەنە بىرخىل ئىنىرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان ، ئىش ئۇنۇمى 100فىرسەنت بولغان قۇرۇلما.
1- خىل قۇرۇلمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىنىيىتى يوق ، ئىككىنچى خىل قۇرۇلمىنى ياساش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كورسىتىلىۋاتىدۇ ، بىراق ، 100پىرسەنت ئىش ئۇنۇمىگە ئىگە ئۇسكۇنىنى ياساش مۇمكىن ئەمەسلىگىمۇ ئىسپاتلاندى ، نۇۋەتتىكى مەسلە بولسا قانداق قىلىپ ئىش ئۇنۇمىنى 100پىرسەنتكە چەكسىز يېقىنلاشتۇرۇشتۇر.
ئىشىنىمەنكى قېرىنداشلىرىمىز بۇ يولدا نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 14:36:06

مىنىڭ ئىنكاسىم قېنىدۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 14:55:18

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 14:33 static/image/common/back.gif
شەكلى ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ لايھەسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان  ...

  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ياخشى تۇردىلىمۇ؟ كۆرشمىگىلى ئۇزۇن بۇپتۇ.
  ئەسلى بۇ تىمىدىكى مەسلە بەك ئاددى ئىدى. يەنى ئىگىز بىنا شامىلى قۇياش نۇرى بولمىغان ئەھۋالدا مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرامدۇ؟ تۇروببا قۇياش نۇرىنى تۇسىۋالغاندا ھاۋا ئىقىمى ھاسىل بۇلىدۇ، ئەمما كەچلىكى ھاۋا ئىقىمى ھاسىل بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ نەرسە كۈندۈزى ئىنىرگىيە بەرسىمۇ كىچىسى تۇختاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك دېۋگاتېل ئۇقۇمىغا خىلاپ بۇپ قالىدۇ. بۇ قۇرۇلما مەڭگۈلۈك دېۋگاتېل بولسا ئادەتتە قۇياش باتارىيسىمۇ مەڭگۈلۈك دېۋگاتېلغا كىرىپ قالىدۇ.
بەت: [1] 2
: مەن ئويلىغان مەڭگۈلۈك دېۋگاتىل