dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:47:00

رەھمەت ساڭا مايلامچى ئۇكام

رەھمەت ساڭا مايلامچى ئۇكام



(ھېكايە)


ئابدۇسالام قاھار ئۈزۈمچى



  ئۇدا 3سائەت مېڭىپ پۇشۇلدىغىنىچە بىكەتكە كىرگەن ئابتۇبۇستىن ھارغىن ھالدا چۈشۈپ پۇت- قوللىرىمنى بۇشاتقاش سىرتىغا چىقتىم. ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا ۋاقىت قىستاپ ئالدىراپ ماڭغاچقا ئايىقىمنىمۇ مايلىماپتىكەنمەن، ئايىغىمغا قارىسام ئۇ مەندىن ناراز بولغاندەك ھومۇيۇپ تۇرۇپتۇ .شۇڭا بېكەتتىن چىقىپلا مايلامچى بالىلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.   
_ پۇلۇمنى بەرمىدى!

ئەڭ چەتتىكى 11 - 12 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ گېپى دىققىتىمنى تارتىپ تۇرۇشىغا ياندىكى قولىدا بىر مۇنچە تېلېفون كارتىلىرىنى تۇتۇۋالغان بالا:
_ قانچە پۇل؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئىككى كوي.
_ ئاناڭنى! مەيلى ئۇكام، شۇ پۇلغا باي بوپ كەتسۇنا!
كاللامغا شۇئان «بۇ بالىغا بىرى ئاياق مايلىتىپ پۇلىنى بەرمەپتۇ دە؟» دېگەن خىيال كەلدى - دە، ئاستا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇشقاقلىرىمنى تۈرگەچ سەمىمىي تىكىلپ سورىدىم:
_ ئۇكام، بىرەرسى ئايىقىنى مايلىتىۋېلىپ پۇلىنى بەرمىدىما؟
_ ھەئە، _ دېدى بالا ۋە ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە ئايىقىمنى مايلاشقا باشلىدى.
_ نېمىشقا بەرمەيدۇ؟ سەن ئۆزۈڭ يالغۇزما بۇ يەردە؟ _ دەپ سورىدىم مەن ئىچىمدىكى ئاچچىقنى باسالماي.
_ ئۆزۈم يالغۇز. دادام دوختۇرخانىدا ئانامغا قاراۋاتىدۇ.
_ ئادەتتە پۇل بەرمەيدىغان كىشىلەر كۆپمۇ؟
_ كۆپ ئەمەس. خەنزۇنىڭ ھەممىسى بېرىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار مايلىتىپ بولۇپلا گەپ قىلماي كېتىپ قالىدۇ. پۇلنى سوراشتىن قورقىمەن، بىر قېتىم بىر ئاكاش ئۇرغانتى پۇلنى سوراپ قويغىنىمغا. داداممۇ رازى بوپ بەرسە ئال، بولمىسا سورىما، دېگەنتى.
ئالدىمدا ئولتۇرغان ئورۇق، ۋىجىك كەلگەن، يۈزلىرى سەل قارامتۇل، تاتىراڭغۇ، كۆزلىرى يوغان ئەمما نۇرى قاچقان بۇ بالىنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز گېپىدىنلا ئائىلە تەربىيىسى، مايلامچىلىق قىلغاندىن بۇيانقى تارتقان خورلۇقلىرىنى ئاز - تولا ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
_ باشقا يۇرتتىن كەپسىز ھە؟ تېلېفون كارتىسى ئالامسىز؟ ئىچىدە 50 كوي سۆزلىشىش ھەققى بار.
بايىقى تېلېفون كارتىسى ساتىدىغان بالا ئىككىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ سوغۇقتا قىزىرىپ كەتكەن قولىدىكى تېلېفون كارتىلىرىغا قاراپ ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلسەم مۇشۇنداق كارتا ئېلىۋالىدىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە ئۇنىڭغا بىرنى بېرىشنى ئېيتتىم.
_ رەڭلىك قوڭغۇراق، كەلگەن نومۇرنى كۆرسىتىش. . . دېگەندەك مۇزالىمەتلەرنى ئاچقان بولسا 42 كوي قالىدۇ. ئاچمىغان بولسام 50 كوي تولۇق چىقىدۇ، _ دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ كارتىنى قولۇمغا بېرىپ.
پۇلنى بېرىپلا كارتىنى ئالماشتۇرۇۋاتقان ئىدىم. مايلامچى بالىنىڭ:
_ مايلاپ بولدۇم، ئاكا.
دېگەن گېپى بىلەن ئالدىراپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پۇلنى بېرىش ئۈچۈن پورۇتمالىمغا قارىدىم ئىچىدە پارچە پۇلدىن بىر يېرىم كوي پارچە پۇل بارئىدى .
_ نەچچە پۇل ئۇكام؟
_ بىر كوي.
_ ئالە ئۇكام، رەھمەت ھە!
شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭغا بىر يېرىم كوينى سۇندۇم.
_ جىق بوپ كەتتى، _ دېدى ئۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ.
_ جىق ئەمەس. ئاز بوپ قالدى.
ئەسلى سەن مەكتەپتە ئوقۇشۇڭ كېرەكتى ئۇكام. سېنىڭ ھېچنېمىدىن غېمىڭ يوق خۇشال - خۇرام بىلىم ئالىدىغان ۋاقتىڭ بۇ دېگەن. ئەكسىچە سوغۇقتا ئولتۇرۇپ پەلەيمۇ كىيمەي ئائىلەڭنىڭ مەلۇم ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىۋاتقان تۇرساڭ بەش مو نېمىگە دال بولاتتى؟
ئىچىمدە شۇلارنى ئويلىغاچ ئالدىراش مېڭىپ بىر تاكسىغا چىقىپلا شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.

************************************************************************************

كىرا ھەققىنى بەرگۈچە پورتمالىمغا قارىسام يۈز كوي پۇل كەم ئەسلىدىكى ئۆزۈمنىڭ تېلېفون كارتىسىنىمۇ تاپالمىدىم. بايىقى يەردە چۈشۈپ قالغان چېغى دەپ سەل ئۇڭايسىز لاندىم ئەمما ئىزدەپ بارساممۇ تېپىشقا كۈزۈم يەتمەي يۇلىمغا راۋان بولدۇم ...
ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتىدىغان چېغىمدا بېكەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاكسىدىن چۈشۈپ بېلەت ئېلىش ئۈچۈن كېتىپ بارسام بىرى چاقىردى:
_ ئاكا، ئاكا!
قايرىلىپ قارىسام ھېلىقى مېنىڭ ئايىقىمنى مايلاپ قويغان بالا قولىدا يۈز كوي پۇلنى كۆتۈرگىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا قاراپ جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. قەلبىمنى ھاياجانلىنىش، تەسىرلىنىش ،سۈيۈنۈش ،ھېسسىياتلىرى چۇلغىۋالدى .
_ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاياق مايلاتقاندا پۇلىڭىز چۈشۈپ قاپتۇ، يەنە ماۋۇ كارتىڭىزمۇ چۈشۈپ قاپتىكەن ئاكا. دەماللىققا دىققەت قىلماپتىمەن .سىز كىتىپ قارىسام يەردە تۇرىدۇ .ئېلىپ كەينىڭىزدىن يۈگۈرۈپ بارغان بولساممۇ سىزنى تاپالمىدىم، مەن سىزنى چوقۇم يېنىمغا كېلىدۇ، دەپ ساقلاپ قويغانىدىم.
ئۇ گەپ قىلغاچ پۇل بىلەن كارتىنى ماڭا ئۇزاتتى ۋە قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ يۈگۈردى.   
بالىنىڭ كەينىدىن قارىغىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان سىماسى كۆزلۈرۈمگە بىر نۇر بۇلۇپ كۈرۈندى. بۇ نۇر ئۈزىنىڭ ئاقلىغى ۋەپاكلىغى بىلەن پۈتۈن ئادەملەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ كەتكمەكچى بولغاندەك بارغانچە ئالغا سىلجىۋاتاتتى...
ئۇ خەجلىۋالغان بولسىمۇ مەن ئۇنىڭدىن كۆرمەيتتىم. يۈز كوي بولسىمۇ ياردەم قىلالىغىنىمدىن خۇش بولغان بولاتتىم. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. بۇھاياتتا تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەن بۇبالا قەلبىمدە كىچىككىنە سەمىمىيتى بىلەن ئۆچمەس بىر ئابىدىنى تىكلىدى .بۇبالا مېنىڭ ۋىجدان تۇيغۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.قەلبىمدىكى ۋىجدان ،غورۇر ئىنسانىي مىھىر - مۇھەببەت ئۇتىغا ئۇنىڭ روھىي قۇشۇلۇپ مىنىڭ روھىي دۇنيارىمدا بىر ئۇلۇغ گۈلخاننى ھاسىل قىلدى. . .

مەن ئۇنىڭ بارغانچە يىراقلاپ كىتىۋاتقان گەۋدىسىگە قاراپ قالدىم. قەلبىم ماڭا پىچىرلا ۋاتاتتى:
«قارا سەن نارازى بولغان ھاياتتا رەنجىگەن تۇرمۇشنىڭ قوينىدا بۇنداق ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەرمۇ بار. گەرچە بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشى باياشات ئائىلىسى بەخىتلىك بولمىسىمۇ ئۈزى زاغرا يەپ لاي سۇ ئىچسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت بار سەن ئەمدى ھاياتتىن رەنجىۋەرمەي تۇرمۇشنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى مۇھەببەت گۈلخانىغا ئۈزەڭنى ئېتىپ باق! قېنى سەنمۇ بۇ ئوتتا ئۆزگىلەردەك كۆيەلەمسەن؟. . .»
قەدىمىمنى ئاستا بىكەتكە بۇرۇدۇم. ئىچىگە لىققىدە قاچىلانغان ئادەملەرنى ئېلىپ قوزغۇلىۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ ئەينىكىنى ئاستا ئېچىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇمىنى كۆرمىدى.
ئۇ بار ئاۋازىنى قۇيۇپ بىرىپ خىرىدار چاقىرىۋاتاتتى:
_ ئاكا. . . ھەدە. . . كىلىڭە، ئايىقىڭىزنى مايلاپ بېرەي! ئولتۇرىڭە بىردەمدىلا مايلاپ بۇلىمەن. . . قانچە پۇل بەرسىڭىز شۇنى ئالىمەن سىزنى نارازى قىلمايمان. ئايىقىڭىزنى ياخشى مايلىيالمىسام پۇل ئالمايمەن مەن رازى! ................
مەنبە:تور دۇنياس

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 16:09:32

كۆل بىلگە سۆزلىرى ئېسىمگە كەپ قالدى
سىلەر تابغاچلارنىڭ ھىلىسىگە ئالدىنىپ
شاھزادە بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل
خانىش مەلىكە بولىدىغان قىزلىرىڭلار دىدەك بولدى
ئۆلتۈرۈلدى خورلاندى ……
ۋا دەرىخا ئەزەلدىن ئەلمىساقتىن قۇل بولۇپ ياشىغان خەلىقتەك ئاڭغىمۇ كەپ قالدۇق
شۇنداق ئۇلار غەلبە قىلماقتا

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 14:49:23

خېلى بولغانتى ، ئۈزۈمچى دىگەن نامنى ئاڭلىمىغىلى
«**** قىزنىڭ مۇھەببىتى» يادىمغا كەپ قالدى

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 16:35:21

سىز ئىزدىگەن ياخشىلىق،مېھر -مۇھاببەت،گۈزەللىك سىزنىڭ يېنىڭىزدا،سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا....

گەپ سىزنىڭ ئۇنى بايقىشىڭىزدا.....

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 20:17:58

شۇنداق، بىز رەنجىۋاتقان، داتلاۋاتقان ئۇشبۇ ھاياتتا موشۇنداق سىمادىكىلەر ئاز ئەمەس.بىزمۇ مۇشۇنداقلارغا قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلايلى، سېتىۋاتقان نەرسىلىرىنى ئېلىپ قويايلى، ئەمما ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلايلى، چۈنكى بىز بۇلارنى قىلاي دىسەكلا قىلالايمىز!

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 22:33:09

ھالال ـ ھارامنى ئىلغايدىغان ياخشى تەربىيە ئاپتۇ ، ئاپىرىن ـ ئاتا ـ ئانىسىغا …
بەت: [1]
: رەھمەت ساڭا مايلامچى ئۇكام