nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 09:07:56

كۈلمىدى بىر قىز

كۈلمىدى بىر قىز

ياڭرىدى بىر سادا،
كۆتۈرۈلدى كۈچلۈك ئالقىشلا.
ھەممە كۈلدى،
كۈلۈپ تېلىقتى...
قورساق تۇتۇپ، ياشلارنى سۈرتتى.
ئولتۇراتتى بۇلۇڭدا بىر قىز،
تونۇمايتتى ھېچكىممۇ ئۇنى.
ئۇ بىخەۋەر كۈلكە سەۋەبىن،
مەيۈس ھالدا خىيال سۈرەتتى.

**********************

ئانا دەيمۇ دادا دەيمۇ؟
نە سەۋەب كەلدىم بۇ يۇرتقا؟
غېرىبمەن،
ھەم بىدارىمەن.
ئاتا ئانام بولسا ياخشىدى،
بەللىرىنى تۇتۇپ قويسام.
مەڭزىگە ھەم،
ئەركىلەپ سۆيسەم.
نىدايىمنى چۈشەنمەس ھېچكىم،
چۈنكى ئۇلار،
ئۆز ئىشى بىلەن،
كۈلۈشمەكتە ئويناشماقتا...
مەن بىلەن كارى نە ئىدى؟!
ئانام دەيتتى،
دادام دەيتتى.
تىلغا ئېلىپ سۆيۈنەتتى.
مەن بىچارە ھەۋەس بىلەن،
قاراپ قالاتتىم.
مانا بۈگۈن،
مۇشۇ سىياقتا.
قەلبىم مېنىڭ سېغىناتتى،
يۈرىكىم مېنىڭ مۇجىلاتتى.
ھەممە كۈلسە ئانا،
ھەممە كۈلسە دادا،
مەن كۈلەلمىدىم.
قىزىڭلار كۈلەلمىدى.
چۈنكى يۈرىكىم لەختە قان ئىدى.


گۈلمىرە شەمشىدىن 2014-يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى
(يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتقان ،خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار تىلىدىن)

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 18:17:47

بۇ............... شىئىرمۇ گەپمۇ ؟
بەت: [1]
: كۈلمىدى بىر قىز