karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:51:14

ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخان...

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يىپەك يولى كىيىم كېچەك بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايون «ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخانىسى» غا مۇكاپات تارقاتتى.

«ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخانىسى» تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. شىنجاڭ مارىياننا مىللىي كەشتىچىلىك شىركىتى

2. ئۈرۈمچى گۈزەل مەدەنىيەت-سەنئەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

3. شىنجاڭ  ئىلچى كىيىم-كېچەك مەدەنىيتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

4.  شىنجاڭ ئەلتاج مىللىيچە كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى

5. ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى

6. ئۈرۈمچى يىپەك يولى نىشاڭ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى

7. شىنجاڭ يىپەك يولى يۇلتۇزى كىيىم-كېچەك شىركىتى

8. غۇلجا شەھەرلىك كۈنمو كىيىم-كېچەك شىركىتى

9. سانجى شەھىرى شىنتيەنسەي كىيىم-كېچەك مەدەنىيتى چەكلىك شىركىتى

10. خوتەن بالىم سودا چەكلىك شىركىتى

2012-يىلىدىكى تۇنجى قېتىم باھالاپ چىقىلغان «بىرىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخانىسى» تىزىملىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىپەك يولى يۇلتۇزى كىيىم-كېچەك شىركىتى، غۇلجا شەھەرلىك كۈنمو كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، خوتەن بالىم سودا شىركىتى قاتارلىقلار 4 شىركەت بۇ يىل يېڭى تىزىملىككە كىرگەن.

تونۇشتۇرۇلىشىچە، «ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخانىسى» شىنجاڭ كىيىم-كېچەك ساھەسى جەمىيىتى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، باھالاش تەلىپى تۆۋەندىكىچە بولغان: ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالى ياخشى، مال-مۈلۈك قەرز ئەھۋالى مۇۋاپىق بولۇش؛ ئاساسلىق تىجارىتى مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش بولۇش؛ كارخانىنىڭ ئۆزىگە خاس ماركىسى، روشەن مىللىيچە كىيىم-كېچەك ئالاھىدىلىكى ۋە ماركا تونۇلۇشچانلىقى بولۇش؛ بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت كۆلىمىگە ئىگە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش (بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلىرىنى) جەھەتتە مەلۇم تۆھپىسى بولۇش؛ بەلگىلىك مىلليچە كىيىم-كېچەكلەرنى لايىھەلەش بايلىقى بولۇش؛ مۇكەممەل بولغان قانۇنىي ئىگە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، قانۇنغا مۇۋاپىق باشقۇرۇش، نىزامغا ئاساسەن باج تاپشۇرۇش، ياخشى بولغان كارخانا مەدەنىيتى ۋە جەمىيەت ئوبرازى بولغان بولۇش؛ تېخنىكا يېڭىلاش، يېڭى مەھسۇلات ئېچىش، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئىشلتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى بولغان ئۈلگىلىك رولى بولۇش كېرەك.
مەنبە : شىنجاڭ تورى

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:36:33

ئىلچىدىن باشقىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
مۇشۇ ئىلچى قانداق پۇل تېپىۋاتقاندۇ دەيمەن، دۇكىنىغا نەچچە قېتىم كىرىپ باھاسىغا قاراپ قورقۇپ چىقىپ كەتكەن، تۇرمۇشۇم يامان ئەمەس ئوتتۇرا ھالغا ھېساپتى بولمىسا، ئۆزەممۇ بەك قىممەت كىيىملەرنى كىيىمەيمەن ناھايتى ئاز ۋاقىتلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا. ئىشقىلىپ بەك قىممەت بىلىنىدۇ، بەلكىم سۈپىتى ياخشىدۇ، باشقىلا كىيگەننىمۇ ئانچە كۆرۈپ باقماپتىمەن.
مەندەك «ئوتتۇرا ھال»لارمۇ ئېلىپ كىيىشكە چىقىش قىلالمىسا، سودىسى قانداقتۇ دەيمەندە. ئۆزىمىزنىڭ كارخانىلىرىنى قوللىغۇم بار بولمىسا، لېكىن شۇ كۆپىنچە ۋاقلاردا يانچۇققا قاراپ بېقىپ باشقا ياققا ماڭىدىغان گەپكەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:42:38

jangal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:36 static/image/common/back.gif
ئىلچىدىن باشقىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
مۇشۇ ئىلچى ق ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، بۇرۇن غۇلجىدىكى مەخسۇس دۇكىنىغا كىرىپ باھاسىغا قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن...شۇنىڭدىن كېيىن مەندە ئېلچى ماركسىدىكى كېيىم-كېچەكلەردىن- بۇ يۇقۇرى ئستىمال سەۋىيسىدىكىلەرگە مۇناسىپ ماركا ئوخشايدۇ دېگەن بىر تۇيغۇلا قىپ قالدى...

function يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:44:26

jangal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:36 static/image/common/back.gif
ئىلچىدىن باشقىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
مۇشۇ ئىلچى ق ...

شۇنى دەيمەن مەنمۇ

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 10:56:24

پۇل بايغا - سۇ غايغا ئاقىدۇ ...:lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:03:37

مۆتىۋەر  يوقيا  ... مىللىي  ئەمەس  سانتا چاغۋا

itarim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:06:47

karam يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:56 static/image/common/back.gif
پۇل بايغا - سۇ غايغا ئاقىدۇ ...

ھازىر پۇل بايغا ، سۇ ئىكىنزارلارنىڭ ئىگىسىگە ئاقىدۇ ، بوممىسا قۇملۇقتىكى توغراقلار قۇرۇپ كەتمەس بولغىيتى ، ھازىر دېھقانلىرىمىز كەتمەن دەستىچىلىك سۇنى ئوچرەت ساقلاپ ، بەزىدە مۇشتلىشىپ قىلىپ ئىتىزلىرىغا ئاران ئالىدۇ ، زادى بۇ سۇلار نەگە كەتتىكىن تاڭ ؟!كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ دادام چوڭ ئاناملارنىڭ ئويىنىڭ ئالدىدىكى ئىرىقتا 360كۇن سۇ ئاقاتتى ، قىش كەلسە ئاشۇ ئىرىقلاردا مۇز تۇتسا چانا تىيىلىپ ئوينايتتۇق ، يازدا تۇگمەن قىلىپ دەڭە ، ھازىر ھەر يوغان ئوستەڭلەردىمۇ سۇ ئوكسىپ قالىدىغا بوپ قالدى :lol

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:18:22

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:03 static/image/common/back.gif
مۆتىۋەر  يوقيا  ... مىللىي  ئەمەس  سانتا چاغۋا

يانچۇقى تۇشۈكمۇ قانداق ؟ {:211:}

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 11:54:09

ئاۋۇلار ئون چوڭ مىللى كىيىم-كېچەك كارخانىسىمىكەن؟
ھوقۇقنىڭ قوللىشى بىلەن نام چىقىرىمەن دەپ نام چىقىرىۋالغان شىركەتلەرمۇ باركەنغۇ.
ئىلچىدىن باشقىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپمۇ، ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:13:39

karam يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:18 static/image/common/back.gif
يانچۇقى تۇشۈكمۇ قانداق ؟

مۆتىۋەر ماركىسى 5-قاتاردىكى مەغرىب شىركىتىنىڭغۇ دەيمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:25:41

miras kiyimliriqu

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:31:25

مەغرىپنىڭ مىراستۇ

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:36:41

jangal يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 10:36 static/image/common/back.gif
ئىلچىدىن باشقىلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
مۇشۇ ئىلچى ق ...

ئىلچىدىن باشقىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز رەسمى ئۇيغۇركەنسىز جۇمۇ !
كامال ،سادا كىيىملىرى رەتكە تىزىلمىغان بولسىمۇ خىېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ قايناق بازارلىردا ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلۋاتقان كارخانچىلارغۇ!
موتۋەر ، ئىھسان ، ئەجداد يەنە ئۇندىن باشقا خېلى كوپقۇ بۇنداق كارخانىلار !

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:43:42

Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 16:36 static/image/common/back.gif
ئىلچىدىن باشقىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز رەسمى ئۇيغ ...

ئاۋۇ تىزىملىكلىتىكى شىركەتلەرنىڭ ئىچىدىكىنى دەپتىغۇ ؟

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:52:14

Uyghurking يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 16:43 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ تىزىملىكلىتىكى شىركەتلەرنىڭ ئىچىدىكىنى دەپتىغۇ ...

مەن خاتا چۇشنىۋاپتىمەن ، كەچريڭلار

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:57:50

itarim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:06 static/image/common/back.gif
ھازىر پۇل بايغا ، سۇ ئىكىنزارلارنىڭ ئىگىسىگە ئاقىدۇ ، ...

قاتتىق يامغۇر ياغسىمۇ سۇ بار باردىغان يېرىگە باردىكەن ... ئۇسسۇز قالغانلار بىلەن كارى يوق ئىكەن ..  كۆپ ئىچىۋالغانلارنى  تەڭشەپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ تۇرىدۇ ...سۇ ئەمەس  كەلكۈن كەلسە شەھەرلەرنىمۇ ۋەيران قىلىۋىتىدۇ ... ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا  ياردەم {:92:}                                               {:204:}                                                                                     {:103:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:03:22

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 16:13 static/image/common/back.gif
مۆتىۋەر ماركىسى 5-قاتاردىكى مەغرىب شىركىتىنىڭغۇ دەيم ...

ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى مىراس ماركىسىدىكى كىيىملىرى بار ...

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 17:07:22

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-30 11:54 static/image/common/back.gif
ئاۋۇلار ئون چوڭ مىللى كىيىم-كېچەك كارخانىسىمىكەن؟
ھوق ...

كۆپرەك بازار ئايلىنىپ بېقىڭ ... سالاماتلىككە پايدىلىق... تىېلۋۇزۇرمۇ كۆرۇپ قويۇڭ .. .  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ  باشقا ماركىدىكى كىيىملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز {:92:}

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 09:42:22

قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجىڭغا دەپتىكەن. مىللىي كارخانچىلارنىڭ  تەرەققىياتى ياخشى بولسا بىزنىڭ ئىقتىزادىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 15:56:22

سادا...........:lol
بەت: [1]
: ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخان...