karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:01:13

بايلار ئەڭ كۆپ چىقىدىغان سەككىز دۆلەت


1. جۇڭگو

شۈبھىسىزكى جۇڭگودىكى بايلارنىڭ دۇنيادا ئەڭ تەسىر كۈچى بار. ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىن ئۆي، سەيلە كېمىسى، ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشى، ھەر قېتىم دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ. جۇڭگودىكى بايلار ئاساسلىقى ئۆي-زېمىن، ئالاقە تورى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. ئەنگىليە «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» (The Sunday Times) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋە تەيبېيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار سان جەھەتتە ئوخشاش 8-ئورۇنغا تىزىلغان. شياڭگاڭدىكى بايلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادا 6-ئورۇندا تۇرغان.


2.  ئەنگلىيە

ئەنگلىيە « يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» (The Sunday Times) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن ھەر 600 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى بايدىن بىرسى بار. لوندوندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنگلىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار تىزىملىكىدە، ھىندىستاندا تۇغۇلغان، لوندوندا تۇرىدىغان ھىندۇجا (Hinduja) قېرىنداشلار 11 مىليارد 900 مىليون پوند ستېرلىڭ بايلىقى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، بۇلارنىڭ جەمەتى ئىلىكىدىكى ھىندۇجا گۇرۇھى (Hinduja Group) نېفىت، بانكا، ئاپتوموبىل، يەر-زېمىن ۋە تاراتقۇ ساھەلىرىگە قەدەم باسقان.


3. رۇسىيە

بايلىقى 1 مىليارد پوند ستېرلىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى بايلاردىن موسكۋادىلا 48 كىشى بار. رۇسىيەدە ئەڭ كۆپ بولغىنى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بايلار. ھازىر رۇسىيەنىڭ قۇرغاق تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىنلا كېيىن تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نېفىت ۋە تەبئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلەش سەۋەبىدىن، رۇسىيەدىكى بايلارنىڭ سانى ۋە بايلىقى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا.


4. ئامېرىكا

بايلىقى 1 مىليارد پوند ستېرلىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان خەلقئارالىق بايلاردىن نيۇيورك، سان فىرانسىسكو ۋە لوس ئانژىلىسنىڭ ھەر قايسىدا ئايرىم-ئايرىم 43، 42 ۋە 38 ئادەم بار. بارلىق G8 ئەزا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ئەڭ كۆپ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە دۇنيادىكى ئەڭ باي جەمەت ۋولتېن جەمەتى (Walton family) بولۇپ، بۇ جەمەتنىڭ قولىدا ۋولمارتنىڭ قىممىتى 136 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق %48 پېيى بار. بۇ ھەم ئۇلارنى بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي جەمەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە مېللون جەمەتى، كېننىدى جەمەتى، روكىفېلېر جەمەتى قاتارلىقلارمۇ بار. بۇنىڭغا ئوخشاش جەمەت خاراكتېرلىك بايلاردىن سىرت يەنە، ئامېرىكىدىكى بايلارنىڭ كۆپ قىسمى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى ئالاقە تورى رىۋايەتلىرى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن.


5. ھىندىستان

ھىندىستانلىق بايلار ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، پولات-تۆمۈر ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق دەرىجىدىكى بايلاردىن 70 كىشى بار. داڭلىق مىلياردېر مۇكەش ئامبانى (Mukesh Ambani) رىلايېنس سانائەت شىركىتىنىڭ (Reliance Industries Limited) رەئىسى ۋە باش دىرېكتورى بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئەڭ باي كىشى. مامباي ھىندىستاندىكى بايلار ئەڭ مەركەزلەشكەن شەھەر.


6.  سەئۇدى ئەرەبىستان

ئەرەب دۇنياسىدىكى بايلارنىڭ ھەددى ھېساپسىز بايلىقى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى كىشىلەرنى توختىماستىن ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. «ئەرەب سودا ھەپتىلىكى» باھالاپ چىققان 2013-يىلى دۇنيادىكى ئەرەب بايلىرى 50 كۈچلۈك تىزىملىكىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بايلار 26 ئورۇننى ئىگىلىگەن. قول ئىلكىدە پادىشاھلىق پاي كونترول شىركىتى بولغان سەئۇدى شاھزادىسى ۋەلىد 31 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۇدا 10 يىل بايلار تىزىملىكىدىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلانغان. بۇلتۇر 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا مىكرو بلوگ تورى «تىۋىتتىر» (Twitter) نىڭ پېيىنى سېتىۋېلىپ، ۋەلىدنىڭ بايلىقى %20 ئاشقان.


7.  گېرمانىيە

گېرمانىيە بايلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەڭ كۆپ بولغان ساھەلەر يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسى بولغان. ھامبۇرگ شەھىرى گېرمانىيەدىكى بايلار ئەڭ مەركەزلەشكەن شەھەرگە ئايلانغان. ئەمما گېرمانىيە بايلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ جار سالماي تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، ئۇلار «نامى چىقمىغاندەك» تۇيۇلىدۇ. مەسلەن BMW گۇرۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى، گېرمانىيەدىكى ئەڭ باي ئايال سۇسەننا كىلەتىن (Susanne Klatten) دەك. سۇسەننا ۋە ئىنىسى سىتەففىن بۇ جەمەتنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بادىن ۋىرتېمبېرگ (Baden-Württemberg) دىكى يېزىدا تۇرىدۇ، ئادەتتە تالا-تۈزگە چىقماي ئۆي ئىچىدىلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ.


8. بىرازىلىيە

بىرازىلىيەدىكى بايلار ئەڭ مەركەزلەشكەن ساھە بولسا پۇل-مۇئامىلە ساھەسى. بۇلتۇر بىرازىلىيەدىكى بايلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ خەۋەر بىرازىلىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ بېيى ئېيكى باتىستا (Eike Batista) نىڭ ۋەيران بولۇشى بولدى. ئېيكى باتىستانىڭ قول ئاستىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر نېفىت، كانچىلىق، ئۆي-زېمىن ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، باتىستانىڭ قول ئاستىدىكى نېفىت تەبئىي گاز شىركىتى رەسمىي ھالدا ھۆكۈمەتكە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان، بۇندىن ئىلگىرىكى 16 ئايدا ئۇ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن زىيان تارتقان بولۇپ، 2012-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ بايلىقى 34 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
مەنبە : ۋاڭيى تورى .

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:31:23

ساندۇق ــ ساندۇق ئالتۇن كۈمۈش ،
كۆز ئاچقۇچە غايىب بولدى !
(قىزىل راۋاقتىكى چۈش)

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:34:14

مۇشۇ ئىنىرگىيە ساھەسىدە بىيىشمۇ ياخشى گەپ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:35:14

ياپونىيە يوقكىنا بۇلارنىڭ ئارىسىدا؟

apchilam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:35:51

پۈتكۈل چوڭ قۇرۇقلۇق بويىچە ھېساپلىسا جۇڭگو يەنە تىزىملىكتە بىرىنچى بولالارمۇ

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 15:46:54

پۇقرالارنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچى بويىچە تېزغانلىرىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:02:11

پۈتكۈل چوڭ قۇرۇقلۇق بويىچە ھېساپلىسا جۇڭگو يەنە تىزىملىكتە بىرىنچى بولالارمۇ؟

سىزنىڭچە چوڭ قۇرۇقلۇق دىگەن قەيەر؟

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:03:19

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 15:46 static/image/common/back.gif
پۇقرالارنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچى بويىچە تېزغانلىرىنى كۆر ...

ما گەپنىڭ جېنى بار.....

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:38:06

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 15:46 static/image/common/back.gif
پۇقرالارنىڭ بەخىت كۆرسەتكۈچى بويىچە تېزغانلىرىنى كۆر ...

ياخشى ئېنكاس :handshake

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:43:30

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:35 static/image/common/back.gif
ياپونىيە يوقكىنا بۇلارنىڭ ئارىسىدا؟

مەن بېرىنى تەرجىمە قىلدىم ... ئۆزۈم قوشۇپ قويغان مەزمۇن يوق . مەنبە : ۋاڭيى تورى :o

nurqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:55:40

يەر زىمىن ۋە نىفىت قاتارلىق تەبىئى بايلىققا تاينىپ بىيىغانلارنى قاراقچى دىيىش ئەڭ مۇۋاپىق.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 20:44:17

ئىنىرگىيە ساھەسىدىكى باي ئەڭ كۆپكەن جوڭگودا.
ئىنىرگىيە دىگەن ئەسلى پۈتكۈل خەلىققە ئورتاق بولغان بايلىق ئىدى ئۇ.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 21:17:14

مومباي ئەمەس بومباي دەپ ئالايلى.

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 21:19:03

رۇسچىلىد جەمەتىمۇ يوقكەن .  ئەسلى ئامېركىدىكى ئەمەس دۇنيادىكى ئەڭ كۆچلۈك باي جەمەتتى بۇ .
  بىراق  ۋاڭيى تورى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .    رۇسچىلىد جەمەتىنىڭ پۇلىغا ، كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 09:49:51

مىنىڭچە بولسا ياپۇنىيە ، فىرانسىيە ، ئىتالىيە ،  قۇشۇش كېرەك ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 09:50:40

ئاۋۇ قىزىل راۋاقتىكى چۈشنىڭ ئىككى مىسراسى :

ساندۇق ساندۇق ئالتۇن كۈمۈش ساقلىغانلار ،
مانا بۈگۈن ۋەيران بولدى .

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 09:52:38

ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى بايلارنىڭ كۆپ بۇلىشىدىكى سەۋەپ ؛
ئۇلار يەر ئاستىدىكى تەييار نىفىتنى تارتىپ ئەپچىقىپلا  ئازراق ئىش قۇشۇپلا ساتىدۇ ئەمەسمۇ ؟

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 09:52:42

ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى بايلارنىڭ كۆپ بۇلىشىدىكى سەۋەپ ؛
ئۇلار يەر ئاستىدىكى تەييار نىفىتنى تارتىپ ئەپچىقىپلا  ئازراق ئىش قۇشۇپلا ساتىدۇ ئەمەسمۇ ؟

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 16:42:15

جوڭگو 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن-دە بايلارنىڭ كۆپ چىقىشى جەھەتتە....

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 10:56:36

توغرىسى:
ساندۇق ساندۇق ئالتۇن كۈمۈش ساقلىغانلار ،
كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋايران بولدى.
بەت: [1] 2
: بايلار ئەڭ كۆپ چىقىدىغان سەككىز دۆلەت