tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:52:48

بىر تۇزكۇرغا

                  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

                         ساتىرا

ياڭاق چېقىپ بېشىمدا ، يايرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
قۇزغۇن بولۇپ بېغىمدا سايرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

ياتار ئىدىڭ ئېغىلدا ئورۇقلۇقتىن قوپالماي ،
ئەمدى سەمرىپ تۇلۇمدەك ھاڭرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

ئېلىپ تەلىم تۈلكىدىن ، قاپقان قۇرۇپ كۈلكىدىن ،
ئورا كولاپ يولۇمغا بابلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

چەيلەپ نوتا - شېخىمنى ، كېسىپ غولۇم - تېنىمنى ،
ياغىچىمدا پالتاڭنى ساپلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

پىتنە - غەيۋەت تارىتىپ ، ئاداۋەتنى يامرىتىپ ،
توقۇپ يالغان تۆھمەتنى چاپلىدىڭمۇ تۇز  بەرسەم ؟

سېزەلمىگەچ ئەپتىڭنى ، نەدىن بېلەي قەستىڭنى ،
سېلىپ ئوتقا گوشۇمنى قاقلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

قىلسام ساڭا ۋاپانى ، سالدىڭ جەبرى- جاپانى ،
قىلمىشىڭدىن كۆزۈمنى ياشلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

يۇتتۇم ئەلەم نىھايەت ، يوقكەن مەندەك ھاماقەت ،
مېنى پۇشمان ئوتىغا تاشلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟

ئابدۇللا ياقۇپ

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:55:40

بەك كېلىشتۈرۈپ يېزىلغان شېئىركەن. ئادەمنىڭ ئىچى سەلپەل بولسىمۇ بۇشاپ قالىدىكەن.:


lol:lol

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:07:30

دۇنيادا قەستەن يامانلىق قىلىدىغان ئادەم يوق، پەقەت شەخسىيەتچى ئادەملەرلا شۇنداق يامان قاتارىدا سانىلىدۇ.
ئادەملەر ئارىسىدا بىر بىرىنى چۈشىنىش بولمىغانلىقتىن دوست-دۈشمەن ئايرىلغان دەپ قارايمەن!
ھېچكىمدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق!

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:42:22

nuzgum يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:07 static/image/common/back.gif
دۇنيادا قەستەن يامانلىق قىلىدىغان ئادەم يوق، پەقەت شە ...

بۇ ئىنكاسىڭىز بىر تەرەپلىمە قاراش .
يامان كىشى بىر ئادەمگە زىيانكەشلىك كىلالىغان بىلەن ، تۇزكور ئادەم مىڭلىغان كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلۋىتىدۇ ! تۇزكور ئادەم ئىنتايىن خەتەرلىك ......
خىيال بىلەن ئەمەس ، پىلان بىلەن پىكىر قىلىپ ياشاشنى ئۈگنەيلى

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:52:25

nuzgum يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:07 static/image/common/back.gif
دۇنيادا قەستەن يامانلىق قىلىدىغان ئادەم يوق، پەقەت شە ...

بىررەرسىگە رەسمىي ئالدىنىپ ئاخماق بولۇپ بېقىپ ئاندىن مۇشۇ گەپنى دىيەلىسىڭىز ئەھلىيالاردىن بولىسىز.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 08:09:29

بۇ بىر ھايۋانغا (ئېشەك ياكى كالا دەپ پەرەز قىلدىم ، بىر بولسا چوقۇم ئېشەك) ئاتاپ يېزىلغان تىللاشلاردەك بىلىندى ماڭا .
بۇنىڭ پاكىتى :
ياتار ئىدىڭ ئېغىلدا ئورۇقلۇقتىن قوپالماي ،
ئەمدى سەمرىپ تۇلۇمدەك ھاڭرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
ئادەم بولسا ئېغىلدا ياتماستى ئەسلى .

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 15:04:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Comeon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-4 15:05  

تۇزكورغىمۇ تۇز بەرگەن بارمۇ ... ئوغۇل بالا دېگەن مەرتلىكىگە مىننەت قىلمايدىغان ... ناچارلىق قىلغان بولسا شامىلىنى يىغىپلا تۈگەتمەي ، دەدىنى خەتكە تۆكۈپ ...

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 16:01:10

پۇشايماننىڭ دۆرىسى يوق .
بەت: [1]
: بىر تۇزكۇرغا